ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2123 |
تۆھپىسى: سەر |
|
1.مادرىد رىقابەت بىلەن بولىدىغان جەڭ باشلىنىشتىن بۇرۇن ئىسپانىيە كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسى مىسسىنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بولغانلىقى ئۈچۈن مىسسى ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزش بىلەن بىللە مۇكاپات بويۇمى تارقىتىپ بېرىدۇ . ئۇ سەرۋىلىيا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قالپاق كىيىپ 253توپ بىلەن رىۋايەتلىك ھۇجۇمچى سارانىڭ 251توپىدىن ئېشىپ ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بولغان ..
2.بارسىلونا ئورگان تورىدا باش تېرىنىر ئېنىرىك بىلەن مادرىد رىقابەت تېرىنىرى سىمونىنىڭ تارىختىكى جەڭ نەتىجىللىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، بۇ ئىككىسى تارىختىن بۇيان ئىككىنجى قېتىم نوكەمپۇ توپ مەيدانىدا سىنىشىدۇ ، ئەمما بۇ قېتىمقىسى ئىلگىركىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ ،ئۇلار ئالدىنقى قېتىم توپچىلىق سالاھىتىدە 1996\97پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۇچراشقان ، نەتىجىدە 3-3 بولۇپ تەڭلەشكەن ،لۇيىس ئېنىرىك بارسىلون ئۈچۈن بىر توپ ئۇرغان . ئۇلار دۆلەت كوماندىسىدىمۇ ئۇچراشقان بولۇپ سىمونى باشچىلىقىدىكى ئارگىنتىنا كوماندىسى ئىسپانىيەنى 2-0نەتىجىدە مەغلۇپ قىلغان ..
سېلىشتۇرمىلارغا قارىغاندا ئېنىرىك ئازراق ئۈستۈنلىككە ئىگە بولۇپ 8 قېتىملىق ئۇچرىشىشتا 3 مەيدان ئۇتۇپ 3مەيدان تەڭلىشىپ 2مەيدان ئۇتتۇرغان ، ھازىر مەممە كىشى بۇ مۇسابىقىگە كۆز تىكىۋاتقان بولۇپ بۇ ئىككى كوماندىنىڭلا ئەمەس بەلكى تېرىنىرلىرىنىڭمۇ سىنىشىش جېڭى بولۇپ قالغۇسى ..
|
|