ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4383 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۈرگىچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-29 17:34
شىنلاڭ تورىنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ يىڭى خەۋەرلىردە كۆرسىتىلىشچە AC مىلان كوماندىسىنىڭ ئىلگىرىكى داڭلىق چولپىنى جورجى ۋىېئا(George Weah)لىبىرىيە خەلقىنىڭ قوللىشى ئىرشىپ لىبىرىيەنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتىغا تاللاندى . ھەمدە كىينكى قېتىملىق زۇڭتۇڭ نامزاتى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ،ئىشلىرىغا ياخشى ئاساس سېلىندى.بۇ قېتىمقى سايلام بۇيىل 10-ئايدا باشلانغان بۇلۇپ ئىمبۇلا ۋىروسى كىسەللىكى تارقىلىش سەۋەبىدىن 12-ئايغا كىچىكتۈرۈلگەن. جورجى ۋېئا %78 قۇللاشقا ئىرشىپ رەقىپلىردىن مۇتلەق ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇرغان.ھازىرقى زوڭتۇڭ نىڭ ئوغلى دەل ئۇنىڭ رىقابەتچىسى ئىكەن.2005-يىلى لىبىرىيەدىكى 14يىللىق ئىچىكىرى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن جورجى ۋېئا تۇنجى قېتىم ئۈزى تۇرۇشلۇق ئۆلكىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسى بىلەن سايلامغا قاتنىشىپ سايلامدا مەغلۇپ بولغان. ھازىر ئۇ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ شەرىپىگە ئىرىشكەن.2017- زۇڭتۇڭ بۇلۇشى مۇمكىنچىلىكى ئالاھىدە يۇقىرى دەپ قارالماقتا.جورجى ۋېئا لىبىرىيەنىڭ داۋالاش -ساقلىقنى ساقلاش خىزمەتلىرنى چىڭ تۇتۇپ ،خەلق ئاممىسىغا ياخشى خىزمەت قىلغان.
جورجى ۋېئا ئىلگىرى پارىژ سان -ژىرمان، ACمىلان،چېلسى قاتارلىق داڭلىق زەردار كوماندىلاردا توپ تەپكەن. 1995-يىلى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى ،ياۋرۇپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئىرىشكەن.
|
|