ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 6825 |
تۆھپىسى: سەر |
|

تېڭشۈن خەۋىرى : 1-ئا ينىڭ 9-كۈنى ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگەان تورىدا 2014-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى ئېلان قىلدى . ئالتۇن توپ نامزاتىدىكى رونالدو ، نويىر ، مىسسى قاتارلىقلارمۇ بۇ سەپ شەكلىدىن ئورۇن ئالدى ، ئۆتكەن يىلدىكى گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە قوش چېمپىيون بولغان ۋە دۆلەت كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بولىشىغا كۆچ قوشقان بايرىن مىيونخىن ئەزالىرىدىن 4 نەپەر پۇتبولچى تاللاندى ، رىئال مادرىد كوماندىسىدىن 3 نەپەر پۇتبولچى تاللاندى .
ياۋرۇپا يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى مەستانىلەرنىڭ توردا بېلەت تاشلىشى بىلەن شەكىللىنىدىغان بولۇپ ، بۇ قېتىمقى بېلەت تاشلاشقا 8مىلىيون 600مىڭ مەستانە بېلەت تاشلىغان . بۇلارنىڭ ئارىىسىدا 2014-يىللىق ئالتۇن توپ نامزاتىدىكى يارقىن نوقتا رونالدو ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن بولۇپ ، جەمئى 623046 بېلەتكە ئېرىشىپ 78% مەستانىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن . شۇنداقلا 8 يىل ئۇدا ياۋرۇپا ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىرگەن پۇتبولچى بولۇپ قالغان .
2-ئورۇندا تورىدىغىنى راموس بولۇپ ، 584373 بېلەتكە ئېرىشكەن . 3- ئورۇندا تۇرىدىغىنى نويىر بولۇپ 506781 بېلەتكە ئېرىشكەن .
ئۆتكەن يىل 2013 ياۋرۇپا ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىرەلمىگەن بارسىلونا چولپىنى مىسسى بۇ يىل قايتا بۇ سەپ شەكلىدىن ئورۇن ئالغان ئەمما قوللاش نىسبىتى 49% بولۇپ بايرىن مىيونخىن چولپىنى روبىننىڭمۇ كەينىدە قالغان .
2014-يىللىق ياۋرۇپا ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى
ۋارتا : نويىر ( بايرىن مىيونخىن ) 65%
مۇداپىئە : لام ( بايرىن مۇيونخىن ) 66% ، راموس ( خانلىق مادرىد) 75% ، گۇدىن ( مادرىد رىقابەت ) 41% ، ئالابا ( بايرىن مۇيونخىن ) 46 %
ئوتتۇرا مەيدان : روببىن ( بايرىن مۇيونخىن ) 61% ، كىروس ( خانلىق مادرىد ) 41% ، دىمارىيا ( مانچېستىر بىرلەشمىسى ) 44%
ھوجۇم : رونالدو ( خانلىق مادرىد ) 78% ، مىسسى ( بارسىلونا ) 49% ، ئىبراھىموۋىچ ( پارىژ سان ژېرمان ) 28% |
|