elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1282|ئىنكاس: 40

‹‹ ياۋروپا تەنتەربىيىسى ›› باھالىغان 10 مۇنەۋۋەر ياش پۇتبولچى !!!~

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-31 19:01:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

   ۋاڭيى تورى خەۋىرى

1.jpg

   نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورنى بولغان ‹‹ ياۋروپا تەنتەربىيىسى ›› ، ھازىرقى پۇتبول سەھنىسىدىكى 10 مۇنەۋۋەر ياش پۇتبولچىنى باھالاپ چىققان . ( 1992-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈندىن كېيىن تۇغۇلغانلار ) . نېيمار بۇ قېتىملىق باھالاشتا بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان .

   1 . نېيمار    (   بارسىلونا   )

1-.jpg

   نېيمار تېخى 23 ياشقىمۇ كىرمىدى . لېكىن ئۇ ھازىرقى پۇتبول سەھنىسىدىكى دائڭلىق چولپانغا ئايلىنىپ بولدى . ئۇنىڭ مەيلى بارسىلونادىكى ئىپادىسى بولسۇن ۋە مەيلى بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىكى ئىپادىسى بولسۇن ، ئۇنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلار قاتارىدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بولدى . ئۇ ھازىر دۆلەت كوماندىسنىڭ كاپىتانى ، شۇنداقلا دۆلەت كوماندىسىغا ۋەكالىتەن 60 مەيدان مۇسابىقىغە قاتنىشىپ 42 توپ ئۇرۇپ ، بىرازىلىيە تارىخدىكى مەرگەنلەر قاتارىدا 5-ئورۇنغا تىزىلدى . ئۇنىڭغا يەنە ۋاقىت ، پۇرسەتلەر كۆپ .

   2 .  پوگبا    (   يۇۋېنتۇس   )

2.jpg

   يۇۋېنتۇسقا كېلىپ قايتا تاۋلانغان پوگبا ياۋروپا پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىغا ئايلاندى . پوگبا ھازىر يۇۋېنتۇسنىڭلا ئەمەس فىرانسىيە كوماندىسىنىڭمۇ ئوتتۇرا مەيدان يادروسى ھېسابلىنىدۇ .

   3 .  گوتېز    (   بايرېن مىيونخېن   )

3.jpg

   گوتېزنىڭ 2014-يىلىنى ئىنتايىن غەلبىلىك بولدى دىيىشكە بولىدۇ . ئۇ بايرېن مىيونخېن كوماندىسنىڭ گىرمانىيە بىرلەشمىسى چىمپىيونى ۋە گىرمانىيە لوڭقىسى چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشقان . دۆلەت كوماندىسىدا بولسا دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى ھالقىلىق بىر توپى بىلەن گىرمانىيىنىڭ قايتا دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونى بولۇشىنى بەلگىلىگەن .

   4 .  كورتوۋا    (   چېلسى   )

4.jpg

   كورتوۋا ھازىرقى داڭلىق قاپقىچىلار قاتارىدا ئالدىنقى بەش مۇنەۋۋەر قاپقىچىنىڭ بىرى . بۇنىڭ دەلىلى دەل ئالدىنقى پەسىلدىكى مادرېد ئاتلېتكا كوماندىسىدىكى ئېسىل ئىپادىسى ۋە بۇ پەسىلدىكى چېلسى كوماندىسىدىكى مۇقىم ئىپادىسى . ئۇ چېلسىغا كېلىپلا ، چېلسىنىڭ تۆھپىكار قاپقىچىسى چېخنى سىقىپ چىقىرىپ ئۇنىڭ ئورنىغا كوماندىنىڭ بىرىنچى قاپقىچىلىق ئورنىغا دەسسىگەن .

   5 .  ۋېراتتى    (   پارىژ سېنت-ژېرمان   )

5.jpg

   ۋېراتتى 2012 - يىلى يازلىق يۆتكۈلۈشتە پارىژ سېنت-ژېرمان كۇلۇبىغا قوشۇلغان . شۇ مەزگىلدە ۋېراتتى ھېچكىمگە تونۇشلۇق بولمىسىمۇ ، لېكىن ھازىر كوماندىسىنىڭ ئەڭ موھىم ئەزاسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى . ئۇ ھەم ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى ، شۇنداقلا پېرلونىڭ ئىزباسارى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان توپچى .

   6 .  ۋارانې    (   خانلىق مادرېد   )

6.jpg

   ۋارانې خانلىق مادرېد كوماندىسى مۇداپىيە سېپىدىكى ئۈمىدلىك ياش . فىرانسىيە كوماندىسى ۋە خانلىق مادرېد كوماندىسىنىڭ كەلگۈسى مۇداپىيە سەركىسى . ئۇ بۇ يىل خانلىق مادرېد كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە 4 لوڭقا ساھىبى بولدى . شۇنداقلا فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشتى .

   7 .  ئالابا    (   بايرېن مىيونخېن   )

7.jpg

   ئالابا بولسا گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سول قانات مۇداپىيىچى ، شۇنداقلا دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سول قانات مۇداپىيىچىنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىيىدىكى تەڭپۇڭلۇقى كوماندا بىر پۈتۈن گەۋدىسىگە ئىنتايىن ماسلاشقان . ئۇ كۆپ قىرلىق جەڭچىنىڭ بىرسى . ئۇ يەنە ئارقا بەل ، سول كىراي ئورۇنلىرىدىمۇ ئىنتايىن قالتىس ئىپادە كۆرسىتەلەيدۇ .

   8 .  كېكو    (   مادرېد ئاتلېتكا   )

8.jpg

   كېكونىڭ 2014-يىلى خۇددى چۈشكە ئوخشايدۇ . ئۇ مادرېد ئاتلېتكا كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە بارسىلونا ۋە خانلىق مادرېد كۇلۇبلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈردى . شۇنداقلا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ كۆمۈش شاھلىق ئورنىغا نائىل بولدى . ئۇ مادرېد ئاتلېتكا كوماندىسىدىلا ئەمەس ، ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسدىمۇ موھىم ئەزا ھېسابلىنىدۇ . بوسېكنىڭ نەزىرىدىكى ئۇ شاۋېنىڭ ئىز باسارى دەپ تەرىپلەنمەكتە .

   9 .  ئېسكو    (   خانلىق مادرېد   )

9.jpg

   ئېسكو بولسا 2012-يىللىق ياۋروپا ‹‹ ئالتۇن ئۆسمۈر ›› مۇكاپاتى ساھىبى . 2013-يىلى 30 مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن خانلىق مادرېدقا قوشۇلغاندىن بېرى ئۇرۇندۇققا ھەمراھ بولۇپ كەلدى . لېكىن بۇ پەسىلدىكى ئۇنىڭ ئىپادىسى كۆزنى چاقناتتى . ئۇنىڭ تېخىنىكىسىنىڭ ئالاھىدە بولۇشى ۋە تالانتى خانلىق مادرېد كوماندىسىغا ئالاھىدە كۈچ ئېلىپ كەلدى . ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىمۇ ئۇ كەلگۈسى يادرولۇق توپچىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .

   10 .  سىتېرلىڭ    (   لىۋېرپول   )

10.jpg

   سىتېرلىڭ ئەمدىلا 20 ياشقا كىردى . ئالدىنقى پەسىلدە ئۇ ، لىۋېرپول كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمىدە ئىككىنچى بولۇشتەك ياخشى نەتىجىنى ياراتتى . بۇ پەسىل بولسا ئۇ لىۋېرپولنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئەزاسىغا ئايلاندى . بۇ يېڭى يولتۇز 2014-يىللىق ياۋروپا ‹‹ ئالتۇن ئۆسمۈر ›› مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى . شۇنداقلا ئېنگىلاند دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى ۋە كەلگۈسى ئۈمىدى .




                                                    تامام !!~ ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن !!~ يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجىلەر يار بولسۇن !!!~


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 19:07:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانۇزاي كىرمەپتۇدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 19:15:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىسام ناھايىتى توغرا تاللانغاندەك قىلىدۇ  ، بۇلۇپمۇ  بىرىنچىدىن بەشىنچىسىگىچە نەقلا مەن ئويلىغانلىرى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 19:18:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرىن نىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرسەم ،ھەر قېتىم كۈزۈمگە  ئالابا قۇساق سېلىپ قالغاندەك كۈرنىدۇ.  سىتېرلىڭ  بۇ يىلقى ياشلارنىڭ ئۈلگۈسى تۇرسا،ھەجەپ ئەڭ ئاخىرغا تىزلىپتۇيا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 19:21:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ -ئەلەيكۇم پۇتبول مۇنبىرىدىكى بارلىق  مۇنبەرداشلار كەمىنە يېڭى ئەزا ئەلشىر 828دىن سىلەرگە سالام   .    پۇتبول مۇنبىرىنى سىرتتىن كورۇپ كىلىۋاتقىنىمغا تۆت  يىلچە  بولۇپ قاپتۇ،  بۈگۈن  تىزىملىتىپ  كىرىپتىمەن .   مۇنبەرداشلارنىڭ مىنى يېڭى  كۆرمەي  قىزغىن قارشى ئېلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 19:22:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مۇراتا كىرەلمەپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 19:22:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جانۇزايغا خېلى بالدۇر،جانۇزاي ئارسىنالدىكى چامبېرلىن،ئېۋىرتوندىكى روس.باركېلىچىلىكمۇ ئىپادىسى بولمىسا بۇ تىزىملىككە قانداق كىرىدۇ قېرىندىشىم،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 19:23:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېيمار دا ئۈمۈت زور. بولۇپمۇ دولەت كوماندىسدا خىلى ئش تەۋرىتىدۇ بۇ كەلگۈسىدە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 19:25:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەمىسىدىن نېيمارنىڭ كەلگۈسى پارلااق بۇلامىكىن دەيمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
بىرازىلىيە + 50 دىگىنىڭىز كەلسۇن...

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 19:26:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسكو بىلەن  سىتېرلىڭنىڭ   كىرگىنىگە  خۇشال بولدۇم  ،   ئىككىسىنىڭ  توپ  ئوينىشى بولۇپ  قويىدۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 19:33:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا تاللاش بۇلۇپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 19:38:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېرىشىڭلا ، غەلىبە تېرىشقانلارغا مەنسۈپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 14:49

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش