akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1452|ئىنكاس: 46

‹‹ئەسەبىي ئادەم ›› سۆزلىرىدىن قىرىق كەلىمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-31 12:12:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
پۇتبول دۇنياسىدىكى ‹‹ ئەسەبىي ئادەم ›› مورىنئۇنىڭ دائىم قىزقارلىق ، مەنسى چوڭقۇر سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرمىز ، بەزىللىرى كىشىنى غەزەپلەندۇرسە، بەزىللىرى كىشىنى ئويغا سالىدۇ، بەزىللىرى ناھايتىمۇ قىزقارلىق تۇيىلىدۇ  ئۇنىڭ ھوجۇم نىشانى كۆپۇنچە ئاخبارات ۋاستىللىرى ، تىرنىرلار ، رىپىرلارغا قارتىلغان ، بەزىللىرى باشقىلارنى خىلى ئوبدانلا تەرلىتىپ قويىدۇ .....

مۇرىنىئو سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر
1.        <ئاللىبۇرۇن پۈتۈلگەنكى،مەن پەقەتلا تېۋىلغا تىكەنلرى ئارىسىدىن گۈل ئۈزىمەن.ئەمما،مۇھىم بولغىنى شۇكى،غەلىبىگە بولغان ئىشەنچتە  چوقۇم تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك.>
2.        <مېنى تەكەببۇر دېمەڭ.ئەمما،مەن بولسام ياۋروپا چېمپىيونى،شۇڭا مەن ئويلايمەنكى،مەن ئالاھىدە بىرسى.>___ 2004-يىل يازدا مۇرىنىئو پورتۇدىن لوندونغا بارغان چاغدا،ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئۆزىنى مۇشۇنداق تونۇشتۇرغان.
3.        <ئەگەر راھەت تۇرمۇش ئۆتكۈزگۈم بولسا،مەن پورتۇدا قالاتتىم.ئۇ يەردە چىرايلىق كۆك رەڭلىك تەخت،چېمپيونلۇق لوڭقىسى شەرىپى،تەڭرى،تەڭرىدىن كېيىن مەن بار بولاتتىم.>2004-يىلى 7-ئايدا مورىنىئونىڭ ئۆزىنى چۈشەندۈرگەندە دېگەن سۆزى.
4.        <چېسلى بولسا ئەڭ ياخشى كوماندا...ئەگەر سۆزۈم بەك ئۆزىنى بىلمەي تەكەببۇرلۇق قىلغاندەك ئاڭلىنىپ قالغان بولسا كۆپچىلىكنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن...چۈنكى ھازىرقى چېسلى ئەڭ ياخشى تېرىنېرنىڭ قولىدا.>___ مۇرىنىئو ئۆزىنىڭ كوماندىسىنىڭ مەڭگۈ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ.
5.        <مەن بولسام، چوڭ تۆھپىلەرنى كۆرسەتكەن داڭلىق تېرىنېر.سىلەر بولساڭلار،ھازىر ھېچنېمە ئەمەس...>___   مۇرىنىئو چېسلىغا تۇنجى يېتىپ كەلگەندە چېسلى بىرىنچى سېپىدىكى بارلىق توپچىلارغا سۆزلىگەن نۇتقى.
6.        <خۇددى بىز پورتۇگاللارنىڭ ئادەت گېپىدەكلا،ئۇلار چوڭ ئاپتوبۇسنى ۋارىتارنىڭ ئالدىغا توختىتىۋالدى.>___2004-يىلى9-ئايدا چېسلى ئۆز مەيدانىدا توتتېنھام كوماندىسى بىلەن 0 دە 0 تەڭلەشكەندىن كېيىن مۇرىنىئو رەقىبىنىڭ قاتتىق مۇداپىئەسىگە مۇشۇنداق باھا بەرگەن.
7.        <مەن چوقۇم ئۆزۈمنىڭ ئېنگىلاندتا تۇرۇۋاتقانلىقىمنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىم كېرەك.شۇڭلاشقا،گەرچە مەن ئۆزۈمدە خاتالىق يوق دەپ ئويلىساممۇ،ئەمما مەن چوقۇم بۇ دۆلەتكە ماسلىشىشىم ھەم بۇ دۆلەتنى (پۇتبول ئەنئەنىسىنى) ھۆرمەت قىلىشىم كېرەك.مەن لېۋىرپول پۇتبول مەستانىلىرىنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيمەن.مەن قىلغان<ئاغزىڭنى يۇم> قول ئىشارىسى ھەرگىزمۇ پۇتبول مەستانىلىرىگە قارىتىلغان بولماستىن،بەلكى ئېنگلاند ئاخبارات ۋاستلىرىگە قارىتىلغان.>___2004-2005 مۇسابىقە پەسلى بىرلەشمە لوڭقىسىدىكى چېسلى بىلەن لېۋىرپول ئوتتۇرىسىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە،مۇرىنىئو بارمىقىنى لېۋىگە قويۇپ <ئاغزىڭنى يۇم> دېگەن قول ئىشارىسىنى قىلغان.نەتىجىدە جازالىنىپ مەيداندىن ھەيدەپ چىقىرىلغان.

8.        <مەن ئەنفىلد پۇتبول مەيدانىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھېس قىلدىم.مەن ئويلايمەن،بۇ ئىشلار مېنىڭ توپچىلىرىمغا تەسىر قىلمىدى،ئەمما، باشقىلارغا تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن.سىز يان رېپىرنىڭ نېمىشقا ئۇنىڭغا بۇ توپنى بەرگەنلىكىنى سوراپ بېقىشىڭىز كېرەك.چۈنكى،ئەگەر يان رېپىر بېرىشنى خالىسىلا ئۇ توپ 100% كىرىدۇ.ئەگەر سىز ئۇ توپنى كىردى دەپ قارىسىڭىز،ئۇ توپنى يان رېپىر ئۇردى دېسىڭىز تامامەن بولىدۇ.>___مۇرىنىئو لېۋىرپول توپچىسى لۇئىس.گاسىيانىڭ غەلىتە كىرگەن توپىنىڭ ۋارىتار سىزىقىدىن ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكىگە قاتتىق گۇمان قىلىدۇ.دەل بۇ گۇمانىي توپ چېسلىنىڭ قەدىمىنى 2004-2005 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە توختىتىپ قويدى.
9.        <بىز 2 قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا ئۇلار بىلەن 4 قېتىم تۇتۇشتۇق.مەيداندا پەقەت 11 گە قارشى 11لا ئادەم بولىدىكەن،ئۇلار بىزنى ئۇتۇپ باقمىدى.مانا بۇ ھەقىقەت.>2005-2006 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى 8 كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە بارسىلونا بىلەن 1 دە 1 تەڭلەشكەندىن كېيىن چېسلى شاللىنىپ كەتتى.باش تېرىنېر مۇرىنىئو پەقەتلا قايىل بولمىدى.

10.        <ئۇ قارا پەلتۇ بولسا ئايالىم تۇنجى قېتىم ئىتالىيەگە بارغاندا ماڭا ئالغاچ كەلگەن ئامانى ماركىلىق پەلتۇ.ئۇ ئايالىمنىڭ بىر ئايلىق مۇئاشى ئىدى.مەن چوقۇم ئەتىۋارلىشىم كېرەك.>___ بارسىلونا ئايال پۇتبول مەستانىلىرى مۇرىنىئونى زاڭلىق قىلىپ<يىللاردىن بۇيانقى قىشلىق مۇسابىقىلەرنى پەقەت ئۆزگەرمەس بىرلا قارا پەلتۇ بىلەن چىقىرىۋەتتى>دېگەندە،مۇرىنىئو ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەنچە بەردى.ھالا بۈگۈنكى كۈنلەردە،قارا رەڭلىك پەلتۇ ئاللىقاچان مۇرىنىئونىڭ ئۆزگىچە بەلگىلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالدى.ئۇنىڭ شۇ قىياپىتىمۇ پۇتبول ساھەسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بەس-بەستە تەقلىد قىلىدىغان ئوبېكتىغا ئايلاندى.

11.        <مېنىڭچە،ئۇ بىر ئەسەبىي ماراقچى.ئۇ باشقىلارنى ماراشنى ياخشى كۆرىدۇ.ھەمىشە مۇشۇنداق بىر خىل ئادەملەر بولىدۇكى،ئۇلار ئۆيىگە بېكىنىۋېلىپ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى تېلىسكوپ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئۆيىدە نېمىش بولۇۋاتقانلىقىنى ئوغۇرلۇقچە ماراشنى ياخشى كۆرىدۇ.ئۇ ھەمىشە توختىماستىن چېسلى توغرىسىدا ۋاتىلدايدۇ.>___2005-يىلى 10 ئايدا،مۇرىنىئونىڭ ئارسىنال تېرىنېرى ۋېنگېرغا بەرگەن بۇ باھا سۆزى زور غۇلىغۇلا قوزغىدى.ئىشتىن كېيىن مۇرىنىئو ۋېنگېردىن ئەپۇ سورىدى.
12.        <ھەممە ئادەم چېسلىنىڭ ئۇتتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.ئەگەر مەلۇم بىر كۈنى بىز ئۇتتۇرىۋەتسەك،ئۇلار ئۇ كۈننى چوقۇم ئاممىۋى بايرام قىلىپ بېكىتىدۇ.>___2005-2006 مۇسابىقە پەسلىنىڭ باشلىرىدا،چېسلى يالغۇز تۇلپاردەك بۆسۈپ چىقىپ،مۇرىنىئو ۋە ئۇنىڭ كوماندىسى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ <ئورتاق دۈشمىنى>گە ئايلاندى.
13.        <چېسلى پۇتبولى مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك ئۇسلۇب ئەمەس،ئەمما،ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە نەتىجىگە ئېرىشىشتىكى ئەڭ ياخشى شەكىل.باش تېرىنېر پەقەت ئۆزىنىڭ ياقتۇرۇشى،خاھىشى بىلەنلا تاكتىكا پىلانلىسا بولمايدۇ.بەلكى،ئۆزى تۇرىۋاتقان بىرلەشمىنىڭ كونكېرت ئالاھىدىكلىرىگە ئاساسەن قارار چىقىرىشى كېرەك.>___ئۆزىنىڭ پۇتبولدىكى مەنپەئەت ۋە ئەمەلىيەت كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا مۇرىنىئو يوشۇرۇپ ئولتۇرمايدۇ.
14.        <ئەگەر ئابلاجان (ئابلاموۋىچنى دېمەكچى) مەشىق مەيدانىغا كېلىۋېلىپ ماڭا يول كۆرسەتسە،بىز بەلكىم مۇسابىقىدە رەسۋا بولۇشىمىز مۇمكىن.>___مۇرىنىئو كۇلۇب خوجايىنىنىڭ كوماندا مەشىقى ۋە جەڭ تاكتىكىسىغا ئارىلىشىۋېلىشىنى ياقتۇرمايدۇ.
15.        <سىز بۇ يەردە پەقەت بىرلا چولپانغا ئېھتىياجلىق.ئۇ بولسىمۇ مەن!>___ئابلاموۋىچ چېسلىغا زىدانى،بېكخام قاتارلىق چولپانلارنى سېتىۋېلىپ ئەكىلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان چاغدا،مۇرىنىئو ئابلاموۋىچقا مۇشۇنداق ئىپادە بىلدۈرگەن.
16.        <مەن بىلەن يەنە باشقا بىرسى بىرلىكتە كۆلدە قېيىق ھەيدەۋاتقاندا،قېيىق قىرغاقتىن بىر ئىنگىلىز مىلى يىراقلىقتا بولسا،مەن ئۇدۇللا سۇغا سەكرەپ قىرغاققا قاراپ ئۈزىمەن.چۈنكى،مەن بىر سۇ ئۈزۈش ماھىرى.يەنە بىر ئادەممۇ كەينىدە قالغۇسى كەلمەي سۇغا سەكرەپ مېنى قوغلىدى دەيلى،مەن ھەرخىل سۇ ئۈزۈش شەكىللىرى بىلەن ئاخىرى قىرغاققا چىقتىم.ئۇمۇ قىرغاققا يەتكەن بولدى،ئوخشىمايدىغان يېرى،ئۇ ئاللىقاچان تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالدى.بۇ دەل ئاتالمىش <قۇملۇق قىرغاقتا ئۆلۈش> دېگەن ئىبارە بولسا كېرەك.ئەگەر ئۇ دەسلەپتە يۇۋاشلىق بىلەن قېيىقتا تۇرىۋەرگەن بولسا ھېچ ئىش بولمىغان بولاتتى.>___2006-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى،چېسلى ئۆز مەيدانىدا 3 تە 0 نەتىجە بىلەن مانچېستېرنى ئېغىر مەغلۇپ قىلىپ،ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپيونلۇقىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قولغا كەلتۈردى.رونىي بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يارىلىنىپ گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالدى.
17.        <بۇ خىل ئالتۇن مېدال مەندە ئۆتكەن يىلىلا بار بولغان ئىدى.مەن يەنە ئوخشاش نەرسىنى ياقتۇرمايمەن.>___2006-2005 مۇسابىقە پەسلىدە چېسلى ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى چېمپيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.مۇرىنىئو قولىدىكى ئالتۇن مېدالنى نەق مەيداندىلا كۆرۈش سۇپىسىدىكى توپ مەستانىلىرىغا تاشلاپ بەردى.
18.        <ئەگەر ئۆيۈمدە ئىككى ماشىنا__بىرسى <بېنتلى>،يەنە بىرسى <ئاشتون> بار دېسەك،ئەگەر مەن ھەر كۈنى <بېنتلى>نى ھەيدەپ چىقىپ كېتىپ،<ئاشتون>نى ھويلىدا قويۇپ داتلاشتۇرىۋەتسەم،مەن بىر ئەخمەق.ئالماشتۇرۇپ ھەيدەپ ماشىنىنى مۇۋاپىق ئارام ئالدۇرۇش بولسا بىر خىل ماشىنا ئاسراش.بۇنداق بولغاندا كېيىن ئۇلارنى ھەيدىگەندە تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ.ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى،مەندە ئالدى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا ئېسىل ماشىنىدىن ئىككىسى بولۇشى كېرەك.>___باشقىلار ئۇنى مۇسابىقىدە توپچىلارنى ئالماشتۇرۇپ چۈشۈرۈشنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ دەپ تەنقىدلىگەندە،مۇرىنىئو مۇشۇنداق ئىنكاس بىلدۈرگەن.
19.        <ئائىلە ئىناقلىقى ۋە دۇنيا تىنچلىقى پۇتبولدىن بەك كۆپ مۇھىم.مۇھەببەت،قېرىنداشلىق،دوستلۇق بىلەن سېلىشتۇرغاندا،پۇتبول بولسا پەقەتلا بىر ئويۇن خالاس.>___مۇرىنىئو توپ مەستانىلىرىنى نېمىنىڭ ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم،قىممەتلىك نەرسىلەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ دېگەن سۆزى.
20.        <ماكېلەيلەي بولسا پۇتبولچى ئەمەس،ئۇ بىر قۇل>___2006-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن،مۇرىنىئو فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى دومېنىكنىڭ ئاللىقاچان دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەن چېسلى كونا توپچىسىنى زورلۇق بىلەن قايتۇرۇپ ئەكىلىپ 2008 –يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغانلىقىنى مۇشۇنداق ئەيىبلىگەن.
21.        <ئادەم ئالماشتۇرۇش بولسا قىمارغا ئوخشايدۇ.ئەگەر ئۇنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا، خۇددى مەن تۇنجى يىلى نيۇ كاستېلدا ۋەزىپە ئۆتىگەندە كىشىلەر مېنى تەنقىدلىگەندەك تەنقىدكە ئۇچرىغان بولاتتىم.ئەمما،مەن يەنىلا ناھايىتى تاتلىق ئۇخلاۋېرەتتىم.چۈنكى،مەن سىناپ ئۇرۇنۇپ باقتىم.تۇرمۇشتىكى ئەڭ چاتاق ئىش ھەرگىزمۇ تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ مەغلۇپ بولۇش بولماستىن،بەلكى سىز پەقەتلا سىناپ باقماسلىق.بۇ ھەم مېنىڭ ھەرۋاقىت توپچىلارغا بېرىدىغان ساۋىقىم.>___مۇرىنىئو ئۆزىنىڭ مۇسابىقىدە داۋاملىق كۆرۈلىدىغان كەسكىن،تەۋەككۈلچى،ھەتتا <تەلۋىلەرچە>دېسىمۇ بولىدىغان ئادەم ئالماشتۇرۇشلىرىغا قارىتا مۇشۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ.
22.        <مانچېستىر بىلەن مۇسابىقە ئوينىغاندا نۇقتا توپقا ئېرىشىش بولسا ئىنتايىن قىيىن بىر ئىش.ئەمما،چېسلى بىلەن مۇسابىقە ئوينىغاندا بولسا مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن يۇقىرى.ئەگەر بىرەرسى مېنى راست گەپ قىلدىڭ دەپ جازالىماقچى بولسا،ئۇ دېموكراتىيەنىڭ زاۋال تېپىشى بولغان بولىدۇ،بىزمۇ ئوتتۇرا ئەسىرگە قايتقان بولىمىز.>___2006-2007مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى چېمپيونلۇقىنى تالىشىشتىكى ھالقىلىق جەڭدە،چېسلى بىلەن نيۇكاستېل ئوينىغان مۇسابىقىدە ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان بىر نۇقتا توپ باش رېپىر تەرىپىدىن ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.ئەمما،مانچېستېر ئۆز مەيدانىدا Middlesbrough(米德尔斯堡)  بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ئەكسىچە ئۇزۇن تولۇقلىما ۋاقىت ۋە غەلىبە نۇقتا توپىغا ئېرىشىدۇ.
23.        <پەقەت ئىككىلا خىل ئۇسۇل مېنى چېسلىدىن ئايرىيالايدۇ.بىر خىلى بولسا،2010-يىلى 6-ئايدا،مەن توختامنى تولۇق ئادا قىلساممۇ،كۇلۇب ماڭا يېڭى توختام سۇنماسلىقى.يەنە بىر خىلى بولسا،چېسلىنىڭ مېنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىشى.مېنىڭ ئۆزلىكىمدىن چېسلىنى تاشلاپ ئىستىپا بېرىشىم ئۈستىدە توختالساق،ئۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش!مەن ھەرگىزمۇ چېسلى توپ مەستانىلىرىغا بۇنداق يۈزسىزلىك قىلمايمەن.>___2006-2007 مۇسابىقە پەسلى مۇرىنىئو بىلەن ئابلا باينىڭ مۇناسىۋىتى ئەڭ يىرىكلەشكەن ۋاقىتتىمۇ،مۇرىنىئو ئاخبارات ۋاستىلىرىغا يەنىلا شۇنداق دېگەن.

24.        <تۇخۇم بولمىسا تۇخۇم پوشكىلى بولمايدۇ.تۇخۇم پوشكىلى سۈپىتىنىڭ ياخشى-يامانلىقى تۇخۇمنىڭ سۈپىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.تاللا بازىرىدا نۇرغۇن خىل تۇخۇم بار:ئا دەرىجىلىك تۇخۇم، ب دەرىجىلىك تۇخۇم ۋە س دەرىجىلىك تۇخۇم.بەزى تۇخۇملار زادى باشقا تۇخۇملاردىن قىممەت.ئامما،بۇ قىممەت تۇخۇملاردا تېخىمۇ ياخشى تۇخۇم پوشكىلى سالغىلى بولىدۇ.ئەگەر ئا دەرىجىلىك تۇخۇمنى پەقەتلا مەلۇم بىر ئالىي دەرىجىلىك تاللا بازىرىدىن سېتىۋالغىلى بولسا،ئەمما،سىزنىڭ ئۇ تاللا بازىرىغا بېرىش ئىمكانىيىتىڭىز بولمىسا،ئۇ ھالدا سىز مەسىلىگە يولۇققان بولىسىز.>2007-2008 مۇسابىقە پەسلىنىڭ دەسلەپلىرىدە،لەمپارد،دىروگبا،كارۋاخال ۋە باللاك قاتارلىق مۇتلەق ئاساسىي توپچىلار ئارقا-ئارقىدىن يارىلاندى.بۇ ئەھۋال چېسلىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقاردى.شۇ يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە روسېنبۇرگ كوماندىسى بىلەن بولىدىغان تۇنجى جەڭدىن بۇرۇن،مۇرىنىئو ھازىر قولىدا كوزۇر توپچىلىرىنىڭ بولمىغانلىقىدىن دەرد تۆككەن.
25.        <ئۆتكەن ئون يىلدا پەقەت گولف توپ ئويناشنىلا بىلىپ قولىدا قەلەمنى تۇتىۋېلىپ باشقىلارنى ئەيىبلەيدىغان بىر ئادەم ھۆرمەت دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى تامامەن چۈشەنمەيدۇ.>___گوللاندىيە ۋە بارسىلونا پۇتبولچىلىقىنىڭ <ئاتىسى>كرويېف مۇرىنىئونى ئاگاھلاندۇرۇپ باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەكلىكىنى دېگەندە،مۇ تەلۋە مۇشۇنداق تەنە قىلىپ گەپ ياندۇرغان.
26.        <نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى بىرسى ماڭا مۇنداق بىر سۆزنى دېگەن:مەپە يولدىن ئۆتكەندە بىر توپ ئىت تەلۋىلەرچە قاۋىشىدۇ.سىز ئاۋۇ ئىتلارغا قاراپ بېقىڭ،ئۇلار قاۋاپ قالىدۇ.ئەمما،مەپە داۋاملىق مېڭىپ كېتىۋېرىدۇ.>___كوماندىنى يېتەكلەپ شان-شەرەپكە ئېرىشىش مۇساپىسىدە،مۇرىنىئو ئەزەلدىن رەقىبىنىڭ كىنايىلىرىگە پىسەنت قىلمايدۇ،ئەكسىچە ئۇ ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ <قايتۇرما زەربە> بېرىدۇ.
27.        <بەلكىم مەن 60 ياشقا بارغاندا، بۇ بىرلەشمىدە 20 يىل ۋەزىپە ئۆتۈپ بولغان ۋاقىتتىمۇ ھەممە ئادەمنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ،بىرەر ئېغىز سۆزۈممۇ باشقىلارنى لاغىلداپ تىترىتىدىغان كۈچكە ئىگە بولالىشىم مۇمكىن.>___2004-2005 بىرلەشمە لوڭقىسى چېسلى بىلەن مانچېستىر ئوتتۇرىسىدىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا ئاق ئىمتىھان قەغىزى تاپشۇرغاندىن كېيىن،مۇرىنىئو مانچېستىر تېرىنېرى فۇگسېننى يېرىم مەيدان دەم ئېلىشىدا باش رېپىر بىلەن ئايرىم مۇڭدىشىپ،رېپىر ھۆكۈمىنىڭ ئادىللىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن دەپ ئەيبلىگەن.
28.        <چارشەنبىدىكى مۇسابىقىدىن كېيىن،بىز بىرلىكتە مېنىڭ ئىشخانامغا كىرىپ پاراڭلاشقاچ ئۈزۈم ھارىقى ئىچىشتۇق.چاتاق بولغىنى ئۇ بۇ بوتۇلكا ئۈزۈم ھارىقىنىڭ سۈپىتى بەك تۆۋەنكەن دەپ ئاغرىندى.شۇڭا،بىز كونا تراففورد مەيدانىدا ئىككىنچى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىنى ئوينىغان چاغدا،مەن چوقۇم پورتۇگالىيە ئىشلەپچىقارغان ئېسىل بىر بوتۇلكا ئۈزۈم ھارىقى ئېلىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.ئۇ كۈنى ھەم مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم.>___يەنىلا شۇ مەيدان مۇسابىقە (2004-2005 بىرلەشمە لوڭقىسى چېسلى بىلەن مانچېستىر ئوتتۇرىسىدىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشى)دىن كېيىن،مۇرىنىئو ئۆزى ۋە فۇگسېن ئوتتۇرىسىدا شەخسىي ئاداۋەت يوقلۇقىنى ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن بىلدۈرگەن.
29.        <مەن چېسلى كۇلۇبىدىكى بارلىق توپ مەستانىلىرىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.بىزنىڭ ئارىمىزدىكى رىشتە مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ>__2007-يىلى 9- ئايدا مۇرىنىئو ئەپسۇسلانغان ھالدا ستانفورد مەيدانىدىن ئايرىلغاندا،چېسلىنىڭ بارلىق توپ مەستانىلىرىگە ئىپادىلىگەن ئوچۇق باياناتى.

30.        <ھازىر چوقۇم پۇشايمان قىلغان ئادەم بار.ئەمما،مەن ئەمەس>___2008-يىلى يازدا،كىشىلەر مۇرىنىئودىن مادرىد تېرىنېر تاللىغاندا ئۆزىدىن ۋاز كەچكەنلىكى توغرىسىدىكى كۆز-قارىشىنى سورىغاندا،مۇ تەلۋە ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس تەكەببۇرلىقىنى ساقلىغان.ئىنتايىن ئەپسۇس،ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە قېرىشقاندەك:مادرىد كېيىنكى 2008-2009مۇسابىقە پەسلىدە ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي داق يەردە قالغان.
31.        <مەن ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ مېنىڭ قولۇمدا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.مەن ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارمايمەن،ھەم ئۇرۇشتا قاچاق ئەسكەرمۇ بولمايمەن.>___مۇرىنىئو ئۆزىنىڭ پىرىنسىپچىل ئادەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
32.        <مېنىڭ چىش دوختۇرۇم ئىنتايىن قالتىس،ئەمما،ئۇنىڭ ئەزەلدىن چىشى ئاغرىپ باقمىغان.بەلكىم ئەنچىلودى ئا س مىلەن تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر تېرىنېرلارنىڭ بىرى بولغان ساچى نى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.ماڭا ئوخشاشلا،ئۇمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە توپ تېپىپ باقمىغان.>___ئەنچىلودى مۇرىنىئونى توپ تېخنىكىسى ناچار،پۇتبولچىلىق دەۋرى ئىنتايىن تۆۋەنچىلىكتە ئۆتكەن دەپ مەسخىرە قىلغان چاغدا،مۇ تەلۋە مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرغان.
33.        <ئوبيېكتىپچىللىق بىلەن ئېيتقاندا،بىر پۇتبولچى مەن بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان ئۈچ خىل شەكىل بار:مەن بۇيرىغان ئىشنى قىلماسلىق،مەن بۇيرىغانلىقىم ئۈچۈن قىلىش،مەن بۇيرىمىساممۇ قىلىۋېرىش.مارىئو ھازىر ئىككىنچى باسقۇچتا تۇرىۋاتىدۇ.ئۇ مەن بۇيرىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.ئەگەر ئۇ ئۈچىنچى باسقۇچقا يېتەلىسە مۇكەممەل بولغان بولىدۇ.ئەمما ئۇ چاغدا،مەن ئۇنىڭ بىرىنچى باسقۇچتىن ئۆتكەنلىكىگە ئىنتايىن خۇشال بولىمەن.>___بالوتېلىنى مىسال قىلىپ،مۇرىنىئو ئۆزىنىڭ توپچىلار بىلەن ئۆتۈشتىكى پىرىنسىپىنى چۈشەندۈرىدۇ.
34.        <ئاخبارات ۋاستىلىرى پىلانلىق،تەشكىللىك ھالدا جامائەت كۆز قارىشىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ.مەن بۇنداق روھىي پاھىشىلىكنى ياقتۇرمايمەن.مەن سەمىمىيلىكنى ياقتۇرىمەن.>___مۇرىنىئو ئىتالىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنى نومۇسسىز ئالدامچى پاھىشىلەرگە ئوخشاتقان.ھەم،ئىنتېرمىلەننىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ نومۇسسىز ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە بىر قىسىم پەسكەش كىشىلەرنى قاتتىق سۆككەن.
35.        <ژېنوۋا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە،مەن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈشلەرنى،ئىرادە ۋە قىيىنچىلىققا تىز پۈكمەيدىغان روھنى كۆردۈم.نۇرغۇن كىشىلەر بىزنىڭ بىر قەدەمنى خاتا مېڭىپ سېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلاتتى.ئەمما،بىزنىڭ يىقىلىشىمىزنى كۈتكەن ئۇ كىشىلەر ھازىر شامپانلىرىنى توڭلاتقۇغا قايتۇرۇپ سېلىۋەتسە بولىدىغان بولدى.>___2008-2009مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى 27-ئايلانمىسىدا ئىنتېرمىلەن مېھمان مەيداندا ژېنوۋانى 2 دە 0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن،مۇرىنىئۇ مۇشۇنداق دېگەن.ئۇنىڭ كوماندىسى تېخى يېقىندىلا ھەپتە ئوتتۇرىسىدىكى ئىتالىيە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 0 دە 3 نەتىجە بىلەن ژېنوۋانىڭ ئورتاق شەھەر دۈشمىنى سامپدورىيەگە ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرىۋەتكەن.
36.        <مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،ئەگەر بەزىلەر مېنىڭ كوماندامنى تەنقىدلىمەكچى بولسا،ئۇلار ئالدى بىلەن مېنى ئۆلتۈرىۋەتسۇن...مەن سىلەرنىڭ مەدەنىيىتىڭلارنى چۈشىنىمەن.بەلكىم پۈتۈن ئىتاليە ئىنتېرمىلەننىڭ ئۇزغۇنلۇقتىن شاللىنىپ چىقىپ كەتكەنلىكىدىن خۇشال بولغان بولۇشى مۇمكىن.ئەمما مەن كۇلۇبقا بارلىق بېرىشقا تېگىشلىك جاۋابلارنى بېرىمەن.چۈنكى،بىز بۈگۈن غەلىبە قىلالمىدۇق.بۇنىسى راست.>___2008-2009 مۇسابىقە پەسلى ئۇزغۇنلۇقتا ئىنتېرمىلەن مانچېستېر تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەندىن كېيىن،مۇرىنىئو ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇشۇنداق دېگەن.
37.        <بىر تېرىنېر ھەممىنى ئۇتتۇرىۋەتسە بولىدۇ،پەقەت ئۇنىڭ كەسپىي قەدىر-قىممىتىدىن باشقا.مەن ھەرگىز ئۆزۈمنىڭ كەسپىي قەدىر-قىممىتىمنى ئۇتتۇرىۋەتمەيمەن.ئىككى دانە سۆز ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ چۈشىنىشىگە يېتىپ ئاشىدۇ.مەن بولسام 9 دانە سۆز دەپ بولدۇم.سىلەرگە كەلدى...>2008-2009 مۇسابىقە پەسلى ئۇزغۇنلۇقتا ئىنتېرمىلەن مانچېستېر تەرىپىدىن شاللانغاندىن كېيىنكى تۇنجخ ئىتالىيە ئا دەرىجە بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇرىنىئو ياڭراق ھەم ئېنىق قىلىپ مەيداندىكى مۇخبىرلارغا دېگەن.
38.        <ئىنتېرمىلەننى يېتەكلەش.مەن ئۆزۈمنى روبىنسونغا ئوخشاپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن.ھەتتا ئەيسانىمۇ ھەممە كىشى ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ.مەندىن يەنە نېمە تەلەپ قىلغىلى بولسۇن؟>___ئوبرازى ۋە ئۇ ھەمىشە داۋاملىق قارىماققا خۇشال كۆرۈنمەيدىغانلىقى توغرىسىدا سوئال سورالغاندا،مۇرىنىئو مۇشۇنداق چاقچاق ئارىلاش جاۋاب بەرگەن.
39.        <ياش پۇتبولچىلار قوغۇنغا ئوخشاپ كېتىدۇ.پەقەت سىز قوغۇننى پىچىپ تېتىپ باققاندىن كېيىن ئاندىن تاتلىق ياكى ئەمەسلىكىنى 100% بىلەلىگەندەكلا.بەزى قوغۇنلار قارىماققا ئىنتايىن چىرايلىق.ئەمما،ئۇلارنىڭ تەمى ياخشى ئەمەس.بەزى قوغۇنلار قارىماققا كۆرۈمسىز،ئەمما،سىز ئۇنى پىچقاندىن كېيىن بىلىسىزكى،ئىنتايىن تەملىك.>___مۇرىنىئونىڭ ياش توپچىلار توغرىسىدىكى <قوغۇن>نەزەرىيەسى.
40.        <سىزنى قانچە كۆپ كىشى ئۆچ كۆرگەن بولسا،يەنە شۇنچە كۆپ كىشى ياخشى كۆرىدۇ.سىزنى قانچە كۆپ كىشى مەغلۇپ قىلىشنى ئويلىسا،بۇ سىزنىڭ شۇنچە كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ.>___تۈرلۈك پىتنە-پاسات ،قىيىنچىلىق،رىقابەت ۋە زەربىلەرگە مۇرىنىئو مەڭگۈ باش ئەگمەيدۇ.


ئەسكەرتىش : تىمىدا دىيىلگىنى شەخسنى داڭلاش ئەمەس ، قىززىق نوختىلىق شەخىس بولغاچقىلا ئورتاق سۆزۇرلىنىش مەخسىدىدە يوللاندى ، بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ باشقا كىشلەرنىڭ دىققەت ئىتبارىنى قوزغايدىغان  گەپلەر بولغان بولىشى مومكىن ، بىرلىكتە مولاھىزە ، مۇنازىرە قىلىشايلى!
مەنبە : تور دۇنياسى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6مۇنبەر پۇلى +151 تۆھپە +1 شۆھرەت +1 تەجرىبە +1 تىللا +4 يىغىش سەۋەبى
nuri + 1 + 1 + 1 + 1 قالتىس!
مەھمۇدىيە + 1 قالتىس
ھەمراھ + 50
messi + 50
رىپىر + 50 قوللاش!
shemsherwaz + 3 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 15:47:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 13:10:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى قىززىق ئادەمدە بۇ، گېپىنى ئاڭلاشمۇ بىر ھوزۇرغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-31 13:14:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارغا يىڭى يىللىق سوۋغا ! يىڭى بىر يىلىمىزنىڭ تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 13:18:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قارىسام مورىنو پىسخىكا دوختۇرىمىكن دەپ قالىمەن، بىر گەپ باغۇ ( دۆت دوستن ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى ) دەيدىغان مورىنو ئەقىللىق دۈشمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 13:18:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 13:21:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى بۇ تېرنىر بولماي سىياسىيۇن بولغان بولسا بوپتىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-31 13:23:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانزاد1 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 13:18
مادرىت نىم سەۋەپتىن موزنھونى ئىشتىن بوشاتقان بولغىيتى ...

بۇنىمۇ بىر تىما قىلىپ يىزىپ چىقىشقا ئەرزىگۇدەك سوئال بولدى ، بۇ تۇغرىسىدا بىر ئىزدىنىپ باقايچۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 13:25:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېرنىرنىڭ 5.سۈزى ماڭا بەك ياخشى تەسىر قالدۇردى. ئاشۇ بىر ئېغىز سۈزى توپچىلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇشقا ئالامەت پايدىسى بۇلىدۇ دەپ قارايمە!ئۇچۇق -ئاشكارا سۆز قىلالايدىغان ئادەم بەزىدە زەربىگە ئۇچۇرغىنى بىلەن يەنىلا كۆپ سانلىق كىشلەرنىڭ ياقتۇرشىغا ئىرشەلەيدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 13:26:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<بىر تېرىنېر ھەممىنى ئۇتتۇرىۋەتسە بولىدۇ،پەقەت ئۇنىڭ كەسپىي قەدىر-قىممىتىدىن باشقا.مەن ھەرگىز ئۆزۈمنىڭ كەسپىي قەدىر-قىممىتىمنى ئۇتتۇرىۋەتمەيمەن.ئىككى دانە سۆز ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ چۈشىنىشىگە يېتىپ ئاشىدۇ

  <سىزنى قانچە كۆپ كىشى ئۆچ كۆرگەن بولسا،يەنە شۇنچە كۆپ كىشى ياخشى كۆرىدۇ.سىزنى قانچە كۆپ كىشى مەغلۇپ قىلىشنى ئويلىسا،بۇ سىزنىڭ شۇنچە كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ›
    بۇ سۆزلىرى راسلا ئىسىل سۆزلەركەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 13:27:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزىنى ھەرقانچە ھاكاۋۇر ئەمەس دىگەن بىلەنمۇ ھاكاۋۇر بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 13:30:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
exaniq يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 13:14
تورداشلارغا يىڭى يىللىق سوۋغا ! يىڭى بىر يىلىمىزنىڭ تى ...

تىمىڭىز بەكلا ياخشى چىقىپتۇ ئازبولسىمۇ 3 تىللا كۆڭلۇمنى كۆپكە تاۋاپ قىلاسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-31 13:41:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەمىنىنىڭ بىرسۇئالى بار مۇشۇ تىما يوللىغاندا بىر ئابزاس خەت كىرگىزۈپ بولۇپ ئاندىن ئارىسىغا رەسىم قىستۇرۇپ ، يەنە خەت كىرگۈزۈپ يە نە رەسىم يوللاپ، يەنە خەت كىرگۈزۈپ يەنە رەسىم قىستۇرۇشنى قىلالمىدىم، قىستۇرغان رەسىملەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ تىگىگە يىغىلىۋالدى
يول كۆرسىتىڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 02:44

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش