ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 8371 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۈكسەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-9 11:00

ئۇزۇن ۋاقىت ئىشسىز يۈرگەن ۋالدىس يىڭى خىزمەت ئورنىنى تاپتى. 1-ئاينىڭ9-كۈنى ئىنگىلانت مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى ئورگان تورىدا ئىسپانىيلىك 32ياشلىق ۋاراتار ۋالدىس بىلەن 18ئاي يەنى بىر يىرىم يىللىق توختام تۈزگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. ۋالدىسمۇ قاتتىق ھاياجان ئىلكىدە تىرنىر ۋانجالغا قايتا قايتا رەھمىتىنى بىلدۈردى.
ۋانجالغا نىسپەتەن ۋالدىس ناتونۇش ئەمەس. چۈنكى ئەينى يىلى ئۇ بارسىلونانى يىتەكلىگەن چاغدا ۋالدىس دەل بارسىلونادا ئىدى. ۋالدىس مانچىستىردا زاپاس ۋاراتار بولىدۇ. ئاساسلىق ۋاراتار يەنىلا دىھىيا.

1-ئاينىڭ8-كۈنى ئىنگىلانت پۇتبۇلچىلا بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا كىيىنكى پەسىل يەنى 20015\2016پەسىللىك ئىنگىلانت دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن باشلايدىغانلىقىنى بالدۇر باشلاپ بالدۇر ئاياقلىشىدىغانلىقىنى رەسمى ئىلان قىلدى. يەنى كىيىنكى پەسىللىك ئىنگىلانت بىرلەشمىسى 2015-يىلى 8-ئاينىڭ8-كۈنى ھەپتىنىڭ ئالتىسى باشلىنىدۇ. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ كىيىنكى پەسىللىك بىرلەشمىنى بالدۇر باشلاپ بالدۇر ئاياقلاشتۇرۇپ ئىنگىلانت دۆلەت كوماندىسىنىڭ 2016-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىغا تەييارلىق قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بىرىشنى مەخسەت قىلغان. بىرلەشمە مۇددەتتىن بۇرۇن ئاياقلاشقاندىلا توپچىلا پۈتۈن زىھنىنى دۆلەت كوماندىسىغا قارىتالايدىكەن ۋە تەييارلىق قىلىش ۋاقتىمۇ يىللاردىكىدىن ئۇزۇن بولىدىكەن. شۇ سەۋەپ ئىنگىلانت پۇتبۇلچىلا بىرلەشمىسى ئىنگىلانت دۆلەت كوماندىسىغا بۇ ئەۋزەل شارائىتنى يارىتىپ بەرگەن. |
|