ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2671 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-1 16:31
مەسىلەن قانداقراق بولسا بولاتتى...
مۇشۇنداق پىكىر - تەكلىپ قانچە كۆپ بولسا تېما يازغۇچىلار شۇنچە تەرەققىي قىلىدۇ. ئەگەر، تەكلىپ - پىكىر قانچە ئېنىق، چۈشىنىشلىك بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
مەسىلەن: لامارسىيانىڭ قاتتىق دېتال جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ياكى مەكتەپ پايدىلىنىدىغان ماتېرىيال، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى كونكېرت شەرتى ۋە ئۆلچىمى ياكى بولمىسا مەكتەپنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتلىرى ۋەھاكازالار.... يۇقىرىقىلاردىن خالىغان بىرەرىنى ئوتتۇرىغا قويساق تېما ئىگىسى ئۇنتۇپ قالغان بولسا ئاختۇرۇپ قاتىدۇ، ماتېرىيال راستلا بەك ئاز بولسا چۈشەنچە بېرىپ قويىدۇ. يەنە بىرى، مۇشۇ سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىمۇ بەزى نەرسىلەرنى تېما ئىگىسىگە ئىتتىرمەي، ئۆزى ئىزدىنىپ، تېما ئىگىسىگە ياردەم قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. چۈنكى، مۇنبەرگە تۆھپە قوشۇش تېما يازىدىغانلارنىڭ ياكى ئاشۇ تېمىنى يازغۇچىنىڭلا ئەمەس، ھەممەيلەننىڭ بۇرچى...
مۇنبەرگە تەكلىپ: بىرلا ئادەمنىڭ بىلىدىغىنى ئاز، بىر تەرەپلىمە بولىدۇ. جىق ئادەمنىڭ بىلىدىغىنى كۆپ بولىدۇ. شۇڭا بەزى تېمىلارنى بىرلىشىپ يازساق، بىرلىكتە تولۇقلاپ، پۈتكەن تېمىنى مۇنبەرنىڭ مەھسۇلاتى قىلساقمىكىن.... |
|