ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2689 |
تۆھپىسى: سەر |
|
سىنا تورى خەۋىرى
بۈگۈن ‹‹ تاشقى پىلانت ئادىمى ›› رونالدو ئۆز قەلبىدىكى ‹‹ چۈش كوماندىسى ›› نى ئېلان قىلدى . پېلى ، مارادونا ، زىدانى قاتارلىق ئىلگىرىكى چولپانلار ، شۇنداقلا ھازىرقى چولپانلاردىن مېسسى ، شاۋې قاتارلىقلار بۇ سەپتىن ئورۇن ئالغان . لېكىن پورتۇگالىيىلىك دائولىق چولپان كىرىستىيانو . رونالدو بۇ سەپنىڭ قاتارىغا كىرىشكە نائىل بولالمىغان . رونالدو ئۆزىمۇ بۇ سەپكە تىزىلمىغان . ( ئۆزىنى ئۆزى تىزىۋالسىمۇ بولماس ) .
رونالدونىڭ بۇ ‹‹ چۈش كوماندىسى ›› سەپ شەكلى 3-4-3 سەپ شەكلى بولۇپ ، قاپقىچى ئورنىغا بېرباخ ماھارەت كوماندىسنىڭ رىۋايەتلىك قاپقىچىسى ئېلۋار تىزىلغان . مۇداپىيىچى سېپىدە بىرازىلىيەلىك داڭلىق مۇداپىيىچى ، رونالدونىڭ بۇرۇنقى سەبدېشى كافۇ ، ئىتالىيىلىك مالدېنى ۋە بېكىنبورلار تىزىلغان . ئوتتۇرا مەيدان سېپى بولسا شاۋې ، كىرويېف ، مارادونا ۋە زىدانىلاردىن تەركىپ تاپقان . ھۇجۇم سېپىدە بولسا مېسسى ، دى .سىتېفانو ۋە پېلىلار ئورۇن ئالغان .
رونالدونىڭ بۇ ‹‹ چۈش كوماندىسى ›› تىزىملىكىدە ، بارسىلونادىن 4 نەپەر پۇتبولچى ( مارادونا ، كىرويېف ، مېسسى ۋە شاۋې قاتارلىقلار ) ، خانلىق مادرېددىن 2 نەپەر پۇتبولچى ( دى.سىتېفانو ۋە زىدانى ) ، بىرازىلىيىلىك پۇتبولچىلاردىن 2 نەپەر ( پېلى ۋە كافۇ ) ، باسېك ئەركىسى ئېلۋار ۋە گىرمانىيە سەركىسى بېكىنبور ، شۇنداقلا ئىتالىيە ۋە مىلاننىڭ رىۋايەتلىك كاپىتانى مالدېنى قاتارلىقلار ئورۇن ئالغان .
سەپ شەكلى : 3-4-3
قاپقىچى : ئېلۋار
مۇداپىيىچىلەر : كافۇ ، بېكىنبور ، مالدېنى
ئوتتۇرا مەيدان : شاۋې ، كىرويېف ، مارادونا ، زىدانى
ھوجۇمچىلار : مېسسى ، دى.سىتېفانو ، پېلى
|
|