akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1338|ئىنكاس: 36

كىم توپ شاھى(چۈشەنچە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-28 20:59:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەمراھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 21:47  

ئەسسالاممۇ - ئەلەيكۇم !


ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى مۇشۇ كۈنلەردە پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدە  تارقىلىۋاتقان «كىم توپ شاھى»  دىگەن تىمىدىكى مۇسابىكە خەۋەرلىرى  ھەممىمىز نىڭ  دىققەت ئىتىبارىنى تارتتى. لىكىن بىز  بۇ مۇسابىقىگە كىملەر قاتناشتى؟(قايسى كوماندىلار)، كىم ئۇيۇشتۇردى؟ ھەل قىلغۇچقا  كىملەر كىردى ؟ دىگەندەك خەۋەرلەرنى بىلەلمىدۇق.
شۇڭا بۈگۈن ئۈندىدارىمدىكى «پۇتبۇل دۇنياسى»   putbol dunyasi  دىگەن سالۇندىن  تۆۋەندىكى خەۋەرنى كۆرۆپ سىلەرنىمۇ بىلىپ قالسۇن دىگەن مەقسەتتە  كۆچۆرۆپ  ئىلىپ  كەلدىم!قىنى ئەمسە تىمىغا مەرھەمەت!

مەنبە : putbol dunyasi   ئۈندىدار سالونى!

ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ دۆلەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە ئالدىن نەزەر!
ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ «كىم توپ شاھى»نىڭ غەربىي رايون ئۈچىلى گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم!بۈگۈن سۆزلەيدىغىنىمىز «كىم توپ شاھى»غا چۈشەنچە ۋە ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ دۆلەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە ئالدىن نەزەر، ئەلۋەتتە ھەقىقىي پۇتبول سۆيەرلەر تۆۋەندىكى قۇرلارغا چوقۇم قىزىقىدۇ!
image.jpg
«كىم توپ شاھى» يۈرۈشلۈك مۇسابىقە، ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلا مائارىپ مىنىستىرلىكى ،دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋە مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانىسى..
ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار بولسا  مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە قانىلى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇلۇرۇش بىڭتۈەنى تەنتەربىيە ئىدارىسى.
ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلار مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە كۆڭۈل ئېچىش چەكلىك شىركىتى، تەنتەربىيە كۆزنىكى مەدەنىيەت كەسپى چەكلىك شىركىتى.
يۇقىرىقى ئورۇنلارنىڭ ئىسمىدىنلا بۇ مۇسابىقىنىڭ قانچىلىك تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكى «مانا مەن» دەپلا چىقىپ تۇرىدۇ.
«كىم توپ شاھى» بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قىسىمدا تىكتاك توپ بىلەن پەي توپ تۈرىدە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىپ ئاياقلىشىپ بولدى، پۇتبول تۈرى بولسا ئۈچىنچى باسقۇچلىق مەزمۇن.
پۇتبول تۈرى ھەرقايسى رايونلاردىكى تاللاش مۇسابىقىسىدىن كېيىن، پۈتۈن دۆلەت بويىچە 8 چوڭ رايونغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھازىر دەل چوڭ رايون مۇسابىقىلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ئەزىمەتلىرىمىز زەپەر قۇچقان غەربىي چوڭ رايون ئۈچىنچى بولۇپ ئاياقلاشقان چوڭ رايون مۇسابىقىسى، سەككىز چوڭ رايون مۇسابىقىسى ئاياقلاشقاندىن كېيىن دۆلەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ.

دۆلەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە سەككىز چوڭ رايوننىڭ ئۈچ گۇرۇپپىدىكى چىمپىيونلىرى قاتنىشىدۇ، دېمەك ئۈچ گۇرۇپپىدا سەككىز كوماندىدىن جەمئىي 24 كوماندا، بىزگە ئايان ئەزىمەتلىرىمىز غەربىي رايوننىڭ ئۈچ شتاتىنى تولۇق قولىغا ئالدى.
دۆلەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋاقتى بولسا باھار بايرىمىنىڭ ئالدىدا يەنى 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنلىرى ئۆپچۆرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھازىرچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئورۇن، ۋاقىت ئېنىق بەلگىلەنمىدى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە شەكلى بولسا بىۋاسىتە بىر ئۇچرىشىشلىق شاللاش مۇسابىقىسى شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، دېمەك ئۈچ گۇرۇپپىدىكى ئارسلانلىرىمىز ئۈچ مەيداندىن غەلىبە قىلسىلا «كىم توپ شاھى»نىڭ پۇتبول تۈرىدە شاھلىق تەختىگە ئولتۇرالايدۇ!

«كىم توپ شاھى»نىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا بىر قۇر سۆزلەپ ئۆتەيلى، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى نەق مەيداندىن كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ تەسىر دائىرىسى، ئۈنۈمى بىزدەك ئۈندىدار سالونىدا، مىكرو بلوگدا، تور بېكەتلەردە «جۇڭگو پۇتبولىنىڭ ئۈمىدى شىنجاڭدا!» دەپ چۇقان سالىدىغانلارنىڭ تەسىر دائىرىسىدىن ھەددى ھېسابسىز يۇقىرى بولىدۇ ئەلۋەتتە! بۇ شىنجاڭ پۇتبولىنى جۇڭگوغا تونۇتۇشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەتلەرنىڭ بىرى بولغۇسى! كەسپىي پۇتبول ئارزۇسى بار ئارسلانلىمىز ئۈچۈن بىر چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرىش مۈمكىنچىلىقىمۇ يۇقىرى! شۇڭا بارلىق شىنجاڭ پۇتبول سۆيەرلىرىنىڭ بۇ مۇسابىقىگە يېقىندىن نەزەر سېلىپ، ئەزىمەتلىرىمىزنى قوللاپ بېرىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ ئويلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!



تىمىغا  ئاران  بىر پارچىلا  رەسىم  يوللىيالىدىم . باشقىسى  يوللانمىدى  نىمىشقىدۇ؟
image.jpg
image.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 23:25:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە   تىلۋىزىيە  ئىستانىسىدىن  تارقاتقان  سىمسىز  ئاپراتمۇ  با  پۇللۇق  ئۇنۇڭدا  cctv5 ۋە پىڭيۇن پۇتبول  قانىلى جىقىدۇ  بىراق ياۋرۇپا  پۇتبول  قانىلىنى  ئاچقۇزاي  دىسەم  ئۇلا  بىلمەيدىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 21:08:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە، مانا ئوغۇل بالىدەك تېما يوللاپسىز...
  بولۇپمۇ،  بۇنىڭ تەسىر دائىرىسى، ئۈنۈمى بىزدەك ئۈندىدار سالونىدا، مىكرو بلوگدا، تور بېكەتلەردە «جۇڭگو پۇتبولىنىڭ ئۈمىدى شىنجاڭدا!» دەپ چۇقان سالىدىغانلارنىڭ تەسىر دائىرىسىدىن ھەددى ھېسابسىز يۇقىرى بولىدۇ ئەلۋەتتە! دېگەن گەپلىرىڭىز ئاجايىپ ئېسىل گەپ بولغان...
   بۇ مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولۇپلا نۇرغۇن ئىشلار يۈرۈشۈپ كەتمەس، ئەمما ئاز - تولا پايدىسى بولمايمۇ قالماس... ئىشقىلىپ، يوق بولغاندىن بار بولغان ئەۋزەل... ئۆزىمىزنى كۆرسىتىپ قويساقمۇ ھېساب...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-28 21:28:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 21:08
ھە، مانا ئوغۇل بالىدەك تېما يوللاپسىز...
  بولۇپمۇ،  بۇن ...



ھەراس  ئابلەتكا  ، بۇ  مۇسابىقىنىڭ  تارقىتىشىنى  بولۇپمۇ  بىزنىڭ ئەزمەتلەر نىڭ  مۇسابىقىلىرىنى ئۇيغۇرچە xj5  لەردە  ئۇلاپ  تارقاتقان بولسا ، سىز  چۈشەندۈرۈپ  بەرگەن بولسىڭىز  ئىسىل ئىشلار  بولاتتىدە،

لىكىن……

ئۇمۇ  بوپ  قالا!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-28 21:28:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 21:08
ھە، مانا ئوغۇل بالىدەك تېما يوللاپسىز...
  بولۇپمۇ،  بۇن ...



ھەراس  ئابلەتكا  ، بۇ  مۇسابىقىنىڭ  تارقىتىشىنى  بولۇپمۇ  بىزنىڭ ئەزمەتلەر نىڭ  مۇسابىقىلىرىنى ئۇيغۇرچە xj5  لەردە  ئۇلاپ  تارقاتقان بولسا ، سىز  چۈشەندۈرۈپ  بەرگەن بولسىڭىز  ئىسىل ئىشلار  بولاتتىدە،

لىكىن……

ئۇمۇ  بوپ  قالا!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 21:39:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمراھ يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 21:28
ھەراس  ئابلەتكا  ، بۇ  مۇسابىقىنىڭ  تارقىتىشىنى  بولۇ ...


ئۇ گەپنى قىلماڭ، تۈنۈگۈندىن بېرى ئىچىمگە ئوت چۈشتى... تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىنى بىز چۈشەندۈرگەن بولساق قانچىلىك ئوبدان بولاتتى... خەير، ئاللا خالىسا ئۇمۇ بولۇپ قالار...
  ھە راست، ئاۋۇ تېما بېشىدىكى ئۈچ ئورۇننىڭ تەرتىۋىنى توغرىلاپ قويۇڭ. مائارىپ مىنىستىرلىقى 1 - ئورۇندا، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى 2 - ئورۇندا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسسى 3 - ئورۇندا تۇرىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى بولمىسا مەكتەپ پۇتبولىنى ھەقىقىي تۈردە چىڭ تۇتقىلى، كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى، ئاممىۋىي ئاساسنى ئۆستۈرگىلى بولمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 21:40:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ ، بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپ قالغۇسى ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-28 21:50:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 21:39
ئۇ گەپنى قىلماڭ، تۈنۈگۈندىن بېرى ئىچىمگە ئوت چۈشتى...  ...

مەنمۇ  بۇنى مەركىزى تىلۋىزىيە قانىلىدا تارقىتىلىدىكەن دىگەندىلا بىرىنجى بولۇپ  سىز  ئىسىمگە كەلگەنتىڭىز!
ئۇمۇ  بوپ  قالا  ……


ھەراس   تەھرىرلەپ  قويدۇم!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 22:00:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ تېخنىكىسىغا گەپ كەتمەيدۇ جۇمۇ،  كىچىك ئەزىمەتلىرىمىز سەت  قىرغىن قىلۋەتتى.  بارىكاللا ئەزىمەتلەر!!!!!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 22:06:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى بۇتوغرىسىدا ياخشى ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇق،رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 22:12:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
CCTVدە بەرمىگەن بولسا،بۇنچىلىك داۋرىڭى بولماسكەن،CCTVنىڭ تەسىرى ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەن،بولمىسا نۇرغۇن  قېرىنداشلىرىمىز بۇنداق مۇسابىقىنىڭمۇ ئۆتكۈزىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەي قالاركەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 22:14:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇسابىقىنى شىنجاڭ10-قانالدا بولسىمۇ بېرىپ قويمىدى دىسە!؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 13:31

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش