ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2291 |
تۆھپىسى: سەر |
|
پۇتبۇل ساھەسىدە قۇرۇلغىنىغا 100 يىلدىن ئاشقان كۇلۇبلار خىلى كۆپ، ئاساسلىقلىرىدىن خانلىق مادرىد، مىلان، بەيرىن مىيۇنخىن قاتارلىقلار بار. ئۇلار پۇتبۇل ساھەسىدە شان-شەرەپكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، پۇتبۇل ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى. ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى خانلىق مادرىدتىن باشقا بارسىلونا كۇلۇبى يىقىنقى يىللاردىن بىرى ياۋرۇپادا قالتىس نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، بىرلەشمىدە خانلىق مادرىد بىلەن رىقابەتلىشىپ كەلدى. مۇشۇ ئىككى كوماندىنىڭ رىقابىتى ھازىرقى پۇتبۇل ساھەسىدىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دىربى ھىسابلىنىدۇ.
يۇۋىنتۇس ئۇزغۇنلۇقتا مىلانغا ئوخشاش قالتىس نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى نەتىجىسى قالتىس بولغان. ئىلگىرى مىلان دىربى بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان لىكن ھازىر ئۇنىڭ ئورنىنى بارسىلونا بىلەن مادرىد دىربى ئىگەللىدى. لېۋىرپۇلنىڭمۇ ئېنگلاند بىرلەشمىسىدە شانلىق نەتىجىلىرى بولغان، 90-يىللاردا ئارسىنال بىلەن مانچېستىر بىرلەشمىسى ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى نۆۋەتلىشىپ ئىگەللىۋالغان. كىيىن چىلسى بىلەن مانچېستىر شەھرى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئېنگلاند بىرلەشمىسىنى تىخىمۇ رىقابەتكە تولدۇرغان.
تۆۋەندە ياۋرۇپادىكى زەردار كۇلۇبلارنىڭ چېمپىيونلۇق قىتىم سانى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
كۇلۇب ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمە دۆلەت ئىچى لوڭقا مۇسابىقىسى
خانلىق مادرىد 10 قىتىم 32 قىتىم 19 قىتىم
بارسىلونا 4 قىتىم 22 قىتىم 32 قىتىم
مىلان 7 قىتىم 18 قىتىم 5 قىتىم
يۇۋىنتۇس 2 قىتىم 32 قىتىم 6 قىتىم
خەلقئارا مىلان 3 قىتىم 18 قىتىم 7 قىتىم
مانچېستىر بىرلەشمىسى 3 قىتىم 20 قىتىم 11 قىتىم
لېۋىرپۇل 5 قىتىم 18 قىتىم 7 قىتىم
چىلسى 1 قىتىم 4 قىتىم 7 قىتىم
بايرىن 5 قىتىم 23 قىتىم 17 قىتىم
ئارسىنال 0 13 قىتىم 11 قىتىم
ئاجاكىس 4 قىتىم 33 قىتىم 18 قىتىم
ئېۋىرخوۋىن 1 قىتىم 18 قىتىم 7 قىتىم
دورتموند 1 قىتىم 8 قىتىم 3 قىتىم
پورتو 2 قىتىم 27 قىتىم 20 قىتىم
بىنفىكا 2 قىتىم 33 قىتىم 24 قىتىم
نوتتىڭھام ئورمان 2 قىتىم 1 قىتىم 2 قىتىم
كەيتلىكلەر 1 قىتىم 44 قىتىم 14 قىتىم
بۇلغارىست قىزىل يۇلتۇز 1 قىتىم 25 قىتىم 22 قىتىم
بۇ پەقەت ئۇزغۇنلۇق، بىرلەشمە ۋە دۆلەت ئىچى لوڭقا مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن قىتىم سانى. باشقا تۈردىكى مۇسابىقە چېمپىيونلىقى ئۈستىدە توختالمىدىم |
|