akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1791|ئىنكاس: 64

تىرىشقان تاغ ئاشار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 18:47  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى، كەمىنە بېرنابۇدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!
ئالدى بىلەن مۇنۇ تېمام توغۇرلۇق ئىككى كەلىمە ئىزاھات بېرىۋەتسەم. ھەممىڭلارغا مەلۇم، مەن خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق سادىق مەستانىسى، مۇشۇ كوماندىدا ئۇزۇندىن بېرى كىرىستىيانو رونالدو مېنىڭ ئەڭ قىززىق تېمام سۈپىتىدە پات-پات مۇنبەرداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ كەلمەكتە. ئەمدى بۇ تېمىغا كەلسەم، 2014-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 3 نامزاتى ئېلان قىلىنغاندا رونالدو توغۇرلۇق يازغان بۇ تېمامنى ئەسلى بىر ئاي بۇرۇنلا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشۈم كېرەكتى. ئەمما كۆڭلىمدىكى نۇرغۇن ئىختىلاپ سەۋەپلىك تاكى بۈگۈنگىچە ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. بۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىككى سەۋەبى بار. بىرى، بۇ تېمامدا مەيلى مەزمۇن قۇرۇلمىسى، ياكى چۈشەندۈرمەكچى بولغان مەركىزى ئىدىيە بولسۇن، كۆڭلىمدە يەتمەكچى بولغان نىشانغا ئازىراق يېقىنلىشالىدىم، لېكىن تولۇق يېتەلمىدىم دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە مۇنبەردە ئېلان قىلغاندىكىن كەڭ توپخۇمارلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىغا مەلھەم بولغۇدەك، ھېچبولمىسا ئادەمگە ئويلىنىش ئېلىپ كېلەلىگۈدەك تېما پۈتتۈرۈپ چىقمىسام ئۆزۈمنىڭ ئەمگىكىدىنمۇ تازا يېتەرلىك سۆيۈنۈش ھېس قىلالمايمەن. بۇ تېمامنى شۇ يېزىلغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يوللىماسلىقمىدىكى سەۋەپ، بەلكىم سىلەرگە يارىماي قېلىشدىن ئەنسىرىگەن بولۇشۇم مۇمكىن.
كېيىنكى سەۋەپ، شۇنداقلا ئاساسلىق سەۋەپ، بۇ تېمام ئارقىلىق رونالدونى ياقتۇرمايدىغان مەستانىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىراپ قېلىشىمدىن ئەنسىردىم. ھەركىمنىڭ ئۆزى ياقتۇردىغان كوماندا ياكى تەنھەرىكەتچىسى بولىدۇ. باشقىلار ياقتۇرغاننى ياقتۇرماسلىققا ھوقۇقىمۇ بولىدۇ، لېكىن باشقىلار ياقتۇرغاننى چەتكە قېقىش، ھەتاا شۇ توپچىنىڭ مەستانىسىگە قارىتا زەبە بېرىش مۇنبىرىمىزدە ھازىرغىچە ئېغىر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىللەرنىڭ بىرسى. مېنىڭ كىرىستىيانو رونالدونى ماختاپ تېما يازغانلىقىم سەۋەپلىك ئۇنى ياقتۇرمايدىغانلارنىڭ ماڭا زەربە بېرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ تېمىدىن ۋاز كەچكەنىدىم. ھازىر ئويلاپ باقسام، ھەممىسى ئورۇنسىز ئوي-خىياللىرىم ئىكەن. ۋاقىت ۋە ئەمگىكىمنى سىڭدۈرۈپ مۇنبەرگە، مۇنبەرداشلارغا ئاتاپ يازغانىكەنمەن، ئېلان قىلىشتىن ئەنسىرشىم بىھاجەت. مەيلى كىمنىڭ قانداق پىكىردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەندە مەقسەت ۋە ئىدىيە توغرا. تېما يازغان گۇناھىمغا ماڭا زەربە بەرگەنلەرگە سوغۇق كۈلۈپ قويۇپلا ئۆتۈپ كېتىمەن خالاس.
بۇ قانداقتۇر مېسسى بىلەن رونالدونى سېلىشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى پۇتبول دۇنياسىدىكى تۇغما قابىليەتكە ئىگە ۋە ھازىرقى دەۋىردىكى «پۇتبول شاھى» غا ئەڭ يېقىنلاشقان مېسسىدەك بىر چولپاننى ئوتتۇرغا چىقىرىپ تۇرۇپ رونالدونىڭ ئۇنىڭ بىلەن رىقابەتلىشەلىگۈدەك مۇشۇ سەۋىيەنى ھازىرلىشىغا تىرىشچانلىقتىن ئىبارەت بۇ ئامىلنىڭ قانچىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ۋە شۇ تىرىشچانلىقنىڭ كەينىدە يەنە نېمىلەرنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى يورۇتۇپ بېرىشتىن ئىبارەت.
تېمىغا قانداق ماۋزۇ قويۇشنى ھەقىقەتەن بىلەلمىدىم، ئىنكاسلىرىڭلاردا تېمىغا مۇۋاپىق ماۋزۇ ئويلاپ چىقالىغانلىرىڭلار تارتىنماي ئوتتۇرغا قويۇپ باقساڭلار.


*******************************************************************************************************************************


1.jpg
2013-يىلى رونالدو 2010-يىلىدىكى مېسسىغا ئوخشاش يۇقىرى توپ كىرگۈزۈش ئۈنىمىگە تايىنىپ ئالتۇن توپقا ئېرىشتى، ئەمما «ئالتۇن توپ ساھىبى» غا قايىل بولماسلىق، نارازىلىق كەيپىياتى پۇتبول دۇنياسىنى بىر ئالدى. بىر تاغدا ئىككى يولۋاس تەڭ ھۆكۈمرانلىق سۈرىۋاتقان بۇ دەۋىرىدىكى «ئالتۇن توپ» تارقىتىش بولسا بىر قارا يۇمۇرغا ئايلاندى.

2.jpg
5 يىل ۋاقىت نېمىدىگەن ئۇزۇن؟ ئالىي مەكتەپتىكى ئاشىق-مەشۇقلارمۇ ئاللىقاچان ئايرىلىشىپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىشكەندۇ؟ بۇ چاغقىچە قىز ياتلىق بولۇپ باشقىلارنىڭ ئايالىغا، يىگىت ئۆيلىنىپ باشقىلارنىڭ ئېرىگە ئايلىنىپمۇ بولغاندۇ؟ ئەمما رونالدو بىر ئالتۇن توپ ئۈچۈن 5 يىل ناھايتى جاپالىق كۈرەش قىلدى.

3.jpg
داڭلىق ئەرباپلار تولۇق يىغىلغان ئاشۇ كاتتا مۇراسىمدا ئۇ خۇددى ئاخىرى ئۆزى ئەڭ ئامراق كەمپۈتكە ئېرىشكەن كىچىك بالىغا ئوخشاش قاتتىق ھاياجانلاندى، كۆز ياشلىرى چاناقلىرىدىن  ئېتىلىپ چىقتى.

4.jpg
ئەگەر ئالتۇن توپنى بىز بىر ساھىپجامال قىز دەپ تەرىپلىسەك، رونالدو قەتئىي تەۋرەنمەستىن ۋە ئىزچىل ۋاز كەچمەستىن، دەل ئاشۇ ساھىپجامال قىزنى 5 يىل قوغلاشتى.

5.jpg
بۇ جەريانلاردا رونالدو قاتتىق بېسىملارغا ئۇچىردى، نۇرغۇن خورلۇق تارتتى، چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئاشۇ پاكىنەك ھارامزادە ئۇ قوغلىشۋاتقان «ساھىپجامال قىز» بىلەن بىللە يۈرگىلى توپتوغرا 4 يىل بولغانىدى، شۇنداقلا رونالدو قانچە ئۇرۇنسىمۇ، ئاقىۋەتنى بەلگىلەشكە ئامالسىز قالغان، خۇددى قەپەز ئىچىگە سولىنىپ قىمىرلىيالماي قالغان قۇشقا ئوخشاپ قالغانىدى.

6.jpg
بۇ نېمىدېگەن چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىك؟ نېمانچە چىدىغۇسىز ئازابلىق كەچۈرمىش؟ ئەمما ئۇ ھېچقاچان ۋاز كېچىپ باقمىدى، ئىزچىل ئالدىغا قاراپ چاپتى، پەقەت 5 يىل ئىلگىرىكى ئۆزىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن توختىماي چاپتى.

7.jpg
5 يىل ئىلگىرى ئۇ تېخى ياشلىق دەرۋازىسىغا ئەمدىلا قەدەم باسقان، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم دۇنيانىڭ چوققىسىغا چىققان چاغلار ئىدى.

8.jpg
ئۇ چاغدىكى رونالدو ئۆزىنى ناھايتى چوڭ تۇتىۋالىدىغان ھاكاۋۇر، مەنمەنچى ئىدى.

9.jpg
ئۇ چاغدىكى رونالدو تۈلكىنىمۇ ئۇسۇلغا سالىدىغان ھىلىيگەر، «سۇغا سەكرەش» كە،  رەقىپلىرىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا ئامراق ئىدى.

10.jpg
ئۇ چاغدىكى رونالدو قىزلارنى خۇددى كىيىم ئالماشتۇرغاندەكلا يېڭىلاپ تۇرىدىغان ھەدىدىن زىيادە ئۈجمە كۆڭۈل، ھەرگىزمۇ ئەنئەنىۋى مەنىدىكى ياخشى ئەرلەر تىپىدىن ئەمەس ئىدى.

11.jpg
ئۇ كەلگۈسىنى مۇتلەق ئۆزىگە تەۋە، ئۆزىنى پۇتبول دۇنياسىدا تەڭداشسىز ھېس قىلاتتى.

12.jpg
ئاشۇ 2008-يىلى ئۇ ئۆزىگە چۈشىنىكسىز نەزەردە قاراۋاتقان مېسسىنىڭ شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالدىغىنىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى.

13.jpg
2009-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا مېسسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى.

14.jpg
ئەمما رونالدو بۇ خىل ھالەتنىڭ ئۇدا 4 يىلغىچە داۋاملىشىپ كېتىدىغىنىنى چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغان بولغىيتى؟

16.jpg
مېسسى توپ ئۇرۇپ، بارسىلونا غەلبە قىلىدىغان، رونالدو ھالسىزلىنىپ، مادىرىد مەغلۇپ بولىدىغان بۇنداق ھالەت دۆلەت دېربىيسىدا «نورمال ئىش» ھېساپلىنىدىغان بولۇپ قالدى.

15.jpg
شۇنداقلا مېسسى توپ ئۇرۇپ  رونالدونىڭ ئالدىدا تەبىرىكلەش ھەركىتى ئىشلەيدىغان مۇشۇنداق كۆرۈنۈشلەر دائىملىق مەنزىرىگە ئايلاندى.

17.jpg
تىزلىنىپ تۇرۇپ، رەقىبىنىڭ توپ ئۇرغانلىقىغا قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ئامالى قالمىغان رونالدونىڭ بۇ رەسىمى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى چىدىغۇسىز ئار-نومۇسقا ئايلاندى.

18.jpg
مېسسى دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ قالتىس 1-نومۇرلۇق شەخىسكە ئايلاندى، سانسىزلىغان كىشىلەر بولسا رونالدونى ئۇنتۇپ كېتىشكەن ھالدا مېسسىنىڭ مۇۋاپپىقىيتىنى مەدىھلەشتى.

19.jpg
رونالدو بولسا دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تەنتەربىيە يىغىنىدا ھېچكىممۇ نەزىرىگە ئىلمايدىغان «دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، پەقەت شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى بەزلەشكە مەجىبۇر بولدى.

20.jpg
2013-يىلى ياۋروپا يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى باھالاشتا، ھەتتا بىر قېتىم ئۇنىڭغا پەقەت 3 بېلەتلا تاشلانغان بولۇپ، بۇ ئىشمۇ كىشلەرنىڭ ئۇنى «3 بېلەتلىك ئەپەندى» دەپ مازاق قىلىشتىكى بىر قورالىغا ئايلاندى.

21.jpg
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىقى بولسا ئۇنى «ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمەيدۇ» دېگەن ئاتاققا قالدۇردى.

22.jpg
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بۇرات شۇ چاغدا، رونالدونى «چاچ پاسونىنى ئۆزگەرتىشكە ماھىر، مەيداندا باشقىلارغا قوماندان بولغىلى ئۇستا» دەپ مەسخىرە قىلغاندا، ئۇ ناھايتى غەزەپلەنگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ رەقىپلىرىنىڭ ۋاراتاسىغا كىرگۈزگەن ھەر بىر توپى ئارقىلىق جانابىي رەئىسنىڭ سېسىق ئاغزىغىلا ئۇردى.

  23.jpg
چۈنكى ئۇ مەيداندىكى ئىپادىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر قورالى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا كوماندىنى باشلاپ گالاتا ساراينى قەتىل قىلدى

  24.jpg
ھەتتا ئىلگىرىكى كونا ئائىلىسىگىمۇ رەھىم-شەپقەت قىلمىدى.

25.jpg  
ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىگە تاينىپ، ھەر ئىككى ئۇچىرىشىشتا توپ ئۇرۇپ، قىزىل ئالۋاستىلارغا ئەينى چاغدىكى قەھىرىمانىنىڭ ھېلىھەممۇ تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

26.jpg
مېسسى قايتا-قايتا يارلىنىپ ياتقان 2013-يىلى بولسا، رونالدو «توپ كىرگۈزۈش شاھى» غا ئايلاندى.

27.jpg
ئەمما ئاجايىپ قەھىرمانلىق كۆرسەتكەن رونالدو ۋە مادىرىدنىڭ ئىككى قولى 2013-يىلى قۇپقۇرۇق قالدى.

28.jpg  
بىرلەشمىدە بارسىلونا تەرىپىدىن بېسىلىش، ئۇزغۇنلۇقتا دورتىمونىد تەرىپىدىن شاللىنىش، شاھلىقتا مادىرىد ئاتلىتىكىدىن مەغلۇپ بولۇش، بۇ ئۈچ يولدا ھەممىدە يېڭىلىشتەك قىيىن ئەھۋالدا قالغان رونالدو خۇددى پۇتىغا كىشەن سېلىنىپ سەھنىگە چىقىرىپ قويۇلغان ئۇسۇلچىغا ئوخشاپ قالدى.

29.jpg
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بايرىننى باشلاپ 5 لوڭقىغا ئېرىشكەن رىبىرى 2013-يىلدىكى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى ئىدى.

30.jpg
ئەمما 8-ئايدىكى «3 بېلەت ۋەقەسى» رونالدونىڭ ئالغا ئىلگىرلەشتىكى ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمىدى، ئەكسىچە بۇ خىل مەغلۇبىيەت ئۇنى تېخىمۇ كۈچلەندۈردى.

31.jpg
شېۋىتسىيە بىلەن بولغان ھايات-ماماتلىق جەڭدە رونالدو رىبىرىنىڭ پۇرسىتىنى ئۈزۈل-كېسىل بەربات قىلدى.

32.jpg
2013-يىلىدىكى ئالتۇن توپ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان رونالدوغا بېرىلدى. 2010-يىلى مېسسى يۇقىرى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىگە تايىنىپلا، ھېچقانداق چېمپىيۇنلۇق غەلبىسى يوق ئەھۋالدا دۇنيا چېمپىيۇنى ئىنېستا، دۇنيا لوڭقىسى مەرگىنى سىنېيدىرلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، ئالتۇن توپقا ئېرىشكەندە كىشىلەر مېسسىنى نېمىلەرنى دېمىگەن؟ مانا بۇ ئەھۋال 2013-يىلى رونالدونىڭ بېشىغا كەلدى.

33.jpg
ئىلگىرى رونالدو مەستانىلىرى ھېچقانداق چېمپىيۇنلۇق نەتىنجىسى يوق مېسسىنىڭ ئالتۇن توپقا ئېرىشىشىگە قارىتا نارازىلىقتا بولۇپ، مېسسىنى تىللىغان بولسا، بۇ قېتىم بۇ «تەلەي» ئۆزلىرىنىڭ مەستانە توپچىسىنىڭ بېشىغا كەلگەندە، يەنىلا مېسسىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ: «مېسسى ئېرىشسە بولىدىكەن، رونالدو ئېرىشسە بولمامدىكەن؟» دېيىشتى.

34.jpg  
مانا بۇ ھالەت تەڭدىشى يوق «بىر تاغدىكى ئىككى يولۋاس» بەرداشلىق بەرمىسە بولمايدىغان رېئاللىققا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ تەڭداشسىزلىقى پۇتبولنىڭ كوللىكتىپ خارەكتىرىنى ئاجىزلاشتۇرۋەتتى.

36.jpg  
مانا بۇ رونالدو، مانا بۇ داۋاملىق يىغلايدىغان رونالدو، ئەنە ئۇ ئەينى چاغدا مانچېستېر بىرلەشمىسىنى باشلاپ چېلسىنى مەغلۇپ قىلىپ، تۇنجى قېتىم ياۋروپانىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىسىغا چىققاندا ئۆزىنى تۇتىۋالالماستىن يىغلاپ كەتكەندىكى رەسىم.

37.jpg  
2013-يىلى ئالتۇن توپ تارقىتىش مۇراسىمىدا ئوغىلىنىڭ ئالدىدا، تۈمەنمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇ يەنە ھاياجانلىق كۆز ياشلىرىنى تۆكتى.

38.jpg  
چۈنكى ئۇ مەڭگۈ يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدۇ. شۇڭا ماردىرا ئارىلىدىن كەلگەن ئەينى چاغدىكى بۇ نامىرات ئۆسمۈر ھايات مۇساپىسىدە توختىماستىن يۈگۈرۈپ تاكى بۈگۈنگىچە كەلدى.

39.jpg
چۈنكى ئۇ دادىسىدىن بۇرۇنلا ئايرىلىپ قالغان، شۇڭا دادىسىز كۈنلەرنى بىلىندۈرمىگەن ئاپىسىنى، قېرىنداشلىرىنى، ئۇ دۇنيادىكى دادىسىنى ئۈمىدسىزلەندۈرسە بولمايدۇ.

40.jpg  
رونالدونىڭ ھاياتىدا ھازىر ھەممە نەرسە تەل.

41.jpg  
ئۇنىڭ دۇنياسىدا گۈزەل ساھىپجامال، پۇل-بايلىق، ئېسىل ماشىنا، ئىناۋەت، شان-شەرەپ ھېچقايسىسى كەم ئەمەس.

42.jpg
شۇنداق تۇرۇقلۇق رونالدو قەتئىي توختاپ قالمىدى، ئەكسىچە ھايات مۇساپىسىنى يەنىلا توختىماستىن يۈگۈرۈپ بېسىپ كەلمەكتە. دۇنيا شاھلىقى كۈرىشىدە مېسسى تەرىپىدىن توپتوغرا 4 يىل مەغلۇپ قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ۋاز كەچمىدى.

43.jpg
4 يىل مەغلۇبىيەتنىڭ  تەمىنى يەتكۈچە تارتىپ، ئاخىرى يەنە قايتا دۇنيانىڭ چوققىسىغا چىققان مۇشۇنداق ئادەم ئۈچۈن سىز نېمىشقا ئالقىش-چاۋاكلىرىڭىز بىلەن تەبىرىكلەپ قويمايسىز؟؟؟





2014-يىللىق ئالتۇن توپ ساھىبىنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پۇتبول دۇنياسىدىكى مەن ئەڭ ياقتۇردىغان بۇ چولپاننىڭ كېيىنكى ئىشلىرىغا ئامەت تىلەيمەن!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 28مۇنبەر پۇلى +1495 تۆھپە +40 شۆھرەت +20 تەجرىبە +20 تىللا +3 يىغىش سەۋەبى
jasur316 + 50
ئەلبارىس + 100 قالتىس!
سىرداش + 100 + 5 + 5 + 5 قالتىس! قايناپ قاپسىل.
9مۇرادىل + 50 قالتىس!
sensiz + 50 قالتىس!
فارابى + 50 + 5 + 5 + 5 + 3 قالتىس!
XATKAR886 + 10 قالتىس!
ئاتلان7 + 50
hasanxax7 + 50 قوللاش!
hakan801 + 40 قوللاش!
ھۇررا + 50 قوللاش!
ماھىرچاق + 50 قالتىس!
نېھال11 + 50 قالتىس!
باقاۋۇل + 50 قالتىس!
januzay + 50 قالتىس!
ئابلەتجان + 50 قالتىس!
bughraoghli + 20
muhsin + 50 قالتىس!
ccرونالدو + 50 قالتىس!
بوغدا + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 23:23:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 23:17
ئۇنچىۋالا ئەمەستۇ  ئوقۇغۇچىلىقتا كومپىيوتېرنىڭ ئالد ...

كىچىك زېرەك، دەيمەن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 18:19:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدۇنىڭ بۇ يىلمۇ ھاياجان ياشلىرىنى توكشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 18:21:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى    رونالدو نىڭ توپ ئۇرۇش ئۆنىمى تۆۋەنلەشكە باشلىغاندەك ھىس قىپ قالدىم ئاخشام مادىرىتنىڭ مۇسابىقىسىدە رونالدونىڭ ئىپادىسى پەقەت ياخشى بولمىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 18:21:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ، دىمىسىمۇ رونالدودىكى ئۈزلۈكسىز تىرىشىش توپچىلار ئارىسىدا ئاز تىپىلىدۇ. رونالدو بىلەن مىسسى بولغاچقىلا ھازىرقى پۇتبۇل ساھەسى تالاش-تارتىشقا تولغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 18:30:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما بولۇپتۇ ....جاپا چىكىپسىز !!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 18:33:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turgunjan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 18:19
رونالدۇنىڭ بۇ يىلمۇ ھاياجان ياشلىرىنى توكشىنى ئۈمۈد ق ...

ياش تۆكمەي كۈلسۇن دىگىنە ئۇكام، ئۇنداق دىسەڭ دىگىنىڭ كەپقالمىسۇن يەنە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 18:41:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.......ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 18:42:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا رونالدو بەك جىق ۋاقىت قىينالدى. ھازىر ئۇ تىرىشچانلىقىنىڭ مېۋىسىنى كۆرىشى كېرەك. بەلكىم بۇ يىلنى رونالدونىڭ ئاخىرقى يىلى دەپ ئويلىساممۇ، كۆڭلۈمدىكى قايىللىقىم ھەرگىز ئاجىزلىمايدۇ. رونالدو تىرىشتى. مېۋىسىنى كۆرۈشى كېرەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 18:45:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرشقان تاغ ئاشار، تاشقا مېق قاقار  ماۋزۇسىنى بەك ئويلاپ كەتتىم مەن تاپقىچە باللار تېپىپ بۇلدىغان بولدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-5 18:51:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىكنىڭ ياخشى باھالىرىغا ئېرىشكەنلىكىدىن ناھايتى سۆيۈندۈم، ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 18:52:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈشبۇ تىمىڭىز  تولىمۇ  ئىسىل چىقىپتۇ! جاپا چىكىپسىز!

مۇشۇ  چىكىت بىلەن  مىسسى  بولغاشقىلا  ،  بۇ پۇتبۇل مۇنبىرى  ھەم دۇنيا پۇتبۇل ساھەسى  شۇنداق تالاش -تارتىشقا تولغان!
بۇلار تاراتقۇلارنىڭ  ئولجىسى. بۇلار ئۆزىدىن باشقا چولپانلار  ئالدىدا  بىر «گۇناھكار» «جىنايەتچى»
بۇ ئىككىسى  بولمىغان بولسا  يەنە قانچىلىغان چولپانلارنى  ئەڭ يۇقۇرى سەھنىدە  تونا  بولغىيتۇق!

لىكىن  بۇ ئىككىسى  ھەقىقەتەن بىر  مۆجۆزە!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 18:59:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل ئالتۇن توپنى يەنە رونالدو ئالارمۇ يا .....................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 23:51

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش