akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1123|ئىنكاس: 51

تەبرىكلەشنىڭ كەينىدىكى ھىكايىلەر……

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-29 00:55:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باشئەگىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-30 05:20  

ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم!


پۇتبۇل بولىدىكەن توپ ئۇرۇش بولىدۇ.توپ ئۇرۇش بولىدىكەن بىرەر  تەبرىكلەش  ھەركىتى بولىدۇ!
ئۇنداقتا  شۇ  پۇتبۇلچىلارنىڭ تەبرىكلەش  ھەركەتلىرىدە قانداق مەنا ۋە قانداق ھىكايىلەر  بار؟


لىئونىل مىسسى!
image.jpg
ھەممىمىز  بىلىمىز مىسسى  بولسا  ھازىرقى زامان پۇتبۇلىنىڭ يارقىن نامايەندىلىرىنىڭ  بىرى ھەم جىق توپ ئۇردىغان، ھەم بىز  مۇسابىقىلىرىنى تولا كۆردىغان چولپانلارنىڭ  بىرى.

ئۇ ھەرقىتىم توپ ئۇرغاندا  ئوڭ قولى كۆرسەتكۈچ بارمىقىغا  يەڭگىل بىرنى سۆيۋىتىپ ئاندىن ئىككى قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ  بىشىنى كۆككە كۆتۆرۆپ بىر  تەبرىكلەش  ھەركىتىنى ئىشلەيدۇ،
بەزىدە بەك مۇھىم مۇسابىقىلەردە ھالقىلىق توپ نى  ئۇرۇپ قالسا  سەپ داشلىرى بىلەن بىرقاس  تەبرىكلەۋىتىپ ئۆزى يالغۇز  قالغاندا ئۈشبۇ  ھەركەتنى ناھايتىمۇ  مىسكىن قىياپەتتە  ئورۇنلايدۇ!
ئەمسە ئۇ نىمىشقا  شۇنداق قىلىدۇ؟
image.jpg
         مىسسىنىڭ مەرھۇم مومىسى  ئۇنى تۇنجى بولۇپ پۇتبول مەيدانىغا باشلاپ كىرگەن ئادەم ،،،ئۇ مىسسىنىڭ توپ تېپىشىنى بەكلا قوللايتتى،  ھەم ئۇنى دائىم رىغبەتلەندۈرەتتى.
باشقىلار مىسسى تېخى كىچىك ھەم بەك ئۇرۇق  توپ تالىشىش جەريانىدا يارلىنىپ قېلىشى مۇمكىن دەپ ئەنسىرگەن  چاغلاردا توپ مەيدانىغا بىللە بارغان مومىسى  دائىم ۋارقىراپ تۇرۇپ  :« لىئونىلغا پاس بەر ! دەرھال ئۇ  پاكىنەككە پاس بەرگىن! ئۇ چوقۇم توپ ئۇرالايدۇ » دەيتتى ...
مىسسىغا مۇناسىپ تۇنجى پۇتبول ئايىقىنى ئۇنىڭ مەرھۇم مومىسى ئائىلىدىكىرىنى قايىل قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرگەن  ، ئۇنىڭ ھاياتىغا پۇتبۇلنى سىڭدۈرگەن تۇنجى كىشى دەل مىسسىنىڭ  مومىسىدۇر
image.jpg
گەرچە مومىسى   مىسسى 10 ياش ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان بولسىمۇ  لىكىن مىسسى تاكى بۈگۈنگىچە  توپ ئۇرۇپ بولۇپ ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ئۈشبۇ ئۇرغان توپىنى مەرھۇم مومىسىغا ھەدىيە قىلماقتا ……
چۈنكى ئۇنىڭ مومىسى  پۇتبول دىگەن بۇ ھۆجەيرىنى ئۇنىڭ تېنىگە كىرگۈزگەن بىردىنبىر شەخىس....      


لۇيىس .سۇئارىز
image.jpg
سۇئارىزنىڭ ئىسمى چىقسىلا كاللىمىزغا  دەرھاللا چىشلىرى توڭكاي  بىر  توپچى  ھەم مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا «چىش » ئىسىمىزگە كىلىدۇ!
ئۇ ھازىر بارسىلوناغا ماسلىشىش جەريانىدا جىق توپ ئۇرمىغىنى بىلەن  ھەممىمىزگە ئايانكى ئۇ 2014 يىللىق ياۋرۇپا «ئالتۇن كەشى» نى ئالدى!
ئۇنداقتا ئۇنىڭ شۇ كۆپلىگەن توپلارنى ئۇرۇپ بولۇپ،بىلىكىنى سۆيىشىدە  نىم مەقسەت بار؟
ئۇنىڭ ھىكايىسى قانداق؟
image.jpg

مۇھەببەت ئۈچۈن توپ تەپكۈچى -سۇئارىز


سۇئارىز 1987-يىلى 1-ئاينىڭ 24 - كۈنى  ئۇراگۇۋاينىڭ سالتۇ دىگەن يىرىدە بىر  نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇلار 7 بالا  بولۇپ دادىسى  ئۇلارنى بىقىش  ئۈچۈن  پۈتۈن ئائىلە بويىچە مولتىۋىدىئوغا  كۈچۈپ  كەلگەن!


سۇئارىز بۇ يەرگە كۆچۆپ كەلگەندىكىن پۇتبۇلغا باشقىچە  بىرىلىپ كەتكەن ھەم دائىم پۇتبۇلنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتىكى بىسىمىنى تۈگىتىدىغان بىردىن بىر  قورال قىلغان.

ھەم ئانىسىمۇ ئۇنىڭ  ئۆزى بىلەن تەڭ تۈش باللار ئارىسىدا ئۇنىڭ  باشقىچە تالانتى بارلىقىنى بولۇپمۇ سۈرئىتىنىڭ تىزلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭ بىرەر  كەسپى كوماندىدا توپ ئوينىشىنى  ئۈمۈد قىلغان!

ھەم ئۇراگۇۋاي مىللەت كوماندىسىدىكى پىرىسنىڭ دىققىنى تارتىپ شۇ كوماندىدا كەسپى ھاياتىنى باشلىغان!

ھەم 11 ياش  ۋاقتىدا ئۇراگۇۋاي ئۆسمۆرلەر كوماندىسىغا تاللانغان ،لىكىن ئۇنىڭ شۇ چاغدا توپ ئايغى  ئالغىدەكمۇ پۇلى يوق ئىدى.

ئەمسە سۇئارىزنىڭ  ياۋرۇپاغا كىلىپ توپ تىپىشىگە زادى كىم سەۋەپكار؟ ئۇنىڭ بىلىكىنى سۆيىشىدە  نى ھىكايە بار؟
image.jpg
سۇئارىز 15 ياش ۋاقتىدا 13 ياشلىق ئالتۇن چاچلىق سوفىيە(ھازىرقى ئايالى) غا ساراڭلارچە ئاشىق بولىدۇ.(شاش گۇيتىكە).ھەم بىر مەزگىل ئارلاشقانمۇ بولىدۇ.
لىكىن خوشال كۈنلەر ئۇزۇنغا بارماي غىرىپ-سەنەمنىڭ كۈنى بۇلارنىڭمۇ بىشىغا كىلىپ،
سوفىيە 2003-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئىسپانىيەگە كۆچۆپ كىلىدۇ.
بۇنىڭغا سۇئارىز ھەرگىز چىدىمايدۇ ئەلۋەتتە،شۇنىڭ بىلەن سۇئارىز شۇ پۇتىنىڭ ئاستىدىكى شۇ يۇملاق مىھرى ئىسسىق، قاسماق توپنىڭلا ئۇنىڭ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردىغانلىقىنى بىلىپ، قەتئىي بەل باغلاپ قايتىدىن جاپالىق مەشىقنى باشلايدۇ.

جاپانىڭ تىگى ئالتۇن دىگەندەك سۇئارىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىكارغا كەتمەيدۇ.
گوللاندىيەدىكى گىرونگىن كۇلۇبىدىكى روب.جامىس نىڭ كۆزى بۇ ئالتۇن چىشقا چۈشىدۇ، ھەم بۇنى گوللاندىيەگە ئىلىپ كىتىدۇ.

شۇنداق قىلىپ سۇئارىز ئاخىرى سوفىيەنىڭ كەينىدىن پۇتبۇلنى پويىز قىلىپ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنى بىلەت قىلىپ ياۋرۇپاغا قوغلاپ كىلىدۇ!
ھەم ياۋرۇپادىكى شۇچاغدىكى زەردار بولغان ئاجاكىس كۇلۇبىغا  قىتىلىدۇ،ھەم سوفىيە بىلەن توي قىلغانمۇ بولىدۇ!
image.jpg
سوفىيە دائىم ئۇنىڭغا : ئۇنىڭ مەيداندا چىچىلماسلىقىنى ھەم تىرنىر بىلەن تاكاللاشماسلىقىنى. توپنى ئەستايىدىل ئوينىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.


«مەن بۇرۇن ئۆسمۆرلەر كوماندىسىدا دائىم زاپاس ئەزا ئىدىم، لىكىن سوفىيە ماڭا پۇتبۇلنى ھەقىقىي تۈردە چۈشەندۈردى،مەن ئائىلەمدىن ئازار يىگەندە (ئاتا -ئانىسى بۇرۇنلا ئاجرىشىپ كەتكەن) پۇتبۇل بىلەن سوفىيە ماڭا ئىلھام بولدى.مەن بەزىدە  باش تىرىنىرگە قارغاندا سوفىيەنىڭ گىپىنى بەكەرەك ئاڭلايمەن.»
                               - سۇئارىز.

مۇھەببەت ئۇنى ياۋرۇپاغا باشلاپ كىردى،تىرىشچانلىق ئۇنىڭغا بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تىتىغۇزدى،

شۇڭلاشقا سۇئارىز دائىم توپ ئۇرۇپ بولۇپ بىلىكىدىكى سوفىيەنىڭ ئىسمى چىكىلگەن يەرنى پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن سۆيىدۇ!

دىمارىيا.




دىمارىيا بولسا ئارگىنتىنانىڭ روسارىئو دىگەن يىرىدىكى پىدلىئىردا بىر نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن،
ئۇ نامراتلىقنى باياشاتلىققا ئۆزگەرتىش  ئۈچۈن توپ تەپكەن يەنە بىر تىرىشچان پۇتبۇلچى.
ئۇنىڭ كەسپى ھاياتى توغۇرلۇق جىق گەپ قىلمىساممۇ ھەممىمىزگە ئايان.
مەقسەتكە كەلسەك دىمارىيا نىم ئۈچۈن ؟ توپ ئۇرۇپ بولۇپ ئىككى قولىنى چۈپلەپ يۈرۈك شەكىلنى چىقىرىدۇ؟ئۇمۇ بىرەر قىزغا ئاشىقمۇ؟ياكى ئاتا-ئانىسىغا بولغان مۇھەببىتىمۇ؟

دىمارىيا دىگىنىمىزدەك ئىنتايىن جاپاىق كۈنلەرنى كەچۈرگەن، ھەم بۇرۇندىن تارتىپ بۇ پۇتبۇل بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ باقمىغان، ئۇ كىچىك ۋاقىتلىرىدا، كوماندا ئەزالىرى بىلەن ئىنتايىن ئىناق بولۇپ ،ھەم ارلىق غەم قايغۇسىنى شۇ قۇرداشلىرى ۋە سەپ داشلىرى بىلەنلا  توپ تەپكەندە ئۇنتۇيتى!
ئۇنىڭ شۇ  مەھەللىسى  ۋە يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتى ئۇنىڭ بىلىكىگە ئۆزىنىڭ  رەسىمىنى چەكتۈرۈشكە سەۋەپچى بولدى.

شۇڭا ئۇ توپ ئۇرۇپ بولۇپ تاكى   روسارىئودىن بىنفىكاغىچە، بىنفىكادىن مادرىدقىچە ، مادرىد دىن قىزىل ئالۋاستىغىچە  يۈرەك شەكىلنى چىقىرىپ يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتىنى  ئىپادىلەيدۇ!
image.jpg
image.jpg
image.jpg
image.jpg
image.jpg
image.jpg
image.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 02:56:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 11:09:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باساچىلارنىڭ تىمىسىكەندە بۇ     رونالدونىڭ تەبرىكلەش ھەركىتىنى ياراتماي تىخى مەنىسى يوقكەن دەپ        قانداقلا بولمىسۇن يىزىپ قويغان بولسىڭىز  سىزنىڭ باساچى ئىكەنلىكىڭىزگە تاقاشمايتىغۇ دەيمەن    ياكى يوشۇرۇن باساچىمۇ سىلى      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 17:52:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 11:28:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
LFP يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 11:09
باساچىلارنىڭ تىمىسىكەندە بۇ     رونالدونىڭ تەبرىكلەش ھ ...

  ئەمەلىىيەتتە، تېمىدا سىز دېگەن يەكلەش ئىپادىلەنمەپتىكەن... ئارىلىقتىكى مەلۇم بىر ئىنكاستا ھەمراھ ئۆزىنىڭ ئانچە - مۇنچە ھېسسىياتىنى، بەزى غەرىزىنى ئىپادىلەپ قويۇپتۇ...
   تېمىغا كىمنى يېزىش، ئۆزى پىششىق بىلگىنىنى يېزىش تېما يازغۇچىنىڭ ئەركىنلىكى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇنى ياز، بۇنى ياز دېيىشكە ھېچكىمنىڭ ھوقۇقى يوق، چۈنكى شۇنداق دېگۈچى ئۆزىنىڭ نەزەرىدە چۈشۈپ قالدى دېگەن كىشىلەرنى، ئىشلارنى ئۆزى يازسىمۇ بولاتتى. (يەنى، سىز مادرىدچى، رونالدوچى بولغاندىن كېيىن، سىزمۇ راۋۇرۇس قىلىپ، بېنزىما، رونالدو، راموسنىڭكىنى قاتۇرۇپ يېزىپ، مەنىسىنى شەرھىيلەپ قويسىڭىز، جامائەت ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ مەنىسىنىڭ بار - يوقىلىغا ھەمراھنىڭ گېپىگە ئەمەس، سىزنىڭ تېمىڭىزغا قاراپ باھا بېرىدۇ ، ئۆزىمىز ئامراق كىشىنىڭ قالتىسلىقىنى قارشى تەرەپ ئىسپاتلاپ بەرسۇن دېسەك تازا توغرا بولماس)
   دەرۋەقە، ھەمراھ سىزنىڭ بەزى پىكىرلىرىڭىزنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان تەنھەرىكەتچىنى ھۆرمەتلەيلى، ئۆچ ماھىرنى ھۆرمەتلىمىسەكمۇ ھاقارەت قىلمايلى، شۇ تەنھەرىكەتچى توغرۇلۇق زۇۋان سۈرمىسەكلا كۇپايە...  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +45 يىغىش سەۋەبى
ھەمراھ + 45 مەنمۇ ئوخشاش پىكىردە

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-29 09:17:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەمراھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-29 09:19  
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 02:56
يىڭىچە، ئۆزگىچە يازغان تىماڭدىن شۇنداق خۇرسەن بولدۇم، ...


ھى  ھى  ھى   !  
شۇ  سالامنى  ۋەزنى بىلەن قىلۋەتتىمغۇ!  
باشقىلارنىڭكىنىمۇ يازاي  دىگەن ، ھەم رەسىملىرىنىمۇ  تىپىپ  بولغان ، لىكىن ئۇلار دائىم دىگىدەك بىر ھەركەتنى ئىشلىمەيدىكە.
ھەم قىسقىسى  يازغۇچىلىكى  يوق ھىكايىلەر، ئوقۇرمەنلەرگە ئىستىتىك زوق ئاتا قىلاللمايدۇ.
بىر ھەركىتى بولسا بىلاتتىرغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئىسپاتلىسا، يەنە بىر ھەركىتى بەدىنىنى  كۆز-كۆز قىلىش،يەنە بىر ھەركىتى بىر توپ ئۇرۋىتىپ بۇيەردە مەن بار دىيىشلەر …… ئۇ ئۇنداق دىمىسىمۇ باشقىلار ئۇنىڭ شۇ يەرسە بارلىقىنى بىلىدۇ،-ئەلۋەتتە.

قالغان قىلىقلىرىنى دىمىسەممۇ  بولا؟

يەنە باشقىلارنىڭمۇ  تىپىك  بىر خىل  تەبرىكلەش  ئۇسۇلى  يوقكەن!با  بولغانلىرىنىڭ ھىكايىسى مەندە يوقكەن،ئەسلى دىمارىيانىڭكىنىمۇ قىتىپ قويسام بوپتىكە!
ئىسىت ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +45 يىغىش سەۋەبى
پەرۋەر + 45 راسىت گەپ

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 10:38:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل  تىمىدىن  بىرنى  تۇتۇپسىزكەن  سەل  ئالدىراپ  يوللىۋەتتىڭىزمۇ  قانداق   مۇمكىن  بولسا  يەنە  بىر  تۇلۇقلىۋەتسىڭىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-29 18:21:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 17:52
چىكىتنىڭ ئاۋۇ تەلەتىنى دەيمەندە،،،،

بەزىلەر ئۇنىڭ  شۇ يەرلىرىگە  ئامراق!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 16:31:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئازراق خىيال سۈرۈپ قوياي........
مەن رونالدونىڭ دۇنيا لوڭقىسى بىلىتىنى تالىشىش شىۋىتسىيە يەنى ئىبراھىم نوچى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدىكى 2-توپىنى ئۇرۇپ بوپ ئىشلىگەن ماڭ قالا ئىبراھىم ماڭ قالا مەن شۇ مەن رونالدو شۇ دەپ ئىككى قولىنى مەيدىسىگە ئەكىلىپ ئاندىن كۆز تەرىپىگە ئەكەلگەن ھەركىتى بەك ياقىدۇ.
ئەگەر ھە ئەگەر مەن ياۋرۇپادا توپ تىپىپ قالسام  قايسى كۇلۇپنىڭ كىيمىنى كىيىشتىن قەتى نەزەر ئىچىگە ئۇيغۇر دىگەن خەت با كىيىمنى كىيۋالاتتىم ، شۇندالا توپ ئۇردۇممۇ  بۇلۇڭ توپ تاشلايدىغان بۈرجەككە يۈگۈرۈپ بېرىپ  ۋاششىدە بەدەن بۇراپ تىلكامىرا تەرەپكە قاراپ كۇلۇپنىڭ كىيمىنى ئۆرۈپلا ئۇيغۇر دەپ خەت با مايكامنى چىقىرىپ  ماڭ قالا ھەممىڭ ماڭ قالا مەن ئۇيغۇر مەن دىگەن ئۇيغۇر دەپ ۋاقىراپ ئىككى قولۇمنى ئۇيغۇر دىگەن خەتكە ئاندىن ئۆزۈمگە قارتىپ 2-3 قېتىم تەكرارلايتتىم ،ئالدىن ئۇيغۇر دىگەن خەتنى سۈيۈپ قوياتتىم ، بۇ ئۇيغۇر مىللىتىمنى قانچىلىك ياخشى كۆردىغانلىقىمنى بىلدۈرىدۇ.     شۇ مىنۇتلا شۇ دەقىقىلە ماڭا نىسىپ بوممىسىمۇ بۇندىن كىيىنكى ئۇيغۇر ئەزمەتلىرىمىزگە  ئاللاھ نىسىپ ئەتسۇن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 08:31:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا تىزىدا سىيرلىپ ئىشلىگنى بەك پەيزى بىلىندۇ.ئەمما ھەممىدىن پەيزى چىقىدىغىنى 2012يىلدىكى ئاغزىڭنى يۇم دېگەن تەبرىكلەش ھەركىتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-29 01:53:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇف  ئاران تەستىقلاندى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-29 01:02:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىملەر  نىمىشقا  چىقمىدى  ؟ بىر مۇنچە رەسىم قىستۇرغان ئىدىم!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 01:03:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-29 01:05:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانزاد1 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 01:03
ئەجىرلىك  تىما بوپتۇ توڭكاي چىشنىڭ ئۆزگىچە مۇھەببەت ھى ...

رەھمەت!
ھەراس  رەسىملەر  چىقىپتىمۇ؟
چىقىرالماي  بەك جىلە  بولدۇم!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 02:00:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپتىكەن. باشقا توپچىلارنىڭمۇ ھېكايىللىرى باردۇ؟ تولۇقلىۋەتىلگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى دە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 02:19:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-29 02:20:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
owchi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 02:00
ياخشى تىما بوپتىكەن. باشقا توپچىلارنىڭمۇ ھېكايىللىرى  ...

رەھمەت!
تولۇقلىۋىتىشنى ئويلاشقان ، لىكىن بەزى بىر ئاتالغۇلارنى ھەم ھىكايىسىنى  تازا تولۇق بىلمەيمەنكە!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 02:37:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى باشقا توپچىلارغا قارغاندا بەك داۋراڭ سەپكەتمەي ئىغىربىسىق تەبرىكلەش ھەركىتى ئىشلەيدۇ، مەن مىسىنىڭ شۇيەرلىرىنى ياقتۇرمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 03:03:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاداش پەيزىڭبا ، لىكىن باشقا توپچىلارنى يىزىشقا ۋاقتىڭ يەتمەپتىدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 03:07:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 02:56
يىڭىچە، ئۆزگىچە يازغان تىماڭدىن شۇنداق خۇرسەن بولدۇم، ...

يا ئاللا بىر يەرلەردە دەۋاممىساڭلا بولامماي قالىسىلەھە ، رونالدوغا ھەقىقىي قول قويىمەن جۇمۇ ، پوتبول مەستانىلىرىدىن تارتىپ مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 00:30

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش