akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1596|ئىنكاس: 41

پۇتبول دۇنياسىدىكى 2-تاقىرباش رىپىر ۋېبو

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىراس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-7 14:20  

         
             BbsImg142034192911541_477-599.jpg

  قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ،دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە كەم بولسا بولمايدىغان ،رېپىرلىق ساھەسىدە ئىككىنجى تاقىرباش كولىنا دەپ تەرىپلىنىدىغان داڭلىق رىپىر خۇۋارد.ۋېيبونىڭ رىپىرلىق ھاياتى.

ئىسمى: خۇۋارد.ۋېيبو                          ئېنگىزچە: Howard Webb                               نامى: ساقچى باشلىقى،تاقىرباش
دۆلەت تەۋەلىكى: ئىنگىلاند                 تۇغۇلغان يىرى: (   جەنۇبىي يورېكشىر  )                 تۇغۇلغان ۋاقتى: 1971-07-14
ئىغىرلىقى: 85 كىلوگىرام                     ئىگىزلىكى: 183 سانتىمىتىر                                   تەنھەرىكەت تۈرى: پۇتبول
مەيداندىكى ئورنى:رىپىر                      قوللىندىغان تىللىرى: ئىتالىيان تىلى، ئىسپان تىلى، ئىنگىلىز تىلى، فىرانسۇز تىلى


ئائىلە كىلىپ چىقىشى   :1971-يىلى خۇۋارد.ۋېيبو ئىنگىلاندنىڭ جەنۇبىي يورېكشىر شەھرىدە دۇنياغا كۆزئاچتى.ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئاتىسى بېل خۇۋاردمۇ دەل پۇتبول رىپىرى ئىدى.(35يىل رىپىرلىق قىلغان ) كىچىكىدىن ئاتىسنىڭ پۇتبول بىلەن ھەپىلشىدىغان خارەكتىرى ئاستىدا بارا-بارا چوڭ بولغان ۋېيبو دەل 19ياشقا كىرگەندە كۆڭلىگە ئاتىسنىڭ رىپىرلىق كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىشنى پۈكۈدۇ.ھەم دائىم ئاتىسىغا ئەگىشىپ پۇتبول مەيدانىغا بېرىپ رېپىرلىق جەريانىنى تەپسىلىي كۈزۈتىدۇ،ھەم دەسلەپكى رىپىرلىق ساۋاتلىرنى ئىگەللەشكە كىرشىپ كىتىدۇ.دەل شۇنداق پەيتلەردە ئاتىسى ۋېيبودىكى رېپىرلىققا قىزىقىقىش ئىستىكىنى بايقاپ قېلىپ ئۇنىڭغا رېپىر بولماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئاتىسنىڭ قارىشىچە:مەن ئوغلۇمنى بىرقانچە مەيدان كىچىك تىپتىكى مۇسابىقىلەرگە رىپىرلىق قىلغۇزۇپ سىناپ باقتىم ،لېكىن ئۇنىڭدا كەلگۈسىدە ياراملىق بىر رىپىر بولغۇدەك بىرەر نوقتىنى بايقىمىدىم.شۇ چاغدا مىنىڭ ئېنىممۇ شۇ سوروندا بارئىدى.(ۋېبونىڭ تاغىسىمۇ ئەينى چاغدا ئاتىسىغا ئوخشاش رىپىر ئىكەن) ئەكسىچە ئېنىم ۋېيبودا رىپىرلارغا خاس سەزگۈ ۋە قابىلىيەت بار ئىكەن،كەلگۈسىدە چۇقۇم ياراملىق رىپىر بۇلالايدۇ دەپ ئۇنى قوللىدى.

ۋېىيبونىڭ رىپىرلىق تىن ۋازكىچىپ پۇتبولغا قىزىقىش ئۇيى

ۋېيبو ئاتىسنىڭ باھاسىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئازاپلانغان بولسىمۇ يەنىلا قىلچە بۇشاشماي پۇتبول تېپىشكە ئادەتلىنىدۇ،ھەم بارا-بارا خېلى ياخشى مۇداپىيەچى بۇلۇپ كۆزگە چىلىقىشقا باشلايدۇ. ھەم پۇتبولدىكى مۇداپىيە جەھەتلەردە ئىزدىنىشكە كىرشىدۇ.بۇ جەرياندائۇنىڭ تاغىسى دائىم ئۇنىڭغا دىققەت بىلەن قارايدۇ.  گەرچە ۋېيبو پۇتبول تەپكەندەك قىلغان بىلەن يەنىلا پۇتبول مەيدانىدىكى ئۇمۇمى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش خاراكتىرنى ئاشكارلاپ قۇيىدۇ.تاغىسى بۇ ياشنىڭ رىپىرلىق ئىستىداتىنى بايقاپ ئۇنى قوللاپ ئاكىسىغا نەسىھەت قىلىپ،ۋېبودىكى رىپىرلارغا خاس خارەكتىر ۋە ئىقتىدارنى قوللاشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۋالىدۇ.لېكىن ئاتىسى تۇلۇق قايىل بولمىغان بولسىمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ۋېبوغا رىپىر بولماسلىق تۇغرىسىدا باشقىچە گەپ قىلمايدۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ ۋېبو رىپىرلىق ساۋاتلىرىنى قېتىرقىنىپ ئىگەللەشكە كىرشىپ كىتىدۇ،ھەم پەيدىنپەي رىپىرلىق ساھەسىگە قەدەم قۇيىدۇ.ۋېبونىڭ ئاتىسى ۋېبو باش رىپىرلىق قىلغان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى كۆرگەندىن كىيىن ئاندىن ئۇنىڭغا قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ ،سەن توپنى ياخشى تىپىسەن بىراق توپ تىپىشقا قارىغاندا ساڭا پۇتبول رېپىرلىقى تېخىمۇ بەك ماس كىلىدىكەن دىگەن سۆز يېزىلغان خەتنى سوۋغا قىلغان.

ۋېبونىڭ توختاۋسىز ئىلگىرلىشىشنىڭ نەتىجىسى :1989-يىلدىن باشلاپ بۇ كىچىك ياش يىگىت رەسمىي ھالدا يۇرتىدىكى كىچىك تىپتىكى پۇتبۇل مۇسابىقىلىرىدە ئۈزى تەلەپ قىلىش ،سىناپ بىقىش قاتارلىق ئۇسسۇلارنى قوللونۇپ رىپىرلىق قىلىدۇ.دەسلىۋىدە ئانچە بەك كۆزگە چىلىقمايدۇ،تاكى 1993-يىلغىچە ۋېبو قاتتىق تىرشىپ ئارقىلىق رەسمىي جەنۇبىي يورېكشىر بىرلەشمىسىدە ياردەمچى رىپىرلىق سالاھىيتىگە ئېرىشىدۇ.

          F597BC530DCC7552820B07E8188E571D.jpg
ۋېبونىڭ دەسلەپكى رىپىرلىق ھاياتىنىڭ باشلىنىشى:1995-يىلى ۋېبو مەيداندىكى خۇشچاقچاقلىقى،ئۆز كەسپىگە بولغان چەكسىز مەسئۇلىيەتچانلىقى ،مەيداننى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ھەر ساھەنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغايدۇ ۋە شۇيىلى جەنۇبىي يورېكشىر بىرلەشمىسىدە ئاساسلىق باش رىپىرلىق سالاھىيتىگە ئىرشىدۇ.بۇ جەريانىدا ۋېبو ئۆز ئىقتىدارىنى تۇلۇق نامايەن قىلىپ ئۈزى رېپىرلىق قىلغان ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۆز مەسئۇلىيتىنى ياخشى ئادا قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن 1996-يىلى ئىنگىلاند بىرلەشمىسى ۋېبوغا كۆزتىكىپ ئۇنى يۆتكەپ كەلگەن.شۇنىڭ بىلەن ۋېبونىڭ ئىنگىلاند بىرلەشمىسى ھاياتى باشلانغان  .1998 -يىلغىچە ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە ياردەمچى رېپىر بۇلۇپ مەيدانغا چىققان.قىسقىغىنە 2يىل ئىچىدە ۋېبونىڭ رېپىرلىق ئىقتىدارى ھەممىنى قايىل قىلىپ 1998-يىلدىن باشلاپ ئىنگلاند بىرلەشمىسىدە باش رىپىرلىق شەرىپىگە ئىرىشكەن.2003-يىلى ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە رېپىرلىق قىلىش سالاھىيتىگە ئىرىشتى.2005-يىلغا كەلگەندە ۋېبو پۈتۈن خەلقئاراغا تۇنۇلدى ۋە شۇيىلى خەلىقئارالىق مۇسابىقىلەردە باش رىپىرلىق قىلىش سالاھىيتىگە ئىرىشتى.شۇ چاققىچە ۋېبو جەنۇبىي يورېكشىر شەھرىنىڭ ساقچىلىق خىزمىتىنىمۇ ئىشلەۋاتقان بۇلۇپ 5يىل روخسەت سوراپ رېپىرلىق قىلغان.2005-يىلى ۋېبو رېپىرلىققا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىنى كۆزدە تۇتۇپ ساقچىلىق خىزمىتىدىن ئىتىپا بەرگەن.

ۋېبونىڭ رەسمىي رىپىرلىق ھاياتىنىڭ باشلىنىشى:

      BbsImg142034207863458_499-750.jpg

ۋېبونىڭ 2005-يىلدىن باشلانغان رىپىرلىق ھاياتىنى ئۇنىڭ ئالتۇن دەۋرى دىيىشكە تامامەن بۇلىدۇ.شۇ يىلدىن باشلاپ ۋېبو تەسىر دائىرسى بىرقەدەر چوڭ مۇسابىقىلەرگە رېپىرلىق قىلىشقا تاللىنىدۇ.ئەڭ ئاۋال ئىنگىلاند رايۇنلار ئارا قالقان لوڭقىسى نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە باش رىپىر قىلىپ تەيىللىندۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىكى ئىككى كوماندا بولسا شۇ يىللىق ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسنىڭ چىمپىيۇنى ئارسىنال كوماندىسى بىلەن ئۇيۇشما لوڭقىسى چىمپىيۇنى چېلسى كوماندىسى ئىدى.ۋېبو بۇ مەيدان مۇسابقىنى ئىنتايىن ئادىل ،رېتىملىق ، ھەممىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرى.ۋېبو بۇ مۇسابىقىدە جەمئى 3تال سېرىق كارتا چىقاردى.ھەمدە چېلسى كوماندىسى دىروگبانىڭ 2توپ كىرگۈزىشى بىلەن غەلبە قىلدى.شۇ مۇسابىقىدىن كىيىن ۋېبوغا ھەممە ئادەم دىققەت قىلىشقا باشلىدى ،ھەم تاقىرباش ۋېبو ئىسىملىك رېپىر پۈتۈن خەلىقئارانىڭ ئىتىراپ قىلىشغا ئىرىشتى.
2007-يىلى ئىنگىلاند بىرلەشمىسى لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە كونا رەقىب ھىساپلىنىدىغان ئىككى رەقىپ چېلسى كوماندىسى بىلەن ئارسىنال كوماندىسى يەنە ئۇچۇرشۇپ قالدى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى باش رىپىر يەنىلا ۋېبو ئىدى.بۇ مۇسابىقىدە ئارسىنال كوماندىسى ھۇجۇمچىسى ۋالكوت ئاۋال بىر توپ كىرگۈگەن بولسىمۇ لىكىن ئاخىرغىچە كۈلەلمىدى.چېلسى كوماندىسى ئىككى توپ ئۇرۇپ ئارسىنالنى مەغلۇپ قىلدى.مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئازقالغاندا ئىككى تەرەپ توپچىلىرى ئارىسىدا قاتتىق سۈركۈلۈش كۈرلۈپ جىدەل چىققان. كۈزى ئۆتكۈر ۋېبو دەرھال 3تال قىزىل كارتا ۋە 2تال سېرىق كارتا چىقىرىپ مەيداندىكى قاتمال ،مۇرەككەپ ھالەتنى ئۆزگەرتكەن.مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كىيىن تاراتقۇلار ۋە توپ مەستانىلىرى ۋېبونى بۇرۇنقى داڭلىق ئىتالىيەلىك تاقىرباش رېپىر پىيېرلۇگى كوللىنا بىلەن سېلىشتۇرۇشقا باشلىغان ،ۋە ناھايىتى تىزلا ۋېبونى 2-تاقىرباش كوللىنا دەپ تەرىپلىگەن.

          9213b07eca806538ee17176b97dda144ac3482cd.jpg                 FirstBbsImg142034207676021_500-261.gif
گەرچە ۋېبو داڭلىق تاقىرباش رېپىر پىيېرلۇگى كوللىناغا چۇقۇنمىسىمۇ لېكىن كوللىنانىڭ مەيداندىكى ھەربىر ئىنچىكە ھالقىلارغىمۇ دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلدىغان ئەڭ ئادىل بۇلۇشقا تېرشىدىغان بەزى تىپىك تەرەپلىرى ۋېبونى كوللىنادىن ئۈگۈنۈشكە ۋە شۇنىڭدەك بۇلۇشقا ئۈندىدى.
2007/2008يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئەمدىلا ئەنفىلىد پۇتبول مەيدانىدا لىۋىرپول  كوماندىسى بىلەن ئارسىنال كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىگە رېپىرلىق قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتقان ۋېبو ،ئارقىدىنلا يەنە ئارسىنال كوماندىسى بىلەن مانجىستىر كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىگە باش رېپىرلىق قىلىشقا تاللىنىدۇ. ئوخشاش بىر كوماندىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىككى قېتىملىق ئارقىمۇ -ئارقا ئوينالغان مۇسابىقىسىگە ئوخشاشلا بىر كىشىنىڭ باش رىپىر بۇلۇپ تەيىنلىنىشى تارىختا كۈرۈلۈپ باقمىغان بۇلۇپ ھەممە ھاڭ-تاڭ قالىدۇ.بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ۋېبو يۇقىرى بولغان كۆزۈتۈش ئىقتىدارى، توپ ھۆكۈم قىلىشتا توغرا بۇلۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە گەۋدىلەندۈرۈپ باش رىپىرلىق ھۇقۇقىنى ياخشى جارى قىلدۇردۇ.2009-يىلى ۋېبو ئىنگىلانىد ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە رېپىرلىق قىلىشقا تاللىنىدۇ.

ۋېبونىڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە رېپىرلىق قىلىش مۇساپىسى:

       u=1791582191,1878820560&fm=21&gp=0.jpg
ۋېبونىڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە رېپىرلىق قىلىشى 2005-يىلى باشلانغان بۇلۇپ پورتىگالىيە كوماندىسى بىلەن ئىرلاندىيە كوماندىسى ئوتتورىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىرمەيدان دوسلۇق مۇسابقىسى باش رېپىر بولغان. ۋېبونىڭ قاتتىق قۇماندانلىق قىلىش نەتىجىسىدە ئىككى تەرەپ 1-1 نەتىجە بىلەن مۇسابقىنى ئىنتايىن دوستانە كەيپىياتتا ئاخىرلاشتۇرغان.2006-يىلى ياۋرۇپالوڭقىسى U-21ياشلىقلار مۇسابىقىسنىڭ Aگوروپ فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن پورتىگالىيە كوماندىسنىڭ ،Bگوروپ ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن ئوكرائىنا كوماندسنىڭ، ئوكرائىنا كوماندىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋە گولاللاندىيە كوماندىسى بىلەن ئوكرائىنا كوماندىسى ئوتتورسىدىكى ھەل قىلغۇچ قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مۇسابىقىلەردە ۋېبو باش رېپىر بۇلغان.
2008-يىلى ۋېبو دۆلەت كوماندىلىرنىڭ ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە باش رىپىر قىلىپ بەلگىلەندى. 6-ئاينىڭ 12-كۈنى Bگۇرپىدىكى ئاۋىستىرىيەنىڭ مۇسابىقىسى ۋېبوغا نىسپەتەن بىرىنجى قېتىم دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ ھەقىقى چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىلىرىگە باش رىپىر بۇلۇشى ھىساپلىناتتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ مۇسابىقە قۇشۇپ بىرىش باسقۇچىدا ۋېبو ئاۋىستىرىيە كوماندىسىغا بىر نوقتا توپ ھۆكۈم قىلىپ بىردۇ. شۇنىڭ بىلەن پولشا توپ مەستانىلىرى ۋېبوغا نىسپەتەن قاتتىق غەزەپلىنىپ ئۇنىڭ ئۈيىگە تېلفۇن قىلىپ ئۇنىڭغا توختىماي تەھدىد سېلىشقا باشلايدۇ،ھەتتا ۋېبونىڭ خەت ساندۇقىغا تەھدىد مەزمۇندىكى خەتلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي يوللايدۇ.ساقچى تەرەپ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق پولشا توپ مەستانىلىرنىڭ يوللىغان تەھدىد خەتلىرنىڭ 62ياشلىق باشقا بىر رېپىرغا يوللانغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ.(ئەسلىدە پولشا توپ مەستانىلىرى ۋېبونىڭ تېلفۇن نۇمىرى بىلەن خەت ساندۇق نۇمۇرىنى خاتا ئىگەللىۋالغان ئىكەن)
2009-يىلى ۋېبو بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە كوماندىسىغا باشقىلارنىڭ نەزىردە بەرمەسكە تىگىشلىك نوقتا توپتىن بىرنى بۇيرۇيدۇ،ھەم مۇشۇ سەۋەپلىك 2009-يىلغا نىسپەتەن ئۈزىنىڭ كەسپى ھاياتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن پەللىسنى يارتىپ قۇيىدۇ

2010-يىلى 7-ئايدا ۋېبو خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن  جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە باش رىپىر بۇلۇشقا بەلگىلىنىدۇ. 38ياشلىق ۋېبو دۇنيا تارىخىدىكى يېقىنقى 72يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياش دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە باش رىپىرلىق قىلغان رىكوتنى يارتىدۇ. شۇ كۈنى ۋېبو قىسقىغىنە 4سائەت ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىن كەلگەن 500پارچىدىن ئارتۇق تەبرىك تېلگىراممىسىنى تاپشۇرۋالىدۇ.ۋېبو بارلىق توپ مەستانىلىرىگە ۋەدە بىرىپ مۇنداق دىگەن:سىلەر خاتىرجەم بۇلۇڭلار مەن چۇقۇم بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىن ياخشى چىقىمەن ھەم ماڭا بېرىلگەن بۇ مەسئۇلىيەتنى چۇقۇم ئادىللىق بىلەن ئادا قىلىمەن .

       BbsImg142034213294161_460-276.jpg
شۇنداق قىلىپ ۋېبو 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن گوللاندىيە كوماندىسى ئوتتورسىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە باش رېپىر بۇلۇپ ،بۇ بىرمەيدان مۇسابىقىدە جەمئى 14سېرىق كارتا چىقىرىپ 1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چىقىرىلغان 6تال سېرىق كارتىلىق رىكوتنى بۇزۇپ تاشلىدى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە گوللاندىيە كوماندىسى ئۇتتۇردى. باش تېرنىر ۋە بارلىق گوللاندىيە توپچىلىرى ۋېبودىن قاتتىق نارازى بۇلۇپ ۋېبۇنى باش رېپىرلىقنى ئادىل قىلمىدى دەپ ئەيىپلىدى. بىراق خەلقئارا پۇتبولچىلار جەمئىيتى ۋە رىپىرلار ساھەسىدىكى داڭلىق ئەرباپلار باش رىپىر ۋېبوغا ياخشى باھا بەردى.ۋە شۇ يىلى ياۋرۇپادىكى ئەڭ داڭلىق رېپىر شەرپىنى تەقدىم قىلدى.
2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدا يەنە بىر قېتىم باش رىپىرلىق سالاھىيتىگە ئىرىشتى.

ۋېبونىڭ ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە باش رىپىرلىق قىلىش مۇساپىسى:
      
                           u=3314356222,2925863182&fm=21&gp=0.jpg

ۋېبو ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە جەمئى 19 مەيدان مۇسابىقىگە باش رىپىر بولغان .ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى ئىنتىر مىلان كوماندىسى نىڭ مۇسابىقىسىدىن باشلىغان.2010-يىلى 5-ئايدا ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەسمىي ھالدا ۋېبونى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە باش رىپىر بۇلۇشقا تەيىنلىگەن. قىززىق يىرى شۇكى ۋېبو ئۇدا 2پەسىل ئىنتىر مىلاننىڭ ئىككى قېتىملىق ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە باش رىپىرلىق قىلغان. بۇ جەرياندا ئىنتىر مىلان تۇلۇق غەلبە قىلغان.
ۋېبونىڭ ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇقتىكى ئەڭ چوڭ رەقىب كوماندىلىرى بولسا بايرىن مىيۇنخىن ،بارىسلونا كوماندىلىدۇر. چۈنكى بۇ كوماندىلار ۋېبونى ياقتۇرمايدۇ.بايرىن بىلەن يۇۋىنتىس تۇتۇشقان بىر مەيدان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە يۇۋىنتىس تەرەپ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە بايرىن توپچىسى چوشقىچاققا خەتەرلىك ھەرىكەت ئىشلىگەن.لېكىن ۋېبو بۇنىڭغا نوقتا توپ ھۆكۈم قىلمىغان، مۇسابىقە قۇشۇپ بىرىش باسقۇچىدا 2مىنۇت دەپ كۆرسىتىلگەن ئەمما تاقىرباش 1مىنۇت ئىچىدە مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن گىرمانىيە توپ خۇمارلىرى ۋېبوغا ئەشەددىي ئۆچ بۇلۇپ كەتكەن.
بارىسلوناغا نىسپەتەن ۋېبو ئىزچىل قاتتىق قول پۇزۇتسىيە تۇتقاندەك ۋەزىيەت شەكىللەندۈگەن. بۇ ئالدىنقى يىلى بايرىن بىلەن تۇتۇشقان مۇسابىقىدە بارىسلونا مەستانىلىرى چىقارغان قارار.شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە نوقتا توپ تەلەپ قىلغان بارىسلونا كوماندىسىغا قارشى تەرەپكە بىر تال سرىق كارتا بىرىش بىلەن مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
شۇنداق زىددىيەت ،جىددىي ۋەزىيەت تۈستىكى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا باش رىپىر ۋېبونىڭ تەسىرى ھازىرغىچە ياخشى باھالارغا ئىرشىپ كەلمەكتە.
قىسقى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى ۋېبونىڭ ھەقىقى باش رىپىرلارغا خاس جاسارىتىنى نامايەن قىلدى.

ۋېبونىڭ رېپىرلىق قىلىشتىكى ئىقتىدارىغا بىرىلگەن باھا:

توپ مەستانىلىرى ۋە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋىبوغا ئادىل رىپىرلار ۋەكىلى ،2-تاقىرباش كوللىنا دەپ نام بەرگەن.
ۋېبونىڭ ئۈزىگە  ئۈزى بەرگەن باھاسى بولسا توپ مەيدانىدا قەتئى ئۈزىگە ئىشىنىش، كەسكىن بۇلۇش،ئىكىلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش،ئادىل بۇلۇشنى ھەر ۋاقىت ئىشقا ئاشۇرۇش.

ۋېبونىڭ ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە مانجىستىر بىرلەشمىسىگە ئېغىپ كىتىدۇ دىگەن سەپسەتىلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى:

    BbsImg142034222267215_500-312.jpg          BbsImg142034222342629_500-282.jpg    
فۇرگېسىن بىلەن ۋېبو بۇرۇندىن تارتىپ ياخشى دوسلاردىن ئىدى. 2005-يىلدىن باشلاپ ۋېبونىڭ ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە رىپىرلىق قىلىشى بىلەن مانجىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى 4قېتىم ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئىرىشتى.بۇ جەرياندا توپ قىزىل ئالۋاستى توپ مەستانىلىرى ۋېبوغا قارىتا باھا بېرىپ ۋېبو مۇسابىقە داۋامىدا كەسكىن، ئادىل بولدى ،مەيداندىكى ھەر بىر كىچىك ھالقىغا سەل قارىمايدىغان مەسئۇلىيەتچان رىپىر،شۇڭا بىز چىمپىيۇن بولدۇق ،بۇنىڭدا تاقىرباشنىڭ ئۆزمەسئۇلىيتىنى ياخشى ئادا قىلغانلىقى بىزگە بەك چوڭ ياردەم بولدى دەپ ئېلان قىلدى،شۇنىڭدىن تارتىپ كىشلەر ۋېبونى مانجىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا ئېغىپ كىتىدۇ دەپ ئويلايدىغان بولدى. لېكىن فۇبوۋاي بىلەن ۋېبونىڭ ياخشى دوسلاردىن ئىكەنلىگى ھەقىقەت.ۋېبو دەم ئېلىشقا چىققانلىقىنى جاكارلىغاندا بىر فۇبوۋايلا ئۇنىڭغا بەخت تىلىگەن ،ۋە قىزىل ئالۋاستىلارنىڭ كىيمىگە ۋېبونىڭ ئىسمىنى يېزىپ سوۋغا قىلغان،ۋە ئىنگىلاند بىرلەشمىسى ئۈچۈن ئۆز ۋەزىپىسنى ياخشى ئادا قىلغانلىقىغا چوڭقۇر رەخمىتىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئەمىلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ۋېبو ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە رېپىرلىق قىلغان پۈتكۈل مۇساپىسىدە جەمئى ھۆكۈم قىلغان نوقتا توپ 54.بۇنىڭ ئىچىدە قىزىل ئالۋاستىلارغا ھۆكۈم قىلغىنى پەقەت 9توپ.%17نى ئىگەللىگەن .ئېغىپ كەتتى دىگەن گەپنىڭ قايىل قىلىش كۈچى يوق.

ۋېبونىڭ كەسپى ھاياتىدا ئىرىشكەن ئەڭ چوڭ نەتىجىلىرى:

            BbsImg142034384460724_500-705.jpg
2009-يىلى ئىنگىلاند بىرلەشمىسى ئىچىدە ئەڭ مۇنەۋەر باش رىپىر مۇكاپاتىغا ،خەلقئارا ئەڭ مۇنەۋەر رىپىر مۇكاپاتىدا 3-لىككە ئىرىشكەن
2010-يىلى ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر باش رىپىر مۇكاپى ۋە ئىنگىلانىد بىرلەشمىلىرى ئىچىدىكى رىپىرلار رەت تەرتىۋىدە 1-ئۇنغا تىزلىشى.
2010-يىللىق دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياش ،ئەڭ مۇنەۋەر باش رىپىرلىق شەرىپى.

2011-يىلى ئەنگىلىيە خان جەمەتى تەرىپىدىن دۇنيا پۇتبولچىغا قوشقان تۆھپىسىنى قۇتلۇقلاش يۈزۈسىدىن تۆھپە ئوردۇنغا ئىرىشكەن.ۋە خەلقئارا ئەڭ مۇنەۋەر رىپىر مۇكاپاتىدا 2-لىككە ئىرىشكەن.
2012-يىلى خەلقئارا ئەڭ مۇنەۋەر رىپىر مۇكاپاتىدا 3-لىككە ئىرىشكەن.
2013-يىلى خەلقئارا پۇتبول تارىخى ۋە سىتاستىكا ئۇيۇشمىسى  70نەچچە دۆلەت بىرلەشمىسى ئىچىدىن يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر رىپىرنى تاللاپ چىققان نەتىجىدە ۋېبو 1-ئۇرۇندا تۇرغان.


كەسپى ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىشى:

      BbsImg142034240627867_468-405.jpg
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىنگىلاند پۇتبولچىلار جەمئىيتى ئورگان تورىدا تاقىرباش رىپىر ۋېبونىڭ رىپىرلىق ساھەسىدە كۆرسەتكەن 25يىللىق تۆھپىسىگە رەھمەت ئېتىپ تاقىرباشنىڭ رېپىرلىق ساھەسىدىن چىكىنىپ چىققانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. ھەم ۋېبونىڭ كىيىنكى قەدەمدە ئىنگىلاند بىرلەشمىسى دە تېخنىكا باش نازارەتچىسى بۇلۇپ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.2013-يىللىق دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى،2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى ،ۋە 2014-يىللىق ئىنگىلانىد بىرلەشمىسى مۇسابىقىلىرى ۋېبوغا نىسپەتەن ئەڭ ياخشى ئۇزۇتۇش مۇراسىمى بولدى. ۋىبو ئىنگىلانىد بىرلەشمىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى، ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى ،دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە باش رىپىرلىق قىلغان ئىنگىلاند رىپىرى بۇلۇپ ئەنگىلىيە تارىخىغا ئىسمى يېزىلدى.ھەم ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە 10يىل دەۋىر سۈرگەن ئەڭ مۇنەۋەر رېپىرلارنىڭ بىردىنبىر ۋەكىلى بۇلۇپ قالدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 8مۇنبەر پۇلى +310 تۆھپە +25 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
laqin1 + 50 قالتىس!
XATKAR886 + 50 قالتىس!
باقاۋۇل + 50 قالتىس!
بېرنابۇ + 10 + 5 + 10 قالتىس!
9مۇرادىل + 50
isyanqi + 50 قالتىس!
تۈمەن + 50 + 10 قالتىس!
shemsherwaz + 10 ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-7 13:38:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇنىڭ چېكىنىشى ئېنگلانىد بىرلەشمىسىگە نىسبەتەن بىر يۇقىتىش بولدى دەپ قارايمەن . ئېنگىلانىد بىرلەشمىسىدە كۈچلۈكلەر ئۇچىرىشىشىنى ئاساسەن مۇشۇ چالاتتى ، دىمىسىمۇ بەك كەسكىن ، بەك ئادىل چالىدۇ . ئۇنىڭ مانچىستىرغا مەستانىلىقى ھەقىقەت ، بىراق ئۇ ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماي ، مۇسابىقىدە ئادىل چالىدۇ . خۇددى جەنجۈنگە ئوخشاش ، ئۆزى لىۋېرپولنىڭ مەستانىسى بىراق مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە ھىچقاچان لىۋېرپولغا ئېغىپ كەتمەيدۇ ، ئوتتۇردا تۇرۇپ مۇسابىقە چۈشەندۈرىدۇ . شۇڭا مۇشۇنداق كىشىلەر ئاسانلا ھەممە ئادەمنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ ...

ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدا لاتارىيە ئالىدىغان چاغدا ، ئۈلكەر بىلەن چاقچاقلىشىپ : ئاداش بۈگۈن مانچىستىرنىڭ مۇسابىقىسىگە ۋىبو پۈشتەك چالىدىكەن دىسەم ، ھە ئۇنداق بولسا مانچىستىرغا جىقراق دەسمىي سالايلى دەپ مانچىستىرغا تىكىۋالىتۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-7 08:46:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگىچە كارتا چىقىرىش ئادىتى بار تېرىنىر شۇغۇ بۇ ؟..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-7 09:27:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبولچىلارنى تۇنۇيدىكەنمەن…لىكىن رىپىرلارنى پەقەت تۇنمايدىكەنتۇقمەن…رەھمەت تۇنۇشۇم  تېخىمۇ  مۇكەممەللەشتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-7 09:47:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاقىرباش رىپىرلارغۇ بەك كۆپ،     لىكىن بەكەرەك تۇنۇلۇپ نامى چىكەتكىنى مۇشۇ ئىككىسى.........................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-7 09:55:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىپىرلانىڭ ئىچىدە بەكاراق تۇنۇيدىغىنىم مۇشۇ رىپىركەن…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-7 09:58:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رېپىر دەڭ، جىق يەردە تىرېنېر بولۇپ قاپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-7 10:47:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ چىكىنىپتىدە.............................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-7 11:20:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارامغا چىققانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن .......
ياخشى تىما بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-7 11:32:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىپىرلانىڭ ئىچىدە  تۇنۇيدىغىنىم مۇشۇ رىپىركەن…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-7 12:15:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھمۇدىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-7 12:16  

سىپى  ئۆزدىن  مانچېستىېر  مەستانىسى   فۇ  بوۋاينىڭ  چوقۇنغۇچىسى   فۇ  بوۋاي  چىكىنىپ  چېلسىنى  چېن  دىلىدىن  ياخشى  كۆرۈپ  قالغان  ئېدى

ئەپسۇز  بىز  بىلەن  مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-7 12:19:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشىچى پىپوغا بەك ئوخشايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-7 12:21:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرلىك تىما بولۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 00:19

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش