elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1090|ئىنكاس: 19

بۇ پەسىللىك 10 چوڭ مۇۋاپىقىيەتلىك يۆتكىلىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فارابى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-2 12:48  

        
         2014-يىلىنىڭ ئاخىرلىششىغا ئەگىشىپ، 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىرى بولغان «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» مۇشۇ پەسىلدىكى 10 چوڭ ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان يۆتكىلىشنى باھالاپ چىققان. ئالىكىس سانچىس، تونى كىروس، ئالونسو، فابرىگاس قاتارلىقلار بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان. يەنە بىر قىزىقارلىق تەرىپى شۇكى، بۇ قېتىملىق  10 چوڭ مۇۋاپىقىيەتلىك يۆتكىلىشكە يەنە تەلۋە دەپ نام ئالغان، بىرباخ كوماندىسىنىڭ سابىق مەشقاۋۇلى ئارگىنتىنالىق بېرسامۇ بۇ تىزىملىككە كىرگەن.

★ قورال ياراق زاۋۇتىنىڭ چىلىلىق رونالدۇ دەپ نام ئالغان ئالىكىس سانچىسنى سېتىۋىلىشى
1.jpg
    ئارسىنال 42مىلىيۇن 500مىڭ ياۋرۇ سەرىپ قىلىپ چىلىلىق يان ھۇجۇمچى سانچىسنى بارسىلونا كۇلۇبىدىن سېتىۋالدى. بۇ چىلىلىق يان ھۇجۇمچى يېرىم يىل بولا بولمايلا 25 مەيدان مۇسبىقىدە 14 توپ ئۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قورال ياراق زاۋۇتىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر يادىرولۇق ماھىر ئىكەنلىكىنى  ئىسپاتلاپ بولدى. گەرچە پەسىل بىشىدا ئارسىنالنىڭ ئىپادىسى تۇراقسىز بولغان بولسىمۇ، لىكىن سانچىسنىڭ قالتىس ئىپادىسىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ.

★ بارسىلونا كۇلۇبىنىڭ بۇراۋنى قوشۇۋىلىشى
بۇراۋ.jpg
    بۇ يىل يازلىق بازاردا بارسىلونا كۇلۇبى تېرستېگىن ۋە بۇراۋدىن ئىبارەت ئىككى نەپەر قاپقىچىنى قوشۇۋىلىپ، بارسىلونانىڭ سابىق تۆھپىكار قاپقىچىسى باردىسنىڭ ئىزباسارى قىلماقچى بولدى. بۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىدە بۇراۋنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى، ھەتتا مۇشۇنداق قالتىس ئىپادىسى ئارقىلىق بارسىلونا مەستانىلىرنىڭ قەلبىدىن باردىسنى ئاستا ئاستا ئۇنتۇلدۇرغۇزۇپ، بۇلارنىڭ قەلبىدىن بىر كىشلىك ئورۇن ئالدى. ئۇ ھەتتا قالتىس ئىپادىسى بىلەن بۇ پەسىللىك بىرلەشمىنىڭ ئالدىنقى سەككىز مەيدان مۇسابىقىسىدە بىر توپمۇ كەتكۈزمەي قالتىس ئىپادىسى بىلەن داڭ چىقىرۋەتتى.

★ لىۋىركۇسىن كۇلۇبىنىڭ چالخان ئوغلۇنى قوشۇۋىلىشى
چالخان.jpg
      بۇ تۈركىيىلىك ئالدى بەل توپچى بۇ يېرىم پەسىل گىرمان بىرلەشمىسىدىن چاڭ چىقىرۋەتكەن چولپانلارنىڭ بىرسى. ھامبورىگ كۇلۇبىدىن لىۋىركۇسىنغان يۆتكىلىپ كەلگەندىن كىيىن بۇ توپچى بىراقلا پارتىلاپ ئۆزىنىڭ ئەڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن گىرمان بىرلەشمىسىنى زىل زىلىگە سىلىۋەتتى. يېرىم پەسىللىك مۇسابىقىدە يەتتە توپ ئۇرۇپ يەتتە ياردەمچى پاس چىقىرىش چالخان ئوغلۇنىڭ ئىپادىسىگە ئەڭ ياخشى جاۋاب بولالايدۇ.

★ كۆك ئارمىيەنىڭ فابرىگاسنى قوشۇۋىلىشى
فابرىگاس.jpg
       فابرىگاس قايتىدىن ئىنگىلاند بىرلەشمىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ناھايىتى تېزلا ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە قايتىدىن چاقناشقا باشلىدى.  ھەم ناھايىتى تېزلا كۆك ئارمىيىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ماتورىغا ئايلىنىپ، كۆك ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى تېخىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۋەتتى. ئۇ ھازىرغا قەدەر قاتناشقان مۇسابىقىلەردە كۆك ئارمىيىدىكى سەبداشلىرىغا 13 قېتىم ياردەمچى پاس يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئالدىنقى پەسىللىك ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە پاس شاھى بولغان جىرادنىڭ رىكورىتى بىلەن تەڭلەشتى. ئەگەر ئۇنىڭدا باشقا ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ئارسىنالنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى ھېنىرى ياراتقان ئىنگىلاند تاق پەسىلىدىكى 20 ياردەمچى پاس رىكورىتىنى بۇزۇشى ئانچە تەسكە توختىماسلىقى مۇمكىن.

★ سامان يولى جەڭ كىمىسىنىڭ نىمىس تانكىلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ماتورى تونى كىروسنى قوشۇۋىلىشى
تونى كىروس.jpg
       مادىرىدنىڭ تونى كىروسنى ستىۋىلىشى بۇ پەسىل ئىچىدە قىلغان سودىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ غەلبە قازانغان سودا دىيىشكە بولىدۇ. تونى كىروس بايرىن مىيۇنخىندا ئاللا بۇرۇن ئۆزنىڭ ئەمەلىي ئىقتدارى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بولغان. بۇ دۇنيا چولپىنى ئىسپانىيە زىمىنىغا قەدەم باسقاندىن كىيىنمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار ھالىتىنى ساقلاپ سامان يولى جەڭ كىمىسىنىڭ ئارقا ۋە ئوتتۇرا مەيدانىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇردىغان مۇھىم تۈگۈنگە ئايلاندى.

★ بايرىننىڭ ئىسپانىيە ۋە مادىرد كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادىروسى ئالونسۇنى قوشۇۋىلىشى
ئالونسۇ.jpg
       بايرىن تونى كىروسنى مادىرىدقا ئۇزۇتۇپ قويغاندىن كىيىن، مادىرىد كۇلۇبىدىن  ئىسپانىيە ۋە مادىرد كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادىروسى تەجىربىسى ئىنتايىن مول بولغان ئالونسۇنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى. ئالونسۇ بايرىنغا قوشۇلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئائىلىسىدىكى ئىپادىسىگە ئوخشاش قالتىس ئىپادىسى بىلەن بايرىن مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئالونسونىڭ ئارقا مەيداندىكى تەشكىللەش ۋە قوماندانلىق ئىقتىدارى بايرىن ھۇجۇمچىلىرىغا تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ھازىرلاپ بەردى.

★ مىلان خاندانلىقىنىڭ مىنىنى قوشۇۋىلىشى
مىنى.jpg
     پارىژ سانىت ژىرمان كۇلۇبىدا مۇراد مەقسەتلىرى ئەمەلگە ئاشمىغان مىنى قايتىدىن ئاپىنىن يېرىم ئارىلىغا قايتىپ مىلان كۇلۇبىغا قوشۇلدى. بۇ سودا مىلان ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن ياخشى بولغان سودا بولدى دىيىشكە بولىدۇ. ئۇ قىزى قارا قوشۇنغا قېتىلغان قىسقىغىنە مەزگىلدە  ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئەمدىلەتىن قارا بۇلۇتلار تارقاۋاتقان سانسىرو ئاسمىنىنىڭ چولپان يۇلتۇزى بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئالتۇن ئۆسمۈر توررىسنى سوغۇق ئورۇندۇققا بەنىت قىلدى، مىلان مەستانىلىرغا بالوتولىنى ئۇنتۇلدۇرغۇزدى.

★ پورتو كۇلۇبىنىڭ بىراھمىنى قوشۇۋىلىشى
بىراھمى.jpg
        2014- يىلى بۇ ئالجىرىيىلىك توپ چولپىنى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر يىل بولدى. 2014-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئۇنىڭ گىرانادادىكى ئىپادىسى قالتىس بولدى. ئالجىرىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن  دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە دۇنيا خەلىقىنى ھەيران قالدۇردى. پورتۇغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن كىيىن، بىراھمىنىڭ ئىپادىسى تېخىمۇ قالتىس بولدى. پورتو مەشقاۋۇلى لوپېتىگۇ  ئاران 6 مىلىيۇن 500 مىڭ ياۋرۇ خەجلەپ سېتىۋالغان بىراھمىنىڭ ھازىرىقى ئىپادىسى بىلەن سىلىشتۇرغاندا ئىنتايىن ئەرزان ئىكەنلىكىنى بىرقانچە قېتىم قەيىت قىلغان.

★  مادىرىد رىقابەتنىڭ گىرۇزماننى قوشۇۋىلىشى
گىرۇزمان.jpg
       مادىرىد رىقابەت 2014-يىللىق يازلىق بازاردا 30 مىلىيون ياۋرۇ خەجلەپ، فىرانسىيىنىڭ ئەمدىلەتىن تونۇلۇشقا باشلىغان يىڭى يۇلتۇزى گىرۇزماننى قوشۇۋالدى. گىرۇزمان كىرلىكلىكلەر قوشۇنىغا قېتىلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن تونۇلۇشقا باشلدى، خانلىق جەمىئەت بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدىكى قالتىس ئىپادىسى ھەتتا قالپاق ئويىنىنى تاماملىشى ئارقىلىق 23 ياشلىق بۇ فىرانسىيىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزىنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىۇ پارلاق ئىكەنلىكىنى كۆرسىىتىپ بېرىدۇ.

     بۇ قانداقتۇر بىرەر داڭلىق چولپان ياكى يىڭىدىن تونۇلىۋاتقان چولپانمۇ ئەمەس بەلكى بىرباخ رىقابەت كۇلۇبىنىڭ سابىق مەشقاۋۇلى، ئارگىنتىنالىق تەلۋە، ساراڭ دەپ نام ئالغان مەشقاۋۇل بېرسا.
★  فىرانسىيە زەردارى مارسىلنىڭ بېرسانى تەكلىپ قىلىشى
بېرسا.jpg
        فىرانسىيىنىڭ بۇ كونا زەردارىنىڭ بۇ پەسىل فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولۇشى، بىرلەشمىنىڭ چوققىسىدا ئولتۇرالىشى قانداقتۇر مارسىل كۇلۇبىنىڭ داڭلىق توپچىلارنى قوشۇۋالغانلىقىدىن بولماستىن بەلكى ئارگىنتىنالىق تەلۋە، ساراڭ دەپ نام ئالغان داڭلىق مەشقاۋۇل بېرسانى تەكلىپ قىلغانلىقىنىڭ نەتىجسىدۇر. بېرسا مارسىلنىڭ قامچىسىنى قولغا ئالغاندىن كىيىن ئالاھىدە ئۇسۇل ئارقىلىق كوماندىنى قوزغاتتى. ئۇ يەنە ئاندىرى گىناكنىمۇ ئىچىلدۇرۋەتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-2 12:50:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولۇپمۇ  چېلسىنىڭ فابرىگاسنى قوشوۋىلىشى، چىلسىنىڭ كۈچىنى تىخىمۇ زورايتتى.

تېما ئىنتايىن سۈپەتلىك چىقىپتۇ، رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-2 12:55:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ باسانىڭ توپچىلىرىنى سىتىۋالغان كولۇپلا بۇيىل بەكرەك پايدا ئالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-2 12:55:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىس ھازىر ئىپادىسى ياخشى بولىۋاتقا ماھىرلاركەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-2 13:41:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى ئۆزنىڭ تالانتىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ كۇلۇپ ۋە مەستانىلەرنىڭ ئالقىشىنى قولغا كەلتۈردى دە ،
تىخىمۇ ياخشى ئويناڭلار .   ئوزىل ئىپادىسىنى تىپىۋالسا بولاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-2 13:41:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولاۋۇنىڭ ئىپادىسى ئادەمنى خوش قىلىدۇ .بۇيىل قانچە ياش بۇ بىلىدىغانلار بارمۇ…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-2 13:49:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇتىيا يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 13:41
بولاۋۇنىڭ ئىپادىسى ئادەمنى خوش قىلىدۇ .بۇيىل قانچە ياش ...

31 ياش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-2 13:50:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالۇنسۇ بەيرىنغا ياخشى كۇچ چىقىرۋاتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-2 13:59:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سانچىس بۇرۇندىن ياخشى توپچى ئىدى لىكىن ئۈزىنىڭ قەدىرىنى قىلدىغان يەرنى تاپالمىدى ، ئەمدى مانا ئەسلىنى تاپقلى تۇردى بۇ چىلىلىق رونالدو

كىچىك كائىن دەپ بىر سېرىق تۈكنى ئەكەلگەندەك قىلغان لىكىن نەۋرە كائىن بۇلۇپ چېقتى ، بۇنىڭغا مورىنىيونىڭ بىر ئەقىلىيە سۆزى دەل چۇشىدۇ ، بەزى قوغۇنلار قاراشقا شۇنداق چىرايلىق لىكىن پىچاقاندىكىن شۇنداق تەمسىز ، بەزى قوغۇنلار قاراشقا ككرۇمسىز بولغىنى بىلەن پىچقاندىن كىيىن ئۇنىڭ شۇنداق تەملىك قوغۇن ئىكەنلىكىنى بىلسىز دەپ ، بارسىلونا ماۋۇ بۇراۋۇنى زاپاس ، تىرىتىگىننى ئاساسلىق دەپ ئەكەلگەن مانا بۇلار پىچىغاندىكىن كۈرۇمسىز قوغۇن شۇنداق ياخشى قوغۇن بۇلۇپ چېقتى  لىكىن بىچچارە بۇراۋۇ بىرلەشمىدە قەتتى توپ يىمەي رونالدوغا كەلگەندە ئامال يوق يەپ كەتتى

چالغان ئوغلى دىگەن بالىنىڭ توپ ئوينىغىنى كۆرمىگەن بولساممۇ نەتىجىسىدىنلا بۇ ياخشى قوغۇن ئىكەنلىكىنى بىلىنىپ تۇردۇ

بىر زامانلاردا مادىرىت ئورۇندۇقىدا كاكا ئورۇندۇق بىقىپتى بەزى بالىلار مورىنىيوغا كىنايە قىلىشىپ كەتكەن ، لىكىن بارسىلونانىڭ ئورۇندىقىدىمۇ خىلى ئىقتىدارلىق ماھىرلارمۇ ئىسراپ بۇلۇپ كەتكىنىنى ئويلىمايدۇ ، فابىگاس ، سانچىس ، سوڭ ، ھازىرقى پىدىرو ، تىياگو قاتارلىقلار

ئالونسوغا ھىلىمۇ قىيمايمىز لىكىن ياش ئادەمگە باقمايدىكەن قېرىپ قالدى ئورىنىغا كىروستەك ياشلارنى تاپقاچ تۇرمىسا بولمايدۇ ، يەنە بىر خەۋەردە ئايالى مەجبۇرى ئىسپاندىن ئايرىلىمىز دەپ تۇرۋىلىپ كەتكەننىڭ گىپى بار تۇرمۇشىغا ئۈچۈنچى شەخىس ئارلىشىپ قاپتىمىشلەر
  

پورتو ، بىفىنكالارنىڭ چولپان يىتىشتۇرۇش بازىسى دىگەن نامى بىكارغا چېقمىغان مۇشۇنداق ئەرزان توپچىلارنى ئالدۇ بىر ئككى يىلدىن كىيىن نەچچە ھەسسە قاتلاپ ساتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-2 14:01:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىۋىركوسىننىڭ مۇسابىقىسىگە دىققەت قىلىپ قويسام بولغىدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-2 15:55:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد ئالغان ئادەملەر ياخشى چىقتى جىما لىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-2 16:16:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىل ئالۋاستىنىڭ دىمارىيانى قوشۇۋىلىشى بۇنىڭغا كىرمەمدا؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 15:49

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش