akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1314|ئىنكاس: 46

زۇبسارىتانىڭ خاتالىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جاغىستاي120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 20:30  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!

1-ئاينىڭ5-كۈنى، بارسېلونا ئورگان تورى كۇلۇب تەنتەربىيە باش ئەمەلدارى زۇبسارىتا بىلەن بولغان تۇختامنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن زۇبسارىتانىڭ بارسېلونادىكى خىزمىتى تېزلا ئاخىرلاشتى، تۆت يېرىم يىل بارسېلونانىڭ خىزمىتىنى ئىشلىگەن زۇبسارىتا بىراقلا بارسېلونانىڭ ‹‹جىنايەت››چىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇنداقتا ئۇ زادى نېمە خاتالىق ئۆتكۈزدى؟ ‹‹ماركا گېزىتى›› ئۇنىڭ يەتتە چوڭ خاتالىقىنى مۇئەيەنلەشتۈردى:

1.ئوتتۇرا بىك مەسلىسى:بارسېلونانىڭ داڭلق ئوتتۇرا بېكى پويۇلنىڭ ئىپادىسى چېكىنىشكە قاراپ يۈزلەنگەندە، سۇبسارىتا مۇۋاپىق تەدبىر قۇللىنىپ بىرەر ياراملىق ئوتتۇرا بېك كىرگۈزمىدى، بەلكى پويۇل چېكىنگەندىن كېيىن بولسا 20مىليۇن خەجلەپ 31 ياشلىق ماتىھۇنى سېتىۋالدى، ئاندىن يەنە ئىزچىل يارلىنىپ كېلىۋاتقان ۋېرمالۇننى سېتىۋالدى، ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا ئەرزىمەس سودا بۇلدى.
2.فابرېگاس بىلەن دىياگونىڭ سېتىلىشى:ئوتتۇرا مەيدان يادروسى-خاۋېينىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بارسېلونانىڭ ئوتتۇرا مەيدان كۈچى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈلەنگەندە، ئالدى بىلەن دىياگو ئاندىن فابرېگاس سېتىۋېتىلدى، بۇ سودىدا زۇبسارىتا ئېغىر خاتالاشتى، مورىنىئو 34 مىليۇنلۇق باھا بىلەن فابرېگاسقا ئەرزان ئېرىشتى دېيىشكە بولىدۇ، فابرېگاس چېلسىغا كەلگەندىن كېيىن، قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ غۇللۇق پاسچىسىغا ئايلاندى.

3.باردېسنىڭ ئايرىلىشى:باردېس يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بارسېلونانىڭ مۇھىم توپچىسى ھەم كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ ئاساسلىق كاتتىباشلىرىدىن بىرى ئىدى، زۇبسارىتا ئۇنىڭ بىلەن توختام ئۇزارتىشتا ئاكتىپ بولمىدى ۋە ئۇنىڭ ئەركىن توپچى بۇلۇپ بارسېلونادىن ئايرىلىشقا سەۋەب بولدى،نەتىجىدە بارسېلونا ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولۋاتقان باردېستىنلا ئەمەس بەلكى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ مۇھىم يېتەكچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى.
4.نېيمارنىڭ يۆتكۈلۈش ھەققى مەسلىسى:رىقابەت نوقتىسىدىن ئىيىتقاندا، نېيمار سودىسىنى غەلبىلىك بولدى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ، لىكىن، يۆتكۈلۈش ھەققى مەسلىسىدە بۇ سودا بارسېلونانىڭ باش ئاغىرىقىغا سەۋەب بولدى. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا نېيمارنىڭ يۆتكۈلۈش ھەققى 57 مىليۇن ياۋرو دېيىلگەن بولسىمۇ، لىكىن تاراتقولارنىڭ ئاشكارلىشىچە بۇ سودا 115 مىليۇن ياۋروغا توختىغان، بۇ ئىش پۇتبول ساھەسىدە ناھايىتى غۇلغۇلا قوزغىغان بۇلۇپ، بارسېلونا كۇلۇبىغا نۇرغۇن ئاۋارچىلىق ئېلىپ كەلدى، بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتى تېخى ئاشكارلانغىنى يۇق.

5.بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ چەكلىنىشى:زۇبسارىتا خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، لامارسىيە ياشلار تەربىيەلەش بازىسىغا قۇرامىغا يەتمىگەن توپچىلارنى ئېلىپ كىردى، نەتىجىدە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئېغىر جازاسىغا ئۇچۇردى.
6.ئۆمۈتلۈك ياش توپچىلارنىڭ ئايرىلىشى:لامارسىيە ياشلار تەربىيەلەش بازىسى—بارسېلونانىڭ كەلگۈسى ئۆمۈتلۈك چولپانلارنىڭ يېتىشىپ چىقىدىغان بۆشۈكى. ئەپسۇسلىنارلىقى، زۇبسارىتا سەۋەبلىك يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى لامارسىيەدىن تەربىيەلىنىپ چىققان دىياگو، تېللۇ قاتارلىق ئىقتىدارلىق ياش توپچىلار بارسېلونادىن ئايرىلىپ باشقا كۇلۇبلارغا يۆتكۈلۈپ كەتتى، بۇ خىل ئەھۋال بارسېلونا بىرىنچى سەپ كۇماندىسىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، كۇماندىدا توپچى يېتىشمەسلىك ئەھۋاللار قىسمەن سادىر بولدى، سىرىتتىن يۆتكەپ كېلىنگەن توپچىلار كۇماندىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى.

7.تېرىنىر تاللاشتىكى خاتالىق:گۇۋاردىئولا بارسېلونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، زۇبسارىتا ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولغان بېلانوۋانى كۇماندىنىڭ تېرىنىرلىقىغا تاللىدى، لىكىن ئۇزۇن ئۆتمەي بېلانوۋانىڭ كېسىلى قوزغۇلۇپ داۋاللىنىشقا كەتتى، كۇماندا تېرىنىرسىز قېلىشدەك ئەھۋال يۈز بەردى، كېيىن يەنە ئەزەلدىن ياۋروپادىكى كۇلۇبلاردا تېرىنىرلىق قىلىپ باقمىغان مارتىنونى تېرىنىرلىققا تەكلىپ قىلىپ ئەكەلدى، نەتىجىدە مارتىنومۇ قۇرۇق قول قايتىپ كەتتى، بۇ پەسىل ئېنرىكنى كۇماندىنىڭ باش تېرىنىرى قىلىپ ئىشلەتتى، لىكىن بۇ يېڭىدىن تەرەققى قىلۋاتقان ياش، تەجىربىسى ئانچە مول بولمىغان تېرىنىرمۇ كۇماندىغا   ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش ئېلىپ كېلەلمىدى.   

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-9 19:05:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاغىستاي120 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 18:41
ئۆزرە ئۆزرە، بەك ئالدىراش بۇلۇپ جاۋاپ قايتۇرالمىدىم.  ...

   ھازىرقى گەپ مۇنداق:
  1. كۇلۇبنىڭ بىر سېنت پۇلىمۇ كۇلۇب مۇدىرىيەت ئەزالىرىنىڭ تەستىقىسىز خەجلەنمەيدۇ، دېمەك نېيمارنىڭ يۆتكىلىش ھەققىنى كۇلۇب مۇدىرىيىتى ۋە رەئىسى بېكىتىدۇ.
2. نېيمارنى يۆتكەپ كېلىش يالغۇز بىر ماھىرنى سېتىۋېلىشلا ئەمەس. رېئال مادرىدنىڭ ئۇنىڭغا ئېرىشىشىنى چەكلەش ۋە ئۇنى يۆتكەپ كېلىش ئارقىلىق مادرىدقا زەربە بېرىش.(روھىي زەربە ئالدىدىراق). ئۇنى يۆتكەپ كېلەلىگەنلىكنىڭ ئۆزىلا زور غەلىبە.
3. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يۆتكەپ كېلىش جەريانىدىكى قانۇنىي يوللارغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ، ئۇنى قانچىلىك پۇل بىلەن يۆتكىشىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. ھېلىغۇ 160 مىليون ئىكەن، 1 مىليارقا يۆتكەپ كەلسىمۇ ئۇلار باشقۇرمايدۇ ھەم باشقۇرالمايدۇ. بارسېلونا شىركەت، نېيمار مال. شىركەت پۇلى بولسىلا قانچىلىك مال ئالسا ۋە ساتسا تامامەن يوللۇق. سىز دېگەن چەك قويۇلۇش، ياۋروپا پۇتولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مالىيە ئادىللىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن بۇ سىياسەت تېخى رول ئوينىمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارسېلونانىڭ قەرز - چىقىم سەۋىيەسى تېخى نورمال، بۇ سىياسەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

  مەن دېمەكچى، مۇنبەرگە خەۋەر يوللاۋاتقان ھەرقاندىقىمىز، بەزى خەۋەرلەرنى يوللىغاندا خەنزۇچىغا پۈتۈنلەي ئېسىۋالماي، بەزەن نۇقتىلارنى ئۆزىمىز بىر ئويلىنىۋېتىپ يازايلى. ئىچكىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جۇڭگوچە تەپەككۇر قىلىپ، بارسېلونانىڭ رەھبەرلىرىنىمۇ مۇشۇ يەرنىڭ ۋالىي، شۇجىلىرىدەك ئويلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۇبسارىتانىڭ ھوقۇقى يۇرۇن سۇلتاننىڭكىدەك كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
   سۇبسارىتاغا ئۇۋال بولغىنى ئېنىق. سىز تەرجىمە قىلغان خەۋەرنى يازغان مۇخبىر ئۇنىڭغا بەزى گۇناھلارنى ئارتىش ئۈچۈن ھەمدە ئۆزىنىڭ سۆزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاشۇنداق سۆزلەرنى قىلىۋېرىدۇ. چۈنكى بىز ماركا گېزىتلىرىنىڭ ھەقىقىي ماقالىسىنى ئوقۇيالمايمىز...
  تەنتەبىيە نازارەتچىسى ئاساسلىقى كوماندىغا مۇۋاپىق ماھىرنى بېكىتىش ۋە كوماندىنىڭ مۇسابىقە سۈپىتىنى، تىرېنېرنى نازارەت قىلىدۇ. چوڭ دېسىڭىز بەك چوڭ، كىچىك دېسىڭىز مىراخوردەك گەپ. مانچېستىر بىرلەشمىسىدە فورگېسىن يۇرۇن سۇلتان، مىلاندا جىيالىيانى يۇرۇن سۇلتان، رىمدا توتتى... يەنى، تەنتەربىىيە نازارەتچىسى نىسپىي ئەمەل...  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-8 20:56:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەل كىيىنرەك بوشاتماي ، مېسسىنى سىتىپ بولغاندىن كىيىن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-8 22:27:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە كوماندا مەڭگۈ گۈللىنىپلا ئۆتمەيدۇ......................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-8 20:38:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھو نىمدىگەن جىق ئىشلاربۇ بۇنىڭ ئورنىغا كىم چىقا ئەمدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-8 20:39:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما ژىتىم ھەجەپ  جىق ئىشلارنى خاتا  قىپتا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-8 20:39:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق چوڭ ئىشلارنى ئى زۇبسارىتا ئۈزى يالغۇز 10بېشى بولسىمۇ قىلالماس. ھەممىنى ئۇنىڭدىن كۈرۈش قاملاشمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-8 20:44:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  بۇ  زۇبىرىستا  دىگەن  ئادەمنىڭ  مىنىڭچە  ئەڭ  چوڭ  خاتالىقى   گۇادىيۇۋالانى  كەتكۈزۋىتىش  ۋە  فابرىگاسنى   سىتىۋىتىشى!

ياخشى  بقرسى  كەلسە  بولاتتى  جۇمۇ  زادى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-8 20:58:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىلىدىغاننى قىلىپ پۇقى چىقسا بىرسىگە دۆڭگەپ قۇيۇش ياۋرۇپادىمۇ باركەن ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-8 21:00:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېيمارنىڭ يۆتكۈلۈش ھەققى 57 مىليۇن ياۋرو دېيىلگەن بولسىمۇ، لىكىن تاراتقولارنىڭ ئاشكارلىشىچە بۇ سودا 115 مىليۇن ياۋروغا توختىغان، بۇ ئىش پۇتبول ساھەسىدە ناھايىتى غۇلغۇلا قوزغىغان بۇلۇپ، بارسېلونا كۇلۇبىغا نۇرغۇن ئاۋارچىلىق ئېلىپ كەلدى،

  مەن بۇگەپنى بۇرۇنمۇ ئاڭلىغان. كوماندىغا زادى قانداق ئاۋارچىلىق تاپىدىغاندۇ؟؟ مىلاندەك پۇلنى ئاز خەجلىسىغۇ زاڭلىق قىلىپ، رەئىسنى تىللسا... ئەمدى بۇنى قانداق چۈشىنىمىز...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-8 21:04:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈرگىچاق يوللىغان ۋاقتى  2015-1-8 20:39
مۇشۇنداق چوڭ ئىشلارنى ئى زۇبسارىتا ئۈزى يالغۇز 10بېشى ب ...

شۇشۇ ، تەنتەربىيە باش نازارەتچىسىنىڭ ھۇقۇقى شۇنچە چوڭمىدۇ؟ ئادەتتە رەئېس شۇ ئىشلاغا يېتەكچىلىك قىلاتتى، ھەممىنى زۇبسارىتاغا ئارتىپ قويۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-8 21:15:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇبىستار  بارسانى مادىرتقا ئۇتتۇرغۇزۋەتتى...زۇبىستارنىڭ سەۋەللىكى بىلەن بارسا مادىرتنىڭ ئارقىدا قالدى(بىرلەشمىدە دىمەكچى)،زۇبىستار سەۋەپلىك مېسسىنىڭ يۆتكىلىش خەۋىرى چىقتى،زۇبىستا سەۋەپلىك ئالدىمىزدىكى مادىرت بارسا جېڭىدا بارسا ئۇتتۇرۇش ئالدىدا تۇردۇ،زۇبىستار سەۋەپلىك مېسسى ئالتۇن توپسىز قېلىش ئالدىدا ..........
زۇبىستار سەۋەپلىك مۇنبەر جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى.........زۇبىستار سەۋەپلىك.........زۇبىستار سەۋەپلىك........
ئىشقىلىپ ھەممىسىگە زۇبىستار سەۋەپچى....
بارسادىن قوغلانغاندىن كىيىن ھەممىنى شۇنىڭغا ئارتىش ئاقىل چارە................
خۇددى  دۆلەتتىكى تىرورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ھەممىسىنى شۇ بېللادىنغا  ئارتقانغا ئوخشاش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-8 21:19:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىروي يوللىغان ۋاقتى  2015-1-8 21:15
زۇبىستار  بارسانى مادىرتقا ئۇتتۇرغۇزۋەتتى...زۇبىستارن ...

مادرىد رىقابەتكە ئۇتتۇرۇپ تۇرۇپ ،بارىسلونانى ئۇتۇمىز دىگەندە يۈركىڭىز ئازراق جىغىلدىمىدىما؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-8 21:22:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ئاپەتنىڭ  ئۆزىكەنغۇ ،  يەنە بىر نەچچە يىل تۇرغان بولسا بارسا تامامەن ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالاتتىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:18

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش