ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 921 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا FC-Messi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-5 17:39
بارسېلونانىڭ مۇسابىقسىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى: راست گەپنى قىلغاندا ئېنىرىك رەقىبىنى كۆزگە ئىلمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ توغرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن پۈتۈن جىنى بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما رىئاللىق ئۇنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ ئېنىرىكنىڭ تەن بەرگۈسى كەلمەيۋاتىدۇ. مەيداندا ئىنىستا، شاۋى، پېدرو، سۇيارىز، ئالبا، ماسچېرانو قاتارلىق 6 ئاساسلىق ئادەم بار، قالغان ھەممىسى شاگىرتلار. ناۋادا كۈچ يەتمەيدىغاننى سىزىپ قالسا، مەيداننى قالغان ئۈچ ئەزا بىلەن كۈچەيتكىلى بولىشى تەس، يەنە كىلىپ بۇ چاغدا ئاساس بولۇپ چۈشكەن پېشقەدەملەرنىڭ بەدەن قۇۋىتى خوراپ بىر يەرگە بېرىشى مۇمكىن.
ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە غالجىر ئىش بۇزىۋاتىدۇ، ئەمما غالجىردىن نەچچە ھەسسە ياخشى پېدرو دائىم غالجىرنىڭ زاپىسى بولىۋاتىدۇ. بۇ زورلاپ 83 مېلىيوننىڭ كۈچىنى سىقىپ چىقىرىشمۇ قانداق؟ بۇمۇ بىر دائىملىق خاتالىق بولۇپ قالدى. مېسسى مەيدانغا كىچىكىپ چۈشتى، تېخىمۇ چاتاق يېرى ماسلىشىدىغان پېدرو نېيمارغا ئورۇن بوشۇتۇپ، غالجىر مېسسىنىڭ ئورنىدا بىزىرىپ تۇرىۋەردى، مېسسى قېرىشقاندەك يەنە ئوتتۇرا مەيداننى كىزىپ يۈردى. بىر نەچچە قېتىملىق پۇتىغا توپ چۈشۈش جەريانىدا ئادەمنى چۈچۈتكىدەك ماھارەت بىلەن بۈسۈپ كىرگەن بولسىمۇ، چوڭ ئاپتۇبۇسقا ئۈسىۋىلىپ ئامال قىلالمىدى. بۇ چاغدا ئىنىستا بىلەن شاۋى ئاللىقاچان بەدەن قۇۋۋىتىنى خورىتىپ تۈگىتىپ بولدى. مۇشۇنداق شارائىتتا غالجىر مېسسى ئاكىسىنىڭ بىر نەچچە توپىنى ئىلەشتۈرىۋەتتى، ئاخىرىدا توپ ئۇرۇش ئىستىكىدىن توختاپ ياردەمچى پاسقا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئاللىقاچان كېچىكتى. شۇنىڭ بىلەن ئالبانىڭ بۇ پەسىلدىكى سۈيۈملۈك ئىككىنچى قېتىملىق خايىن توپى بىلەن مەغلۇپ بولدۇق. ئېنىرىكتەك ھاكاۋۇر، جايىل ھەم تەجربىسىز تېرىنېر يوقالمىغۇچە، سۇ غالجىر مېسسىنىڭ ئورنىنى بوشاتمىغۇچە، ئالۋىس ئەپەندى مەسىنى كىيىۋىلىپ ئوڭ تەرەپتىن ئوتتۇرىغا قالايمىقان ئېگىز توپ چىقىرىشىنى توختاتمىغۇچە (بۇ پەسىلدە ئالۋىس پۈتۈنلەي مۇشۇنداق قىلىپ چىقتى، ئەمما ھازىرغىچە بىر تىيىنلىق ئۈنىمى كۆرۈلمىدى بۇ ئۇسۇلنىڭ) بۇ ئىش تەكرارلىنىشى مۇمكىن. |
|