ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 84 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ۋاڭيى تورى . 1-ئاينىڭ3-كۈنى خەۋىرى .
روژىستىۋا بايرىمىلىق دەم ئىلىشنىڭ ئالدىدا ئەنچىلوتتى شاگىرتلىرىغا پۇتبولنى ئۇنتۇپ خوشال ،ئازادە دەم ئىلىشنى ئەسكەرتكەن بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بېنزىما كەرىم مۇستافا ئوغلى پۇتبولنى ئۇنتۇش بىلەن بىرگە ، كۇلۇپنىڭ قائىدە نىزاملىرىنىمۇ بىراقلا ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان . دۇبەيدە دەم ئېلىۋاتقان بېنزىما بىر قىتىملىق يۇقىرى ئېگىزلىكتىن سەكرەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋە كەسپى پاراشۇتچىنىڭ يىتەكلىشى ئارقىسىدا ئىككى ئادەم بىر پاراشۇتتا سەكرىگەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خەتەرلىك ئويۇننىڭ پەيزىنى سۈرگەن . ئارلىقتا يەنە بىر پاراشۇتچى رەسىم تارتىپ ،بۇ رەسىمنى تورغا يوللىۋەتكەن . رەسىمدىن قارماققا كەپسىز بېنزىما ئىنتايىن خوشال كۆرىنىدۇ .
گەرچە ھىچ ئىش بولمىغان بولسىمۇ ،لىكىن بېنزىما كۇلۇپنىڭ جازالىشىغا ئۇچرىشى مۇمكىن . تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارلىشىچە كۇلۇپ ھەرقانداق توپچىنىڭ بۇنداق خەتەرلىك تۈرلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلەيدىغانلىقى ، بېنزىمانىڭ بۇ قىلمىشى كۇلۇپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك ئىكەنلىكى ، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كۇلۇپ بېنزىماغا تەدبىر قوللىنىشى مۇمكىن ئىكەن . ھەممىمىزگە ئايان بۇ بېنزىمانىڭ تۇنجى قىتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشى ئەمەس . 2009-يىلى بىر ئارالدا دەم ئېلىشتا ھاراق ئىچىپ ماشىنا بىلەن ۋەقە سادىر قىلغان ، شۇ يىلى يەنە بىر فاررارى ماركىلىق ماشىنىنى سۈرئىتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ ، دەرەخكە سوقۇلۇپ ماشىنىنى بىراقلا ۋەيران قىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا بېنزىما شەھۋانىيلىق دىلولىرىغا چىتىلىپ قالغان .
بېنزىمادىن باشقا كوماندىدىكى بىرقانچە ئەزالار خەتەرلىك تۈرلەرنى ئويناشقا ئامراق ئىكەن . مۇئاۋىن كاپىتان راموس بۇقا سوقۇشتۇرۇشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ ، ئېلگىرى بىر قانچە قېتىم بۇقا سوقۇشتۇرۇپ بېقىپتىكەن . باش كاپىتان كاشىلياس بولسا كاتىر ھەيدەشكە قىزىقىدىكەن . |
|