بۇ يازمىنى ئاخىرىدا miradil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-8 13:25
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەھلى مۇنبەر.
تۈۋەندە مەن سىلەرگە بەش چوڭ بىرلەشمە تارىخىدىكى مەرگەنلەر توغرىسىدا مىكرو خەۋەر ئىلىپ كەلدىم، قىنى مەرھەممەت.
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى خان جەمەتى مادىرىت كولۇبى مىھمان مەيداندا ۋالۇنسىيە كوماندىسىدىن 2:1نەتىجە بىلەن يىڭىلدى، كىرىستىيانو رونالدو نوقتا توپتىن، يەنى مۇنبەر تىلى بىلەن دىسەك ئاتالمىش‹‹چىكىت توپ››تىن بىرنى ئۇردى، ھازىرغىچە رونالدو، ئەنگىلىيە دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ۋە ئىسپانىيە بىرلەشمىسى بولۇپ جەمئى287 توپ كىرگۈزگەن،رونالدو ھازىر 5چوڭ بىرلەشمە تارىخىدىكى مەرگەنلەر قاتارىدا 6-ئورۇنغا ئۆتكەن .
بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلىنىپ ھازىرغىچە رونالدو خان جەمەتى مادىرىت كوماندىسى ئۈچۈن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 26 توپ كىرگۈزگەن، شۇنداقلا خان جەمەتى مادىرىت كوماندىسىغا قىتىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 203توپ كىرگۈزۈپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلارنىڭ قارا چۈشىگە ئايلانغان، مانچىستىر بىرلەشمىسىدىكى شاش ۋاقىتلىرىدا، ئۇستازى فورگىسىننىڭ بىر قوللۇق تەربىلىشى ئاستىدا 84 توپ كىرگۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ۋە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە جەمئى 287 توپ كىرگۈزگەن .
بەش چوڭ بىرلەشمە تارىخىدىكى مەرگەنلەر قاتارى.1-جىم گېلىفىس (366 توپ)
جىم گېلىفىس
2-گەيدى موللىر (365 توپ)
3-شىدوف بۇلۇم (317 توپ)
4-دىكېس دىن (310 توپ)
5-دېلىئوۋ ۋىنىس ( 299توپ)
تاپالمىدىم سۈرەتنى
6-كىرىستىيانو رونالدو (287 توپ)
1. جىم گېلىفس--- چېلسى، مىلان، توتتىنھام، غەربىي ھام
2. گايد مۇللېر----- بايرېن مىيۇنخېن
3. سىتىف بىرۇم--- دېربىيجۇن، مېدىلسبۇرگ
4. دېكىس دېئان--- ئېۋىرتون، نوردىنھام
5. دېلىئو ۋېنىس--- موناكو، تۇلۇن
6. رونالدو---مانچىستىر بىرلەشمىسى، رىئال مادىرىت
|