ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2159 |
تۆھپىسى: سەر |
|
◆ قوشماق مانچىستىرنىڭ پېپىنى سېتىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، مادىرىد پېپى بىلەن بولغان توختامنى ئۇزارتماقچى
قوشماق مانچىستىرنىڭ مادىرىدنىڭ ئوتتۇرا مۇداپىئەچىسى پېپىنىڭ پىيىدا يۈرۋاتقىنىغا خېلى بولدى. بەلكىم بۇ خەۋەر پېپىنىڭ مادىرىد بىلەن توختام ئۇزارتىشىغا ياردەم بېرىشى مۇمكىن.
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋرىنى نەقىل كەلتۈرشىچە، ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى «پېپىنىڭ كەلگۈسى» دىگەن ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلغان. پېپىنىڭ مادىرىد بىلەن بولغان توختامى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 30 كۈنى توشىدۇ. بىراق مادىرىدنىڭ بۇ 31 ياشلىق تەجىربىسى مول ئوتتۇرا مۇداپىئەچىسىنى قولدىن چىقارغۇسى يوق. قىزىل ئالۋاستى بىلەن مانچىستىر شەھرىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى قوشماق مانچىستىرنىڭ بۇ پورتوگالىيىلىك ئوتتۇرا مۇداپىئەچىگە دېققەت قىلىۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن بولدى، بۇلار مۇۋاپىق پۇرسەت تاپسىلا قول سىلىشى مۇمكىن.
مادىرىد ھازىر 1-ئاينىڭ 5-كۈنى بىرلەشمىنىڭ 17-ئايلانمىسىدا رەت تەرتىپىدە 4-ئورۇندا تۇرۋاتقان شەپەرەڭلەر بىلەن بولغان مۇسابىقىگە جىددى تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بارلىق مادىرىد ئەزالىرىنىڭ بۇ ئۆتۈش قىيىن بولغان ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ ئۇدا غەلبە قىلىش مەيدان سانىنى 22 دىن ئاشۇرۋىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەنچىلوتتى ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتىدىكى «تۇرىن تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تاغىل ئات قوشۇنى بايىرىن مىيۇنخىن ۋە سامان يولى جەڭ كىمىسىگەئوخشاش بۇ يىللىق ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشش ئېھتىمالى ناھايىتى يۇقىرى كوماندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە:« مەن يۇۋىنتۇس كۇلۇبىنىڭ مادىرىد ۋە بايرىن مىيۇنخىنغا ئوخشاش چىمپىيۇنلۇققا خىرىس ئىلىپ كىلەلەيدىغان كوماندا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، بۇ كۇلۇپتا ئەمەلىي كۈچى ئىنتايىن زور ماھىرلار ناھايىتى كۆپ».
◆ ئورگان تورى: پودولىسكى ئىنتىرغاقوشۇلۇش ئۈچۈن مىلانغا يىتىپ كەلدى
1-ئينىڭ 3-كۈنى بىيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 00:00دە ئىنتىر ئورگان تورى بودولىسكىنىڭ مىلان شەھرىگە يىتىپ كەلگەنلىكى توغرسىدا بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەرنى ئاشكارلىدى. بۇنىڭدىن بۇ گىرمانىيىلىك ھۇجۇمچىنىڭ كۆك قارا قوشۇنغا قوشۇلۇشىنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنىلا بۈلدۈرىدۇ.
ئارسىنال جەنۇبى ئامپىتونغا 0-2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۋەتكەندىن كىيىن ئىچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ۋېنگىر ئىتالىيە زەردارى كۆك قارا قوشۇننىڭ ئىككىنچى قېتىم پودولىسكىغا باھا قويغانلىقىنى ئېيتقان. ئىلگىرى ئىنتىر بۇ سودىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلى ئەھۋاللارنى ئاشكارلىمىغان، لىكىن بەزى خەۋەرلەرگە قارغاندا، ئىنتىر ئالدى بىلەن ئىجارە شەكىلىدە بۇ گىرمانىيىلىك ھۇجۇمچىنى قوشۇۋالغان بولۇش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى.
پودولىسكى مىلان ئايرۇپورتىغا يىتىپ كەلگەندە ئىنتىر مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئىلىشىغا ئېرىشكەن، ئۆزىمۇ بوينىغا ئىنتىرنىڭ شارپىسىنى ئارتىۋالغان.
◆ مادىرىد ئالۋاستى مۇسابىقە پەسلىگە قەدەم قويدى
ھەر يىلى 1-ئاينى مادىرد كوماندىسىنىڭ ئالۋاستى مۇسابىقە پەسلى دىيىشكە بولىدۇ. ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىدە ئەنچىلوتتى يىتەكلەۋاتقان مادىرىد كوماندىسى 1-ئايدا جەمئى 9 مەيدان مۇسابىقە(سەككىز مەيدان رەسمى مۇسابىقە، بىرمەيدان پارىژ بىلەن ئوينىغان دوستلۇق مۇسابىقىسى) ئوينىغان بولۇپ، بۇ توققۇز مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلبە قىلغان.
2015-يىلى 1-ئايمۇ يەنە ئىلگىركىگە ئوخشاش مادىرىدنىڭ ئالۋاستى مۇسابىقە پەسلى بولۇپ قالدى. مادىرىدنىڭ بۇ 28 سەككىز كۈندە 9 مەيدان مۇسابىقە ئويناش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولۇپ قالسا ئۇچاغدا مادىرىد كوماندىسى بۇ 1-ئايدا ھەر 3.1 كۈندە بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان بولىدۇ. ھەتتا بۇنىڭ ئىچىدە كىرلىكلىكلەر قوشۇنى بىلەن بولغان ئىككى مەيدان شاھلىق لوڭقىسىنى تالىشش مۇسابىقىسىمۇ بار. ئەگەر مادىرىد بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلسا، ئۇ چاغدا 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا دۆلەت دېربىسىنى كۆرۈش بىزلەرگە نىسىپ بولغىدەك. سەۋەبى شاھلىق لوڭقىسىدا بارسىلونانىڭ رەقىبى بىرلەشمىنىڭ ئاخىرىدا تۇرۋاتقان ئىلچى كوماندىسى بۇ كوماندىنىڭ بارسىلونانى ئۇتۇۋلىشى بەلكىم نەزىرىيە جەھەتتىن باردۇ، بولمىسا مۆجىزە يۈز بېرىپ قالمىسىلا ئۇ چاغدا مادىرىدنىڭ شاھلىق لوڭقىسىدىكى كىيىنىكى رەقىبى بولسا قان رەقىبى بارسىلونا بولىدۇ دىگەن گەپ.
مادىرىد بۇ ئايدا
5-چىسلا مىھمان مەيداندا بىرلەشمىدە 4- ئورۇندا تۇرۋاتقان شەپەرەڭلەر بىلەن 17-ئايلانما؛
7-چىسلا كاردىلوندا كىرلىكلىكلەر قوشۇنى بىلەن شاھلىق لوڭقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچۇرشىشى؛
10-چىسلا بېرنابۇدا ئىسپانىيىلىكلەربىلەن 18-ئايلانما؛
15-چىسلا بېرنابۇدا كىرلىكلىكلەر قوشۇنى بىلەن شاھلىق لوڭقىسىنىڭ 2- ئۇچۇرشىشى؛
18-چىسلا مىھمان مەيداندا گىتافى بىلەن 19-ئايلانما؛
21-چىسلا شاھلىق لوڭقىسى 4\1 ھەل قىلغۇچ تۇنجى ئۇچىرشىش؛ (مادىرىد رىقابەت ئۆتكىلىدىن ئۆتسە، بىرلەشمىدىكى قان رەقىب بارسىلونا بىلەن تۇتۇشۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ.)
24-چىسلا بېرنابۇدا كوردۇبا بىلەن بولغان بىرلەشمە 20-ئايلانما؛
28 ياكى 29-چىسلا شاھلىق لوڭقىسى 4\1 ھەل قىلغۇچ 2-ئۇچۇرشىش؛
31-چىسلا مىھمان مەيداندا خانلىق جەمىيئەت بىلەن بولغان بىرلەشمە 21-ئايلانما؛
بۇلارنىڭ ئىچىدە مادىردنىڭ دۇنياجىنىس رىكورتىنى يىڭىلاشقا ئەڭ چوڭ پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان كوماندا شەپەرەڭ بىلەن كىرلىكلىكلەر. ئەگەر مادىرىد بۇ ئىككى ئىككى ئۆتكەلدىن تولۇق ئۆتۈپ كەتسە ئۇچاغدا دۇنيا جىنىس رىكورىتى خېلى بىريەرلەرگە كىتىشى مۇمكىن.
|
|