ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1241 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-8 18:41
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى كەمىنە تۆرەمدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!!!!
مۇنبەردىكى ھەممىمىز پۇتبول ھەۋەسكارلىرى، پۇتبول مەستانىلىرى ئەلۋەتتە! مەنمۇ ھەم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى بىر پۇتبول مەستانىسى... پۇتبول مەستانىسى بولۇشتىن بۇرۇن ئۆزىمىز قىزىققان نەرسىنىڭ تارىخىنى بىلىش كېرەك دەپ ئويلايمەن. بۇرۇندىن پۇتبولنىڭ بارلىققا كىلىشىنى تېما قىلىپ يازاي دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن بەك چوڭ يەردىن چۈشكەنلىكىمنى ھېس قىلىپ توختاپ قالغان ئىدىم، بۈگۈن قاپ يۈرەكلىك بىلەن چوڭلارنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلىپ ئاز تولا ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ئەرزىمەس تېمامنى ئىلىپ كەلدىم!!!!
پۇتبول قەدىمكى تەنتەربىيە تۈرى بولۇپ، مەنبەسى ئىنتايىن ئۇزۇن. ئەڭ بۇرۇن دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى توپ تۈرى ئويۇنى بولۇپ ‹‹蹴鞠›› دەپ ئاتالغان (سەۋىيەم يېتەرسىز بولغاچقا تەرجىمە قىلالمىدىم ئۆزرە!) كىيىن ئەرەبلەر ئارقىلىق ياۋروپاغا تارقالغان، شۇنىڭدىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى زامان پۇتبولىنى شەكىللەندۈرگەن شۇنىڭ ئۈچۈن پۇتبولنىڭ پەيدا بولغان يېرى جۇڭگو دەپ قارىلىدۇ.
ئېيتىلىشىچە، گىرىتسىيە ۋە رىمدا ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇرۇنلا پۇتبول ئويۇنى بولغان . ئۇلار تىك تۆت بۇلۇڭلۇق يەردە، توپنى ئوتتۇرىدىكى ئاق سىزىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، پۇتى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىغا تىپىپ ئوينىغان، ئەينى دەۋىردە بۇ ئويۇن ‹‹خاباستوم›› دەپ ئاتىغان. لېكىن ھازىرقى زامان پۇتبولى ئەنگىلىيەدە بارلىققا كەلگەن، بارلىققا كېلىش تارىخى مۇنداق: 12-ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدە ئەنگلىيە بىلەن دانىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلىغان ، بىر مەزگىللىك ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەنگىلىيىلىكلەر دانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ باش سۆڭىكىنى كۆرۈپ دانىيە ئەسكەرلىرىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى جەسەتلەرنىڭ باش سۆڭىكىنى تىپىشى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.
19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پۇتبول ھەركىتى ياۋروپا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق دۆلەتلەر بولۇپمۇ كاپىتالىستىك دۆلەت ئەنگىلىيەدە بۇرۇنلا گۈللەنگەن. 1848-يىلىغا كەلگەندە پۇتبول ھەركىتىنىڭ تۇنجى يېزىقچە قائىدىسى ‹‹كامبىرىچ قائىدىسى›› (剑桥规则) دۇنياغا كەلدى.
ئاتالمىش ‹‹كامبرىچ قائىدىسى›› 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگىلىيەنىڭ لوندون جۈملىدىن ئوكسفورد بىلەن كامبرىچ ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە بىكىتىلگەن بىر قىسىم قائىدىلەر . ئۇ ۋاقىتتا ھەر بىر كوماندا 11 ئادەم بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ بارغان. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا مەكتەپ ياتىقىدا 10ئوقۇغۇچى بىلەن بىر ئوقۇتقۇچى بىللە تۇرغان ، شۇ سەۋەپتىن ئۇلار 11 ئادەم بىر كوماندا بولۇپ تەشكىللىنىپ ياتاقلار ئارا پۇتبول مۇسابىقىسى ئىلىپ بارغان، ھازىرقى زامان پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 11 ئادەملىك مۇسابىقە ئەنە شۇنىڭدىن باشلانغان.
1863-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەنگليە پۇتبولچىلار جەمىئىيىتى ئەنگليەدە ھازىرقى زامان پۇتبول تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم يىغىننى ئىچىپ مۇسابىقە كۈن تەرتىپىنى ۋە بەزى بىر قائىدىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، لىكىن ئۇ ۋاقىتتىكى قائىدىلەر ھازىرقىغا سىلىشتۇرغاندا تولىمۇ مۈجىمەل قائىدىلەر . مەسىلەن: شۇ ۋاقىتتا مۇنداق بىر قائىدە بولغان مۇسابىقىدە توپ قارشى تەرەپ ۋارىتارنىڭ ئىككى تۈۋرىكى ئارىسىغا كىرسە ياكى ۋارىتار ئۈستىدىن ئىگىزلىكى قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۆتۈپ كەتسە پەقەت قولى بىلەن تاشلىمىسىلا بىر توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ھىسابلانغان. ئۇ ۋاقىتتا توپچىلارنىڭ ئورنى ۋە سەپ شەكلى ھازىرقى مۇكەممەل سەپ شەكلىدەك بولمىغان ، ھەر بىر كوماندىدا بىر نەپەر ۋارىتار ، بىر نەپەر ئارقا بىك ، بىر نەپەر ئالدى بىك ۋە سەككىز نەپەر ھۇجۇمچى بولغان . كىيىن سەپ شەكلىنى بىر نەپەر ۋارىتار ، ئىككى نەپەر ئارقا بىك ، ئۈچ نەپەر ئالدى بىك ۋە بەش نەپەر ھۇجۇمچى قىلىپ ئۆزگەرتكەن. مەيدانغا چىقىدىغان توپچى سانى 11 نەپەر بولغان .
1958-يىلى 7-ئايدا خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئارۋىلاند ( Goedefroid de Havelange) دوكتۇر ‹‹ پۇتبول جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن، فىئودالىزىملىق جەمىئىيەتنىڭ چەكلىمسى سەۋەبىدىن ھازىرقىدەك ئادىل رىقابەتلىشىش پىرىنسىپىدىكى پۇتبول ھەركىتىگە تەرەققىي قىلالمىغان، بۇ بوشلۇق كاپتالىستىك تۈزۈمدىكى ئەنگليەدە تاماملىنىپ ئادىل رىقابەتلىشىش پىرىنسىپىدىكى پۇتبول ھەركىتى مەيدانغا كەلگەن›› دېگەن.
خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئارۋىلاند ( Goedefroid de Havelange)
خەن ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرى جۇڭگو قەدىمكى پۇتبولىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ ، ھەتتا بىۋاستە رىقابەتلىشى شەكلىگە تەرەققىي قىلغان . تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 618-يىلىدىن 907-يىلىغىچە) ئوينايدىغان توپىنىىڭ تىرىسى خۇرۇمدىن ، ئىچىگە يۇڭ قاچىلاپ ئويناشتىن توپ ئىچىگە ئىغىزى ئارقىلىق يەل پۈۋلەپ يۇمىلاق شەكىلگە كىلتۈرۈپ ئويناشقا ئۆزگەرتكەن.
2004 يىلىنىڭ باشلىرىدا ، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى پۇتبول ھەركىتىنىڭ مەنبەسى جۇڭگو ، ‹‹蹴鞠›› ئەڭ بۇرۇنقى پۇتبول ھەركىتى دەپ ئىتراپ قىلغان.
12-ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدە دانىيە ئەنگليىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ، بىر كۈنى ئەنگليەلىكلەر جەڭ مەيدانىدا دانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ جەسىتىنى تىپىپ ، ئاچچىقىنى دانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ باش سۆڭىكىنى تىپىش ئارقىلىپ چىقىرىدۇ ، بۇ ئىشنى كۆرۈپ ئەنگليەلىكلەر ئارىسىدا دانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ باش سۆڭىكىنى تىپىش ئەۋج ئالىدۇ، بىر توپ كىچىك بالىلارمۇ چوڭلارغا ئەگىشىپ بىللە تىپىدۇ. بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەركىتىدىن ئەنگىليە پادىشاھسى ئىنتايىن تەسىرلىنىپ ، پۇتبول ھەركىتىنى خەلق ئارىسىغا ئەنئەنىۋى ئويۇن سۈپىتىدە ئىچىۋىتىدۇ ، ھەم شۇ دەۋىردىكى ئەڭ مودا ئويۇنلارنىڭ بىرسى بولۇپ قالىدۇ.
12-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگىليەدە ئاللىقاچان پۇتبول ئويۇنى بارلىققا كەلگەن . كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىرىنى ئالغان ، ھەر يىلدا ئىككى قىتىم ئىلىپ بىرىلدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان ، ئادەتتە ئىككى شەھەر ئوتتىرىسىدا ئىلىپ بىرىلغان . رىياسەتچى توپنى ئاسمانغا ئاتقاندا ئويۇن باشلانغان ، ئىككى تەرەپ قۇچاقلاشما مۇسابىقە ئىلىپ بارغان ، تولىشىپ ، ۋارقىرىشىپ توپنى تىپىپ ، قۇچاقلاپ ، كۆتۈرۈپ قارشى تەرەپ شەھەرىنىڭ ئەڭ ئاۋات رايۇنىغا ئىلىپ بارسا يەڭگەن ھىسابلانغان ، ئەگەر توپ ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەندە توپچىلارمۇ بىر توپ ھەرىدەك باستۇرۇپ كىرىپ قالايمىقان تىپىپ ئۆينىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ، ئىشىك-دېرىزە ئەينەكلىرىنى چېقىۋەتكەن ، يول ئۈستىدە كىشىلەر كۆپ جايغا كەلگەندە شەھەر ئىنتايىن قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ، ئەينى دەۋرىدە كىشىلەر پۇتبول ئويۇنى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىسا دەرھال ئىشىك-دەرىزىلىرىنى چىڭ تاقاپ ئولتۇرۇپ ، ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاندىن نورمال ھالىتىگە كەلگەن . بۇنداق پۇتبول ئويۇنىدىن زېرىككەن خەلق ئاممىسى پۇتبولغا قاتتىق قارشى تۇرغان ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ پۇتبول ئويۇنىنى كەڭرى بوشلۇقتا ئويناشنى ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئېغىر جازالىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ، شۇنىڭ بىلەن مەخسۇس پۇتبول مەيدانى بارلىققا كەلگەن .
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنگىلىيەدە ، پۇتبول ئەنگلىيىدىكى ياشلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەتكە ئايلانغان ، ياشلار تار كوچىلاردا پۇتبول تىپىپ ، داۋاملىق باشقىلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىك - دەرىزىلىرىنى چېقىۋەتكەن ھەم خاتىرجەم ئولتۇرغىلى قويمىغانلىقى ئۈچۈن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ‹‹پۇتبول چەكلەش›› بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغان . 12-ئەسىردىن 16-ئەسىرگىچە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئالدى - كەينى بولۇپ 4 قېتىم ‹‹پۇتبول چەكلەش›› بۇيرۇقى ئېلان قىلغان . بىراق پۇتبول ھەركىتىنىڭ ئالاھىدە مەھلىيا قىلىش سىھرى كۈچى ئۇ بۇيرۇقلارغا بوي سۇنمىغان . 1835-يىلى ئەنگليەدە دۇنيادىكى تۇنجى پۇتبول كۇلۇبى بارلىققا كەلگەن .
مىلادىيە 10-ئەسىردىن كېيىن فرانسىيە ، ئىتالىيە ، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە پۇتبول ئويۇنى بولغان ، 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئاندىن ‹‹پۇتبول مۇسابىقىسى›› ئۇقۇمى بارلىققا كىلىپ تەرەققىي قىلغان.
1863-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەنگليىنىڭ لوندوندا دۇنيادىكى تۇنجى پۇتبول ھەركىتى تەشكىلاتى ------‹‹ئەنگلىيە پۇتبولچىلار جەمئىيتى›› قۇرۇلغان ، ھەمدە ھازىرقى زامان پۇتبول ھەركىتى رەسمى تىكلەندى . كىشىلەر شۇ كۈننى پۇتبولنىڭ دۇنياغا كەلگەن كۈنى دەپ ھېسابلىغان . 1896-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئولومپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا پۇتبول تۈرى سىناق نۇسخىدا ئىلىپ بىرىلغان نەتىجىدە دانىيە كوماندىسى 9-0نەتىجە بىلەن گىرىتسىيە كوماندىسىنى يىڭىپ ئولومپىك تەنھەرىكەت يىغىنى پۇتبول تۈرىدىكى تۇنجى چىمپىيۇن بولغان.
1900-يىلىدىكى ئىككىنچى قىتىملىق ئولومپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن تارتىپ پۇتبول ئولومپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ رەسمى مۇسابىقە تۈرى بولغان ، لېكىن كەسپى پۇتبول تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ قاتنىشىشى چەكلەنگەن . 1904-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ، خەلقئارا پۇتبولچىلار جەمئىيتى پارىژدا قۇرۇلغان . 1930-يىلىدىن تارتىپ ھەر 4 يىلدا بىر قىتىم دۇنيا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى) ئۆتكۈزگەن ھەمدە كەسپى پۇتبول تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ قاتنىشىشى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرقى زامان پۇتبول ھەركىتى كۈندىن كۈنگە گۈللىنىپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلگەن ...
مەنبە : تېڭشۈن تەنتەربىيسى تەرجىمە قىلغۇچى : TORAM7
سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىگە باقماي مۇنبەرداشلارنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلىپ قويدۇم تەرجىمە جەريانىدا كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىمدىن چوڭقۇر ئۆزرە سورايمەن !!!!! |
|