elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1125|ئىنكاس: 24

پۇتبولنىڭ سىھرى كۈچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-2 10:42  

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەرداشلار، مادىرىدنى بەك بەك بەك ياخشى كۆرىدىغان مادىرىد مەستانىسى پۇتبول مەلىكىسىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!

    پۇتبولنى ياخشى كۆردىغان كىشلەرنىڭ پۇتبولغا بولغان مىھرى-مۇھەببىتىنى ئادەتتىكى كىشلەرنىڭ ھىس قىلىش بەك تەس. ئەمسە بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشلەرنىڭ پۇتبولغا بولغان مىھىرى -مۇھەببىتىنى كۆرەپ باقايلى. مەرھەمەت!

730_1411196_285315.jpg

   بىل: ‹‹نۇرغۇن كىشلەر پۇتبولنى ھايات-مامات بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىدۇ، مەن بۇنىڭدىن ئۇمۈتسىزلەندىم. چۈنكى پۇتبول ھايات -ماماتتىنمۇ ھالقىپ كەتكەن.››

4.jpg

48.jpg

    توختىماي جەڭ بولىۋاتقان لىۋىيەدە كىشلەر پۇتبولغا بولغان مۇھابىتىنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ. ئەجىبا پۇتبول ئۇلارنىڭ ھاياتىدىنمۇ مۇھىممىدۇ ؟؟  مەن ئۇچۇن ھايات ھەممىدىن قىممەت. لىكىن، ھاياتتىنمۇ قىممەت  مىھىر-مۇھەببەت! پاك ئىتىقاد، گۈزەل رۇھ بىلەن ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر ئىنسان ھاۋادىن نەپەسلىنىپ ياشاۋاتقان ئىنساندىن قىممەتلىكتۇر. سىزنىڭ يارالمىشىڭىز ئۆز قۇلىڭىزدە بولمىغىنى بىلەن لىكىن سىزنىڭ ياشىشىڭىز ۋە قانداق ياششىڭىز ئۆز قۇلىڭىزدىدۇر!


38.jpg

13.jpg

14.jpg

81.jpg

86.jpg

   جەڭ ئۇرۇشلار ئۇلارنىڭ دۆلىتىنى، ئائىلىسىنى، گۈزەل تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلىۋىتىشى ،ئاتا -ئانىسىدىن ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن ۋە ئۆزى سۆيگەن ئادەملىرىدىن  ئايرىۋىتىشى مۇمكىن. لىكىن ئۇلارنىڭ پۇتبولغا بولغان مۇھەببىتىنى ھەرگىز ئىلىپ كىتەلمەيدۇ.

26.jpg

63.jpg

   سىزنىڭ دۇنيادا ياشىشىڭىزغا ۋە تىخىمۇ ياخشى ياششىڭىزغا مەلۇم نەرسىلەر ھەركەتلەندۇرگۇچ  كۇچ بولىۋاتقان بولشى مۇمكىن. پۇتبولمۇ دەل ئاشۇنداق سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچ بولالايدۇ. بىزدىن نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقتىكى ئافرىقىدا پۇتبول ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچ .ئۇلار ھىچ قاچان ئۆزىنىڭ تىرىسىنىڭ قارا بولغانلىقىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ چۇنكى ئۇلارنىڭ قەلبى ئاق ھەم پاك.

64.jpg



  ياۋرۇپادىكى زەردارلار ئەشۇ سەبى بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ئوتنى ئولغايتالىسا ئۇلار كەلگۈسىدىكى يىڭى دىروگبا، چېخ، ئېسىنلاردۇر. ھەتتا ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن ئىبارەت ئىقتىسادى ئەھۋالىمۇ ئۇلارنىڭ پۇتبولغا بولغان مۇھەببىتىنى سۈسلاشتۇرۇپ قالالىغان ئەمەس. ئۇلار پاخالدىن بولسىمۇ توپ ياساپ تىپىدۇ.

16.jpg

89.jpg

101.jpg

   بالىلىقتىكى بەڭۋاشلىق كەپسىزلىك قورقماسلىق. نىمىدىگەن گۇزەل ۋاقىتتىلار ئۇ. ئاشۇ ۋاقىتتىكى قەلىبلەر بىغۇبار ئارزۇ-غايىلەر چەكسىز بالىقىڭىزدا سىز ھەممە بەرسىنى قىلىشقا جۇرئەت قىلالايسىز. چوڭ بولغاندا مادرىتتا بارسىلونادا توپ تىپىشنى ئويلايسىز. چۇشلىرىڭىزدە بىكخام، رونالدۇ، مىسسىلارنى چۇشەيسىز. جۆيلىشلىڭىز بولسا : ‹‹ ھەي، توپنى بۇ ياققا تەپ! توپنى ماڭا تەپ ،،،،ھەي توپنى بۇ ياققا تەپ دىدىم ،،،،ئوۋ!  توپ كىردى ...توپ كىردى ..›› دەپ ئويغىنىپ كىتىسىز.

36.jpg

40.jpg

83.jpg

    ھەربىي-جەڭچىلەر ئۇچۇن شەرەپ ھاياتى بىلەن باراۋەر.پۇتبولمۇ ئۇلار ئۇچۇن بىر شەرەپتۇر.  پۇتبولنىڭ سېھرى كۈچىنى ھايات- ماماتى قاش  بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا قالغان، كەلگۈسىدىن ھىچقانداق كاپالەت ئىزدىگىلى بولمايدىغان ئاشۇ قەيسەر جەڭچىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىنمۇ ئىزدىگىلى بۇلىدۇ.ئۇلار مەيلى قانداقلا جەڭلەردە كۈرەشلەرنى داۋام ئەتسۇن ئەمما پۇتبولغا  بولغان مېھرى مۇھەببىتىنى ئەسلا يوقاتمايدۇ.مانا بىرپۇتبولنىڭ ئۆزەگىچە بىر تەرىپى.

41.jpg

  مەن ئۈچۈن ھەممە نەرسنى يوقىتىپ قۇيۇشقا بۇلىدۇ. ئەمما پۇتبول بۇنىڭ سىرتدا. شۈبىھسىزكى پۇتبولسىز مەن مەۋجۇتلىقمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. چۈنكى، ئۇ مىنىڭ  بارلىقىم ۋە ھاياتىم. ( توپۇمنى تالاشساڭ ئېتىۋېتىمەن! )

94.jpg

  2010-يىلى 10-ئاي.
   ئافىغانىستان دۆلەت  ئارمىيىسى بىلەن ئىسپانىيەنىڭ ئافىغانىستاندا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسمى پۇتبول مۇسابىقىسى ئوينىماقتا. يالقۇنجاۋاتقان ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىكى پۇتبول. بۇ خىل ھىسياتنىڭ شۇقەدەر گۈزەللىكىنى بەلكىم ھىس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئۇنى قانداق چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلشىڭىز مۇمكىن. بۇ ...مۇقۇمسىزلىق تەۋرىنىشدىكى داۋالغۇچ مۇھىت بىلەن تۈپتىن قارمۇقارشى بولغان ئەركىن دۇنيا ئوتتۇرسىدىكى دوسلۇق  مۇسابىقىسى.


67.jpg

68.jpg

   قىزغىن سۈيۈش ئەمەلىيەتتە  ئىنتايىن ئاسان.ئەمما ئېغىرلىق نۇقتىسى شۇيەردىكى سىزنىڭ قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلىشىڭىزدە.
   قىزغىن سۈيۈش ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاسان. مۇھىمى قىزغىن سۆيۇشكە ئەرزىگۈدەك نەرسىنى تاپالىشىڭىزدا.


58.jpg

20.jpg

34.jpg

37.jpg

   پۇتبولنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەش ناھايىتىمۇ قىيىن. كۆپ سانلىق كىشىلەر بۇنى قانداق چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىزقىلىدۇ. نىمە ئۈچۈن ئاشۇ كىچىككىنە تېرىدىن تىكىلگەن يۇمىلاق توپنى پۈتۈن دۇنيا كىشلىرى ساراڭلارچە قوغلىشىدۇ؟ چۈنكى: ئۇمۇ ئۆزگىچە بىر مۇھەببەت.

54.jpg

75.jpg

   ئاچارچىلىق، قۇرغاقچىلىق كىسەللىكلەر بىلەن تۇلغان جەنۇبىي ئافرىقىدا مانا مۇشۇنداق بىر تۇركۇم ئۇماق كىشلەر بار. تەبىئەتنىڭ رەھىمسىزلىكى ئاستىدىمۇ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى مۇھاببەت يەنىلا يىلىنىجىماقتا. قەلبىي پاك روھىيىتىي سۈزۈك كىشلەرنى قىيىنچىلىق بوي سۈندۇرالمايدۇ.

56.jpg

   بىزنىڭ تىرىدىن تىكىلگەن توپىمىز يوق. بىراق بۇغدا مۇئەللىمنىڭ ئەتىۋارلىق گىلوبوسى بار. مۇئەللىم بۇنى بەكمۇ ياخشى كۈرىدۇ. بىراق بۇ بىزگە جېنىمىزدىن ئەزىز. ئۇ گىلۇبوس ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئۆلچەملىك، ئەڭ يۇمىلاق توپ...

59.jpg

  يەنە توپ ئۇينىماقچىمۇ؟ ھېچكىممۇ مىنىڭ توپنى ئۇغۇرلۇقچە ئېلىپ قاچقىنىمنى بايقىمىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ توپ تەپكىنىنى بىر كۈري.

73.jpg



    ئىراقتىكى ھىچنىمىدىن بىخەۋەر سەبىي بالىلارنىڭ نەزىرىدە، ئامىرىكىقلارنىڭ تەپكەن پۇتبولىنى كۈرۈش ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ چوڭ خوشاللىقى ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار پۇتبولنى سۈيىدۇ. پۇتبول ئەزەلدىن  مىللەت، ئېرىق، دىن چەكلىمىسىگە ئۇچىرمايدۇ. چەكسىزلىك ئىچىدىكى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز مۇھەببەت دۇنيا كىشىلىرىنى مەيلى رقىبلەردىن بولسۇن ياكى ئەزەلدىن تۇنۇمايدىغان بولسۇن ھامان بىريەرگە ئەكىلىپ ھەمنەپەس ھەم تەقدىرداشلارغا ئايلاندۇرۋىتەلەيدۇ.

74.jpg

    ئىس تۈتەك قاپلىغان ئۇرۇش ئىچىدىكى ئېراق پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى.
ئىراق پۇتبولچىلىقىنىڭ قايتىدىن روناق تىپىشى پۇتۇن دۇنيانى تەسىرلەندۇردى .دۇشمەن ئالدىدا ئۇلار ھەرگىز تىز پۇكمەيدۇ ئۇلار رەقىبىگە مانا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ مانا بۇ ئادىمىيلىك چۇنكى ئۇلارنىڭ قەلبىي مۇھەببەتكە تولغان.


72.jpg

35.jpg

70.jpg

71.jpg

   بۇ خىل تەنھەرىكەت تۈرىنىڭ ئالدىدا كۈن بۇيى ئالدىراش يۈرۈيدىغان دۆلەتنىڭ كاتتا رەھبەرلىرىمۇ پەرۋاسىز يۈرۈشكە ئامالسىز. بەزىدە ئۇلار ئۇستاتلىق بىلەن پۇتبولنىمۇ دىپلوماتىيە سىياسىنىڭ  بىر تۈرى قىلىپ پايدىلىنىشنى ئەستىن چىقارمايدۇ. مېركىل، ئوباما.فوتىن، كىرىستىنا، لولا، ئايال پادىشاھ ئېلزابىت، داڭلىق پۇلدارلاردىن ئابلاموۋىچ، مەنسۇر قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالى. پۇتبول يۇقىرى-توۋەن ئايرىمايدۇ. سىز مەيلى كەمبەغەل ياكى باي بولۇڭ، مەيلى زۇڭتۇڭ ياكى ئاددي پۇقرا بولۇڭ سىز ھەر ۋاقىت ئۇنىڭدىن بەھىرلىنەلەيسىز ھىچ قانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايسىز ،مانا بۇ ئۇ سىزگە ئاتا قىلغان ئەركىنلىك.

31.jpg

57.jpg

    سىز ئەتراپىڭىزدا ‹‹مىيىپلار پۇتبول كۇماندىسى ›› بار دەپ ئويلاپ باققانمۇ ؟؟؟ كۆرۈپ تۇرغاندەك ئۇلارنىڭ بەدىنى مۇكەممەل بولمىسىمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ قەلبىي، ئىرادىسى، مۇھەببىتى مۇكەممەل. ئۇلار مۇكەممەل بولمىغان بەدىنى ئارقىلىق مۇكەممەل بولغان ئارزۇ -ئارمانلىرى ئۇچۇن تەۋرەنمەي ئىزچىل تىرىشماقتا ۋە ئالغا ئىلگىرلىمەكتە. مانا بۇ دۇنيانى تەسىرلەندۇرگەن 11 پۇتلۇق ئەزمەتلەر.

69.jpg

   ئۆز ئىززەت ھۆرمىتىنى ھەمىمىدىن ئۇستۈن قۇيىدىغان بىر ئەركەك ئۆز قىرىنداشلىرى ئۇچۇن تىزلانغان مۇشۇ ۋاقىت ........... بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆز ئىززەت ھۆرمىتىدىن ۋاز كىچىدۇ. بېرنابودىكى تىزلىنىش تۈمەنلىگەن مەستانىلەرنىڭ ساڭا بولغان قايىللىقىنى قوزغىغان بولسا يىراقتىكى تارىم ۋادىسىدا چوڭ بولغان بىر قىزنىمۇ قايىل قىلدى، ياشمۇ تۆكتۈردى. چۈنكى سەن مورىنىيو!

82.jpg

   بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى گىگانىت چولپانلار   مارادۇننا ،رونالدۇ ،توتى ،بىكخام ، كارلوس ،راھۇل. ئۇلار بىزگە ھەر ۋاقىت ھەمراھ مەيلى خۇشاللىق ۋاقىتلاردا مەيلى ئازاپلىق ۋاقىتلاردا ........... ئۇلارنىڭ قەلىبىدىكى پۇتبولغا بولغان  چەكسىز مۇھەببەت مەڭگۈ ئوت كەبى يالقۇنجايدىكى ھەرگىز ئۆچمەيدۇ.

51.jpg

  مىنىڭ ھىچ قانداق نەرسەم بولمىسىمۇ مەيلى. چۈنكى پۇتبولنىڭ ئۆزىلا ماڭا كۇپايە. ھەر قانداق قىيىن شارائىت مىنى ئۇنى ياخشى كۆرۇشتىن توسۇپ قالالمايدۇ.

24.jpg

60.jpg

25.jpg

   بۇ دەل ئۇلارنىڭ ۋارتارى، بۇ ھاياتىي كۇچكە تولغان ۋارتار،بۇ مىھرى -مۇھەببەت بىخ سۈرۋاتقان ۋارتار ،بۇ دۇنيادىكى مەن كۆرگەن ئەڭ ئۇماق ۋارتارلادۇر ......... بۇ ۋارتالارغا ئەڭ ئىلغار ۋارتا سىزىق تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئەسلا بىھاجات! ئۇلار ئۈزىنىڭ ئەشۇ ساپ قەلبى، كىچىك بولسىمۇ ئادىللىققا تولغان يۈرىكى بىلەن توپنىڭ كىرگەن كىرمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. داڭلىق ۋىبو ئۇلار بار يەدە ئىشسىز قېلىشى ئىنىقلا ئىش... ئۇلار ۋىبوغا ئەسلا مۇزتاج بۇلۇپ باققان ئەمەس.

28.jpg

    بىر قانچە ئوغۇل بالىلار ئاففانىستان پايتەختى كابولدىكى پارتىلاشتا ۋەيران بولغان جايلاردا توپ ئوينىماقتا . كابولدا بۇنداق ئۆيلار كوپ ئۇچرايدۇ. پۇتبول سۈيەر ئەركەكلەر شەرت-شارائىت تاللاپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇلارغا بىر پارچە يەر ۋە بىر ئەسكى  توپ بولسىلا كۇپايە. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەملەرگە ئايلىنىدۇ.

104.jpg

99.jpg

    ئۇرۇش ئوتلىرى بۇ يەردىكى خەلىقلەرنىڭ پۇتبولغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىنى ئەسلا تۇسىيالىغان ئەمەس. چۈنكى ئۇلار پۇتبولنى ۋۇجۇدىدا تىپىپ كەلگەن.
ئۇلارغا  نىسپەتەن پۇتبول ئاددىيغىنە ئۇيۇن بولماستىن بەلكى چەكسىز ئىشەنچىتىن  دېرەك بىرىدۇ.


1.jpg

32.jpg

8c2b4aed2e738bd4a081201fa38b87d6267ff99f.jpg

    ئىللىق شەپەق ئاستىدىكى پۇتبول گۈللىكى ،ئورمانلىقتىكى قاينام تاشقىنلىققا تولغان پۇتبول مۇھىتى، بۇ يەردىن يوغان يوغان پىللارمۇ ئۇلار بىرلىكتە پۇتبولدىن ھۇزۇرلانماقتا...

5.jpg

8.jpg

   بىزنىڭ بىرنابو پۇتبول مەيدانىغا ئوخشاش ھەشەمەتلىكل پۇتبول مەيدانىمىز يوق! تاغ باغرىدىكى كەڭرى مەيدان، ھەتتا ئۇرۇش خارابىلىكى بىزگە يىتىپ ئاشىدۇ.

10.jpg

11.jpg

12.jpg

  چېنىقىش ئەسلىھەلىرىمىز ئۇلارنىڭكىدەك ئىلغان ئەمەس. ھەتتا پۇتبول كىيىملىرىمىزمۇ يوقنىڭ ئورنىدا. بىراق بىزدە شۇنداق بىر يۈرەك بار. توپنى جېنىمىزدىن ئەزىز بىلىپ تىپىمىز....

66.jpg

   ئالتۇن كەش؟ ئۇنى مىنىڭ ئالتۇن كەشىمدەك كىيىشكە بولمايدۇ. رونالدو، مىسىلار چۇقۇم مىنىڭ ئالتۇن كەشىمگە ھەۋەس قىلىشىدۇ.

29.jpg

    سىلەرنىڭ ئىسراپخورلىقىڭلار چېكىگە يەتتى. توپنى ئاياپ ئىشلىتىش، ئۆز قۇلىمىز بىلەن تىكىش بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز. توپنى تاشلىۋىتەلمەيمىز...

19.jpg

   گىرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى لوگوسى؟ پېكنىڭ ئۆز قاپقىسىغا ئۇرغان توپىنى مەسخىرە قىلىشىڭلار سىلەرگە قەتئىي ماس كەلمىدى. قاراپ بېقىڭلار كىم بۇ لوگوغا ئەڭ مۇۋاپىق؟!

91.jpg


  مەن بىر ھەربىي. دۆلەتنى، خەلىقنى قوغداش مىنىڭ باش تارتىپ بۇلالمايدىغان مەسئۇلىيتىم. مەن پۇتبولنى سۈيىمەن. پۇستا تورغۇنىمدا ماڭا ھەر ۋاقىت زەردارلار سەركىسى خانلىق مادرىدنىڭ كىيىملىرى ھەمراھ!

95.jpg

    نىمىشقا مەن ئەڭ ئوتتۇرىدا رەسىمگە چۈشەلەيمەن. مەندە ئۇلاردەك قاملاشقان چىراي، ئىگىز قامەتلىك بوي يوق. بىراق مەندە ئۇلاردا يوق پۇتبول بار. مەن ئەڭ سەركىسى....

QQ图片20150101001314.jpg

QQ图片20150101001252.jpg

8017d43f8794a4c2bf256a050cf41bd5ad6e393d.jpg

   پۇتبول ھەرىكىتىمۇ شىنجاڭدا خېلى بۇرۇنلا پەيدا بولغان . گەرچە پۇتبولنىڭ ئوينىلىشى ، توپنىڭ تىكىلىشى ھازىرقى زامان پۇتبول ھەرىكىتىدىن خېلى يىراق ، ئىپتىدائىي سەۋىيىدە بولسىمۇ ، ئەمما ئاتاقلىق تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرى بۇنىڭدىن 1000 يىل بۇرۇن يازغان << تۈركىي تىللار دىۋانى >>دا : « ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قوۋملاردا قوزىنىڭ تېرىسىنى تولۇمچىلاپ سويۇپ ، ئۇنى ھاۋا ياكى يەل بىلەن تولدۇرۇپ ، تېپىپ ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇنى بار ئىدى » دەپ خاتىرىلىگەن. تۈركىي مىللىي مەدەنىيىتى دېگەن كىتابتا : « پۇتبول، چەۋگەن ئويۇنلىرى ھۇنلاردىن بۇرۇن تۈركلەر ئارىسىدا ئوينالغان بولۇپ، كۆك تۈركلەر دەۋرىدە ( مىلادىيە 552 - 744-يىللار ) جۇڭگوغا تارقالغان » دېيىلگەن. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانىدا يەنە : « ئۇرۇشتا پالۋانلار نەيزىلەشتى، باتۇرلارنىڭ بېشىنى توپقا ئوخشاش دومىلاتتى » دەپ يېزىلغان. دېمەك، يۇقىرىقى تارىخىي مەنبەلەردىن پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ شىنجاڭدا خېلى بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز .


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6مۇنبەر پۇلى +400 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
باشئەگىم + 100 ئىسىل ~
تۈمەن + 50 قالتىس!
nayil + 50 قوللاش!
بوغدا + 100 + 10 + 10 + 10 تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇ.
ئابلەتجان + 50 ئايال پالۋان
جاغىستاي120 + 50 قالتىس! جاپا چەكتىڭىز

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 09:05:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول ئەركەكلەرنىڭ ئ‍ويۇنى ، ئ‍ۇنىڭ نەپىس ھەركەتلىرى سەنئ‍ەتكارنىڭ داڭلىق ئ‍ەسەرلىرىدەك ، ئ‍ۇنىڭدىكى جەسۇرلۇق ئ‍ەسكەرلەردەك، ئ‍ۇنىڭدىكى ماسلىشىش بىر ئ‍ادەمدەك ، ئ‍ۇنىڭدىكى غەلبە باش كۆككە يەتكەندەك ، ئ‍ۇنىڭدىكى مەغلۇبىيەت جەڭدە مەغلۇب بولغاندەك، ئ‍ۇنىڭدىن ئ‍ايرىلىش ، ئ‍ەڭ سۆيىدىغان كەسپىدىن ،سەبداشلىرىدىن ئ‍ايرىلغان ئ‍ەسكەرلەردەك ، پۇتبول ئ‍ۇ بىر چاقىرىق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 00:50:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 01:04  

ىئسىل تېما،  پۇتبولنىڭ سھرى كۈچى..... ئۇرۇش ئۇتى قاپلىغان ؟ئىراققا قاراپ باقساقمۇ ئۇلار ئۆز ۋەتنىدە مۇسابىقە ئوينىيالمايدۇ. ئۆز ۋەتىنىدە مەشىق قىلش پۇرسىتىمۇ يوق،   مانا مۇشۇنداق مۇھتتا پۇتبول ئۇلارغا ھەمرا،  جەسسۇر يىگىتلەر ئاسىيا چىمپىيونلىقىنى ئالغاندا كۆزلۈرۈمدىن خوشاللىق ئىپتىخار ياشلىرى ئاققانتى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 00:23:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىز تولىمۇ رەتلىك ۋە ياخشى چىقىپتۇ..سىزگە  يېڭى يىلدا يېڭىچە ئامەت ۋە ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن....شۇنداقلا بۈگۈنكى تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە  مۇبارەكلەيمەن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 00:25:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 12:35  

  ئىسل تىمىڭىزغا بارىكاللا!

   سىڭلىمىز ئالدىنقى قېتىملىق تىمىسىدىن كىيىن كەمىنىگە تەتىل ۋاقتىدا يەتە بىر تىما يازماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خاتالاشمىسام مۇشۇ تىمىغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان تىما مۇنبەردە بار. ئىستىمال 2 يىل ئىلگىرى يوللاندىمىكىن. قانداقلا بولمىسۇن بىر ئىشنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. سىڭلىمىز بېيجىڭدا ئۇقۇۋاتقان 23 ياشلار ئەتراپىدىكى قىز. مۇنبەرگە ئەزا بولغان ۋاقتىغا مىنىڭچە ئۇزۇن بولمىدى. تىما پۈتۈنلەي ئۆز ئىچكى ھىسياتى بۇيىچە ناھايىتى جانلىق، ئوبىرازلىق ئىپادىلەنگەن. ئىلگىرىكى مۇشۇ تىمىغا يېقىنلىشىپ كىتىدىغان تىما ئاپتۇرى قاتارلىق كۆپچىلىك بۇنى توغرا چۈشەنسە دىمەكچىمەن. ئەلۋەتتە ھەممىمىزنىڭ پۇتبولغا ئۆزگىچە تۇنۇشۇمىز، قىزىقىشىمىز بار. مەن تۇرىۋاتقان مەكتەپتە ۋاقتىنچە ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانى يوق. مەنمۇ 29 غا يەتكەن مۇشۇ يېشىم بىلەن سىمونىت مەيداندا ئۇقۇغۇچىلىرىم، كەسىپداشلىرىم بىلەن توپ تىپىپ ئۆز نەپسىمنى قاندۇرۇپ كىلىۋاتىمەن. ( پۇتبول تىپىش ماڭا تاماق يىگەندەكلا مۇھىم، توپ تىپەلمىسەم شۇنداق بىئارام بۇلۇپ قالىمەن. شۇڭا نەپسىم دەپ ئالدىم ) دىمەكچىمەنكى ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئوي-خىيالى، تەپەككۇرى بۇلىدۇ.

   خاتالاشمىسام ئۇ مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىسى سەبرى 22 بىلەن ساۋاقداش. ئالدىنقى قېتىملىق تىمىدا سەبرى 22 شۇنداق نادىر تىمىغىمۇ نادىر تامغىسىنى باسمىدى، مەنمۇ ئەتەي كەينىگە تارتتىم. ئويلىمىغان يەردىن بىرنابۇ قېرىندىشىمىز ھېچ قايسىمىزغا پۇرسەت بەرمەي تىمىنى نادىرلىدى. مەن بۇ يەردە سەبرى 22 گە بولغان ھۆرمىتىمنى ئىپادىلەيمەن. بىز ھىسياتچان مەخلۇق. بىراق ئۇنى كونتىرول قىلغىلى بۇلىدۇ. ئەلنىڭ كۈزى ئەللىك تىئورمىسى مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدۇ. مۇنبەردە باشقۇرغۇچىلار كۆپ. ئادىللىق بۇ يەردە، دەل بىزنىڭ مۇنبىرىمىزدە.

  سىڭلىمىزنىڭ ئىمتىھانى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاخىرلاشقان. 31-چىسلا ئويلىمىغان يەردىن پاراكتىكا ئىشىنى ئۇرانلاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن يېتىپ يېرىملاشقان تىمىسىنى ئامالسىزلىق ئىچىدە تاشلاپ قۇيۇشقا مەجبۇرى بولغان. تۈنۈگۈن كەچ ئۈزىنىڭ پۇتبولغا، مۇنبەرگە بولغان مۇھەببىتى ۋە ئۆز تۇغۇلغان كۈنىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە كىچىچە ئۇخلىماي تىمىنى پۈتتۈرۈپ چىققان. مەھمۇدىيە قاتارلىق مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ سىڭلىمىزغا شەرەپ ئۇردىنلىرىنى تاقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. شۇنداقلا نامىنى پۇتبول مەلىكىسى دەپ ئۆزگەرتىپ بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ( سىڭلىمىز مەھمۇدىيە بۇۋام ئىسمىمنى ئۆزگەرتىپ بەرمەكچى بولغان دىدى )

   سىڭلىمىزنى رىغبەتلەندۈرۈش، مۇنبەردە ئادىللىقنى تەشۋىق قىلىش يۈزىسىدىن تىمىنى نادىرلىۋەتتىم! ( ئەر-ئايال باراۋەر )  مىنىڭچە باشقا مۇنبەرداشلارمۇ تىمىنىڭ مەزمۇنىغا، سۈپىتىگە ئاز تۇلا قايىل بۇلۇشتى.

  ئاخىرىدا سىڭلىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبىرىكلەيمەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 00:43:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن مۇنبەردىكى باھارلىق ئەزللارنىڭ بىر ياش قېرىغانلىقىنى قىزغىن تەبىركلەيمەن،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 00:52:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باقاۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 00:59  

پوتبۇلنىڭ ئۆزى يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۆزىنى بىغىشلاشتۇر ، شۇنداقلا ئەڭ يۇكسەك دەرىجىدىكى ئىتتىپاقلىق ئۆملۈكنىڭ مەسھۇلى !
تىمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 01:15:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە شۇ پۇتبولنىڭ ئىشتىياقى...........
ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، مۇشۇندا ئېسىل تېمىلارنى تەقدىم ئەتكەنلىكىڭىزگە رەخمەت!!
تۇغۇلغان كۈنىڭىز ھەم يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بۇلسۇن پۇتبول مەلىكىسى سىڭلىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 01:40:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ تىمىڭىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 13:26:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغۇلغان كۈنىڭگە بولسۇن مۇبارەك ،
بۇ دوستلار قەلبىدە ئوخشىغان پەلەك .
تۇغۇلغان كۈنىڭدە شادلىققا تولۇپ ،
پەلەكتىن دوستلارغا بەرگەيسەن خەمەك .
باغراش كاككۇكى !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 13:44:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىز بەكلا ئېسىل چىقىپتۇ، قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن شۇنداقلا يىڭى يىلىڭىزغا ۋە تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-1 14:30:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ياخشى چىقىپتۇ    يارايسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 17:57

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش