ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1846 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەۋلىيا چۇققىسىنى چوڭ بۇغرا دەپ ئاتالمايدۇ، چوڭ بۇغرا دېگەن ئايرىم يېزا، سىز كۆرگەن قەبرە ھەقىقەتەن چوڭ بۇغرا يېزىسىدا، ئۇ بىرەر پالۋاننىڭ قەبرىسى بولماستىن، بەلكى، 1500-يىللار ئەتراپىدا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇلغان مەشھۇر ئەدىب، تىلشۇناس، ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ سەككاكىنىڭ مازىرى.
ئەۋلىيا چوققىسىغا كەلسەك، بىزنىڭ جاغىستاي يېزىمىزغا تەۋە ئالاقار تېغىدىكى ئەڭ ئېگىز، سىرلىق چۇققا ھېساپلىنىدۇ، ئەۋلىيا چوققىسىنى ئەگىپ ئۆتۈپ، يەنە 10 كېلۇمېتىر ئەتراپىدا ماڭساق مۇڭغۇلكۈرە تەۋەسىگە كىرىپ كېتىمىز، مۇڭغۇلكۈرەلىكلەر ئەۋلىيا چوققىسىنى ئاق چۇققا دەپ ئاتاپ ئادەتلەنگەن، بىز جاغىستايلىقلارنىڭ ئەۋلىيا چوققىسى دەپ ئاتاشتىكى سەۋەب: بۇ چوققىغا ئىلگىرى مەلۇم بىر ئەۋلىيا چۈشكەنلىك رىۋايىتى بار، ئەڭ دەسلەپكى چوققىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىققان خېلى كۆپ ئادەملەر چوققىنىڭ ئۈستىدە بىر تاش ئوقۇر ( يەنى تۆگىنىڭ ئوقۇرى)نىڭ بارلىقى ھەم بىر قانچە تاش ئۈستىدە تۆگىنىڭ ئىزىنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن، لېكىن ھازىرقى كىشىلەر شۇ ئىز بار يەردىن يۇقارقى ئىزنالارنى تاپالمىغان، شۇڭا بۇ چوققا تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرۋېتىلگەن.
يەنە بىرسى، ئەۋلىيا چوققىسى دۇنيادىكى بارلىق سۇلارنىڭ كىندىكى دېگەن قاراشمۇ بار، 20 يىللار ئىلگىرى ئەۋلىيا چوققىسىنى تېشىپ يول ياساپ، غۇلجا بىلەن ئاقسۇنى تۇتاشتۇرۇش ئوتتۇرغا قويۇلغاندا، روسىيە ئىنژىنېرلىرى بۇنداق قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەۋلىيا چوققىسىنى تېگىدە غايەت زور سۇ مەنبەسىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنى كونتىرول قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئۇختۇرۇپ بۇ يۇلنى ياساشتىن توختاپ قالغانىكەن(راس يالغىنىنى بىلمىدىم، لىكىن چۇققىغا چىققانلار يۈزى 30-40 كۇۋادرات مېتىر كەلگۈدەك بىر بۇلاق تېگىدىن غايەت زور سۇ شاۋقۇنىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالىغان)، يەنە باشقا كۆپلىگەن سىرلىق رىۋايەتلەرگە ئېگە، سىزگە مۇشۇنچىلىكلا دېگەش تۇراي.
تېما ئېگىسى مۇناسۋەتسىز ئىنكاس يېزىپ قويغىنىمنى ئەپۇ قىلارسىز.. |
|