ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1249 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى كەمىنە تۆرەمدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!!!
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى دىيارىمىز ۋاقتى سەھەر سائەت 2:00 دە ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ سەككىز كۈچلىككە كىرىش مۇسابىقىسى ئاتلىتكا مادرىد بىلەن رىئال مادرىد ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بىرىلدى . ئىككى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى تارىخىدا 40مەيدان تۇتۇشقان ، رىئال مادىرىد 17مەيدان ئۇتۇش 13مەيدان تەڭلىشىش 10مەيدان ئۇتتۇرۇش نەتىجىسى بىلەن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن . ئالدىنقى پەسىلدىكى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىدا ئاتلىتكا مادرىدنى قوش بوغۇزلاپ لوڭقا كۆتۈرگەن ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى مۇسابىقىدە 0-2 نەتىجە بىلەن كونە رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 43سىكونىت بولغاندا جامىس رودىرىگىس بۇلۇڭ توپ تاشلىدى ، كاپىتان راموس كاللا توپ ئۈستى ، ئاتلىتكا مادرىد قاپقىچىسى چاققانلىق بىلەن ئۇرۇپ چىقىرىۋەتتى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 13-مىنۇتىغا كەلگەندە جامىس رودىرىگىس ئىختىيارى توپ باشلىدى ، بىل كاللا توپ ئۈسۈپ كىرگۈزدى لىكىن يان رېپىر ئوفسايىد دەپ ھۆكۈم چىقاردى. 58-مىنۇتتا راموس چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە ئاتلىتكا مادرىدنىڭ 8-نۇمۇرلۇق ماھىرىغا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىدى ، رېپىر چىكىت توپ ھۆكۈم قىلدى ، ناۋاس كۈچىگەن بولسىمۇ توسۇپ قالالمىدى نەتىجىدە ئاتلىتكا مادرىد ئۈستۈنلىككە ئۆتتى . مۇسابىقە داۋاملىشىپ 76-مىنۇتقا كەلگەندە ئاتلىتكا مادرىد بۇلۇڭ توپقا ئىرىشتى ، بۇلۇڭ توپنى ئاتلىتكا مادرىد ماھىرى ئۈسۈپ كىرگۈزدى ، نەتىجە 0-2 بولۇپ ئاياغلاشتى .... |
|