ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2290 |
تۆھپىسى: سەر |
|
2014-يىلى ئىلگىرى بارسىلونادا توپ تەپكەن 4 توپچى پۇتپۇلچىلىقتىن چىكىندى. پۇيۇل، رىۋالدو، ھىنرى ۋە ئابىدالدىن ئىبارەت ئىلگىرى بارسىلونادا توپ تەپكەن توپچىلار ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ 2014-يىلى پۇتبۇلچىلىقتىن چىكىندى.
1. رىۋالدو
بۇ يىلى 4-ئايدا بىرازىلىيەلىك توپچى رىۋالدو پۇتبۇلچىلىقتىن چىكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. بۇ توپچى 1997-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە بارسىلونادا توپ تەپكەن بولۇپ، كۇلۇبنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ بارسىلونا بىلەن بىرلىكتە 2 قىتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى، 1 قىتىم شاھلىق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1999-يىلى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. رىۋالدو ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىن باشقا ئىتالىيە بىرلەشمىسى، گىرىتسىيە بىرلەشمىسى، ئانگۇلا بىرلەشمىسى، ئۆزبىكىستان بىرلەشمىسى ۋە بىرازىلىيە بىرلەشمىسىدە توپ تەپكەن.
2. پۇيۇل
بارسىلونانىڭ ئوتتۇرا بىك توپچىسى پۇيۇل 2013-2014-مۇسابىقە پەسلىدىن كىيىن پۇتبۇلچىلىقتىن چىكىنگەن. 36 ياشلىق پۇيۇل ئالدىنقى پەسىل كۆپ يارلانغاچقا ئاران 15 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان. پۇيۇل مەيداندا ھارماي يۈگۈرۈشلىرى ۋە مۇستەھكەم مۇداپىيەسى بىلەن پۇتبۇل ساھەسىدىكى داڭلىق مۇداپىيەچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
پۇيۇل بارسىلونا ئۈچۈن 593 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، نۇرغۇن شەرەپكە ئېرىشكەن.
3.ھىنرى
12-ئاينىڭ 16-كۈنى 37 ياشلىق ھىنرى پۇتبۇلچىلىقتىن چىكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. بۇ فىرانسىيەلىك توپچى ئارسىنالدىكى ۋاقتىدا 2 قىتىم ياۋرۇپا ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2007-يىلى بارسىلوناغا كىلىپ، مىسسى ۋە ئىتىئو بىلەن " ئارا شەكىللىك " ھۇجۇم سىپىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇ بارسىلونادىكى ۋاقتىدا بىرلەشمە ۋە ئۇزغۇنلۇقنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. ھىنرى ئامرىكا بىرلەشمىسىدىكى نيۇيورك قىزىل كالا كۇلۇبىدا كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
4. ئابىدال
12-ئاينىڭ 19-كۈنى 35 ياشلىق ئابىدال پۇتبۇلچىلىقتىن چىكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. ئابىدال 2007-يىلى بارسىلوناغا قوشۇلغان. 2011-يىلى جىگەر ئۆسمىسى سەۋەبىدىن پۇتبۇل مەيدانىدىن ئايرىلغان. كىيىن كىسەللىك ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ ئەڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن پۇتبۇل مەيدانىغا قايتىپ كەلگەن. ئابىدالمۇ بارسىلونادىكى ۋاقتىدا نۇرغۇن شەرەپكە ئېرىشكەن. 2013-يىلى توختام ۋاقتى توشۇپ بارسىلونادىن ئايرىلغان. |
|