ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4382 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەينەك گىزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىردە كۆرسىتىلىشچە مانجىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزۇندىن بىرى خانلىق مادىرىد توپچىسى بېل نى 100مىليۇن ياۋرۇغا سېتىۋىېلىش پىلانى غا بۈگۈن خانلىق مادىرىد تەرەپتىن جاۋاپ كەلگەن. يەنى بېل كىرەك بولسا بۇ سودىغا چۇقۇم دىھىيانى قېتىش لازىم.
2013-يىلى يازدا مانجىستىر بىرلەشمىسى بېلنى قېتىۋېلىش ئىشىدا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ئەمما مانجىستىر بىرلەشمىسى تاھازىرغىچە بېلنى يۆتكەپ كىلىش نىيتىدىن قىلچە يالتايمىدى.خانلىق مادىرىد گىرمانىيە توپچىسى رويىسنى قۇشۇۋېلىش سودىسى ئەمەلگە ئاشقاندىن كىيىن ئاندىن بېلنى سېتىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ سودىغا چۇقۇم دىھىيانى قۇشۇپ ئاندىن مانجىستىر بىرلەشمىسى بىلەن سودا-سېتىق قىلدىغانلىقىنى ئىنىق ئوتتورىغا قويدى.مادىرىدنىڭ دىھىياغا ئىرشىش پىلانىنى قىلغىلىمۇ خېلى ۋاقىت بولدى.24ياشلىق بۇ ئىسپانىيەلىك ۋارتار ،كاسىيلاسنىڭ ئىزباسارى بۇلۇشقا تامامەن لايىق.ئالدىنقى پەسىل ئىككى تەرەپ دىمارىيا سودىسىدا ئاسانلا چىقىشىپ قالدى. ھەر ئىككى تەرەپ زىيان تارتمىدى.ئەسلى دىمارىيا سودىسىدا خانلىق مادىرىد دىمارىيانى ئىجارىگە بەرمەكچى بولغان لېكىن مانجىستىر بىرلەشمىسى بىراقلا 60مىليۇنغا سېتىۋىلىشتا چىڭ تۇرۇپ بۇ سودىنى ئۇڭۇشلۇق تاماملىغان.ئەمدىكى ۋەزىيەتتە مانجىستىر بىرلەشمىسى جىددىي تاللاشقا دۇچ كەلدى. دىھىيانىڭ توختامى 2016-يىلى يازدا تۇشۇدىغان بۇلۇپ كەلگۈسىنى بىكىتىدىغان ھالقىلىق باسقۇچقا كەلدى. مانجىستىرغا بېل مۇھىممۇ ياكى دىھىيامۇ؟ئەلۋەتتە قارار چىقىردىغىنى يەنىلا تېرنىر ۋانگال دۇر.
|
|