ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1846 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جاغىستاي120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-11 14:44
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!
دىيارىمىز ۋاقتى ئەتە (1-ئاينىڭ12-كۈنى) كەچ سائەت 11:30 دا، دۇنيا توپ مەستانىلىرى كۆز تىكىۋاتقان، تەققازالىق بىلەن كۈتىۋاتقان 2014-يىللىق ئالتۇن توپ ساھىبى تاللاپ چىقىلىدۇ، قىزىق نوقتا بولۋاتقان مېسسى، كىرىستىيانو.رونالدو ۋە نويىردىن ئىبارەت بۇ ئۈچ نامزاتنىڭ قايسىسىنىڭ بۇ قېتىملىق ئالتۇن توپ ساھىبى بۇلۇپ چىقىشى ئايرىلىدۇ.
گەرچە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول لوڭقىسىنىڭ غەلبە قىلغۇچىسى گېرمانىيە كۇماندىسى ۋە بايرىن مىيۇنخېن كۇماندىسىنىڭ داڭلىق قاپقىچىسى نويىرنىڭ بۇ قېتىملىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى، دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككى قاتىل ھۇجۇمچى مېسسى، كىرىستىيانو.رونالدولارغا قارىغاندا سەل تۈۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ، دەپ پەرەز قىلىنۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن پۇتبول ساھەسىدە ئۇنى قوللايدىغان كاتتا چولپانلار، خەلىقئارالىق كاتتا ئەرباپلار ئاز ئەمەس.
تۈۋەندە كىملەرنىڭ نويىرنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:
شىفۇچېنكو :‹‹ ئالتۇن توپنى چۇقۇم نويىر ئېلىشى كېرەك، نويىر بىر قاپقىچىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ مۇداپىئە رايىنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئادەم››.
مارادونا : ‹‹ مېسسىمۇ، رونالدومۇ ئەمەس، نويىر ئالتۇن توپقا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات››.
كىرۇيېف : ‹‹ گېرمانىيىلىك ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى ئېلىشى كېرەك، كۇماندىدا لامدىن باشقا مېنىڭچە نويىر ئەڭ قالتىس توپچى، ئۇ ئالتۇن توپقا ئەڭ لايىق››.
رېينا : ‹‹ ئەڭ ئاخىردا رونالدو ئۇتۇپ چىقىشى مۇمكىن، لېكىن كۆڭلۈمدە نويىرنى قوللايمەن، ئۇنىڭ ئېرىشكەن شەرەپلىرىنى نەزەرگە ئالغاندا، مەن نويىرنىڭ ئالتۇن توپ ئېلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن››.
تېرراپاتونى : ‹‹ مەن نويىرنى قوللايمەن، ئەگەر ئالتۇن توپنى بىر قاپقىچى ئالسا بۇ ناھايىتى قالتىس ئىش بولغان بولاتتى››.
كىلوز : ‹‹ ئەگەر ئالتۇن توپنى نويىر ئالسا مەن بەك خۇش بولغان بۇلاتتىم››.
لام : ‹‹ مەن نويىرنىڭ ئالتۇن توپنى ئالغىنىنى كۆرۈشنى ئۈمۈت قىلىمەن، بۇ ئۇنىڭ ئەمەلىيىتىگە لايىق شەرەپ››.
موللېر :‹‹ ئالتۇن توپنى رونالدۇغا بەرسە ھېچ مەنىسى قالمايدۇ، مەن سەبدىشىم نويىرنى ئالسىكەن دەيمەن، چۈنكى ئۇ دۇنيا چىمپىيۇنى، ئۇنىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن بەك قالتىس، ئەگەر رونالدو ئالسا بۇندىن كېيىنكى ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ ››.
ئالۇنسۇ :‹‹ ئالتۇن توپنى نويىر ئالالمىسا بۇ ئادىل بولمايدۇ››.
بوئاتېڭ : ‹‹ مېنىڭ ئۈمۈدۈم ئەلۋەتتە نويىر، ئۇ ئەڭ قالتىس توپچى، ئۇنىڭ ئالتۇن توپ ئېلىش سالاھىتى توشىدۇ››.
رېبېرى : ‹‹ مەن يەنە نېمىمۇ دەيىتتىم، روبىن، نويىر ئىككىلىسى قالتىس توپچىلار، باشقا تاللاش بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس، نويىر ھەممىگە ئېرىشتى، ئۇ چۇقۇم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى كېرەك››.
پىلاتېنى :‹‹ ئالتۇن توپنى دۇنيا چىمپىيۇنى ئېلىشى كېرەك، شۇڭا بۇ مۇكاپات گېرمانىيىلىك توپچىغا بېرىلىشى كېرەك››.
نويىر :‹‹ رونالدو بىلەن مېسسى دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس چولپانلار، ئۇلارنىڭمۇ تۆھپىسى ئىنتايىن چوڭ. مەن ؟ بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى بەك كىچىك››.
جاغىستاي120 :‹‹ مەن نويىرنى ھەرگىز قوللىمايمەن، مېسسى ئالسۇن دەيمەنۇ، رونالدونىڭ ئېلىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ يۇقىرى››.
|
|