akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 811|ئىنكاس: 24

خەير-خوش 2014 (چوڭ ئىشلار خاتىرىسى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىراس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-3 04:40  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم!!!


  2014-يىلى ھەقىقەتەنمۇ ئۇنتۇلغۇسىز بىريىل بولدى. نۇرغۇنلىغان توپچىلار چېكىندى، نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ- غارايىپ ئىشلار يۈزبەردى، دۇنيا لوڭقىسى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى، نۇرغۇنلىغان رىكورتلار يىڭىلاندى ۋە بارلىققا كەلدى، بۇ بىريىل ئىچىدە بەزىلەر كۈلدى، بەزىلەر يىغلىدى بىز ھەممىمىز بۇئىشلارغا شاھىد بولدۇق. ئىشقىلىپ ئاجايىپ بىريىل بولدى. ئەمدى بىز بۇ يىلدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ چىقايلى.







قەھرىتان


1.jpg
1-ئاينىڭ 5-كۈنى، پورتۇگالىيەنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى، 71ياشلىق قارا قاپلان يۇسېبىئو يۈرەك كىسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.


2.jpg
1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ 18-ئايلانمىسىدىكى رېئال مادرىد بىلەن سېلتانىڭ مۇسابىقىسىدە، رونالدو ئىككى توپ ئۇرۇپ كەسپى ھاياتىدىكى 400 توپلۇق ئۆتكەلنى تاماملايدۇ.


3.jpg
1-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئا س مىلان ئورگان تورىدا مەشقاۋۇل ئاللېگرىنىڭ دەرستىن چۈشكەنلىنى ئېلان قىلىدۇ، چۈنكى ئا س مىلان شۇ پەسىلدە بىرلەشمە بويىچە 11-بولغان.


4.jpg
1-ئاينىڭ 14-كۈنى، پورتۇگالىيەلىك ھۇجۇمچى رونالدو رىبىرى ۋە مېسسىنى كەينىدە قالدۇرۇپ ئىككىنچى قىتىم FIFA ئالتۇنتوپ(دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى) مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ.


5.jpg
1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ 20- ئايلانمىسىدا، چېلسى ستامفورد كۆۋرۈكى توپ مەيدانىدا قىزىل ئالۋاستى مانچېستىر بىرلەشمىسىنى 3-0 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىدۇ( ئېيتو قالپاق كىيىدۇ) ۋە بۇمەيدان مۇسابىقە مۇرىنھونىڭ ستامفورد كۆۋرۈكىدىكى 100-مەيدان غەلبىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.( قىززىق يىرى شۇكى مۇرىنھونىڭ 1-ۋە 100-غەلبىسىنىڭ ھەممىسى مانچېستىر بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تاماملانغان).





ھۇت


6.jpg
2-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئېسپانىيە كوماندىسىنىڭ سابىق مەشقاۋۇلى ئاراگونېس 75يىشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ، سەل مۇشۇ مەشقاۋۇل 2008-يىلى ئىسپانىيەنى ياۋروپا لوڭقىسىغا ئىرىشتۈرگەن.


7.jpg
2-ئاينىڭ 24-كۈنى، مانچېستىر بىرلەشمىسى ئورگان تورى رەسمى ھالدا 28ياشلىق روننىي بىلەن 2019-يىلىغىچە توختام ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئۇنىڭ ھەپتىلىك مائاشى ئېنگىلاند بىرلەشمىسى بويىچە ئەڭ يۇقىرى مائاش (300مىڭ فونىستىرلىڭ) بولۇپ قالىدۇ.





نورۇز


8.jpg
3-ئاينىڭ 2-كۈنى، مانچېستىر شەھىرى ساندىرلاننى 3-1 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىدۇ ۋە ئېنگىلاند بىرلەشمە لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.


9.jpg
3- ئاينىڭ 15-كۈنى، بىرازىلىيەلىك ھۇجۇمچى رىۋالدو چىكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلدى.


10.png
3-ئاينىڭ 17-كۈنى، بارسلونا ئوساسۇنانى 7-0 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى قالپاق كىيىدۇ ۋە كۇلۇپ ئۈچۈن كىرگۈزگەن توپى371گە يىتىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى بىرىنچى مەرگەن بولۇپ قالىدۇ.



11.jpg
3-ئاينىڭ 26-كۈنى گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 27-ئايلانمىسىدا، بايرېن مىيۇنخىن بىرلىن ھېرتا كوماندىسىنى 3-1نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ يەتتە ئايلانما بۇرۇن بىرلەشمە چېمپىيونلىقىغا ئىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇدا غەلبە قىلىش ۋە ئۇدا ئۇتتۇرماسلىق رىكورتىنى 19مەيدان ۋە 52 مەيدانغا يەتكۈزىدۇ.






ئۈمۈت



12.jpg
4-ئاينىڭ 5-كۈنى گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 29- ئايلانمىسىدا، ئاۋگس بۇرگ كوماندىسى 1-0 نەتىجە بىلەن بايرېن مىيۇنخىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، گېرمانىيە زومىگىرىنىڭ ئۇدا ئۇتتۇرماسلىق رىكورتىنى 53 مەيداندا توختىتىپ قويىدۇ.



13.jpg
4-ئاينىڭ 17-كۈنى، رېئال مادرىد كۇلۇبى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 2-1 نەتىجە بىلەن بارسېلونانى مەغلۇب قىلىپ، كۇلۇب تارىخىدىكى 19- شاھلىق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.


14.jpg
4-ئاينىڭ 20-كۈنى، فىرانسىيە پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن لېئون كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ 4-قىتىم فىرانسىيە بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئىرىشىدۇ ۋە بىرلەشمە تارىخىدىكى ئەڭكۆپ بىرلەشمە لوڭقىسى ئالغان كۇلۇب بولۇپ قالىدۇ.


15.jpg
4-ئاينىڭ 22-كۈنى، مانچېستىر بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا مويېسنىڭ ئىشتىن چۈشكەنلىكىنى ئىلان قىلىدۇ. ئۇ مانچېستىرنى يىتەكلىگەن 51 مەيدان مۇسابىقىدە 27 ئۇتۇق، 9 تەڭلىشىش ۋە 15 ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە ياراتقان.


16.jpg
4-ئانىڭ 26-كۈنى، ئېسپانىيە زەردارى بارسىلونانىڭ سابىق مەشقاۋۇلى بىلاننوۋا 45 يىشىدا راك كىسىلى سەۋەبىدىن بۇ ئالەمدىن خوشلىشىدۇ.


17.jpg
4-ئاينىڭ 30-كۈنى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ بۆلىكىنىڭ ئىككىنچى قىتىملىق ئۇچرىشىشىدا، رېئال مادرىد كۇلۇبى مىھمان ھالەتتە بايرېن مىيۇنىخىن كوماندىسىنى 4-0 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىدۇ ۋە ئومومى نەتىجە 5-0 ھالەتتە بايرېن مىيۇنخىننى شاللاپ ھەل قىلغۇچقا كىرىدۇ.






باھار


18.jpg
5-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ ھەلقىلغۇچ جىڭىدە، ناپلىس كۇلۇبى 3-1 نەتىجە بىلەن فئورېنتىنا كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ ئىتالىيە لوڭقىسىغا ئىرىشىدۇ.



19.jpg
5-ئاينىڭ4-كۈنى، گىنگامپ 2-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ، فىرانسىيە لوڭقىسىغا ئىرىشىدۇ.



20.jpg
5-ئاينىڭ 6-كۈنى، سۇئارېز پۇتبول قوللىغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ.


21.png
5-ئاينىڭ 5-كۈنى، رىمنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويىشى سەۋەپلىك تاغىل ئات قوشۇنى ئىككى ئايلانما بۇرۇن بىرلەشمە چېمپىيونلىقنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ يۇۋىنتۇسنىڭ 32-قىتىملىق بىرلەشمە چېمپىيونى بولىشى ھىسابلىنىدۇ.


22.jpg
5-ئاينىڭ 8-كۈنى، پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولىدۇ.


23.jpg
5-ئاينىڭ 10-كۈنى، بايرېن مىيۇنخىن كۇلۇبى رەسمىي ھالدا گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولىدۇ.


24.jpg
5-ئاينىڭ 11-كۈنى، لىۋاندوۋسكىي 20 توپ ئۇرۇپ، گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 13-14 پەسىللىك مەرگىنى بولىدۇ.


25.jpg
5-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئېنتىر مىلان كۇلۇبىنىڭ كاپىتانى كۇلۇبتىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسىنى(19 يىللىق ھاياتى ئېنتىردا ئۆتتى) تاماملاپ پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلايدۇ.



26.jpg
5-ئاينىڭ 12-كۈنى، مانچېستىر شەھىرى غەربىي ھامنى مەغلۇپ قىلىپ 27ئۇتۇق، بەش تەڭلىشىش، ئالتە ئۇتتۇرۇش(84نومۇر) بىلەن  ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.


27.jpg
5-ئاينىڭ 15-كۈنى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ ھەلقىلغۇچ جىڭىدە، يۇۋېنتۇس بىلەن سېۋىللا(ئىسپانىيە) كوماندىسى 120مىنۇت ئىچىدە ئاق قەغەز تاپشۇرۇپ، نوقتا توپ جېڭىگە كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سېۋىللا 4-2 نەتىجە بىلەن يۇۋېنتۇسنى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى تۆتىچى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.


28.jpg
5-ئاينىڭ 15-كۈنى، بارسلونانىڭ ئۇنتۇلماس تۆھپىكارى، تۆمۈر بىك پۇيول ئاخپارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ چىكىنگەنلىكىنى قايغۇ ئىچىدە بايان ئەيلەيدۇ.


29.jpg
5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئارسېنال توققۇز يىل بۇيانقى تۇنجى لوڭقىسى — ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.


30.jpg
5-ئاينىڭ 18-كۈنى، بايرېن مىيۇنخىن كۇلۇبى دورتىمۇندنى 2-0 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ، گىرمانىيە لوڭقىسىغا ئىرىشىدۇ.


31.jpg
5-ئاينىڭ 18-كۈنى، مادرىد رىقابەت بارسلونا بىلەن تەڭلىشىپ ئېسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولىدۇ. بۇ مادرىد رىقابەتنىڭ 10-قىتىم بىرلەشمە چىمپىيونى بولىشى ھىسابلىنىدۇ.


32.jpg
5-ئاينىڭ 18-كۈنى، پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى بىرلەشمە تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇر(89) بىلەن بىرلەشمە چېمپىيونى بولىدۇ.


33.jpg
5-ئاينىڭ 18-كۈنى، يۇۋېنتۇس كۇلۇبى 33ئۇتۇق، ئۈچ تەڭلىشىش، ئىككى ئۇتتۇرۇش،  102نومۇر بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بارسلونا ۋە رېئال مادرىدنىڭ 100نومۇرلۇق رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.



34.jpg
5-ئاينىڭ 19-كۈنى، بارسلونا كۇلۇبى داڭلىق ھۇجۇمچى مېسسى بىلەن 2019-يىلى 6-ئايغىچە توختام ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلىدى. توختام ئۇزارتقاندىن كىيىن مېسسىنىڭ يىللىق مائاشى 20مىلىيونغا يىتىپ، رونالدونى 17مىلىيونلىق مائاشىدىن ئىشىپ كەتكەن.


35.jpg
5-ئاينىڭ 20-كۈنى، مانچېستىر بىرلەشمىسى ۋانگالنىڭ باش مەشقاۋۇل، گېگىسنىڭ چىكىنىپ ياردەمچى مەشقاۋۇل بولىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.


36.jpg
5-ئاينىڭ 21-كۈنى، بارسلونا كۇلۇبى رەسمىي ھالدا مەشقاۋۇل ئېنرىك بىلەن ئىككى يىللىق توختام ئىمزالىدى.



37.jpg
5-ئاينىڭ 25-كۈنى، 59-قىتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭى لىسبول نۇرلۇق تەنتەربىيە مەيدانىدە ئىلىپ بىرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مادرىد 4-1 نەتىجە بىلەن مادرىد ئاتلىتكىنى مەغلۇب قىلىپ 10-ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى. رونالدو بولسا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە 17توپ ئۇرۇشتەك رىكورتنى ياراتتى.






سەپەر



u=4232076162,4169383287&fm=21&gp=0.jpg
دۇنيا لوڭقىسى بىرازىلىيەدە قىززىپ كەتتى!!!


38.jpg
6-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئا س مىلان ئورگان تورى ئېنزاگىنىڭ مەشقاۋۇل بولغانلىقىنى، ھەمدە ئىككى يىللىق توختام ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


39.png
6-ئاينىڭ 22-كۈنى، گېرمانىيە بىلەن گانانىڭ مۇسابىقىسىدە كېلوز بىر توپ ئۇرۇپ رونالدونىڭ رىكورتى(15توپ) بىلەن تەڭلەشتى.


40.jpg
6-ئاينىڭ 26-كۈنى، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى سۇئارېزنىڭ مۇسابىقە جەريانىدا ئادەم چىشكىگەنلىكى سەۋەبىدىن توققۇز مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش ۋە تۆت ئايغىچە ھىچقانداق پۇتبول پائالىيىتىگە قاتناشماشلىق جازاسىنى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سۇئارېزنىڭ دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى ئاياقلاشتى.






چىللە



41.jpg
7-ئاينىڭ 8-كۈنى، رېئال مادرىد رىۋايەتلىك توپ چولپىنى دى ستېفانو 88 يىشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.




42.jpg
7-ئاينىڭ 9-كۈنى، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يىرىم ھەلقىلغۇچ بۆلىكىدە بىرازىلىيەنى قان يىغلىتىپ راسا ئۆچىنى ئىلىۋالدى(مۇسابىقە نەتىجىسى ھەممىمىزگە ئايان ). شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 36 ياشلىق كېلوز بۇمەيدان مۇسابىقىدە بىر توپ ئۇرۇپ رونالدونىڭ رىكورتىنى بۇزۇپ، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى بولۇپ قالدى.


43.jpg
7-ئاينىڭ 14-كۈنى، بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ جىڭى ماراكانا پۇتبول مەيدانىدا ئىلىپ بىرىلدى. ئىككى تەرەپ 90مىنۇت ئىچىدە ئاق قەغەز تاپشۇردى، مۇسابىقە 113-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا گوتزې توپ ئۇرۇپ گېرمانىيە 1-0 نەتىجە بىلەن ئارگېنتىنانى مەغلۇپ قىلىپ، تۆتىنچى قىتىم دۇنيا چېمپىيونى بولدى.


44.jpg
7-ئاينىڭ 15-كۈنى، يۇۋېنتۇسنىڭ مەشقاۋۇلى كونتې تۇيۇقسىز ئىستىپا بەردى.


45.jpg
7-ئاينىڭ 17-كۈنى، يۇۋېنتۇس ئاللېگرىينىڭ مەشقاۋۇل بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


46.jpg
7-ئاينىڭ 18-كۈنى، كاپىتان لام(30ياش) دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



47.jpg
7-ئاينىڭ 21-كۈنى، گېرراد ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.







تومۇز


48.jpg
8-ئاينىڭ 2-كۈنى، فىرانسىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى بىيجىڭ لىگوڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئىلىپ بىرىلدى. ئىبراھىموۋىچ ئىككى توپ ئۇرۇپ پارىژ سانت ژىرمان دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى ئالدى.



49.jpg
8-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئارسېنال 3-0 نەتىجە بىلەن مانچېستىر شەھىرىنى مەغلۇب قىلىپ رايون قالقىنى مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولدى.



50.jpg
8-ئاينىڭ 13-كۈنى، رېئال مادرىد بىلەن سېۋىللىيە ئوتتۇرىسىدا ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالىشىش كۈرىشى بولدى، نەتىجىدە مادرىد غەلبە قىلدى.




51.jpg
8-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئارگېنتىنا سان لورىنزو كۇلۇبى جەنۇبى ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقىسىغا ئىرىشتى.




52.jpg
8-ئاينىڭ 23-كۈنى، مادرىد ئاتلىتكا رېئال مادرىدنى مەغلۇب قىلىپ ئېسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا ئېرىشتى.(بۇ كۇلۇبنىڭ 1958-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قىتىم بۇ لوڭقىغا ئىرىشىشى)



53.jpg
8-ئاينىڭ 29-كۈنى، رونالدو ياۋروپا 2014-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.








مىزان


54.jpg
9-ئاينىڭ 21-كۈنى، لەمپارد مانچېستىر شەھىرىگە ۋاكالىتەن بىرتوپ ئۇرۇپ، رىكورت ياراتتى. يەنى:  ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى 39 كۇلۇبقا توپ ئۇرۇش.



55.jpg
9-ئاينىڭ 28-كۈنى، مېسسى گرانادا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئىككى توپ ئۇرۇپ، 400-401-توپلۇق ئۆتكەلنى بىسىپ ئۆتتى.







ئوغۇز


56.jpg
10-ئاينىڭ 11-كۈنى بىيجىڭدىكى قۇش چاڭگىسىدا، بېرازىلىيە 2-0نەتىجە بىلەن ئارگېنتىنانى مەغلۇب قىلىپ جەنۇبى ئامىرىكا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى قولىغا ئالدى.


57.jpg
10-ئاينىڭ 15-كۈنى، 31توپ ئۇرغان سۇئارېز ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.






ئوغلاق



58.jpg
11-ئاينىڭ 3-كۈنى، سۇئارېز بىلەن ئوخشاشلا 31توپ ئۇرغان رونالدو ئالتۇن كەشنى تاپشۇرۇپ ئالدى(ئۈچىنچى قىتىم ئىلىشى).


59.jpg
11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇزغۇنلۇق گورپا مۇسابىقىسىدە، مېسسى ئاجاكىس بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئىككى توپ ئۇرۇپ، راھۇلنىڭ 71توپلۇق رىكورتى بىلەن تەڭلەشتى.


60.jpg
11-ئاينىڭ 23-كۈنى، بارسلونا بىلەن سېۋىللىيە ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقىدە، مېسسى قالپاق كىيىپ 253توپ بىلەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ مەرگىنى بولدى.


61.jpg
11-ئاينىڭ 26-كۈنى، ياۋروپا ئۇزغۇنلىقى گورۇپا مۇسابىقىسىدە مېسسى قالپاق كىيىپ راھولنىڭ 71توپىسىدىن ئىشىپ،74 توپ بىلەن ئۇزغۇنلۇقنىڭ مەرگىنى بولدى.







كۆنەك



62.jpg
12-ئاينىڭ 16-كۈنى، ھېنرى چىكىنگەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭدىن كىيىن ئاسمان تەنتەربىيەسىدە چۈشەندۈرگۈچى بولىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.



63.jpg
12-ئاينىڭ 11-كۈنى، دەريا قېنى كوماندىسى جەنۇبى ئامېرىكا لوڭقىسىغا ئىرىشتى.



64.jpg
12-ئاينىڭ 21-كۈنى، رېئال مادرىد دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىغا ئىرىشىپ بۇيىل"تۆت شاھ" بولدى.



65.jpg
12-ئاينىڭ 23-كۈنى، ناپلىس كۇلۇبى يۇۋېنتۇسنى نوقتاتوپ جىڭىدە مەغلۇب قىلىپ، ئېتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.
















شۇنىڭ بىلەن بۇ تېما ئاياقلاشتى.
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى  كەچ سائەت  2:25

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +150 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 يىغىش سەۋەبى
داۋىس + 50 رەتلىك تېما
ئەلبارىس + 100 + 10 + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-3 11:06:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەمراھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-3 11:08  

2014  ھەقىقەتەن ھەرخىل قالتىس  ئىشلار  يۈز بەردى !
ئۇيقىسىز كىچىلەر، ئەتىسى دەلدەڭشىپ    يۈرۈشلەر!
مەستانە كوماندىمىز ئۇتقاندىكى  خوشاللىق ، ئۇتتارغاندا يىغلاشنىڭ  ئورنى يوق جىمجىت  ئىككى قولىمىزنى ئاغزىمىزغا ئاپىرىپ توسىۋىلىپ، سۈكۈتتە تۇرۇشلار……

ھەي 2014  بارسىلونا ئۈچۈن ، ئارگىنتىنا ئۈچۈن بىر  قارا يىل  بولدۇڭغۇ!
2015  بولسىمۇ  نا ئۈمۈددە قالدۇرما ، 2015 -يىلى خۇلاسە تىمىسىدا  سىنىڭ لوڭقا كۆتۆرگەن رەسىمىڭنى  كۆرەيلى!


تىمىڭىز  ئىسىل چىقىپتۇ!
رەھمەت!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-3 09:43:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلەپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ئىشلاكەن، تېما ئىسىل       يەنە رونالدو بىلەن كىلوزنىڭ گىپىدە تەڭلەشكىنىگە قۇشۇپ ئاخىردا كىلوزنىڭ رونالدونىڭ كۆز ئالدىدا رىكوتنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقنىنۇ قېتىپ قويماپسىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-3 04:35:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي، نىمانداق ئىتتىك تەستىقلايسىلە(يېرىم كىچىدە تېخى)؟؟؟؟

كىچىچە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەۋاتامسىلە، باشقۇرغۇچىلا؟؟!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-3 05:18:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تىما ئامما قالتس چىقىپتۇ. بۇلۇپمۇ ئايلانىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-3 09:19:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يېزىلىپتۇ  جۇمۇ…چوڭ  ئىشلار خاتىرسىدەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-3 10:21:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت نېمە دىگەن تېز ئوتكەن نۇرغۇن ئىشلارغا شاھىت بولۇپتۇق مانا…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-3 10:50:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئۆلچەملىك يېزىلغان، ئىنچىكە بايان قىلنغان ئەجىرلىك يازما بوپتۇ. بىر يىلنى ئۇنى بۇنى دەپ ئۇزاتتۇق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-3 11:16:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-3 11:32:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمراھ يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 11:06
2014  ھەقىقەتەن ھەرخىل قالتىس  ئىشلار  يۈز بەردى !
ئۇيقىسى ...

ئۇنداقمۇ   ئەمەسقۇ  .
   ئاركېنتىنانىڭ   ھەل   قىلغۇچقا  كىرىشىنىڭ   ئوزىلا   بىر   چوڭ   شەرەپ  ،   شۇنداق   ئەمەسمۇ?                ااااا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-3 11:44:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا ! بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا يىلنىڭ ئاخىرسىدا ياكى بىرلەشمە مۇسابىقىلەر ئاياقلىشىپ توپچىلار يازلىق تەتىلگە قويۇپ بىرىلگەندە مۇشۇنداق خۇلاسە تېمىلىرى يېزىلاتتى !  ھەقىقەتەن ياخشى خۇلاسىلەپسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-3 12:16:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىز تولىمۇ چۈشۈنۈشلۈك ھەم رەتلىك چىقىپتۇ ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 08:11

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش