akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 638|ئىنكاس: 16

ھەقىقى توپخۇمارلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئازىغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 01:50  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم

مىنىڭ ھازىر تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم قانداقتۇر رونالدو، مېسسى قاتارلىق توپچىلار بولماستىن، بەلكى پۇتبول تەنھەركەت تۈرى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان توپخۇمارلارنى تونۇشتۇرىمەن.



ئاپلىسىن رەڭلىك مارشال

fa16b0fb43166d228b79e250442309f79252d2d2.jpg
مىلادىيە 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىرمەيدان مۇسابىقىسىدە، كاپىتان ۋان پېرسىي كاپىتان يەڭلىكىنى ئىلىپ مەستانىلەر توپى ئىچىدىكى ۋېنترسنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويىدۇ. ھاياجانلانغان ۋېنترس كاپىتاننىڭ قولىنى سۆيۈپ قويىدۇ ۋە بىشىنى سىلايدۇ.
   بۇ 54ياشلىق ۋېنترس ئۈچۈن ئىيىتقاندا، يازپەسلىدىكى ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات ھىساپلىنىدۇ.
  بۇقىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇنىڭ ئىكران يۈزىدە پەيدا بولۇش قىتىم سانى بىرازىلىيە ھۇجۇمچىسى فېلىيدنىڭكى بىلەن تەڭلەشكەن.
  ئۇ 1988-يىلىدىن باشلاپ گوللاندىيەنىڭ ھەربىر مۇسابىقىسىنى ئاساسەن تولۇق (ئۆزىنىڭ دىيىشىچە 80% ئىكەن) كۆرۈپ تۈگەتكەن. 1994-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇ ئاتايىتەن بىر قۇر كىيىم بۇيرۇتقان، شۇنىڭدىن تارتىپ ۋېنترس "ئاپلىسىن رەڭلىك مارشال"("مارشال تاماششىبىن" بۇيىل مۇشۇنداق چۈشەندۈردىغۇ دەيمەن) دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگە قەدەر بۇ "مارشال" ھەرقىتىملىق دۇنيا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىسىدا ئىكران يۈزىدە پەيدا بولىدۇ. گوللاندىيەدە بولسا، ئۇ گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ "قۇت بويۇمى" دەپ قارىلىدۇ.
  ئۇ گوللاندىيەدىكى بىر كىچىك بازاردا كىيىم-كىچەك دۇككىنى ئاچقان بولۇپ، كىيىن نۇرغۇنلىغا سەۋەپلەر تۈپەيلى تاقىلىپ قالغان، دۇككىنىدىكى ماللار بولسا مەجبۇرى كىمئارتۇق قىلىنغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇنىڭ ھىچ نەرسىسى قالمىغان.
  ئۇ تېخى ھازىرغا قەدەر ئۆيلەنمىگەن بولۇپ، بىرەر بىقىۋالغان بالىسىمۇ يوق، ئاتا-ئانىسى بولسا بۇرۇنلا يۈرەك كىسىلى سەۋەپلىك ئۆلۈپ كەتكەن.
  بۇ بويتاق"مارشال" ياخشى كۆڭۈللۈك كىشى بولۇپ، تورغا بىر ساخاۋەت ئېلانى تارقاتقان. ئېلاندا:" مىنىڭ يۈرۈكۈم ئاپلىسىن رەڭدە، ئۇزاق ئۆتمەي مەن دوختۇرخانىغا قان تەقدىم قىلغىلى بارىمەن، بۇچاغدا مىنىڭ قىنىمنىڭمۇ ئاپلىسىن رەڭدە ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز." دىگەن.
  ئۇ تىجەپ يىغقان 4500ياۋرو پۇلىنى سەرپ قىلىپ، بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدا گوللاندىيە كوماندىسىغا ھۇررا تولاش ئۈچۈن بىرازىلىيەگە باردى.
  يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، گوللاندىيە شاللانغاندىن كىيىن ئۇ:" مەن ئەزەلدىن ئىنتايىن تىجەشچان، مىنىڭ ئايالىم ۋە بالام يوق، ئاپلىسىن رەڭلىك مارشال فورمىسى مىنىڭ بارلىقىم. گەرچە گوللاندىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇلار مىنىڭ مەدەت بىرىشىمگە ۋە قوللىشىمغا مۇھتاج.
  دۇنيا لوڭقىسى ئاياقلاشتى...
  ۋانگال يېڭى خىزمەت ئورنىغا چىقتى، روبىن قاتارلىق توپچىلار ئارام ئىلىشنى باشلىدى، لىكىن "مارشال" ئەپەندىنىڭ زېرىكىشلىك يىگانە تۇرمۇشى قايتا باشلاندى.
ساڭا ھۆرمەت!!! مارشال ئەپەندى! سىنىڭدەك مەستانىلەربىلەن پۇتبول تەنھەرىكەتلەرنىڭ شاھىنشاھى بولغان!


0c217ed98d1001e93e35e3cbba0e7bec56e797d2.jpg 66fa7d3e6709c93d3ae3f9339d3df8dcd30054ca.jpg




  "دۇنيا لوڭقىسى"نى كۆتۈرگەن بوۋاي

W020140711553956989272.jpg

  بۇ بوۋاينى ھەممىڭلار بىلىسىلەرغۇ دەيمەن، بۇقىتىمقى دۇنيا لوڭقىسىدا بۇ بوۋاينى كۆرۈپ ئىچىكلار چوقۇم سىيرىلدى.
  بۇ بوۋاينىڭ ئىسمى ھىرنەندىز بولۇپ، بىرازىلىيە توپخۇمارلىرى ئۇنى "دۆلەت كوماندىسىدىكى 12-كىشى"دەپ ئاتايدۇ، چۈكى ئۇ بىرازىلىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 150 تەن ئارتۇق مۇسابىقىگە "قاتناشقان". 2014دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەلقىلغۇچ باسقۇچىدا، تاراتقۇلارنىڭ نەزىرى بۇ مىسكىن بوۋايغا چۈشتى. ئۇنىڭ قايغۇلۇق چىرايىنى كۆرۈپ كىشىلەر ئۇنى" دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ مەيۈس كىشى" دەپ ئاتىدى. مۇسابىقىدىن كىيىن ئۇ قولىدىكى دۇنيالوڭقىسىنىڭ تەقلىدىي نۇسىخىسىنى گىرمانىيەلىك ئايال مەستانىگە بىرىدۇ ۋە :" بۇنى ئىلىپ ھەلقىلغۇچقا كىرىڭ، مىنىڭ كۆڭلۈم ئىنتايىن يىرىم، لىكىن بۇسىلەرگە مەنسۇپ، سىزگە ئامەت تىلەيمەن." دەيدۇ.
  سۈرۈستۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ بوۋاي بۇرۇن بىرازىلىيەدىكى ئاشخانىنىڭ خوجايىنى ئىكەن. 1990-يىلى، ئۇ ئۆزىنىڭ دۇنيالوڭقىسى چۈشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاشخانىسىنى تاشلاپ ئىتالىيەگە قاراپ ئۇچىدۇ. كىيىنچە ئۇ ئاشخانىسىنى سىتىۋىتىپ، ئايالىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ، كەسپى توپخۇمارلىق ھاياتىنى باشلايدۇ.
تۆۋەندىكىسى بولسا بۇ 60ياشلىق بوۋاينىڭ گىرمانىيە "رەسىم گېزىتى"نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان سۆزلىرى:

"شۇنداق، مەن دىققەت قىلدىم، مەن نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، مەن سىلەر گىرمانىيەلىكلەرنى ئىنتايىن ياقتۇرىمەن، 2006-يىلى مەن دەل گېرمانىيەدە ئىدىم، مەن ماشىنا بىلەن 16000 كىلومېتىر مۇساپىنى بىسىپ ئۆتتۈم، گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا ئىنتايىن يائىشى مۇئامىلىدە بولىدۇ."

"مەن بۇنى دوسلىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى دەپ قارايمەن، مەن 1990-يىلىدىن باشلاپ بىرازىلىيە كوماندىسىغا ئەگىشىپ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ كىلىۋاتىمەن، مەن جەمئىي 66 دۆلەتكە بىرىپ باققان، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدىن مىنىڭ دوستلىرىمنى تاپقىنى بولىدۇ."

"شۇنداق، 2002-يىلى مەن بىرازىلىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ مۇسابىقىسىگە شاھىد بولدۇم، ئۇچاغلار مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغىسىز مىنۇتلاردۇر، لىكىن ھازىر كوماندا ئىغىر زەربىگە ئۇچرىدى، مەن ئىنتايىن ئازاپلاندىم، لىكىن ھىچقىسى يوق، ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش دوستلۇققا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، بىز مەڭگۈلۈك دوست، بىز تىرىشىپ دۇنيانىڭ ئۈلگىسى بولىشىمىز كىرەك"

6651405053411.jpg
W020140711553957033222.jpg


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
بېرنابۇ + 50 قوللاش!
پەرۋەر + 50 ئەجىرلىك تىما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 00:53:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋان پىرىس ئۆتكەندە كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسىنى بەرگەن ئاداش شۇغۇ !
ھارمىغايسىز ، داۋامىنى ساقلايمىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 01:08:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر نادىر تېما يېڭى يىللىق سوغا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدىغاندەك تۇرامدۇ نېمە؟!
داۋامىنى ساقلايمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 01:42:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باقاۋۇل يوللىغان ۋاقتى  2015-1-1 00:53
ۋان پىرىس ئۆتكەندە كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسىنى بەرگەن ئا ...

دەل شۇ باقاۋۇل.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 06:05:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىقى بىرازىليەلىك كىچىل بالىنىمۇ قېتىپ قويماي، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىپ يامان يىغلاپ كەتكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 09:13:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ھىس تۇيغىغا كەپ قالىدىم . قاچانمۇ 60نەتتچە دۆلەتكە بىرىپ، مۇسابىقە كۆرەلەمىز ، جۇڭگوغۇ ھەرگىز ئ‍ۇنداق نەتىجىلەرگە ئ‍ىرىشتۈرەلمەيدۇ ، ھەم بىز ئۇلاردەك ھىس تۇيغىغىمۇ چۈمەلمەيمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 09:16:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ  بوۋايغا  قاراپ  ئەجەپ  بىر  خىل  بۇلاپ  قالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 09:58:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامال يوق  لوڭقا بىر ئىرىشمەكچى بولغان يالماۋۇزلار 32  ھامان 31 شاللىنىپ بىرسى ئالدىغان گەپ ، ئاۋۇ گنرالنىئو كەينىدىكى ئككى بالا قوشگېزەكمۇ نىمە ؟
بىرازىللىك بۇۋاينىڭ بۇرۇنتلىرى ئاجايىپكىنا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 10:17:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا لوڭقىسىدىكى پۇتبول مەستانىلەرنى كۆرۇپ ئۆتكەن يىلقى تاش ئالما كوماندىسى بىلەن بىيجىڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدىكى ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەيدانىدىكى بىزنىڭ 40 مىڭدىن كۆپرەك ئۇيغۇر مەستانىلىرىمىز ئىسىمگە كىلىپ قالدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 11:18:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ماۋۇ بوۋاينى بەك كۆرگەن مۇسابىقىلەردە... گوللاندىيەنىڭ 12 - ئادىمى دېسەكمۇ بولىدۇ....
  ئاپلېسىن رەڭ... مۇشۇ گەپ زادى چۈشمەيۋاتىدۇ... بىر رەڭنى تۆت - بەش بوغۇم بىلەن، تازا ئەپلەشمىگەن، ئادەمنىڭ ئاغزىغا كەلمەيدىغان ئىسىم بىلەن ئىپادىلىسىمۇ تازا بولمىغۇدەك... بىز مۇسابىقە چۈشۈرگەندە گوللاندىيەنىڭ مۇشۇ رەڭگىنى باشتا تاپالماي، كېيىن پېشقەدەملەردىن سورىدۇق. بەزىدە گىلرەڭ دەيدىكەن، يەنى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىق توپىنى ئادەتتە گىل دەيدىكەنمىز. يەنە بىرى پور رەڭ. ياغاچنىڭ تازا ئىچىدىكى قىزغۇچ سېرىق رەڭ قىسمىنى ئەجداتلار پور دەيدىكەن. ئۇكرائىنادا كۆتۈرۈلگەن رەڭلىك ئىنقىلابنىمۇ "پور رەڭ"  ئىنقىلاپ دەپ ئاتاۋاتىمىز. بۇرۇن "ئاپلېسىن رەڭلىك ئىنقىلاب" دېيىلەتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-1 11:39:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئازىغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 11:41  
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-1 11:18
ماۋۇ بوۋاينى بەك كۆرگەن مۇسابىقىلەردە... گوللاندىيەنى ...


رەھمەت ھە، مەنمۇ بۇ رەڭنى ئۇيغۇرچە نىمىدەر بولغىيتى دەپ بىشىم قاتقان. ئېنگىلىزچە orangeدىگەچكە ئاپلىسىن رەڭ دەپ ئاتاۋەرگەن، ئەمدى بىلىۋالدىم، تەھرىرلىۋىتەي غاچچىدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 15:05:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس  ھەقىقى توپخۇمارلار دىن ئىكەن بۇ ئىككىسى ............................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 17:46

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش