akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1019|ئىنكاس: 21

مورىنئۇنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەشىق دەرىسلىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-29 13:47:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مورىنئۇ ھەممىىزگە تونۇشلۇق بىر قالتىس تىرنىر ،ئۇ مەيلى مۇسابىقە جەريانىدا بولسۇن ياكى ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنلىرىدا بولسۇن ھەممىنى ھەيران  قالدۇرۇپ كەلدى،ئۆزگىچە خاراكتىرگە ئىگە بۇ تىرنىرنىڭ مەشىق مەيدانىدا نىمىلەرنى قىلىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى!
مورىنئۇنىڭ يۇقىرى ئۇنۇملۇك مەشىق دەرىسى
مورىنئۇ ئىزچىل تاكتىكا كۆرسەتكۇچ تاختىسىنى قولغا ئىلىپ كوماندا ئەزالىرىغا يىتەكچىلىك قىلىپ كەلدى، بىزگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى بولسا ئۇنىڭ مەشىق مەيدانىدىكى ئەزالىرىنى مەشىقلەندۇرشى،ئۇنىڭ كۇرسەتمىللىرى ۋە ۋاقىراشلىرى پۇتۇن مەشىقنىڭ باش ئاخىرىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇنىڭ بەدەن تىلىمۇ ناھايتى مول بولۇپ ئۇزلۇكسىز تۇردە قول ئاستىدىكى ئەزىمەتلەرنى رىغبەتلەندۇرۇپ تۇرىدۇ.
سىز ئۇنىڭ مۇسابىقە ۋاختىدىكى كاستىيوم كىيگەن چاغدىكى تۇرقىغا قارماڭ ، ئۇ مەشىق مەيدانىدا ئىزچىل تەنھەركەت كىيىمى كىيىپ ، باشقا تىرنىر ۋە تەنھەركەتچىلەرگە ئوخشاشلا تەرگە چۇمىدۇ.
بىز تۇۋەندە ئۇنىڭ كوماندا ئەزالىرىنى قانداق مەشىققە سالىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى!
بىرىنچى تۇرلۇك مەشىق دەرسى:
تەنھەركەتچىلەر ياردەمچى تىرنىرنىڭ يىتەكچىلىگىدە بەدەن قىزىتىش مەشىقى ئىلىپ بارىدۇ،بۇ ھەركەت ۋە تۇرغۇن ھالەتتىكى بەدەن سۆزۇش ھەركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئارقىدىن سۇرئەت ۋە جانلىقلىققا ئائىت مەشىق ئىلىپ بىرلىدۇ، پۇتۇن مەشىق 15 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ.
ئاندىن تەنھەركەتچىلەر رەسمى تۇردە مەشىقنى باشلايدۇ ، جەمئى 20 ئادەم ( ۋارتارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ )ئاساسى مەشىقنى باشلايدۇ ، ۋارتارلار ۋارتار تىرنىرنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئايرىم مەشىق قىلىدۇ.توپچىلار ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلىنىدۇ،ئىككى گۇرۇپپا يەنە ئىككىگە بۆلىنىپ 4كىچىك گۇرۇپپا بولۇپ شەكىللىنىدۇ.
بۇ مەشىق ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،ئىككى   بەش كىشىلىك گۇرۇپپا ئۇز ئارا تىركىشىش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ، قالغان ئىككى بەش كىشىلىك گۇرۇپپا بولسا ( ئا ، ب دەپ ئايرىلىدۇ) سۇرئەت ۋە جانلىقلىق تىپىدىكى مەشىققە قاتنىشىدۇ.ئاخىردا توپ ئۇرۇش مەشىقى ئىلىپ بارىدۇ.
ئالدى بىلەن توپچىلار تىرنىرلار بىلەن سىپىل شەكلىدە ماسلىشىش مەشىقى ئىلىپ بارىدۇ،بىرنچى خىل ماسلىشىش بولسا گۇرزىنتال پەللەمپەي شەكلىدە ئۈتۇپ  ماسلىشىش،ئىككىنچى خىل ماسلىشىش بولسا بىر قانچە يالغان ئادەم توسۇقىدىن ئۆتۇپ ماسلىشىش،كىيىن توپچى بىر قىتىملىق ۋارتارغا توپ تىپىش ئارقىلىق مەشىقنى تاماملايدۇ ، ئاخىردا يەنە بىر گۇرۇپپا ئالمىشىپ مەشىق ئىلىپ بارىدۇ ، گۇرۇپپىلار ئالمىشىپ ھەر بىرسى 5 تىن توپ ئۇرغانغا قەدەر مەشىقنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
تۇۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ:

مەيدان ئىچىدىكى 5كىشلىك تىركىشىش موسابىقىىدە تەنھەركەتچىلەر 30*15 يارىد ئارلىقتىكى مەيداندا مۇسابىقىلىشىدۇ كۆك كىيىملىكلەر ئا  ۋارتارنى موداپىيە قىلىدۇ، قىزىل كىيىملىكلەربولسا ب ۋارتارنى موداپىيە قىلىدۇ.مەيدان ئوتتۇرسىدا بىر سىزىق بولۇپ توپچى سىزىقتىن ئۆتمەي تۇرۇپ ۋارتارغا قارتىپ توپ تىپىشكە بولمايدۇ.

سەپ شەكلى مەشىقى
قىسقىغىنا دەم ئىلىشتىن كىيىن ئەزالار  يىغىلىپ كىيىنكى قىتىملىق مەشىقنى باشلايدۇ،بۇ ۋاقىتتا ۋارتارمۇ كىلىپ مەشىققە قوشۇلىدۇ،ھەم 11 قارشى 11 مەشىق قىلىدۇ، مەيدان ئوتتۇرا سىزىقىنىڭ ئىككى تەرپىگە  20*20 يارىد كەڭلىكتىكى كىچىك تۆت چاسا سىزلىدۇ.
ئىككى تەرەپ 4-2-3-1 شەكلىدە سەپ تۇزەيدۇ ، مورىنئۇ ئىنچىكىلىك بىلەن ھوجۇم شەكلىنى ئىزاھلاپ بىرىدۇ،بىر تەرەپ ھوجۇمنى تاماملاپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىر تەرەپمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا ھوجۇم قىلىدۇ.

بىرىنچى خىل ئۇسۇل :
ئالدى  بىلەن ۋارتار توپنى باشلايدۇ؛
1-        ۋارتار توپنى ئوڭ بىكقا پاس بىرىدۇ.
2-        ئوڭ بىك ئوتتۇرا بىكقا پاس بىرىدۇ.
3-        ئوتتۇرا بىك ھوجۇم تەشكىللەيدۇ ، توپنى ئارلىققا قىستۇرلىۋاتقان يان بىكقا پاس بىرىدۇ.
4-        سول بىك توپنى ئوتتۇرا مەيداندىكى ئوتتۇرا يولدىكى توپچىغا بىرىدۇ.

تۆت قىتىملىق پاسلىشىشتىن كىيىن بىر قىتىملىق ھوجۇم شەكىللىنىدۇ،بارلىق ئەزالار بىرلىكتە ئالدىغا ئىلگرلەيدۇ،يان بىكلەر دەل ۋاختىدا ۋەزىيەتكە قاراپ ئوتتۇرا سىزىقتىن ھالقىيدۇ.
5-        ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى توپنى يۆتكەپ ،ئوڭ تەرەپتىن قىستۇرلۇپ كىلىۋاتقان ئوڭ بىكقا پاس بىرىدۇ.
6-        ئوڭ بىك توپنى ئوتتۇرا ھوجۇمچىغا پاس بىرىدۇ.
7-        ئوتتۇرا ھوجۇمچى توپنى كونتىرول قىلىدۇ.
8-        ھوجۇمچى ھوجۇم شەكلىنى ئۆزى تاللايدۇ ،ھەم ئەڭ يىقىن ھوجۇم رايۇنىدىكى سەبدىشىگە  پاس بىرىدۇ.

ئارقىدىن تۆت نەپەر ھوجۇمچى ئەزا ئۆز –ئارا ماسلىشىپ بىر قىتىملىق ھوجۇمنى تاماملايدۇ، بەزىدە بەشىنچى ئەزامۇ ماسلىشىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ.
ئىككىنچى خىل ئۇسۇل :
1-        ۋارتار توپنى ئوڭ بىكقا پاس بىرىدۇ.
2-        ئوڭ بىك توپنى ئوتتۇرا بىكقا پاس بىرىدۇ.
3-        ئوتتۇرا بىك يەنە بىر ئوتتۇرا بىكقا پاس بىرىدۇ.
4-        ئىككىنچى ئوتتۇرا بىك توپنى ئوتتۇرا مەيدانچىغا پاس بىرىدۇ ھەم  ئالدىغا سۇرلىپ ياردەمگە بارىدۇ.
5-        ئوتتۇرا مەيدان توپنى ئوتتۇرغا قىسىتۇرۇلغان ئوتتۇرا بىكقا پاس بىرىدۇ،ئوتتۇرا بىك توپنى ئوتتۇرا مەيدانغا پاس بىرىپ ئالدى مەيدانغا يۇگىرەيدۇ.
6-        ئوتتۇرا بىك توپنى ئۇزۇن پاس شەكلىدە ئوتتۇرا ھوجۇمچىغا پاس بىرىدۇ.
7-        ئوتتۇرا ھوجۇمچى توپنى ئالدى بەلگە قايتۇرۇپ بىرىدۇ.
8-        ئالدى بەل توپنى تەخسىم قىلىدۇ،ئالدى ھوجۇمچى چەكلەنگەن رايۇندا توپنى ئۇرىدۇ.
تۆت نەپەر ھوجۇمچى ئەزا ماسلىشىپ بىر قىتىملىق ھوجۇمنى تاماملايدۇ.
ھەر قىتىملىق ھوجۇم مەشىقى 10 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ.
كىچىك مەيداندىكى تىركىشىش مۇسابىقىسى :
3مىنوت دەم ئالغاندىن كىيىن توپچىلار مەشىقنى داۋاملاشتۇرىدۇ،ئالدىدىكى مەشىقتىكى 6نەپەر ھوجۇمچى گورۇپپىغا ئايرىلمايدۇ،ئىچىدىكى ئۈچ نەپەر ھوجۇمچى بىتەرەپ ئەزا سۆپىتىدە 7-7 كىشلىك مۇسابىقە ئىلىپ بارىدۇ ، قالغان 3 نەپەر ھوجۇمچى مەيدان سىرتىدا ئىقتىدار مەشىقى ئىلىپ بارىدۇ.
توپچىلا 7 دە 7 بولۇپ كىچىك مەيداندا مۇسابىقە ئوينايدۇ ،3نەپەر بىتەرەپ ئەزا بولسا خالىغان ۋاقىتتا ھوجۇمغا قاتنىشىدۇ،ئوتتۇرا مەيدان بىلەن ماسلىشىپ ،توپ ئۇرىدۇ.

تاكتىكا ئويۇنى:
بۇ مەشىق دەرسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۇرى بولۇپ سىرىق كىيىم كىيگەن 4 نەپەر توپچى ،قىزىل كىيىم كىيگەن 6 نەپەر توپچى بىلەن بىرلىكتە كۆك كىيىم كىيگەن 10 نەپەر توپچى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
4 نەپەر سىرىق كىيىم كىيگەن توپچى بولسا ھوجۇمچى ئەزا،قىزىل كىيىم كىيگەن سەپداشلىرىدىن روشەن پەرىقلىنىدۇ،بۇنىڭدىن مەخسەت ھوجۇمچىنىڭ يۇگۇرەش يۇنلىشىنى تىخىمۇ ئىنىق كۆرسىتىپ بىرىشتىن ئىبارەت.
كۆك كىيىملىكلەرنىڭ مەخسىدى بولسا ئادەم كۇچى ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ پاسلىشىش ۋە ھوجۇمىغا نىسبەتەن بىسىم چۇشۇرۇش ،قارشى تەرەپنىڭ پاس يەتكۇزۇش ئۇنىمىنى تۇۋەنلىتىش، بۇنىڭدا ھوجۇمچىنىڭ پاس يەتكۇزۇش ئۇنىمى بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ ئەمما ھوجۇمچىنىڭ يۇگۇرۇش يولى ۋە ئۇنىمىنى ئۆستۇرۇشكە پايدىلىق.بۇ خىل مەشىق توپچىلارنىڭ يۇقىرى ئۇنۇملۇك ئىقتىدارىنى ئۆستۇرۇشكە پايدىلىق.
ئارقىدىنلا قىزىل ۋە كۆك كىيىملىكلەر موداپىيە ۋە ھوجۇم شەكلىدە ئۇزلۇكسىز ئالمىشىپ تۇرىدۇ، تەخمىنەن ھەر بىرسى 10 مىنۇت ئەتراپىدا ھوجۇم قىلىشقاندىن كىيىن بەدەن بوشتۇپ مەشىقنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
  
ئىككىنچى تۇرلۇك مەشىق دەرسى:
بىر كۇن ئىچىدىكى 2-تۇرلۇك مەشىق بولسا چۇشتىن كىيىن سائەت 5 ئەتراپىدا باشلىنىدۇ ،ئالدى بىلەن ئوىشاشلا بەدەن قىزىتىش مەشىقى ئىشلىنىدۇ،قىسقا دەم ئىلىپ سۇ تولۇقلاش ئىلىپ بىرلىدۇ.
1-        مەشىق:
توپچىلار ئىككى گورۇپپىغا بۆلىنىدۇ،ھەر بىر گورۇپپىدا 10دىن ئادەم بولىدۇ،10 ئادەم بەشتىن بۆلىنىدۇ،بەش ئەزا چاسا سىزىق ئىچىدە ،بەش ئەزا سىزىق سىرتىدا تۇرىدۇ.بىرىنچى پۇشتەكتە ئىچىدىكى بەش ئەزا توپ ھەيدەيدۇ ،ئىككىنچى پۇشتەكتە سىرتىدىكى 5 ئەزا سىرىتىدىن ئىچىگە يۇگۇرۇپ توپ تالىشىدۇ.چاسا شەكىل ئىچىدىكى ئەزا 10 سىكونىت توپنى قوغدايدۇ،3-پۇشتەكتە توپچىلار ئۆز ئورنىغا قايتىدۇ ، بۇ خىل مەشىق 4 مىنوت داۋاملىشىدۇ.توپچىلار ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ،مەشىق ئىككى ئايلىنىپ بولغاندا ئاخىرلىشىدۇ.

2-        مەشىق:
ئەزالار ئىككى گورۇپپىغا بۆلىنىدۇ،كەڭلىكى 18 يارىد كىلىدىغان چاسا شەكىل ئىچىدە مەشىق ئىلىپ بارىدۇ،كۇك كىيىملىك 4 ئەزا ھوجۇم قىلىدۇ، قىزىل كىيىملىك 4 ئەزا موداپىئە قىلىدۇ،  سىرىق كىيىملىك ئىككى ئەزا بىتەرەپ ئەزا بولىدۇ، بۇ خىل مەشىقنىڭ مەخسىدى بولسا تار دائىردە پۇرسەت يارتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۇرىدۇ.
ھوجۇم قىلغان تەرەپ بولسا ئوخشاش بولمىغان ئوسۇلدا ھوجۇم قىلىدۇ،توپنى تارتىقۇزۇپ قويسا قارشى تەرەپتىن توپنى تالىشىپ قايتۇرۇپ كىلىپ ھوجۇم تەشكىللەيدۇ،بۇنىڭدا ھەم ھوجۇم ھەم مۇداپىيە ئىقتىدارىنى ئۆستۇرگىلى بولىدۇ، بۇ ئىنتايىن موھىم بىر تۇر.

3-        مەشىق:
بىر تۇرلۇك توپ يەتكۇزۇش پاسلىشىشنى مەخسەت قىلغان يەنە بىر تۇرلۇك مەشىق باشلىنىدۇ،بۇ قارماققا ئىنتايىن ئاددى كۆرۇنگىنى بىلەن ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن تاكتىكا مەخسىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.سىزىق سىرتىدا سىرىق كىيىم كىيىپ مەشىققە قاتنىشۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى بىكلەر بولىدۇ.بۇ نىشانلىق بىكلەر مەيدان ئىچىدىن بىرىلگەن پاسلارنى توختاتماستىن ئىچىدىكىلەرگە قايتۇرۇپ بىرىدۇ،ياكى بىۋاستە يەنە بىر سىرىق كىيىملىك بىككە يەتكۇزۇپ بىرىدۇ،بۇ توپچى ئارقىدىنلا ھەركەتنى تەكرارلايدۇ.گەرچە دائىرە بەك كىچىك بولسىمۇ ئەمما ئوتتۇردىكى توپچىلار جىق،قارماققا ئىنتايىن جاپالىقتەك كۆرىنىدۇ،قىزىل ۋە كۆك كىيىملىك ئەترەتتىكى ئەزالار توپنى ئالغاندىن كىيىن بىۋاستە سىرىق كىيىملىك ئەزاغا پاس بىرىدۇ،ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى پاسلىشىش شۇنچىلىك راۋان بولىدۇ.
تۇۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى،سىرىق كىيىملىك ئەزا قىزىل كىيىملىك ئەزاغا بىر قىتىم پاس بىرىدۇ (1 بىلەن 3) ئاندىن ئۇزۇن پاس ئارقىلىق(2بىلەن 4) يەنە بىر بىكقا پاس بىرىپ ھوجۇمغا ھازىرلىنىدۇ.
بۇ خىل سەپ شەكلى بىزگە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ.تۆت نەپەر بىك قارشى تەرەپتىن توپنى تارتىۋالغاندىن كىيىن ئۆز-ئارا ماسلىشىپ بوشلۇق تىپىپ قايتارما ھوجۇمغا ئۆتىدۇ.

تاكتىكا مەشىقى:
كىيىن توپچىلار مەيدان ئالماشتۇرۇپ تاكتىكا مەشىقىنى باشلايدۇ،3 نەپەر قىزىل كىيىملىك ھوجۇمچى ئەزا ئالدىنقى مەيدانغا يىيلىدۇ،ئالدى ھوجۇمچى  سەل كەينگىرەك چىكىنىدۇ، تۆت نەپەر ئەزا ھوجۇم يۇنىلىشىگە تىخىمۇ يىقىنلىشىدۇ.
موداپىئەگە مەسئول يەتتە ئەزا ( 4 بىك ۋە 3 ئوتتۇرا مەيدان)،ھوجۇمچى 8 نەپەر بولۇپ 4 نەپىرى ئوتتۇرا مەيداندا, قالغان 4 بولسا ئالدى مەيدانغا قىستۇرۇلغان بولىدۇ.
بىرىنچى خىل شەكىل :
بۇ خىل مەشىق ئالدىنقى مەشىققە زىچ يىقىنلاشقان بولۇپ 4 نەپەر بىك كۆپ قىتىم پاسلاشقاندىن كىيىن،تىز سۇرئەتتە توپنى ئوتتۇرا مەيدانغا يەتكۇزۇپ بىرىدۇ،بىر ياندىكى بىك بولسا تىزلا ياردەمچى ھوجۇم بولىدۇ، بۇ خىل مەشىق 3 قىتىم تەكرارلانغاندىن كىيىن يان بىك توپنى ئىلىپ ئالدىغا سۇرىلىدۇ.(1)
بۇ ۋاقىتتا يان بىكنىڭ ئالدىدا كەڭ بوشلۇق بولىدۇ،مۇشۇ پۇرسەتتە يان ھوجۇمچى موداپىيەچىگە بىسىم ئىلىپ كىلىدۇ،ئوتتۇرا ھوجۇمچى يۇتكۇلىپ بۇشلۇققا بىرىپ پۇرسەت يارتىدۇ.(3)يان بىك توپنى يان سىزىقنى بويلاپ ئوتتۇرا ھوجۇمچىغا پاس بىرىپ ئالدىغا سۇرىلىدۇ،ئوتتۇرا ھوقۇمچى توپنى ئالغان ۋاقىتتا قالغان ھوجۇمچىلار ئاللىقاچان ھوجۇمغا قولايلىق ئورۇنغا بىرىپ بولغان بولىدۇ.

ئىككىنچى خىل شەكىل :
بۇ خىل ھوجۇم شەكلىنىڭ تەشەببوس قىلىدىغىنى  ۋە  تەقلىت قىلىنىشى ئوخشاشلا ئوتتۇرا مەيداندا ئۈچ-تۆت قىتىم پاسلىشىپ بوشلۇق ياراتقاندىن كىيىن باشلىنىدۇ.
بۇ قىتىم يان بىك توپنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن،(1) بىۋاستە قىسقا پاس بىلەن يان ھوجۇمچىغا بىرىدۇ،(2) يان ھوجۇمچى توپنى ئىچىگە ھەيدەپ كىرىدۇ،(3)ئوتتۇرا ھوجۇمچى بوشلۇققا يۇگۇرەپ ھوجۇمغا بوشلۇق يارتىدۇ(4)توپنى ھەيدەپ كىتىۋاتقان يان ھوجۇمچى  قارشى تەرەپنى ئالداپ توپنى يەنە بىر يان ھوجۇمچىغا پاس بىرىدۇ،(5) بۇنىڭدا يان ھوجۇمچى يەككە ھالدا بىكتىن ئۆتوپ توپنى ئۇرىدۇ ياكى باشقا ئەزالار بىلەن ماسلىشىپ بىر قىتىملىق ھوجۇمنى تاماملايدۇ.

ئاخىرىدا 15 مىنۇت توپچىلار 9 دە 9 بولۇپ مۇسابىقە ئويناپ تىخىمۇ كۆپ بولغان ھوجۇم مەشىقىنى قىلىدۇ .
مۇشۇنىڭ بىلەن بىر كۇنلۇك مەشىق ئاخىرلاشقان بولىدۇ ، يۇقىردا دىيىلگەنلىرى مورىنئۇنىڭ مەشىق ئۇسۇلىنىڭ بىر قىسمى بولىشى مومكىن .ئەمما توپچىلار بۇ خىل مەشىق ئوسۇلى ئارقىلىق ئۆزى ئىرىشمەكچى بولغانلىرىغا ئىرىشىشى ۋە ساپاسىنى ئۆستۇرىشى مومكىن.
ئەسكەرتىش :   مەن كەسپى تەنھەركەتچى ئەمەس ،تەنتەربىيە موئەللىمىمۇ ئەمەس ،پەقەت ۋە پەقەت بىر ئاددى ھەۋەسكار خالاس ،تىما خەنزۇچە ماتىريالدىن ئۆزلەشتۇرۇلگەن ، تىمىدا ئىلمى ياكى لوگىكا خاتالىقى بولىشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ سەمىمى پىكىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۇت قىلىمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4مۇنبەر پۇلى +200 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
تۈمەن + 50 قالتىس!
باشئەگىم + 100 ئەجىرلىك يازما ~
shemsherwaz + 10 ئەجىرلىك ،
زېرەك + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-29 13:56:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى تىما يوللاشنى ئۇگۇنىۋالدىم .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 13:58:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېلسىنىڭ تاكتىكىسى بىزنىڭ مۇنبەردە ئاشكارلىنىپ كىتىپدۇدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 14:00:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن  ياخشى تىما   رەھمەت سىزگە.
بۇ مەشىق ماتىرىيالىدىن پايدىلانساق بولغۇدەك
خۇددى  جۇيۈەنجاڭ سۈنزېنىڭ ھەربىي دەستۇرىدن پايدىلانغاندەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 14:03:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تاكتىكا بولاپ قويىدىكەن  لىكىن تاكتىكا پىلان جانسىز مەيداندا ئۆزگىرىش بولاپ تۇرىدۇ. توغرا دىدىممۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 14:04:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-29 23:34  

  باشقا گەپ يوق. ماۋۇ تېما مېنىڭ تۆۋەندىكى بىر جۈملە سۆزنى يۈرەكلىك دېيىشىمگە ئاساس بولدى:

   بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول مۇنبىرىدەك مۇكەممەل مۇنبىرىمىز بار!!
   
   قانداق مۇكەممەل دېدىڭىزما؟ باشقىنى دېمەيلى، مۇرىنىئونىڭ مەشىق سىستېمىسىنى تولۇقى بىلەن، راۋۇرۇس بايان قىلالىغان مۇنبەردىن دۇنيادا نەچچىسى باردۇر. مۇشۇنداق زىل تېما تېپىلغان مۇنبىرىمىزدىن يەنە نېمىلەر تېپىلماس.

  تېما ئىگىسىگە ئىگىلىپ تەشەككۈر. مۇنبەردىكى زور بوشلۇق تولۇقلاندى.
   مۇرىنىئو قالتىس، مۇرىنىئو نوچى دەۋەرمەي شاتۇتىدەك، مانداق پاكىتلىرى، ئېسىل ئارتۇقچىلىقى بىلەن دەلىللىسە ئوغۇل بالا دەيمىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 14:15:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 14:39:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
exaniq يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 13:56
ئاخىرى تىما يوللاشنى ئۇگۇنىۋالدىم .

   ئىسىل تىما بولۇپتۇ! ئاخىرى بارمىكىن؟ بولسا تۇلۇقلاپ قويسىڭىز، تىمىنى تەۋسىيەلەپ، يۇرۇتۇپ، چۇقىلاپ قۇيايلى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 14:41:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ماتېرىيالكەن، كۆپ رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 15:45:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلنىشقا بولدىغان ياخشى تىما بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-29 15:46:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغدا يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 14:39
ئىسىل تىما بولۇپتۇ! ئاخىرى بارمىكىن؟ بولسا تۇلۇقلاپ ...

ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازالىدىم ، ئەمدى مورىنئۇنىڭ يانچۇق دەپتىرىنىڭ يازمىللىرى باركەن شۇنىڭغا تىرىشىپ باقارمەن ، چېلسى تارىخىغا ئائىت مەزمۇنلار مۇنبەردە بارمىدۇ؟ مەنغۇ تاپالمىدىم ، شۇنىڭغا ئائىت بىر تىما بار ئىدى يازاي دىسەم تەكرار بوپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ يازمىغان .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 16:35:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
exaniq يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 13:56
ئاخىرى تىما يوللاشنى ئۇگۇنىۋالدىم .

ئۆگىنىڭ دېسە مۇشۇنداق ياخشى تېمىنى سىناق قىپ ئۆگەنگەن بارمۇ؟  

ياخشى تېما .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 08:28

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش