akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1253|ئىنكاس: 26

ئېنگىلانىد بىرلەشمىسى 21-ئايلانما خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-11 03:51  



چېلسى 2 - 0 نېۋكاستىل بىرلەشمىسى

    1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 9:00 دا ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 21-ئايلانما مۇسابىقىسىدە چېلسى كۇلۇبى ساھىبخان مەيداندا نېۋكاستىل بىرلەشمىسى كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئوسكار بىلەن كوستانىڭ بىردىن توپ ئۇرۇشى بىلەن چېلسى ساھىبخان مەيداندا غەلبە قىلدى. چېلسى يېڭى يىلدىن بۇيانقى تۇنجى مەيدان بىرلەشمىدىكى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىرلەشمىنىڭ بىرىنچىلىك ئورنىدا داۋاملىق تۇرماقتا.




ئېۋىرتون 1 - 1 مانچىستىر شەھىرى

   1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 9:00 دا ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 21-ئايلانما مۇسابىقىسىدە مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى مېھمان مەيداندا ئېۋىرتون كۇلۇبى بىلەن ئۇچۇراشتى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ كۈچەپ ئوينىغان بولسىمۇ يەنىلا توپ كىرمەي ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، 67 مىنۇت بولغاندا ئاگۈيرۇ يۆۋىدىچكە ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى. 74 مىنۇت بولغاندا فېرنەندىنھو بىر توپ ئۇرۇپ مانچىستىر شەھىرى ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 78 مىنۇت بولغاندا ئېۋىرتون كۇلۇبى بىر توپ قايتۇرۋالدى. شۇنىڭ بىلەن نەتىجە ئۆزگەرمەي ئىككى تەرەپ تەڭلەشتى.




ساندىرلانىد 0 - 1 لېۋىرپول

    1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 8:45 تە ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 21-ئايلانما مۇسابىقىسىدە لېۋىرپول كۇلۇبى مېھمان مەيداندا ساندىرلانىد كۇلۇبى بىلەن ئۇچۇراشتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 8 مىنۇت بولغاندا لېۋىرپول توپچىسى ماركوۋىچنىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ توپ ئۇرالماي نەتىجىدە لېۋىرپول كۇلۇبى غەلبە قىلىپ قىممەتلىك 3 نومۇرنى قولغا كەلتۈردى.




باشقا مۇسابىقىلەر:

غەربىي بىرومۋىچ 1 - 0 ھول شەھىرى
سىۋانىس شەھىرى 1 - 1 غەربىي ھام بىرلەشمىسى
لەيچىستىر شەھىرى 1 - 0 ئاستۈنۋېللا
بىرۇنلى 2 - 1 ئايال پادىشاھ باغچە
خىرۇستال ئوردا 2 - 1 توتىنھام رىس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 05:03:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇخلىماي تېما يازسا سالامەتلىككە زىيانلىق…
چېلسىنىڭ مۇسابىقىسىنى ھاياجان بىلەن كۆردۈم، ئېۋىرتوننىڭ تەڭلىشىۋىلىشى بىلەن مانچېستىر شەھىرى چېلسىدىن ئىككى نومۇر كەينىدە قالدى
  بۇيىل ئېنگىلاندنى چېلسى سورىمىسا بولمىغۇدەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 08:39:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھرالىقلارنى چېلسىغا يىتىشەمىكىن دىسەم تەڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ دىسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 09:10:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېلسى ھۇررا بۇ يىل لوڭقىنىڭ ھەممىنى ئال
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 09:26:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېۋكاستىل چېلسى بىلەن  ئوينىسىئا باشقىچىلا  ئويناپ  قويدىكەن  .سەرالىقلا  بۇ  ئايلانمىدا  پۇتلۇشۇپ  ياخشى  قىلمىدى  كىيىنكى  ئايلانمىدا  ئارسىنال  بىلەن  ئوينايدۇ  يەنە  كىيىنكىسىدە  بىز  بىلەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 09:28:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خازارد گەپ كەتمەيدۇ  بۇسۇپ  كىرىشى  .ئالداپ  ئۇتۇش تېخنىكىلىرى  ئىنتايىن  نەپىس  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 09:47:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوستا   يارايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 10:25:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىۋىرتوننىڭ مۇداپەسى بەك قاتتىق بولدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 10:55:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەرلىكلەر  تەڭلىشىپ  يۈرۈپتا. توتىنھام رىس  ئالدىنقى قىتىم زادى ئاجايىپ  ئوينىۋەتكەن ما قىتىم  ھىرىپ  قاپتىدە!
چىلسى  نىۋكاستىل دىن ئۆچىنى  ئاپتۇ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 11:05:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ  خانزارد  ئويناش  ئۇسلۇبى   رونالدوغا    ئوخشاشكەن   كېيىنچە   رونالدو   كەتسە   مادرىد  مۇشۇنى   سېتىۋالغۇدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 11:08:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرلەشمىنى    مو   مەشقاۋۇل  ئ‍الغۇدەك   قارىغاندا      شەھەرمۇ   نىمە  قىپ    يۈرۈيدىغاندۇ   دەيمە           ئ‍سىيانچى    تۈركىيە   بىرلەشمىسىنى   يولىماس   بۇپ   قالدىڭزغۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-11 11:23:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېلسىنىڭ 1لىكنى تىخىمۇ مۇقىمدىشنى ئۈمۈد قىلمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 12:07

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش