بۇ يازمىنى ئاخىرىدا miradil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-30 15:25
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى كەمىنە پەقىر مىرئادىلجان مۇتەللىپ تىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام.
كەمىنە پەقىر بىر نەچچە كۈندىن بىرى جۇڭگۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى تۆت داڭلىق ئەسەرنىڭ بىرى <<سۇ بويىدا>> ناملىق تىلىۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈپ تاماملاپ كىچىككىنە بىر كەمىنىننىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئۇشبۇ ۋەقەلىكنى سىلەرنىڭ نەزىرىڭلارغا سۇنۇشنى توغرا تاپتىم قىنى دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن.
ئالىم بولساڭ ئالەم سىنىڭ.
-ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
پۇتبۇل تارىخنىڭ قەدىمىيلىكى
بىلىمى بار ئادەم ھەرقانداق شارائىتتا، ھەرقانداق يەردە ھەرگىزمۇ خار بولمايدىكەن، مەلۇم مەزگىل خار بولغاندەك، دەرت تارىتقاندەك تۇرغان بىلەن لىكىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھامان خۇشاللىق ۋە بەخىت.
پۇتبول تىخنىكىسىمۇ بىرخىل بىلىم ھىساپلىنىدۇ، دەل دەپ ئۆتكىنىمدەك پۇتبول تىخنىكىسىغا ماھىر بولغان شەخىسمۇ تىخى ھىچقانداق يەردە خار بولۇپ قالغانى يوق تىخى كوماندىلاردا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولاۋاتقىنى كۆپچىلىككە ئايان.
سۇڭ سۇلالىسىدە ياشىغان مۇناپىق ۋەزىر گاۋچىيۇ مۇ دەل پۇتبول بىلىمىگە تايىنىپ كوچىدا ئويناپ يۈرىيدىغان <<لالما>>لىقتىن بىر سۇلالىنىڭ غوللۇق ۋەزىرلىك سالاھىتىگە ئىرىشكەن.
كىنونىڭ بىشىدىلا گاۋچىيۇ 7-8ئاغىنىللىرى بىلەن شەھەرنىڭ بىر كوچىسىدا زومىگەرلىك قىلىپ يۈرىيدىغان، ئەسكى لۈكچەك قىياپىتى بىزگە نامايان بولىدۇ، ئۇ كۈنلىرىنى بىر دورىگەر بوۋاينىڭ دۇككىنىدا دورا سوقۇش، دورا تەييارلاش، دورا توشۇش....بىلەن ئۆتكۈزەتتى.بۇ بوۋاينىڭ سودىسى تازا ياخشى بولمىغاچقا گاۋچىيۇنى بىر ئەمەلدارنىڭ قەسرىگە تونۇشتۇرۇش يىزىپ ئەۋەتىدۇ، دەل شۇ يەردە ئىشلەش جەريانىدا پادىشاھقا سوۋغات ئاپىرىش پۇرسىتىگە ئىرىشىپ پادىشاھنىڭ توپ ئينىشىغا ماسلىشىپ يۈكسە پۇتبول تىخنىكىسىنى نامايان قىلىدۇ، بۇنى كۆرگەن سۇڭ پادىشاھى گاۋچىيۇنى ئوزىنىڭ تۈۋىگە ئەككىلىۋىلىپ ئۇنىڭ بىلەن توپ ئوينايدۇ، مانا شۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، پۇتبول بۇرۇندىن خان-پادىشاھتىن تارتىپ لۈكچەك،گادايلارغىچە ھەممىسى قىززىقىپ شۇغىللىنىلىدىغان تەنتەربىيە پائالىيىتى ھىسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ گاۋچىيۇنى ئەتىۋارلاپ ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى تەدىرىجى ھالدا ۋەزىرلىككە كۆتۈرىدۇ، ئەگەر گاۋچىيۇ توپ ئويناشنى بىلمىگەن بولسا ھىلىقى ئەمەلدارنىڭ قەسىرىدە يۈگۈر يىتىم ئىش قىلىدىغان ئادەتتىكى چاكار بولغان بولاتتى، توپ تىخنىكىسىنىڭ ياخشىلىقىغا تايىنىپ ۋەزىرلىك مەرتىۋىسىگە ئىرىشكەن.
ھازىرقى رىئال تۇرمۇشىمىزدىمۇ پۇتبولچىلار دەل ئۆزىنىڭ تىخنىكىسىغا ماس ھالدا مۇئاشقا ئىرىشىۋاتىدۇ، مەسلەن يەر شارىدىكى پۇتبول كولۇپلىرى پۇتبولچىلارغا پۇل بىرىدۇ، شۇ پۇلغا تايىنىپ ئۇلار ھازىرقى زامان <<ۋەزىرلىرىگە>> ئايلانغان دەپ تەرەپلىسەم مىنىڭچە خاتا بولماس.
پۇتبۇل ھەرىكىتى زامان، ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ
دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان <<تۈرمىدىن قىچىش>> فىلىمىنى ھەممىڭلار كۆرگەن بولغۇيتىڭلار، بۇ فىلىمدە باش پۇرسىناژ مايكول سىكوفىيول ئاكىسىنى مىڭ بىر جەۋىر جاپادا ئامرىكىدىكى تۈلكە دەريا تۈرمىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ، پانامادىكى سانا تۈرمىسىگە كىرىپ قالىدۇ، بۇ تۈرمە بولسا ھايات كىرىپ جەسىدىنى ئىلىپ تۈرمە يىنىغا دەپنە قىلىدىغان ئۆلگىچە جازا ئۆتەيدىغان تۈرمە، دەل مۇشۇ تۈرمىدىمۇ پۇتبول ھەرىكىتى جىنايەتچىلەرنىڭ ئەڭ قىززىقىدىغان بىر پائالىيىتى ھىساپلىنىدۇ، مايكول تۈرمىدىن قىچىش ئۈچۈن دەل ھەممە ئادەم پۇتبول مۇسابىقىسىگە چىقىپ كىتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دەرىزىدىن قىچىپ كىتىش، مانا بۇ ھەقىقەت پۇتبولنىڭ ئەركىن، ھۆر ئادەملەرگىمۇ، ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان ۋەھشى جىنايەتچىلەرگىمۇ ئورتاق قىززىقىدىغان پائالىيەت ھىسابلىنىدىغانلىقى ۋە يەر شارىدىكى ئىنسانلار ياشايدىغان ھەممە يەردە ئامرىكا بولسۇن، ئافرىقا بولسۇن، ياۋرۇپادىكى كولۇپلارنىڭ ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى پانامادىكى تۈرمىدە بولسۇن زامان ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقى، پۇتبولنىڭ مانا شۇنداق سىھرىي كۈچكە ئىگە پائالىيەت ئىكەنلىكى، مەنمۇ ئاللاھ خالىسا ئۆمۈرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە پۇتبۇل بىلەن شۇغۇللىنىمەن دىگەن قاراشقا كەلدىم،
مەن مۇشۇ مۇنبەردىكى ھەممەيلەننىڭ تىنىنىڭ سالامەت، كۈنلىرىنىڭ خۇشال-خۇرام،ئۆز-ئارائىنىاق-ئىتتىپاق ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.
|