akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 978|ئىنكاس: 39

ئىنگىلاندتىكى كۇلۇبلار لەقىمىنىڭ سەرگۈزەشتىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈمەن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 16:54  

پۇتبۇل دۇنياسىدا ھەرقايسى كۇلۇبلارنىڭ تارىخى ۋە شانلىق نەتىجىلىرى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۇلۇبلارنىڭ لەقىمىمۇ بولىدۇ. تۆۋەندە ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى بەزى كۇلۇبلار لەقىمىنىڭ كىلىپ چىقىشى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

1-مانچېستىر بىرلەشمىسى-قىزىل ئالۋاستى
manlian.jpg
قىزىل ئالۋاستى دىگەن نامنىڭ كىلىپ چىقىشى ئاددى جەھەتتىن كوماندا كىيىمىنىڭ قىزىل رەڭلىك بولغانلىقىدىن كىلىپ چىققان. تىخىمۇ چۇڭقۇرلىغاندا بۇ نامنىڭ كىلىپ چىقىشى تۆۋەندىكىدەك: مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئېنگلاند پۇتبۇلچىلىقىدىكى نەتىجىسى ھەقىقەتەن قالتىس، پۇتبۇل مەستانىلىرىمۇ ئۆز كۇلۇبىنىڭ نەتىجىسىدىن پەخىرلىنىدۇ، پۇتبۇل مەستانىلىرى قىزىل ئالۋاستى دىگەن نام بىلەن بىرىكىپ كەتكەن.
دەسلەپتە قىزىل ئالۋاستى دىگەن نام مانچېستىر بىرلەشمىسى مەستانىلىرىنى كۆرسىتەتتى. چۈنكى مانچېستىر مەستانىلىرى مەيلى مىھمان مەيدان ياكى ساھىبخان مەيداندا بولسۇن قىزىل رەڭلىك ئوت ۋە ئىس-تۈتەك بىلەن كوماندىسىغا مەدەت بىرەتتى. كىيىن بۇ نام كوماندا ۋە مەستانىلەرنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ قالغان.
يەنە بىرخىل كۆز قاراشتا قىزىل ئالۋاستى دىگەن نام لېۋىرپۇلنى كۆرسىتىدۇ. لېۋىرپۇل 1901-يىلى قىزىل ئالۋاستى دەپ ئاتالغان. بىراق مىيۇنخىن ئايرۇپىلان ۋەقەسىدىن كىيىن لېۋىرپۇل دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن سىرت ۋەقەدىن كىيىنكى مانچېستىر تىرىنىرى باسبي قىزىل ئالۋاستى دىگەن نامنى مانچېستىرغا ئىلىپ كەلگەن. 1964-يىلى لېۋىرپۇل بىرلەشمە چېمپىيونى بولغان، لىكىن قىزىل ئالۋاستى دەپ ئاتالمىغان.
ئىزاھات: " مىيۇنخىن ئايرۇپىلان ۋەقەسى "
1958-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ، ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مانچىستىر بىرلەشمىسى مېھمان مەيداندا يۈگىسىلاۋىيەنىڭ بىلگىرىد قىزىل يۇلتۇز كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ھەمدە 4:5 ئۇمۇمىي نەتىجە بىلەن ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچقا كىردى . ئېنگلانىد پۇتبولچىلارنىڭ بىرلەشمىسنىڭ مانچىستىرنىڭ شۇ ھەپتىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقە ۋاقتىنى تەڭشەپ بىرىشكە قۇشۇلماسلىقى سەۋەبلىك مانچىستىر كوماندىسى دەرھال ئېنگلانىدقا قايتىشقا مەجبۇر بولدى ، قايتىش سەپىرىدە مىيۇنخىن شەھىرىگە كەلگەندە ماي قاچىلاش ئۈچۈن پەسكە قونىدى ۋە قايتا قوزغىلىش جەريانىدا مەسلە كۈرۈلۈپ ئايروپىلان پاچاقلىنىپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئايروپىلاندىكى 44 كىشىنىڭ ئىچىدە 23 قازا تاپىتى ، بۇ 23 كىشىنىڭ ئىچىدە 8 نەپەر مانچىستىر توپچىسىمۇ بار ئىدى ، بۇ 8 نەپەر مانچىستىر توپچىسىنىڭ ئىچىدە ئېنگلانىدنىڭ ئۈمۈد يۇلتۇزى ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ياش چولپان دۇنكان – ئىدىۋارىسمۇ بار ئىدى .

تىرىنىر مازىف-باسبي
بۇ كىشى ئەنگىلىيەلىك تىرىنىر. 1909-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇغۇلغان. 1928-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى مانچېستىر شەھرى كۇلۇبىغا قوشۇلغان. 1936-يىلى 3-ئايدا 8 مىڭ فونىستېرلىڭ باھا بىلەن لېۋىرپۇلغا قوشۇلغان. 1945-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ تىرىنىرى بولغان. 1956، 1957-يىللىرى كوماندىنى يىتەكلەپ بىرلەشمە چېمپىيونى بولغان. ”  مىيۇنخىن ئايرۇپىلان ۋەقەسى “دىن كىيىن كۇلۇب ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغان. مانچېستىر بىرلەشمىسىگە 23 يىل تىرىنىرلىق قىلىپ، 1968-1969-مۇسابىقە پەسلىدىن كىيىن چىكىنگەن. 1994-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋاپات بولغان.

2-چېلسى  كۆك ئارمىيە، دىڭىز يىمەكلىكى
qilsi.jpg
كۆك ئارمىيە دىگەن نام چېلسىنىڭ كىيىم رەڭگىگە ئاساسەن كىلىپ چىققان. دىڭىز يىمەكلىكى دىگەن نامنى ھازىر كۆپ كىشىلەر ئىشلەتمەيدىغان بولدى. لىكىن چېلسى بۇ نامدىن تولۇق قۇتۇلغىنى يوق.
بۇ نامنىڭ كىلىپ چىقىشى بولسا: دىڭىز يىمەكلىكى چېلسى يىزىسىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مىھمانخانا ۋە ئاشخانىلاردا چېلسى دىڭىز يىمەكلىكى چىقىرلاتتى، شۇڭا ئەنگىلىيەلىكلەر چېلسىنى دىڭىز يىمەكلىكى دەپ ئاتايدۇ.

3-لېۋىرپۇل  قىزىل ئارمىيە
liver.jpg
قىزىل ئارمىيە دىگەن نامنىڭ كىلىپ چىقىشى لېۋىرپۇل كوماندىسىنىڭ كىيىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1888-يىلى ئېنگلاند بىرلەشمىسى قۇرۇلغان، لېۋىرپۇل شەھرىدىن پەقەت ئېۋىرتۇن كوماندىسىلا بىرلەشمىگە قاتناشقان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئانفىلد مەيدانىنى ئىجارىگە ئىلىپ ئىشلەتكەن. 4 يىلدىن كىيىن كوماندىدىكى كۆپۈنچە توپچىلار ئانفىلد مەيدانىنى ئىجارىگە ئالماسلىق قارارىغا كەلگەن. ئۇلار گولدسان باغچىسىغا يۆتكەلگەن. پەقەت 3 توپچى ئانفىلد مەيدانىدا قالغان، ئۇلار شوتلاندىيەدىن بىر قىسىم توپچىلارنى تەكلىپ قىلىپ لېۋىرپۇل كوماندىسىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇلار ئېۋىرتۇننىڭ كىيىمىدىن پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەمدە شوتلاندىيەلىكلەرنىڭ ئامراق رىڭىنى ئاساس قىلىپ ساھىبخان مەيدان كىيىمىنى قىزىل رەڭ قىلىپ لاھىيلىگەن.
نەچچە ئون يىلدىن بىرى قوشماق مانچېستىر، چېلسى ۋە ئارسىنال ئېنگلاند بىرلەشمىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلدى. لىكىن يۈز نەچچە يىللىق تارىخقا قارىساق لېۋىرپۇل ئەڭ ئۇتۇق قازانغان كۇلۇب ھىسابلىنىدۇ. ئۇلار 5 قىتىم ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونى، 18 قىتىم بىرلەشمە چېمپىيونى بولغان.

4-ئارسىنال  قۇرال-ياراق زاۋۇتى، قۇراللىق ئەسكەر
ar.jpg
ئارسىنال دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى دەل قۇرال-ياراق زاۋۇتى. ئەمىلىيەتتىمۇ ئارسىنال نامى قۇرال-ياراق زاۋۇتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 1886-يىلى 10-ئايدا نوتتىڭھام ئورمان كوماندىسىنىڭ ئىككى توپچىسى ئارسىنال زاۋۇتىغا ئىشلەشكە كىلىدۇ، ئەسلى ئۇلار ئارسىنالغا ئىشلەشكە كەلگەن لىكىن ئۇلار باشقا كوماندىدىن كەلگەن يەنە بىر توپچى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قىلىپ زاۋۇتتا بىر كوماندا تەشكىللىگەن، كۇلۇب قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتتا ئاران 15 ئادەم بار ئىدى، كىيىن توپچىلار بۇ كۇلۇبنى راۋاجلاندۇرغان.
يەنە بىر نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى
ۋىنگىر ئارسىنالغا تىرىنىر بولغاندىن كىيىن، ئارسىنال كۇلۇب تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ئارسىنال كوماندىسى قۇرال-ياراق زاۋۇتى توپچىلىرى بولسا قۇراللىق ئەسكەر دەپ ئاتالغان.

5-ئېۋىرتۇن  توففى كەمپۈتى
everton.jpg
تەخمىنەن 125 يىل ئىلگىرى ئېۋىرتۇن كوماندىسىنىڭ توپچىلىرى بىر قىتىملىق مۇسابىقىدىن كىيىن تاتلىق-تۈرۈم دۇككىنىدا توففى كەمچۈتى يەپ پاراڭلاشقان، شۇنىڭ بىلەن توففى كەمچۈتى كوماندا لەقىمى بولۇپ قالغان.
يەنە بىر قاراشتا ئېۋىرتۇن كۇلۇبى گولدسان باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە كوماندا كىيىمىنى كىيىپ كەلگەن ئاياللارغا توففى كەمچۈتىنى ھەقسىز بەرگەن، شۇڭا توففى كەمپۈتى كوماندا لەقىمى بولۇپ قالغان.

6-ساندىرلاند  قارا مۈشۈك
sandir.jpg
كۆپ ساندىكى مەستانىلەر قارا مۈشۈكنىڭ ساندىرلاند كۇلۇبىنىڭ قۇت بەلگىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇنداقتا بۇ قارا مۈشۈك دىگەن نام قانداق كىلىپ چىققان ؟
1937-يىلى ئېنگلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ساندىرلاند كوماندىسىنىڭ بىللي-موررىس ئىسىملىك مەستانىسى قارا مۈشۈكىنى ئىلىپ مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەن، مۇسابىقىدە ساندىرلاند كوماندىسى غەلبە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن قارا مۈشۈك ئامەت ئىلىپ كەلدى دەپ قارىلىپ، قارا مۈشۈك كۇلۇبنىڭ قۇت بەلگىسى بولۇپ قالغان.

7-نيۇكاستىل  سىغىزخان
nukas.jpg
سىغىزخان نيۇكاستىل كۇلۇبىنىڭ قۇت بەلگىسى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە سىغىزخان ئامەت ئىلىپ كىلىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت نيۇكاستىل كوماندىسىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى ئاق-قار رەڭلىك، سىغىزخاننىڭ رەڭگىمۇ ئاق-قارا رەڭ.

8-غەربىي ھام   بولقا
westham.jpg
غەربىي ھام ئەسلى بىر ئىشچىلار دەرىجىسىدىكى كوماندا ئىدى. 1900-يىلى كوماندا قۇرۇلغاندا كوماندىنىڭ بەلگىسىنى ئىشچىلار ياساپ بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئىشچىلار بولقىنى كوماندا بەلگىسى قىلىپ لاھىيلىگەچكە، بولقا كۇلۇب لەقىمى بولۇپ قالغان.

9-بىلەكبىرن  سەرگەردانلار
black.jpg
ئەمىلىيەتتە ئەنگىلىيەدە نۇرغۇن كوماندىلار سەرگەندانلار دەپ ئاتىلىدۇ، بىلەكبىرن كۇلۇبى ئەڭ دەسلەپتە سەرگەردانلار دەپ ئاتالغان. بۇ كوماندىنىڭ ئەتىرگۈل دەپ يەنە بىر نامىمۇ بار، چۈنكى كوماندا بايرىقىدا ئەتىرگۈل بار.

10-مانچېستىر شەھرى   شەھەرلىكلەر، كۆك ھىلال ئاي قوشۇنى
101.png
مانچېستىر شەھرىدە ئىككى مانچېستىر كۇلۇبى بولغاچقا مانچېستىر شەھرى شەھەرلىكلەر دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى بولسا كوماندا كىيىمىنىڭ رەڭگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

11-توتتىنھام رىس   ئاق رەڭلىق گۈلسامساق
6154.jpg
بۇ نامنىڭ كىلىپ چىقىشى توتتىنھام رىس كوماندىسىنىڭ كىيىمىنىڭ رەڭگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
   ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىش مەزگىلىدە (1500-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى) ئەنگىليەدە شاكىسپىر دەپ داڭلىق بىر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىدە 哈里-热刺 دەپ بىر ئادەم تىلغا ئېلىنغان . Hotspur دىگەن ئېنگىلىزچە مىجەزى ئىتتىك ئادەم دىگەن مەنىدە بۇلۇپ ، شۇ كىشىنىڭ خاراكتىرىنى ئىپادىلەپ بەرگەن . ئەسەردە بۇ كىشىنىڭ لوندون شەھىرىنىڭ توتىنھام رايۇنىدا نۇرغۇن يەر زېمىنلىرنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان ، شۇڭا توتىنھام كۇلۇبى قۇرۇلغاندا كوماندىنى بۇ كىشىنىڭ ئىسىم بىلەن ئاتاشنى لايىق تاپقان بىراق شۇ ۋاقىتتا لوندوندا يەنە بىر كوماندا " لوندون رىس " كوماندىسى دەپ ئىسىم قۇيۇپ بولغاچقا ، بۇلار ئۆزىنىڭ رايۇنىنىڭ ئىسىمى بۇيىچە " توتىنھام رىس " كوماندىسى دەپ قويغان . كوماندا گىربىدىكى ئاۋۇ خوراز ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان 哈里-热刺 دىگەن كىشىنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان سوقاشچى خورىزى بۇلۇپ ، شۇڭا بۇ خوراز ئاخىرىدا توتىنھامنىڭ كۇلۇب  گىربىگە بېسىلغان ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 14:52:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق تېمىنى تەرجىمە قىلماق تەس..ياخشى يېزىلىپتۇ....مەنمۇ ئىلگىرى ئىككى تېما يازغان .....قىزىقارلىق..كۈرۈپ قۇيۇڭلار قەدىردان دوستلار ..............

/forum.php?m ... 6%D9%84%DB%95%D8%AA

/forum.php?m ... 4%D8%A7%D8%B3%DB%95
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 13:44:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 14:02  

  .بۇ ئىشلاردىنمۇ خەۋەرداربولدۇق.   تارىخ بەتلىرگە قارايدىغان بولساق ئارسنال ئۆتمۈشتىكى ئۇرۇش دەۋىرلىردىمۇ  ئېنگىلانتىڭ غوللۇق قورال -ياراق ئوق دۇرا ئىسكىلاتى ئىدى،     بۇ نداق ئاتاش ئارسىنالغا بەك جايىدا قۇيۇلغان،   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 13:47:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىدن قالسا بىلەكبىرن  سەرگەردانلار كوماندىسىنى بەك ياخشى كۆرىمەن بەلكىم شەھەرگە ئوخشاش دەرىجىدە ياخشى كۆرىشىم مۇمكىن..........................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 13:58:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەرلىكلەرنىڭ گېربىدىكى ئاۋۇ مەخلۇق ۋېنگىرغا يامان ئوخشايدىكەن...شۇڭا شەھەرنى ھىلال ئاي دىمەي ‹‹ۋىنگىر››لىكلەر دىسەكمۇ بولغۇدەك
o82jez1si7sss[1].jpg 132748tszuo2solvwt0guu.png
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 14:04:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈمەن بۇرادەرنىڭ قەلىمىگە ئاپرىن ماڭا شەھەرنىڭشەھەرنىڭ كۆك ھىلال ئاي قوشۇنى دىگەن ئىسمى بەك پىچەت ئاڭلىنىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 14:08:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بارسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 16:21  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار باشقۇرغۇچىلار
مەن مۇنبەردىكى بۇرۇنقى ئەزا (ئېسىل)
ئازراق ئىشىم چىقىپ قېلىپ بىر ئايدەك  مۇنبەرگە چىقالمىغان
بۈگۈن مۇنبەرگە چىقسام  پەقەت كىرەلمىدىم مۇشۇنداق چىقىۋالدى مېنى چەكلىۋەتتىڭلارمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 14:09:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تانكىچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 14:10  

ئېسىل ...

  توتىنھامنىڭكىنى مەن قىستۇرۇپ قۇياي : ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىش مەزگىلىدە (1500-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى) ئەنگىليەدە شاكىسپىر دەپ داڭلىق بىر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىدە 哈里-热刺 دەپ بىر ئادەم تىلغا ئېلىنغان . Hotspur دىگەن ئېنگىلىزچە مىجەزى ئىتتىك ئادەم دىگەن مەنىدە بۇلۇپ ، شۇ كىشىنىڭ خاراكتىرىنى ئىپادىلەپ بەرگەن . ئەسەردە بۇ كىشىنىڭ لوندون شەھىرىنىڭ توتىنھام رايۇنىدا نۇرغۇن يەر زېمىنلىرنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان ، شۇڭا توتىنھام كۇلۇبى قۇرۇلغاندا كوماندىنى بۇ كىشىنىڭ ئىسىم بىلەن ئاتاشنى لايىق تاپقان بىراق شۇ ۋاقىتتا لوندوندا يەنە بىر كوماندا " لوندون رىس " كوماندىسى دەپ ئىسىم قۇيۇپ بولغاچقا ، بۇلار ئۆزىنىڭ رايۇنىنىڭ ئىسىمى بۇيىچە " توتىنھام رىس " كوماندىسى دەپ قويغان . كوماندا گىربىدىكى ئاۋۇ خوراز ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان 哈里-热刺 دىگەن كىشىنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان سوقاشچى خورىزى بۇلۇپ ، شۇڭا بۇ خوراز ئاخىرىدا توتىنھامنىڭ كۇلۇب  گىربىگە بېسىلغان ...

بۇنىڭدىن باشقا ياۋروپادىكى ھەر قايسى زەردارلارنىڭ لەقەملىرنىڭ كىلىپ چىقشىغا ئائىت تېمىدىن بىرنى يازىمەن دەپ ئالدىراشچىلىقتىن پەقەت ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن ، ۋاقتى بارلار مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار ماتىريال بىلەن تەمىنلەيىتتىم ، نادىر تېمىدىن بىرسى پۈتۈپ قالاتتى ...




باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
ئەلشىر + 50 ئىسىل ئنكاسكەن

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 14:12:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى، تېما ئېگسى توغرا چۈشنىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-5 14:17:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تانكىچاق يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 14:09
ئېسىل ...

  توتىنھامنىڭكىنى مەن قىستۇرۇپ قۇياي : ياۋروپ ...

ئەگەر ماقۇل كۆرسىڭىز سىز تولۇقلاپ يازغان توتتىنھامنىڭ بۆلىكىنى تېمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ قوياي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 14:19:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈمەن يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 14:17
ئەگەر ماقۇل كۆرسىڭىز سىز تولۇقلاپ يازغان توتتىنھامنى ...


ئەلۋەتتە ماقۇل كۆرىمەن ...

ھېلىمۇ مېنىڭ بىر تېمامدىن ئېلىپلا قۇشۇپ قويغان يېرىڭىزنى بايقاپ قالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-5 14:23:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تانكىچاق يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 14:19
ئەلۋەتتە ماقۇل كۆرىمەن ...

ھېلىمۇ مېنىڭ بىر تېمامدىن ...

ئالامەت يامان جىمۇ سىز، تەرجىمە قىلاي دەپ قارىسام تۇرىدۇ، ۋاقىتنى ئۇتاي دەپ قوشۇپ قويدۇم، توغرا چۈشىنەرسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-5 14:26:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈمەن يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 14:23
ئالامەت يامان جىمۇ سىز، تەرجىمە قىلاي دەپ قارىسام تۇر ...

تۈمەننى ھەپتىسىگە 5 كۈن قامايلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 12:29

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش