akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1908|ئىنكاس: 38

مانچىستىر بىلەن مادىرىدنىڭ ھېكايىسى (تانكىچاق) - يېڭى يىللىق سوۋغا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تانكىچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 18:45  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...

  يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، يېڭى يىلدا ھەممڭىلارنىڭ ئىشلرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ، تىنىڭلارنىڭ سالامەت بۇلىشىغا تىلەكداشمەن  !!





cb8065380cd7912345df3926ad345982b2b780a1.jpg


1958-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ، ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مانچىستىر بىرلەشمىسى مېھمان مەيداندا يۈگىسىلاۋىيەنىڭ بىلگىرىد قىزىل يۇلتۇز كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ھەمدە 4:5 ئۇمۇمىي نەتىجە بىلەن ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچقا كىردى . ئېنگلانىد پۇتبولچىلارنىڭ بىرلەشمىسنىڭ مانچىستىرنىڭ شۇ ھەپتىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقە ۋاقتىنى تەڭشەپ بىرىشكە قۇشۇلماسلىقى سەۋەبلىك مانچىستىر كوماندىسى دەرھال ئېنگلانىدقا قايتىشقا مەجبۇر بولدى ، قايتىش سەپىرىدە مىيۇنخىن شەھىرىگە كەلگەندە ماي قاچىلاش ئۈچۈن پەسكە قونىدى ۋە قايتا قوزغىلىش جەريانىدا مەسلە كۈرۈلۈپ ئايروپىلان پاچاقلىنىپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئايروپىلاندىكى 44 كىشىنىڭ ئىچىدە 23 قازا تاپىتى ، بۇ 23 كىشىنىڭ ئىچىدە 8 نەپەر مانچىستىر توپچىسىمۇ بار ئىدى ، بۇ 8 نەپەر مانچىستىر توپچىسىنىڭ ئىچىدە ئېنگلانىدنىڭ ئۈمۈد يۇلتۇزى ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ياش چولپان دۇنكان – ئىدىۋارىسمۇ بار ئىدى .




مىيۇنخىن ۋەقەسىنىڭ ئىككىنجى كۈنى سانتىياگو بېرنابو ئەپەندىم بىلگىرىد قىزىل يۇلتۇز كوماندىسى بىلەن بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن مادىردقا ۋاكالىتەن بۇ قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى مانچىستىرغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى شۇنداقلا بۇ تەكلىپى بارلىق مادىرىد توپچىلىرى ۋە يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى ، بىراق بۇ ئىش بەك تۇيۇقسىز يۈز بەرگەچكە ، ھىچكىم بېرنابو ئەپەندىمنىڭ بۇ قارارىنى تەستىقلىمىدى . شۇنىڭ بىلەن مادىرىد بۇ قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ مانچىستىرغا كەلدى ۋە مانچىستىرلىقلار بىلەن بىرلىكتە بۇ لوڭقىنى ئېگىز كۆتۈردى ...

مانچىستىرنىڭ بۇ قېتىملىق قىيىن ئۆتكەلىدىن ئۆتىۋېلىشى ئۈچۈن بېرنابو ئەپەندىم شۇ ۋاقىتتىكى  ھۇجۇمچىلارنىڭ ئەڭ ئالدى بولغان دىستىفانونى مانچىستىرغا بىر پەىسل ئىجارە بەرمەكچى ھەم دىستىفانونىڭ مۇئاشىنىڭ يېرىمىنى ئۆزى بەرمەكچى بولدى ، بىراق ئاخىرىغا بارغاندا بۇ يۆتكىلىشمۇ ئېنگلانىد پۇتبولچىلار بىرلەشمىسنىڭ « چەتئەللىك توپچىلار چۇقۇم ئېنگىلىزتىلى بىلىشى كېرەك » دىگەن تۈزۈمىگە ماس كەلمىگەنلىكتىن ئەمەلگە ئاشمىدى .

ئۇنىڭدىن باشقا بېرنابو ئەپەندىم بارلىق مانچىستىر توپچىلىرنى ئىسپانىيەگە كېلىپ ساياھەت قىلىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلىپ ئۇلارنىڭ قەلىب يارىسىنى داۋالىماقچى بولدى ھەم شۇ قېتىملىق ۋەقەدە قازا تاپقان توپچىلارنىڭ قەبرىسىگە « شەرەپلىك چىمپىيۇن » خېتى بېسىلغان ئالتۇن يوللۇق يىپەك رەخىتلەرنى ئاستى .  

كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇردىغىنى شۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن شۇ پەسىللىك ئېنگلانىد ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە 9 –ئۇرۇنغا تىزىلغان مانچىستىر بىرلەشمىسى كېلەر پەسىللىك ئۇزغۇنلۇقنىڭ چەك تارتىشىغا قاتناشتى (شۇ ۋاقىتلاردا ئېنگلانىددا پەقەت ئىككىلا كوماندا ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشىدىغان بۇلۇپ ، 9 –ئۇرۇندىكى مانچىستىر بىرلەشمىسى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان بۇنداق ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىدىغان ئەھۋال ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ، پەقەت ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنىنىڭلا كېيىنكى پەسىللىك ئۇزغۇنلۇققا بىۋاستە قاتنىشىش سالاھىتى بار ئىدى ) .  بىراق بېرنابو ئەپەندىمگە نىسبەتەن ئېيىتقانداھىچقانداق بىر كوماندنىڭ مانچىستىر بىرلەشمىسىدىن بەكرەك بۇ قېتىملىق ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشىش  سالاھىتى يوق ئىدى . 1958-يىلى پەقەت مانچسىتىر ئەزمەتلىرىگىلا مەنسۇپ يىل ئىدى ، پەقەت « باسىبىنىڭ باللىرى » لا بۇ يىللىق ئۇزغۇنلۇققا ھەقىقىي لايىق ئىدى . بىراق ئۇلار پەقەت ئاسماندىلا چاقنىغان يۇلتۇز بۇلۇپ قالدى خالاس .

بىراق ئاخىرىغا بارغاندا مانچىسىتىر يەنىلا بۇ قېتىملىق ئۇزغۇنلۇققا قاتناشتۇرۇلمىدى ، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن كەلگەن تەكلىپ ، ئېنگلانىد پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە رەت قىلىنىدى ، ئۇلار پەقەت بىرلەشمە چىمپىيۇنى بۆرە كوماندىسىنىڭلا ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلدى ، شۇنداقلا مانچىستىرنىڭ مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇشىغا تەڭشەش ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى ، تېرنىر باسىبىنىڭ بۇنداق ئېغىر كۈنلەردە ئېنگلانىد پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن قارشىلاشقۇدەك ماجالى قالمىغان ئىدى ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا مانچىستىرغا ئاۋارچىلىقلار يىتىپ ئاشاتتى .

بۇ ۋاقىتتا مانچىستىرنىڭ ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقى ئىقتىسادى قىيىنچىلىق بۇلۇپ قالدى ، گەرچە مانچىستىر قىسقىغىنە ۋاقىتتا قايتا قۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ، ۋەقەدىن كېيىنكى پۈتۈن پەسىلدە بىرلەشمىدە ئىككىنجى بولغان بولسىمۇ بىراق ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا نىسبەتەن يەنىلا كۆپ پايدىسى بولمىدى . شۇنىڭ بىلەن مانچىستىر ئىسپانىيەدىكى كونا دوستى مادىرىد بىلەن ئالاقىلەشتى ۋە ئۇلار بىلەن ئىقىتىساد توپلاش شەكىلىدىكى دوسىتلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى . بېرنابو ئەپەندىم بولسا بىر تەرەپتىن تىلغۇندا چاقچاق قىلىپ تۇرۇپ :« مېنىڭ نۇرغۇن ياخشى تەكلىپلىرىم رەت قىلىندى ، ئەمدى سەن قايسى يۈزۈڭ بىلەن  ماڭا بۇ تەكلىپنى سۇنىۋاتىسەن ؟ » دېسە يەنە بىر تەرەپتىن كاتىپىنى دەرھال مانچىستىر بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرىشىنى تۈزۈپ چىقىشقا بۇيرىدى ، مانچىستىر تەرەپ مادىرىدنىڭ مەيدانغا چىقىش ھەققىنى سورىغاندا بېرنابو ئەپەندىم كۈلۈپ تۇرۇپ :« سىلەر پەقەت ئۆزەڭلار چىقىرالىغاننى چىقارساڭلارلا بولدى » دەپ جاۋاب قايتۇردى .


شۇنىڭ بىلەن 1959-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى مانچىستىر كوماندىسى كونا تىرانفۇرددا ياۋروپا ئۇزغۇنى مادىرىدنى كۈتىۋالدى ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىقتىساد توپلاش بولغاچقا مەستانىلەر ۋە ئاخباراتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن مادىرىد تەرەپ ئۆزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سەپ شەكلى بىلەن مەيدانغا چىقتى ، ۋە ئەمدى ئۆزىنى ئوڭشاش باسقۇچىدىكى مانچىستىرنى كونا تىرانفۇرددا 1:6 نەتىجە بىلەن ئۇتتى ، دىستىفانو قاتارلىق چولپانلار كونا تىرانفۇرد مەيدانىنى باش ئەگدۈردى ، بىراق بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ مانچىستىرنىڭ قايتا قۇرۇلىشىغا ئىنتايىن چوڭ ياردىمى بولدى ، ياش مانچىستىر توپچىلىرى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر قېتىملىق ياۋروپا مۇسابىقىلىرى تەجىربىسىگە ئىگە بولدى بەش ھەپتىدىن كېيىن مادىرىد ئۆز مەيدانىدا قايتا قۇرۇلۇشنى خېلى تاماملىۋالغان مانچىستىرنى كۈتىۋالدى ۋە قىزىغان بىر مەيدان 6:5 نەتىجىلىك مۇسابىقىنى مەستانىلەرگە ئاتا قىلدى . مۇسابىقىدىن كېيىن بېرنابو ئەپەندىم مانچىستىر توپچىلىرى ۋە مىيۇنخىن ۋەقەسىدە تالاپەتكە ئۇچىرغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى ۋە زىياپەتتە سۆز قىلىپ :« باسىبى بولسا پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ باتۇر ئەڭ ئۇلۇغ كىشى » دېدى .

بۇ قېتىمقى ئىككى ئايلانما مۇسابىقە ئىنتايىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى ، شۇنداقلا مانچىستىرنىڭ قايتا قۇرۇلىشىغا ئىنتايىن چوڭ ياردىمى بولدى ، بىردىنبىر ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ پەقەت بىر مەيدان دوسىتلۇق مۇسابىقىسىلا بۇلۇپ قالدى . مىيۇنخىن ۋەقەسىنىڭ ئېلىپ كەتكىنى مانچىستىرنىڭ ئالتۇن بىر دەۋرى بۇلۇپلا قالماي ، يەنە مادىردنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبىنى ئېلىپ كەتتى . مىيۇنخىن ۋەقەسىدىن كېيىن مادىدر تاغنىڭ چوققىسىدا ئىلاجىسزىلىقتىن ئۇدا بىر نەچچە يىل ئۆزىنىڭ رەقىبىنى ساقلاپ ئولتۇردى .  

ئۇ مەزگىللەر مانچىستىرنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى شۇنداقلا ئەڭ خارابىلاشقان دەۋرى . ئۇ مەزگىللەر مادىرىدنىڭ ئەڭ شان شۆھرەت قازانغان دەۋرى شۇنداقلا ئەڭ « زىرىكىشلىك » دەۋرى . شۇ يىللاردىن كېين ياۋروپا پۇتبول قامۇسىغا مانچىستىر بىلەن مادىرىدنىڭ نۇرۇغۇن كۈرەشلىرى ، دوستىلۇقلىرى ، چولپانلىرى بېسىلدى ، بىراق ھىچكىمنىڭ شۇ مەزگىلدىكى مانچىستىرنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ، مادىرىدنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە قۇربى يەتمىدى ...



b8389b504fc2d562c20cda93e71190ef76c66c43.jpg



b7003af33a87e9502a12f91210385343fbf2b442.jpg







   

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 12مۇنبەر پۇلى +370 تۆھپە +2 شۆھرەت +2 تەجرىبە +2 تىللا +4 يىغىش سەۋەبى
13279803520 + 10
قىلىچ + 1
isyanqi + 50 قالتىس!
فارابى + 50 + 2 + 2 + 2 قالتىس!
سەھرا9 + 50 قالتىس!
فەيسەل + 50 قالتىس!
shemsherwaz + 2 قالتىس!
مەھمۇدىيە + 1 قالتىس
ھەۋەس7 + 10
ئابلەتجان + 50 ئۇنتۇلماس خاتىرە
تۇمشۇق + 50 قالتىس!
نېھال11 + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 20:49:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدونىڭ مادرىتقا ،دىمارىيانىڭ كونا تىرانفوردقا كېلىشى مۇنداقلا سودا ئەمەس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 23:53:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ھاياجانلاندىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 18:59:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تىللاردا داستان بولغۇدەك دوسلۇق مەۋجۇتكەن............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 19:10:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ بىر ھىكاينى ئاڭلاۋاتىمەن ، مىيۇنخىن ۋەقەسىنى ئازىراق ئاڭلىغان ، ئەمما قايتا قۇرۇش قىسمىدىكى ، مادىرىت توغىرلۇق مەمۇنلارنى بۈگۈن بىلىۋالدىم .
ئالۋاستىلارغا ھۆرمەت !سانتىياگو بىرنابوغا ھۆرمەت!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 19:15:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ۋەقەلىكنى كىنو قىلىپ ئىشلىسە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشمىسىمۇ ئىشقىلىپ نامى ئاتىلىش شەرپىگە ئېرىشەتتىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 19:17:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مىيۇنخېن پاجىئەسى پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ قاباھەتلىك ۋەقەدۇر...
   بۇ ئىككى كۇلۇبنىڭ دوستلىقىغا ئاپىرىن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 19:41:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرلىك پاجىئە مىھرى مۇھاببەتكە دولغان دوسلۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 19:49:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىيشىمنى بىلەلمىدىم.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 20:07:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 20:07:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبۇلنىڭ ئەسلى مەناسى  - دوستلۇق!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 20:29:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قالتىس چىقىپتۇ ،شۇڭا بۇ ئىككى كۇلۇپ ئوتتۇرىسىدا مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان سودىلارمۇ ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 20:30:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچىستىر بىلەن مادرېدنىڭ ھىكايىسى دىسە تۇنجى بۇلۇپ كاللامغا كەلگىنى بۇرۇن بىر نەچچە يىل مادرېد بىلەن مانچىستىر كۆپ ئۇچۇرشۇپ بىر -بىرى بىلەن ھۈكۈمرانلىق تالاشقان دەۋىر بولغان بولسا شۇ ئىشلارنىڭ ھىكايىسىمىكىن دەپ ئويلاپتىمەن ، ئەسلى ئىككى كۇلۇپ ئوتتۇرسىدا مۇنداقمۇ دوستلۇق مەۋجۈت بوپتىكەندە ، ھەر ئىككىسى ئىسىل كۇلۇپلار ھەم دۇنيادا مەستانىسى ئەڭ كۆپ ئىككى كۇلۇپمىكىن دەيمەن ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 07:06

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش