ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 392 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا KUZEY` تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-7 18:14
1-ئاينىڭ 7-كۇنى يەنى تۇنۇگۇن كەچ ئىتالىيە بىرلەشمىسى 17-ئايلانمىسىدا كۇنا زەردار ئىنتىر مىلان كۇماندىسى ئۇزىنىڭ مەيدانىدا ئەمىلىي كۇچى بىر قەدەر يۇقىرى بۇلغان تاكى ھازىرغىچە بىرلەشمىنىڭ چۇقىسىدا كىتىپ بارغان يۇۋىنتىس كۇماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە ناھايىتى قىززىغان بۇلۇپ ئىنتىر كۇماندىسىنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە بۇلغان.ئۇلار ساھىپخان ئەۋزەللىكىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ كۇچلۇك يۇۋىتىس كۇماندىسى بىلەن تەڭلەشكەن.ھەمدە يىقىندىن بۇيانقى ئۇدا ئۇتتۇرۇش قەدىمى مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدە تۇختاپ ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭغان ئىدى. لىكىن شۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھەيران قالارلىق بىر ئىش يۇز بەرگەن. يەنى ئىنتىركۇماندىسىدىكى ئالمىشىپ مەيدانغا چىققان 7-نۇمۇرلۇق ماھىر بىلەن كۇماندىدىكى ئۇتتۇرا ھۇجۇمچى ئىكاردى ئۇتتۇرسىدا ئازراق سۇركۇلۇش پەيدا بۇلغان. ئاخپىرات ۋاستىلىرى بۇنىڭ تۇپ سەۋەبىنى ئىكاردىنىڭ شەخسىيەتچىلىكىدىن بۇلغان دەپ قارىشىۋاتىدۇ.قىنى سىنغا مەرھەممەت: بۇ يىل بەلكىم خان مادىرىدنىڭ تارىخىغا گۇۋاھ بولىدىغان بىر يىل بولىشى مۇمكىن، رونالدونىڭ كۇلۇب تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەنگە ئايلىنىشى ئاللىقاچان مەسىلە ئەمەس بولۇپ قالدى، مەسىلە پەقەت قايسى ۋاقىتت بۇ نەتىجىنى تاماملىيالايدۇ. ئالتە يىل ئىلگىرى سامان يولى جەڭ كېمىسىگە قوشۇلغاندىن بۇيان، بۇ پورتوگالىيەلىك چولپان كۈچلۈك بولغان توپ كىرگۈزۈش ئىپادىسىنى ساقلاپ كەلدى، ھازىر ئۇنىڭ ئالدىدا پەقەتلا سانتىلانا، دىستىفانو ۋە رائۇل بار.
رونالدو ئاللىقاچان خان مادىرىد ئۈچۈن 285 توپ كىرگۈزۈپ بولدى، پەقەت يەنە ئۈچ توپ كىرگۈزسىلا خان مادىرىد ئۈچۈن 17 يىل توپ تەپكەن رىۋايەتلىك توپچى سانتىلانانىڭ نەتىجىسى بىلەن تەڭلىشىدۇ. پورتوگالىيەلىك چولپان رونالدونىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ۋە غەلبىگە ئىنتىلىشدىن قارىغاندا، ئۇ بىر ئاي ئىچىدىلا سانتىلانادىن ئېشىپ كېتىپ كۇلۇب تارىخىدىكى توپ كىرگۈزۈپ رېتىدىكى ئۈچىنچى مەرگەنگە ئايلىنىدۇ. بىر قىسىم ئاساسىي سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق، رونالدونىڭ قانچىلىك ۋاقىت ئىچىدە خان مادىرىد تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەنگە ئايلىنالايدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقالايمىز. نۆۋەتتە ئۇنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى ئىككىنچى ئورۇندىكى مەرگەن دىستىفانونىڭكىدىن 22 توپ پەرقلىنىدۇ، رونالدونىڭ بۇ پەسىلدىكى ھەر مەيدىنىغا 1.28 توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۇ پەقەت 18 مەيداندىلا بۇ خان مادىرىدنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسىدىن ئېشىپ كېتەلەيدۇ. ناۋادا مۇشۇنداق توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ساقلاپ قالالىسا، يەنە ئون مەيدان مۇسابىقە ئارتۇق بولسىلا، ئۇنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى رائۇلنىڭ 323 توپى بىلەن تەڭلىشىدۇ.
شۇ سەۋەبتىن، 2015-يىلى رونالدونىڭ رائۇلدىن ئېشىپ خان مادىرىد تارىخىدىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق مەرگەنگە ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار، بەلكىم تېخىمۇ بۇرۇن بۇ نىشاننى رىئاللىقا ئايلاندۇرىشى مۇمكىن. |
|