akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1643|ئىنكاس: 36

مادىرىد ACمىلەن مۇسابىقىسىدىن كىيىنكى قىزىقارلىق ئىنكاسلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

      تۈنۈگۈن ئەتتىگەن AC مىلەن دۇبەي لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 4 دە 2 نەتىجە بىلەن خانلىق مادىرىد كوماندىسىنى يېڭۋالدى، خاتا ئاڭلىمىدىڭىز، مۇسابىقە جەريانىدا ACمىلەن 4 توپ، خانلىق مادىرىد 2توپ ئۇردى، مۇسابىقىنىڭ بۇنداق ئاياغلىشىشىنى ھەقىقەتەن ھېچكىم ئويلىمىغان.بىراق سىز مۇسابىقىنى باشتىن ئاياغ كۆرگەن بولسىڭىز بۇنىڭ تاسادىپىلىق ئەمەسلىكىنى چۈشىنىسىز، ئىنزاگى مەشقاۋۇللىقىدىكى ACمىلەن كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىنى رەسمى مۇسابىقدەك مۇئامىلە قىلىپ ئوينىدى، بىراق ئەنچىلوتتى مەشقاۋۇللىقىدىكى خانلىق مادىرىد كوماندىسى ئارام ئېلىش ۋە ياشلارنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن بۇ مەيدان مۇسابىقىگە ئانچە كۈچەپ كەتمىدى. يەنە بىر سەۋەپ ئەنچىلوتتىنىڭ ACمىلەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەممەيلەنگە ئايان...
      مۇسابىقىدىن كېيىن بۇ توغرىسىدا ھەر خىل ئىنكاسلار يوللاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى قىزقارلىق بولغان بىر قىسىم  ئىنكاسلارنى بايراملىق سوغات سۈپىتىدە تەرجىمە قىلىپ ئالغاچ كەلدىم، كەڭ تورداشلارنىڭ بايراملىق كەيپىياتىنى بۇزۋالمىغان ئاساستا كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن:
      A تورداش : 12-ئاينىڭ 31-كۈنى خانلىق مادىرىدنىڭ سىكىرتارى يولداش ئەنچىلوتتى خانلىق مادىرىددىكى كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى باشلاپ دۇبەيگە بېرىپ نامرات  كوللىكتىپ ACمىلەندىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلدى.ئەن سىكىرتار 4مىليۇن ياۋرۇ ھال سوراش پۇلى ئاپىرىپ بېرىش بىلەن بىرگە مىلەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلى ئىگىلىدى، ئەزالاردىن قىزغىن ئەھۋال سوراپ، مىلەننى قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىپ كىلىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، بالدۇرراق بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى تىلىدى، ھال سوراش جەريانىدا ئۆزىگە ھەمرا بولغان دۇبەيدىكى يەرلىك بايلارنى مىلەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەريانىدا ئۇچىرىغان قىيىنچىلىقىنى تۈپتىن ھەل قىلىشقا چاقىردى.
      B تورداش: ئەن سىكىرتار يۇرتداشلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئائىلە ئىشلىرى توغرىسىدا قىزغىن پاراڭلاشتى، سىرتتىن كىرگۈزگەن توپچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، بۇ جەريانىدا بىر نەچچە قېتىم كوماندا مەسئۇللىرىدىن يارىدارلار كۆپمۇ؟ يارىسى ئېغىرمۇ؟ زاپاس ئەزالار يىتىشەمدۇ؟ دەپ سورىدى.توررىسنىڭ مىلەندىن كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ ئاغىزلىرى يۇمۇلماي قالدى، مىلەننىڭ ھەر قانداق جاپاغا چىداش، كۆرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، تۆھپە قۇشۇشقا ماھىر بولۇشتەك  مىلەن روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر لوڭقىسىدا تېخىمۇ زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.
      C تورداش: ئەن سىكىرتار «ACمىلەندە ھازىر يىڭى ئەزالار كۆپ، ئەينى يىللاردىكى پىشقەدەم بىر ئەۋلاد توپچىلار مىلەننىڭ پۇتبول ئىشلىرى ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزۇپ نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بەرگەن، ھازىر كوماندىدىكى ياشلارنىڭ سەۋىيىسى سەل تۆۋەن، رەھبەرلەر دائىملىق ئالاقىلىشىش، پىشقەدەملەر ھەمكارلىشىش، ساھەلەر بويىچە ياردەم بىرىش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەر ئارقىلىق، بۇلارغا  ئىلمىي چېنىقىش ۋە سېستىمىلىق ياردەم بىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، كوماندا قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشىدىكى ھەقىقى ئىشلارنى ياخشىلاپ، قوللاش ۋە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، يىڭى ماھىرلارنىڭ بىرنىڭمۇ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
      D تورداش: ئەن سىكىرتار يەنە« كەڭ توپچى، كادىرلار ۋە جەمىئەتتىكى ھەر ساھەلەر قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ، ئونۋېرسال ياردەم بېرىش مىخانىزىمى بەرپا قىلىپ، پۇتبولچىلىقتىكى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشى، تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان مىلەنگە ئوخشاش ئاممىنى سىرتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنى ھەقىقى غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىق ھىس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
       E تورداش: ئەن سىكىرتار يەنە كاپىتان بونېراغا :«سىز دىگەن پىشقەدەم تەنھەركەتچى، بىراق تۇنۇشىڭىزنى يەنىمۇ يۇقىرى كۈتۈرۈشڭىز زۈرۈر، كۆپرەك كۈچ چىقىرىپ كوماندىنىڭ كەسپى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىڭىز، ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئادا قىلىشىڭىز، پارما بىلەن بولغان مۇسابىقىگە ئوخشاش مىلەن ھۇجۇمچىلىرىنىڭ مىلەن بېكلىرىنى مەغلۇپ قىلىۋېتىشتەك تىپىك جەڭلەرنىڭ يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭىز، خەلق ئاممىسىنى خاتىرجەم قىلىدىغان مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا بىك بولۇپ چىقىپ، كوماندىنى قىيىن ئۆتكەللەرگە ھۇجۇم قىلالايدىغان، ئىتالىيەدىكى ئەڭ ئىلغار، نەمۇنىلىك كوماندا قىلىپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دىدى.
       F تورداش:  ئەن سىكىرتار ئاشخانىلارنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ، قازاننىڭ توۋىقىنى كۆتۈرۈپ بېقىپ، گاللىيانىنىڭ ئاق رەڭلىك ۋەلىسپىتىنىڭ تېخىچە قازان ئىچىدە تۇرغانلىقىنى كۆردى، مىلەندىكى خادىملارغا بۇ ۋەلىسپىتىنى چۇقۇم ياخشى ئاسراپ، ھەر قاچان، ھەر زامان مىنگىلى بولىدىغان قىلىپ قۇيۇشىنى تاپىلىدى.
       G تورداش:  ئەن سىكىرتار كەچلىك زىياپەت ۋاقتىدا:«ئىدىيە قۇرۇلۇشى كوماندا كوللىكتىپى قۇرۇلۇشىدىكى تۈپ يادرو ۋە يىتەكچى ئامىل.نۆۋەتتىكى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ كوماندا كوللىكتىپىنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشىىنى يېڭى بىر سەۋىيىگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. كوماندىدىكى ھەر بىر ئەزا چۇقۇم ئىنىزاگى سىكىرتارنىڭ كوماندا كوللىكتىپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ بىرلەشمىدىكى دەرىجىنى ئۇنتۇپ كىتىپ، مەشىقنى چىڭ تۇتۇپ 4 مىليۇن ياۋرۇنى تىجەپ خەجلىشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
       H تورداش: ئەن سىكىرتار يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا يەنە:« خانلىق مادىرىد قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن كەڭ خەلق ئاممىسىنڭمۇ ئۈمىد يۇلتۇزى بولۇشى كېرەك،  بىز ھەر ۋاقىت« ئامما ئارىسىدىن كەلگەنلىكىمىزنى،  ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىمىز»نى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز، پۈتۈن ياۋرۇپاغا ئىللىقلىق نۇرلىرىمىزنى چېچىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.



ئاخىرىدا مۇنبەردىكى بارلىق تورداشلارنىڭ يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 15:08:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى يىلى ياۋرۇپا زومگىرى بولغان بايرىن مىيونخن ئامىرىكىدىكى نەدىكى تايىنى يوق بىر كۇلۇبقا 3-0 ئۇتتۇرۋەتكەن ، دۇنيا لوڭقىسىدا ئككىنچى بولغان ئارگىنتىمۇ ، دۇنيا لوڭقىسىدا گۇرپىدا شاللانغان پورتىگالغا دوسلۇق مۇسابىقىسىدە ئۇتتۇرغان ، دۇنيا چىمپىيونى گېرمانلارمۇ  دوسلۇق مۇسابىقىسىدە ئارگىنتىغا 4-2 ئۇتتۇرغان ، بۇ مۇسابىقىنىڭ بۇنچىلىك بالىلارنىڭ يارىسىغا مەلھەم بۇلدىغىنىنى ئويلاپمۇ باقماپتىلكەنمەن ئاس مىلەن مەستانىللىرىلا خوش بولدىمىكى دىسەم نۇرغۇن كوماندىنىڭ مەستانىللىرى خوش بۇلۇپ كىتىپتۇ  ئەمەسمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 14:56:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 17:56:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانلىق مادىرىدنىڭ بۇنداق كەڭ قورساقلىقى جىق توپ مەستانلارغا(لاتارىيە) ئىغىر زەربە بولامدىكىن...........................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 17:59:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 15:07:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا قاملاشتۇرۋىتىپتۇ بەكلا قىزىقارلىق بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-1 15:15:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنچە توردىن تەرجىمە قىلغان نەرسىدى، ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىنى قوشمۇدۇم.

مېنى بولسىمۇ  ئاياپ قۇياڭلار خوش بوپ قالاي!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 15:32:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 15:56:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلاننى ئۇنداق قىلىمىز بۇنداق قلمز دېگەن ئۇششاق چۈششەك مادرىد مەستانىلىرىنىڭ
نەچچە كۈن بولدى بىرسىمۇ يوق،شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىراپ پو ئاتمايدىغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 16:30:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرداشلارنى بۇنچە خۇشال قىلىۋېتىدىغان ئىش بولسا بۇندىن كىيىنكى مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسىدە مادرېدنىڭ مۇشۇنداق ئويناپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 16:36:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇستلۇق دېگەن بۇ سۆزنى تېخىچە چۇشەنمەيدىغانلارمۇ بارمۇ نېمە.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 17:34:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققى مۇسابىقە بولغان بولسا ياخشى ئوينايتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 17:40:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبرار يوللىغان ۋاقتى  2015-1-1 16:36
دۇستلۇق دېگەن بۇ سۆزنى تېخىچە چۇشەنمەيدىغانلارمۇ بارم ...

چۈشۈنۈپ تۇرۇپ كۈزۈنى يۇمىۋالىدىغانلار جېق دەيمە ئەبرار ئەپەندى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 17:54:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانلىق مادىرىد  ACمىلانگە ئۇتتۇرۇپ ACمىلانگە مەدەت بەرگەن چىغى.............................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 20:23

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش