elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1549|ئىنكاس: 40

چولپانلىقتىن چۈشۈپ قالغان چولپانلار ( يېڭىلاندى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-30 19:46:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زېرەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 17:46  

d981da47c9034ea9a07cb6a5dd6075be.jpg        
                          
  بەزىلەر چاقنىسا بەزىلەر ئۆچىدۇ. مانا 2014-يىلى ئۆتۈپ كىتىشكە ئاز قالغان مۇشۇ پەيتلەردە شۇنداق ئارقىغا قارايدىغان بولساق توررېستەك كوماندا ئالمىشىپمۇ ئىپادىسىنى تاپالمايۋاتقان، دىياگودەك ئېغىر يارلىنىش ئازابلىرى ئىچىدە ئۆزىنىڭ «ئۈمىدلىك ياش» دېگەن نامىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنى كۆرىمىز. بەلكىم ئۇلاردىنمۇ بەتتەر ھالغان چۈشۈپ قالغانلار بولىشى مۇمكىن، تۆۋەندە مۇشۇ يىل ئىچىدە چولپانلار قاتارىدىن چۈشۈپ قالغان ئىلگىركى 10 نەپەر چولپانلارنى ئەسلەپ ئۆتەيلى.

توررىس
6c8015a7b3125cf759ecb5f01d60ba21.jpg

ھازىرقى توررىس بولسا كەسپى ھاياتىنىڭ ئەڭ ناچار ھالىتىدە تۇرىۋاتقان ئۆچەي دەپ ئۆچۈپ بولالمايۋاتقان چولپىنىمىزنىڭ بىرسى، بۇ يىل يازدا چېلسىدىن ئىجارە ھالەتتە مىلانغا قوشۇلىشى مەستانىلەرگە ئۈمىد بېغىشلىغان بولسا، مىلاندىكى ئىپادىسى مەستانىلەرگە باشقىلاردىن چوڭ ئۈمىد كۈتمەسلىكنى ئۆگەتتى. ھازىرغىچە ئاران بىر توپ كىرگۈزگەچكە مىلانمۇ بۇ ئالتۇن ئۆسمۈردىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدى.
6384dba490a38719fec2f0868a5e0871.jpg

توررىسنىڭ ئىپادىسى ئۇنچىۋالامۇ ناچار ئەمەس، مەيداندىكى تىرىشچانلىقىغا كۆز يۇمىۋالساق بولمايدۇ، بەزىدە سۈرەتتىكىدەك نەپىس ھەركەتلىرى كۆزىمىزگە چېلىقىپ قالىدۇ. ئەمما ۋارتار سىزىقى ئالدىدىكى تەلەيسىزلىكى ئىنزاگى، گالىيانى ۋە بېرلوسكۇنىنىڭ تاقىتىنى قىستاپ قويدى.
e728431434c3f47b07f9be89ba500747.jpg

باشقا يەرلەردە 7 يىل يۈرگەن توررىس مانا ئەمدىلىكتە ئانا كوماندىسى ئاتلىتكا مادرىدقا قايتماقچى، بەلكىم ئانا كوماندىسىغا قايتىش ئۇنىڭ قايتا چاقنىشىغا بېرىلگەن ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتتۇر. بەلكىم ئىلگىركى سەپدىشى ھازىرقى ئاتلىتكا مادرىد كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى ئۇنى قايتا چولپانلار قاتارىغا قايتۇرۇپ ئەكىلەر...

بالوتېلى
44cd56194c6326049f3c4ca26bb4fe8a.jpg

2014-يىلى بالوتېلىنىڭ ئىشلىرى ئوڭغا تارىتمىغان بىر يىل بولۇپ قالدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا مىلاندا جاپالىق بولغان يېرىم پەسىلنى تۈگەتتى. دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئاقار يۇلتۇزدەك ئىپادىسى بىلەن ھەممەيلەننى قايىل قىلدى. لىۋىرپۇلغا يۆتكەلگەندىن كېين مەيداننى ساياھەت قىلىشقا كۆنۈپ قېلىپ ۋارتارنىڭ قاياقتا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاچقا يېرىم پەسىل ئاخىرلاشقىچە بىر توپمۇ كىرگۈزۈپ باقمدى. ئىتالىيەنىڭ ئۈمىدلىك چولپىنى مانا ئەخلەت توپچىغا ئايلىنىپ قالدى. 2015-يىلىدا ئۇنىڭ چولپانلىق ئورنىغا قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئۇ تەلىيىدىن بەكرەك ئۆزىنىڭ ئىپادىسىگە تايىنىشى كېرەك.
392c612e96f6c26efa6ea3df7a7f1c2e.jpg

دۇنيا لوڭقىسىدا ئېنگىلاندقا بىر كاللا توپ ئۇرىشى ئۇنىڭ بۇ يىللىق ئەڭ ياخشى ئىپادىسى بولۇپ قالدى. دۇنيا لوڭقىسىدا ئەنگىليە ئايال پادىشاھىنىڭ سۆيۈپ قويىشىنى تەلەپ قىلىشى قىززىق تېمىلارنىڭ بىرسى بولۇپ قالدى، ئەمما ئىتالىيەنىڭ گۇرۇپتىلا شاللىنىشى، بالوتېلىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى چۈشىنى خام خىيالغا ئايلاندۇردى، ۋە ئىپادىسى تۆۋەنگە قاراپ شىددەت بىلەن چۈشتى.
d110f3e795415558b992bf19a8a93207.jpg

مەيدان سىرتىدىكى بالوتېلى ھامان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىززىق نۇقتىسى.خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەيدۇ، ئىش ئىزلىرى ھامان قىززىق نۇقتا. كەپسىز مارىيو ئۇنىڭ مەيدان ئىچى سىرتىدىكى ئىپادىسىگە ماس كەلگەن لەقەملىكى ھەممىزگە ئايان. 2014-يىلى بالوتېلىنىڭ بىزگە قالدۇرغىنى بولسا مەيدان ئىچى بىر دۇنيا، سىرتى يەنە بىر دۇنيا.

رىيۇس
48013e3625df7518264c3e1dd7a964b5.jpg

رېيۇس 2014-يىلى پەقەتلا تۈگەشكەن چولپانلارنىڭ بىرى. ھەم ئەڭ تەلەيسىز، باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدىغان بىر توپچى. بىر يىل ئىچىدىكى 6 قېتىملىق ئېغىر يارلىنىش ئۇنى يېشىل چىملىققا قايتىقىلى قويمىدى. دورتموندنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ يوق بولىشى دورتموندقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى، شۇنداقلا دەرىجە ساقلاش رايۇنىدىن تېخىچە چىقىپ كىتەلمىدى.
9ef7299feed982fdf9aab8a0e38867d8.jpg

دورتموند رىيۇسقا مۇھتاج، ئۇنىڭ قايتىپ كېلىپ كوماندىنى يېتەكلەپ جەڭگىۋار ھالەتكە قايتۇرىشىغا مۇھتاج. مەستانىلەرمۇ ئۇنىڭ يېشىل چىملىققا قايتىپ كېلىپ مۇنەۋۋەر ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىد. بىزمۇ رىيۇسنىڭ 2015-يىلىنى ساق سالامەت ئۆتكۈزىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
f6543a5a410d9b604223777073d5b076.jpg

رېيۇسنىڭ بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالماسلىق ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ھازىر 25 ياشقا كىرگەن رىيۇس بەلكىم يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالىشى مۇمكىن، ئەمما دۇنيا لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۈرۈشكە بىر نىمە دېمەك تەس.

ئۆزىل
f6543a5a410d9b604223777073d5b076.jpg

2014-يىلى ئۆزىلمۇ ئوخشاشلا يارلىنىشتىن خالى بولالمىدى. دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپدېشى رىيۇسقا ئوخشاشلا، ساق ۋاقتىدىمۇ كوماندىغا كۈچ بېرەلمىدى. بۇ پەسىل 6 مەيدان مۇسابىقىدە بىر توپ ئۇرۇپ بىر توپ پاس بەردى.
46aedc093b118bb2c3e1f905423a6280.jpg

ئۆزىل ئەزەلدىن سىزنىڭ قوغدىشىڭىزغا، كۆڭۈل بۆلىشىڭىزگە مۇھتاج توپچى، ئەزەلدىن ئوتتۇرا يولدا ئويناشقا كۆنگەن توپچىنىڭ ئارسىنالدا ئوتتۇرا يولدا ئوينىيالماسلىقى بىر مەسىلە، ئەمما بۇ پەسىل كوماندىغا قېتىلغان«يوغان پاچاق» سانچىزنىڭ ئىپادىسى ۋېنگىرنىڭ ئۆزىلنى يادرو قىلغان ئارسىنال قۇرۇپ چىقىشىغا «توسقۇنلۇق» قىلىدۇ.
255004a3479442ba86c5a5207c6b50de.jpg

گەرچە ئۆزىل گېرمانيە كوماندىسى بىلەن دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسىنى پەقەت لاياقەتلىك دېيىشكىلا بولىدۇ. ئۆزىل ھازىر كۇلۇپ ۋە دۆلەت كوماندىسىدا داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ.

چېخ
6cefc5abeed965775aa7f8bcf0427ad2.jpg

چېخنىڭ ئاساسلىق ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويىشى بىزگە «بالدۇر چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كىتىپتۇ» دېگەن ماقال تەمسىلنى ئەسلىتىدۇ. كورتۇۋانىڭ قايتىپ كېلىشى چېخنى زاپاس بولۇشقا مەجبۇر قىلىپ قويدى. بۇ بېلگىيەلىك ۋارتارنىڭ مۇقىم ئىپادىسى چېخقا ئامراق چېلسى مەستانىلىرىنى بىر ئاز خاتىرجەم قىلدى.
1860ce9d139de295bbbd51002927addc.jpg

بۇ پەسىل باشلانغاندىن بېرى چېخنىڭ يۆتكىلىش خەۋرى قىززىق نۇقتا بولۇپ قالدى. ئەمدىلا 32 ياشقا كىرگەن چېخنىڭ يەنە بەش پەسىل چانماي ئوينىيالىشىدا گەپ يوق، بۇ يىل مورىنىيو چېخنى قويۇپ بېرەرمۇ؟
75c3effded4c2fd1a5901ac887370034.jpg

بۇنداق ياراملىق ۋارتارغا ئېرىشىش ھەرقانداق تېرىنىرنىڭ ئارزۇسى. ئەمما ۋارتارلىق ئورنىنىڭ ئالاھىدىلىكى زاپاس ئورۇندۇقنى بوش قويمىدى. بۇ يىل چېخ كەسپى ھاياتى ئۈچۈن چېلسىدىن ئايرىلارمۇ؟

سىتۇرىچ
0f9ce222c57801eb1750293d8786383e.jpg

سۇئارىزدىن ئايرىلغان لىۋۇرپۇل پۈتۈن ئۈمىدنى سىتۇرىچقا باغلىغان ئىدى. ئەمما يارلىنىش بۇ ئېنگىلاندلىق ھۇجۇمچىنى بۇ پەسىل چىملىقتىن ئايرىدى. بۇ پەسىل سىتۇرچنىڭ ئارانلا 3 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

ساق بولغان سىتۇرىچنىڭ ھالىتى ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق.  ئەمما سىتۇرىچ قاچان چىملىققا قايتىپ كىلىدۇ؟ مانا سىتۇرىچ بولمىغان لىۋىپۇل 3 نۇمۇرنى تولۇق ئېلىشىنىڭ ياخشىراق ئامالىنى تېپىپ بولالمىدى.
24e4a84d445ef611a86534bee73d49a6.jpg

سىتۇرىچنىڭ توپ كىرگۈزگەندىن كېيىنكى تەبرىكلەش ھەركىتى بىر مەنزىرە. ئالدىنقى پەسىل لىۋىرپۇل ئاخىرى ئۇزغۇنلۇق بېلىتىنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما سىتۇرىچنىڭ ئۇزغۇنلۇق ئويناش ئارزۇسىچۇ؟ قارىغاندا بۇ پەسىل لىۋىرپۇلنىڭ قايتا ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشىشى سەل تەسكە چۈشكۈدەك تۇرىدۇ....

رودگىرس
feed8fa28dea619f099dda80b62e388f.jpg

سىتۇرىچنىڭ يارلىنىشى، بالوتېلىنىڭ ئاقماسلىقى مەستانىلەرگە رودگىرىسنىڭ «ئەسلى ھالىتى ئاشكارلانغان» دەك تۇيغۇ بېرىپ قويدى. لىۋىرپۇلنىڭ ئالدىنقى پەسىلدىكى ئىپادىسى سۇئارىز بولغانلىقى ئۈچۈنلاممۇ؟ بۇ شىمالى ئېرلاندىيەلىك تېرىنىرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس.
e08fda6de280f883fbaacadb83e650fd.jpg

سىتىرلىڭ ھازىر لىۋىرپۇلنىڭ گۆھىرى، رودگىرىسنىڭ كوزۇرى بولۇ قالدى. رودرگىرىس ئامالسىز ھەم خۇشھال، ئۇ ئامال يوق بۇ 20 ياشلىق ھۇجۇمچىغا تايىنىدۇ.

يازلىق بازاردا قوشۇۋالغان ئادەملىرىنىڭ كۈچ بەرمەسلىكى، لىۋىرپۇلنىڭ بىرلەشمىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ تۆۋەنگە چۈشۈرۋەتتى. رودگىرىسنىڭ دەرىستىن چۈشۈشى تېخىمۇ يېقىنلاپ قالدى. كېيىن قانداق بولىدۇ، بۇنىڭغا ھېچكىم جاۋاب بېرەلمەيدۇ.

كىلوپ
60840afb28e91af4b385bf6f9bb45e53.jpg

كىلوپ بۇ پەسىلدىكى ئەڭ قانائەتچان، سەۋىرچان تېرىنىرلارنىڭ بىرسى. ئىلگىرى دورتموندنىڭ يىتەكلەپ ئۇزغۇنلۇق ھەلقىلغۇچىغا كىرگەن، ئۆزىمۇ دۇنياۋى تېرىنىرلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئەمما لېۋاندوۋىسكىنىڭ كوماندىدىن .ئايرىلىشى، يارىدارلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، قالغانلارنىڭ پىسخىكىسىنڭ مۇقىم بولماسلىقى دورتموندنىڭ دەرىجە چۈشۈش رايۇنىغا ئاپىرىپ قويدى.
df87f3145fa9063b6c7faba2fcff205d.jpg

دورتموندنىڭ ئۇزغۇنلۇقتىكى ئىپادىسى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، گۇرۇپپىدىن 1- بولۇپ چىقتى، ئەمما بىرلەشمىدىكى ئىپادىسى تازا ياخشى ئەمەس، بىر مەيدان ئۇتۇشمۇ تەسكە توختاۋاتىدۇ. كىلوپمۇ ئۆزىنىڭ كوماندىسىغا نېمە بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
c64cc3d69ec67563b10873e9f0a6bc95.jpg

ئەسەبى ئادەم كىلوپنىڭ تەبرىكلەش ھەركىتى نىمىدىگەن ھەيۋەتلىك ھە؟ ئەمما بىرەر توپ كىرگۈزۈش تەسكە توختاۋاتقان دورتموند كىلوپقا تەبرىكىلەش ھەركىتى ئىشلەش پۇرسىتى بەرمىدى.

فالكاۋ
4002d57891f4fbf3b55f50749069b070.jpg

ئاتلىتكىدا نام چىقارغاندىن كېيىن، فالكاۋ كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ موناگوغا قوشۇلدى. دۇنيا پۇتبۇلىنىڭ مەركىزىدىن ئايرىلغان فالكاۋ پەقەت ئىلگىركى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى، بۇ كولۇمبىيە يولۋىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىپادىسى پەقەت رىۋايەت بولۇپ قالدى.
bd6d1d5fd8d14951fc8978ada66b245d.jpg

مانچېستىرغا قېتىلغان فالكاۋ ئاخىرى پۇتبول قىزغىنلىقى قايناپ تۇرغان چىملىققا قايتىپ كەلدى. ئەسلىدىنلا ئاساسلىق ئەزا بولىدۇ دەپ قارالغان فالكاۋ مانچېستىرغا قېتىلغاندىن كېيىن ئۇنداق قىلالمىدى، تولا يارلىنىشلار ئۇنى ئاساسلىق ئەزا بولۇشتىن قەدەممۇ قەدەم يىراقلاشتى.
0aa975ce5a709104757ea59ceb556204.jpg

يولۋاس ھەقىقەتەن ئاغرىپ قالدى. 10 مەيدان مۇسابىقىدە ئاران 2 توپ كىرگۈزدى. مەستانىلەرنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىدىن خېلىلا پەرق چىقتى. فالكاۋ ھازىر زاپاس ئەزالىق ئورنىدىن ھەممىنى قايتا باشلاشقا مۇھتاج.

دىياگو
cbd94256c49c1d800fb12a01af5f6ffb.jpg

90-يىلىدىن كېيىنكى تالانتلىق توپچى دىياگو گۇئاردىئالانىڭ تاكتىكىسىدىكى مۇھىم ئەزا ئىدى، ھەمدە گۇئاردىئالاغا ئەگىشىپ بايرىنغىمۇ كەلگەن. ئەمما ئەينەك ئادەم بولۇپ قالغان دىياگو سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمىدى. 2014-يىلى ئۇ بايرىغان ۋاكالىتەن ئارانلا 12 مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى، ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق...
78d857002f221690778e9f23f9ef278e.jpg

ئەزەلدىن شاۋىنىڭ ئىزباسارى بولىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان دىياگونىڭ تەرەققىياتى يارلىنىشلارنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىدى. ئەمدىلىكتە ئۆزى بىلەن تەڭتۇش كەلگەن كىرۇز، ئىسكو، پوگبا، سىتىرلىڭلارنىڭ كەينىدە قالدى. بۇلار دىياگونىڭ كەلگۈسىگە يوغان سوراق بەلگىسى قويۇپ قويدى.
98b0f5362d74ec82444f8355418d1f6d.jpg

يارلىنىشلارغا تولغان 2014-يىلى ئۆتۈپ كەتتى. يېڭى  يىلدا دىياگونىڭ گۇئاردىئالا بىلەن بىرلىكتە زەپەر قۇچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


  يېقىنقى نەچچە كۈن ئىچىدە سەپەر ئۈستىدە بولۇپ قېلىپ بۇ تېمىنىڭ ئاخىرىنى ۋاقتىدا يوللىيالماي قالدى، ئەپۇ قىلارسىلار.....
67fb328d1f89eb0696ff5d08191bc211.jpg
2dc0f9b0f016d32e6e813fc27a24f24f.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-30 20:06:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىيۇسقىلا ئىچىم ئاغرىيدۇ…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-30 19:59:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رېيۇس ، فالكاۋ ، ئۆزىل بۇ ئۈچىدە يەنە ئۈمىد بار........................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-30 20:02:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توررىسنى مادىرد ماھارىتى كوماندىسى بۇرۇنقى ھالىتىگە ئەكىلىشىگە كۆزۈم تازا يەتمەي ۋاتىدۇ .........................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-30 20:02:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى ئورگىنال ساقلىغان تېمىتى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-30 20:05:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-30 20:16:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رويىس يارلىنىشى بىلەن دورىتمۇتنىڭ ئالغا بىسىش قەدەملىرى توختاپقالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-30 20:37:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىل نى مەيداندا تاپقىلى بولماسلام بوپكەتتى ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-30 20:41:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىل 1- چىسلادىكى مۇسابىقگە چۈشەمدىغاندۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-30 20:53:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلوپ  تېخى ماۋۇ دەرىجىگە بارمىغاندۇ؟ رەسمى تۇردۇيا ئاۋۇ يەردە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-30 20:59:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-30 21:37:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاكا ئۇنتۇلۇپ قالسا سەت تۇرىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 16:59

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش