ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2671 |
تۆھپىسى: سەر |
|
راست گەپنى قىلايمۇ؟ ئۇلار كۇلۇب باشقۇرالمايدۇ... ئۇلار پەقەت ھەرقايسى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە سىياسىي جەھەتتىنلا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ماۋۇ يەردىكى يېتەكچىلىك دېگەن ھەرگىزمۇ رەھبەرلىك دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. فىفانىڭ قولىدا دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى بېكىتىش، تەنتەربىيە سوتى بىلەن ئالتۇنتوپنى باھالاشقا يېتەكچىلىك قىلىشلا قالدى... فىفا ئاددىيسى، كۇلۇب ئەمەس، بىرەر پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقىنىمۇ ئالماشتۇرالمايدۇ، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىغۇ گەپمۇ قالالمايدۇ...
ياۋروپادىكى كۇلۇبلار ئاساسەن شىركەت. يەنى پايدا ئېلىشنى ئاساس قىلىدىغان توپ تەشكىلاتى. ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى ئىگە. يولدىن چىقمىسلا خاندىن قورقمايدۇ. فىفا دەل قولىدىكى سىياسەت ۋە تەنتەربىيە سوتىدىن پايدىلىنىپ بارسېلونانىڭ قائىدىگە خىلاپ ھەرىكىتىنى جازالىغان. |
|