akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1352|ئىنكاس: 44

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى18-ئايلانمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىراس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-11 23:35  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!

  دىيارىمىز ۋاقتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ ۋە 11-كۈنى سەھەردە، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنى 18-ئايلانمىسىدىكى بىر قىسىم مۇسابىقىلەر ئوينالدى.
   
خانلىق مادرىت 0:3 ئىسپانىيىلىكلەر

مۇسابىقە باشلىنىپ، توققۇز مىنۇتتا بېنزىما تۆۋرۈك سوقتى، 12 مىنۇت بولغاندا، رونالدۇ پاس بەردى، خامېس ناھايىتى چىرايلىق تېپىپ توپنى كىگۈزدى، 28-مىنۇتتا بىل بىۋاستە ئىختىيارى توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ نۇمۇر پەرقىنى ئاشۇردى، كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ 50-مىنۇتتا قەدەم قويغاندا، رېئال مادىرىتتىن كونتىراۋ قايدىگە خىلاپلىق قىلىپ قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چۈشۈرۋېتىلدى، يەنە شۇ ۋاقىتتا كىرىستىيانو.رونالدومۇ سېرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلدى، 72 مىنۇت بولغاندا  بىل تېزلىك بىلەن توپنى چەكلەنگەن رايۇن ئىچىگە ئېلىپ كىردى، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاشلا چەكلەنگەن رايۇنغا كىرىپ بولغان رونالدوغا پاس بەرمەي، شەخسىيەتچىلىك قىلىپ يەنە بىر قىتىملىق توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى، رونالدۇ ئاچچىقلاپ كەتتى، 76 مىنۇت بولغاندا ناچىئۇ بىر توپ كىرگۈزۈپ غەلبىنى مۇقۇملاشتۇردى.


  
باشقا مۇسابىقىلەر:

لېۋانىت 0:0 لاكىرونىيە
مالاگا 1:1 ۋىللارىئال
سېرتا 1: 1 ۋالۇنسىيە
ئەيبار 1:2 گېتاف

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 تەجرىبە +1 يىغىش سەۋەبى
c.lo7 + 1 قالتىس!
ئەلبارىس + 100 پاكىز تېما!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-11 13:05:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار كۆپ قېتىم تەھرىرلەپ فىلەشنى چىقىرالمىدىم، شۇ سەۋەپلىك سىلەرگە ئاۋارچىلىقلار ئېلىپ كەلگەن بولسام كەچۈرۈڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 13:08:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاغىستاي120 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 13:05
باشقۇرغۇچىلار كۆپ قېتىم تەھرىرلەپ فىلەشنى چىقىرالمىد ...

تەھرىرلەپ قويىۋاتسام ئۆزىڭىزمۇ تولا چېقىلىپ پەقەت ياخشى قىلمىدىڭىز بۇرادەر!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 13:10:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى دەيمەن باشلىق ھەپىلىشۋاتسا ساقلاپ تۇرماي .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 13:15:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلنىڭ مادرىدتىن ئايرىلغىسى كەپقاغاندەك قىلىدۇ ، نىمدىگەن ئۇزبىشىمچىلىقئۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 13:16:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىل ھەقىقەتەن شەخسىيەتچىلىك قىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 13:16:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن كەشتىكى بارىسلونا بىلەن مادىرد ماھارىتىنىڭ مۇسابىقىسى ئوت قىززىيدىغۇ دەيمەن..................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 13:19:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلنىڭ ئورنىدا بېنزىما بولغان بولسا پاس بىرەتتى لىكىن باشقىلىرىنىڭ يەكمۇ يەك توپنى پاس بەرگۈسى كەلمەيدۇ رونالدو بولسىمۇ تىپىشنى تاللىغان بۇلاتتى
بىلنىڭ ئىپادىسىمۇ ياخشى بوپتۇ
ئەمما ئاۋۇتوپتىكى بېل رونالدودىكى تىزلىك دەششەتكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 13:25:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى مەيداندا بېسىپلا ئوينىغان، كېيىنكى مەيداندىن باشلاپ ئىسپانىيەلىكلەر سەل كۈچەپ ئوينىدى، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا كوئىنتىراۋنىڭ قىزىل يەپ چۈشۈپ كېتىشى بىلەنلا ئىسپانىيەلىكلەر ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ يەنىلا ئاجىز كەپ قالدى. پې پې بىلەن ۋارانى بېكلىكتە  ياخشى تۇرۇپ قويدى، ئاربېلويامۇ سول تەرەپكە ئۆتكەندىن كېيىن ئازراق ياخشى ئوينىدى.
ما بېلنىڭ شەخسىيەتچىلىكى بەكلا ئىپادىلىنىپ قېلىۋاتىدۇ مۇشۇ كۈنلەردە، ئۇزغۇنلۇق ھەلقىلغۇچىدىنلا باشلانغان، بۇرۇن رونالدوغىلا پاس بېرىپ بېنزىماغا بەرمەيتتى، ئەمدى رونالدوغىمۇ پاس بەرمەس بوپتۇ، پاس بەرمىگەنگە چۇشلۇق ۋارتارغا كىرگۈزەلمىسىمۇ ۋارتارغا قارىتىپ تەپسە نېمە بولاتتى دەيمەن. ئىختىيارى توپ بىلەن سۈرئەتتىن باشقا ئالاھىدىلىكىمۇ يوق ئوخشايدۇ، ۋارتارغا توپ تېپىشنى كۆپرەك مەشىق قىلىپ بەرسە بولغۇدەك.
ناچو ئالمىشىپ چىقىپ خېلى ياخشى ئوينىدى، بۇ ئوينىشىدا يان ھۇجۇم ئوينىسىمۇ چانمىغۇدەك جۇمۇ ، ئارقا ئارقىدىن ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ ئىككى توپچىسىنى ئالداپ ئۆتۈپ كەتتى، ئاخىرقى توپنىمۇ چىرايلىق ئۇرۇپ قويدى، ئاربېلويا كەتسە ياكى چېكىنسە كارۋاخال بىلەن ئىككىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسەك بولغۇدەك.
خامىسنىڭ توپ ئۇرغۇنىدىن بۆلەك تۈزۈك ياخشى ئىپادىسى يوق، رونالدومۇ پاس بەرگەندىن باشقا تۈزۈك ياخشى ئوينىيالمىدى، رونالدوغا مارسېلو بولمىسا بولمىغۇدەك، كوئىنتىراۋ سول تەرەپتە يوقنىڭ ئورنىدىلا ئوينىدى، لېكىن مۇداپىئەسى ياخشى، رونالدو بىكاردىن سېرىق كارتىغا ئېرىشىپ ئاخىردا تۈزۈك كۈچىيەلمىدى. ھېلىقى توپنى ئالداپ مۇداپىئەچىنى ئۆتكۈزۋېتىپ ئۇرىمەن دېمىگەن بولسا بىر گەپ بولاتتى.

كەچتە ئاتلىتكا بىلەن بارسانىڭ ئويۇنىنى ساقلاپ قالدۇق. ئامال بار كۆرۈشكە تىرىشىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 13:25:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋالۇنسىيا   بىلەن  بولغان   مۇسابىقىدە   بېنزىماغا   پاس  بەرمىگەن  بۇ   مايمۇن   بولمىسا  تەڭلىشىۋالاتتۇق   يەنە  شۇنداق  قىپتۇ  ئوزى  بىر  توپ  ئۇرۋېلىپ   بەك  ھەددىدىن   ئېشىپ  كەتتى  بۇ  مايمۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 13:25:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋالۇنسىيا   بىلەن  بولغان   مۇسابىقىدە   بېنزىماغا   پاس  بەرمىگەن  بۇ   مايمۇن   بولمىسا  تەڭلىشىۋالاتتۇق   يەنە  شۇنداق  قىپتۇ  ئوزى  بىر  توپ  ئۇرۋېلىپ   بەك  ھەددىدىن   ئېشىپ  كەتتى  بۇ  مايمۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 13:26:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋالۇنسىيا   بىلەن  بولغان   مۇسابىقىدە   بېنزىماغا   پاس  بەرمىگەن  بۇ   مايمۇن   بولمىسا  تەڭلىشىۋالاتتۇق   يەنە  شۇنداق  قىپتۇ  ئوزى  بىر  توپ  ئۇرۋېلىپ   بەك  ھەددىدىن   ئېشىپ  كەتتى  بۇ  مايمۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 16:19

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش