ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2356 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۇغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-5 01:56
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى!
گپنى قىسقىلا قىلاي. مۇنبەردىشىمىز خوشخۇينىڭ پارتلاش خارەكتىرىدىكى ئىنكاسىدا مۇنبەردىشىمىز زىرەك كاتتا خوش خەۋەر، پارتلاش خارەكتىرلىك خەۋەر دىگەن تىمىلارنى كۆرگەندىن كىيىن مۇنبىرىمىز قۇشاقچىسى مىسسى 2 مۇئەللىمنىڭ قاپىيە ئويناشلىرىغا تەقلىد قىلىپ ئاتۇم بومبىسىدەك خەۋەر دىگەن ئىنكاسنى يېزىپتىكەن. شۇڭا بۇ ئىسىمنى قويدۇم.
يەنە بىرى بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاتوم بومبىسىدەك خەۋەر. مۇنبىرىمىز لاتارىيەخانىسىدا ئەزەلدىن ھەقىقى مۇسابىقىلەرگە لاتارىيە ئېچىلىپ كەلگەن. بۇ قېتىم ئەڭ چوڭ مۇسابىقىگە يەنە كىلىپ توپ تىپىلمەيدىغان شەرەپ مۇسابىقىسىگە لاتارىيە ئاچماقچىمىز. يەنى ئالتۇن توپ نەتىجىسىنى پەرەز قىلىش!
مۇنبىرىمىزدە رونالدو، مىسسى مەستانىلىر نۇرغۇن. ئەلۋەتتە قاتىل گىرمانىيە، بايرىن مەستانىلىرى بار. كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ قىزغىنلىقىنى قوللاش ۋە شارائىت يارتىش يۈزىسىدىن بۇ لاتارىيە ئېچىلماقچى.
كىرىستىيانو رونالدو 2014-يىلىنى مول-ھۇسۇل ئىچىدە ئۆتكۈزدى، ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسدە 17 توپ ئۇرۇشتەك ئەلا نەتىجىنى ياراتتى. شۇنداقلا ئۇدا تۆت پەسىل ئۇرغان توپ سانى 60 تىن ئاشقان بىردىن-بىر توپچى بۇلۇپ قالدى.
مىسسى گەرچە لوڭقا سانىدا تەلىيى كەلمىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەمەلى كۈچى ھەممىگە ئايان. 4 ئالتۇن توپ ئۇنىڭغا بىرىلگەن ئەڭ يۇقىرى شەرەپ. 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇ ئارگىنتىنا كوماندىسىنى يىتەكلەپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئېلىپ كىردى. ناۋادا ھەل قىلغۇچتا پامپاس بۈركۈتلىرى قاناتلىرىنى كېرىپ زەپەر قۇچقان بولسا بەلكىم بىز يىڭى بىر پۇتبول شاھىغا گۇۋاھچى بۇلاتتۇق.
نويىر مەيلى بايرىن كوماندىسىدا بولمىسۇن ۋە ياكى گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدا بولمىسۇن مۇقىم ئىپادىسى بىلەن گىرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۇزغۇنى، تىلگىراف لوڭقىسى ئۇزغۇنى، گىرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە ھەممە ئۆمۈر بۇيى ئارزۇ قىلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى ئۇزغۇنى شەرىپىگە ئىرىشتى. ئىپادىسى ھەقىقەتەنمۇ قالتىس.
لاتارىيە ئىقتىدار چەكلىمىسى تۈپەيلى ئىككى گىگانىت چولپان ساھىپخان ۋە مىھمان كوماندا نامىدا ئېلىنىدۇ. تەڭلىشىش دۇنيا لوڭقىسى ساھىبى نوئىرغا تەۋە! قەتئىي خاتالاشمىغايسىلەر!
قۇشۇمچە:
ئالتۇن توپ تارقىتىش ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 01:00 ، ئىھتىيات يۈزىسىدىن لاتارىيە ۋاقتى 1 كۈن ئالدىغا سۈرۈلىدۇ! ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت! |
|