akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1401|ئىنكاس: 36

ئېنگلانىد بىرلەشمىسى خەۋەرلىرى (تانكىچاق) !!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-28 15:51:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تانكىچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 15:57  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...




1. ئورگان خەۋىرى : تورىس مىلەنگە يۆتكەلدى

208-14122P25304960.jpg


چىلسى ئۆزىنىڭ ئورگان تورىدا تورىسنىڭ مىلەنگە رەسمى تۈردە يۆتكەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى . بۇ يازدا تورىس مىلەنگە چىلسىدىن ئىجارە شەكىلىدە يۆتكەلگەن بۇلۇپ ، بۇ قېتىم ئىجارە شەكىلىدىن رەسمى يۆتكىلىشكە ئۆزگەردى . بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ بولسا مىلەن مادىرىد رىقابەتتىكى چېرچىنى ئەكەلمەكچى ، مادىرىد رىقابەت تورىسقا ئىرىشمەكچى شۇڭا تورىس رەسمى ھالدا مىلەنگە تەۋە بولغاندا ئاندىن بۇ سودىنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بۇلىدۇ .  يۆتكىلىش ھەققى 0 ياۋرو . شۇنداق بولغاندا ئاخىرى پايدىنى مىلەن ئالىدىغان بولدى ( بەك يامان قاقباش قېرىكەن ئاۋۇ ) . تورىس 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن كېيىن رەسمى ھالدا مىلەننىڭ ئادىمى بۇلىدۇ ...




2. تېررى چىلسى بىلەن توختام ئۇزارتىدۇ

334-14122PG2235T.jpg


مورىنىئو مۇخپىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا تېررىنىڭ چىلسى بىلەن توختام ئۇزارتىشى پەقەت ۋاقىت مەسلىسى دېدى . چىلسنىڭ قېرى تۆھپىكارلارنىڭ توختام ئۇزارتىش تۈزۈمىگە قارىغاندا كاپىتان چىلسى بىلەن بىر يىللىق توختام ئۇزارتىشى مۇمكىن .




3. كارتا يىيىش شاھى بارلىققا كەلدى

215-14122Q015464S.jpg


ئېۋىرتوندىكى ئېنگلانىدلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بارى ئالدىنقى كۈندىكى ئېۋىرتوننىڭ سىتوك شەھىرى بىلەن بولغان مۇسابىقىسىدە بىر سېرىق كارتا يەپ ئۇنىڭ ئېنگلانىد بىرلەشمىسىكى يىگەن سېرىق كارتىسى 100 گە يېتىپ ، ئېنگلانىد بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ سېرىق كارتا يىگەن توپچى بۇلۇپ قالدى . بۇ تىزىملىكتىكى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدە داڭلىقلاردىن سىكولىس (مانچىستىرنىڭ ئىلگىرىكى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ، ھازىر چىكىنىپ بولدى ) 97 كارتا بىلەن 4-ئۇرۇنغا ، رونى 83 كارتا بىلەن 8-ئۇرۇنغا تىزلىغان ( نەدە تۇرۇپ بۇنداق جىق كارتا يەۋالغاندۇ ما بالا ) ...




4. مانچىستىر كارىك بىلەن توختام ئۇزارتىدۇ

334-14122Q12234110.jpg


مانچىستىر كوماندىسى كوماندىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادىروسى كارىك بىلەن بىر يىللىق توختام ئۇزارتماقچى ( جىقراق ئۇزارتىسا بۇلاتتى بۇنىڭ بىلەن ، قالغىنىنى ئالدىرماي ئۇزارتىۋالامىز ) . كارىك يېقىندا فىلەتچىرنىڭ ئورنىغا رەسمى ھالدا كوماندنىڭ مۇئاۋىن كاپىتانى بولدى . رونى مەيدانغا چىقالمىغان ئەھۋالدا كارىك كاپىتان بۇلۇپ مەيدانغا چىقىدۇ .




5. فىلاينى يارلاندى .

392-14122H30039A7.jpg


فىلاينىنى ئالدىنقى پەسىل مويىس ئېۋىرتوندىن ئېلىپ كەلگەن ، بىراق بۇ توبا باش مانچىستىرغا كەلگەندىن بۇيان تازا ئېچىلىپ ئوينىيالمىغان ، ۋانجالنىڭ قۇلىدا ئەمدى ئەسلىنى تېپىپ ئويناۋاتقاندا تۇيۇقسىز يارلىنىپ قاپتۇ ، ئۇ مانچىستىرنىڭ ئاز بولغاندا 3 مەيدان مۇسابىقىسىگە چۈشەلمەيدىكەن .




6. ئامىرىكلىق مەستانىلەرنىڭ غەزىپى تاشتى

215-14122Q4351W28.jpg


مانچىستىر شەھىرى بۇ پەسىل لەمپاردنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن نۇرغۇن مۇسابىقىلەردە قىممەتلىك 3 نۇمۇرلارنى ئالدى ، ئېنژىنىر لەمپاردنىڭ ئىجارە ۋاقتىنى بۇ پەسىل توشقىچە ئۇزارىتماقچى . بىراق ئېنژىنىرنىڭ بۇ ئويى ئامىرىكا نىيۇيۇرىك مەستانىلىرنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدى . ھازىر نىيۇيۇرىك كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقە بىلىتىنى سېتىش ئىشلىرىمۇ قىيىنغا توختاپ قالغان ، نۇرغۇن مەستانىلەر بىلەتنى قايتۇرۋىتىشنى تەلەپ قىلغان . ھازىر شەھەرلىكلەر نىيۇيۇرىك كۇلۇبىغا ئۆزىنىڭ ياش توپچىلىرىدىن بىرقانچىنى ئىجارىگە بېرىپ ، نىيۇيۇرىك مەستانىلىرنىڭ غەزىپىنى باسماقچى .




7. ئېنگلانىددا بۇ پەسىل باشلىنىپ تۇنجى .ئىشتىن چۈشكەن تېرنىر بارىلىققا كەلدى

201412272026002535.jpg


خىرۇستال ئوردا كۇلۇبى ئۆزىنىڭ تور بېتىدا كوماندىنىڭ باش تېرنىرى نېل - ۋونىكنىڭ ئىشتىن چۈشكەنلىكىنى جاكارلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئېنگلانىد بىرلەشمسىدە بۇ پەسىللىك تېرنىرلارنىڭ " ئىشتىن چۈشۈش كۆرىشى " باشلىنىپ كەتتى .




8. دېھىيا لازىم بولسا بېل كەلسۇن

201412281043294580.jpg


ئەڭ يېڭى چىققان خەۋەرگە قارىغاندا مادىرىد تەرەپ دېھىيانى قۇشۇۋېلىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن بۇلۇپ ، مانچىستىردىن بۇ سودىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنچىلىكنى سورىغان ، مانچىستىر تەرەپ بولسا دېھىيا مادىرىدقا بارسا بۇلىدۇ ، بىراق ئالدىنقى شەرىت بېل چۇقۇم بۇ سودىغا ئارلاشتۇرۇلىشى كېرەك دەپ جاۋاب بەرگەن ...







پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 19:41:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 18:40
راس دەيسە ئىنىم. چىكىتىڭ پەقەت توررىس بىلەنلا رىقابەت ...

بارسىلونا مەستانىسى تۇرۇپ تورىسنى بىلمەيدىغىنىڭغا ھەيرانمەن ، ئاخىرلاشتۇرغۇچى تورىس دىسەم دەرھاللا ئىسىڭگە ۋالدىسنىڭ تورىسىنىڭ ئايقىغا يىقىلىپ ئۆمىلەپ يۇرگەن كۈرنىشى كىلۋالدى ھەقىچان   رونالدونىڭ رىقابىتىدە مەغلۇب بولغۇچى بولغاندىكىن ئەلۋەتتە ناچار بۇلدۇدە   مەن دىمىدىم جۇما ئۈزەڭ ناچار دەپسەن مەنغۇ بۇرۇندىن ياخشى ھالىتىنىڭمۇ مۇشۇنچىلىك ئىكەنلىكىنىلا بىلمەن رەقىبسىز ھالەتتە كىتۋاتقان رونالدوغا رەقىب چىقمىدى ئىسپاندا ئەمدى ماۋۇ سېرق چاچ ئىچىلىپ قالسا رونالدو بىلەن رىقابەتلىشەلمىسىمۇ ئاۋۇ  مىس مىس بىلەن رىقابەتلىشىپ ئوينىسۇن دەيمەنغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 18:40:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 17:59:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 17:43
دىھيانىڭ بۇيىل ئەجەپ داڭقى چىكەتتى.


لاچىن قارى تاپىدۇ، تۈلكە تاراپ بۆرە پۇراپ دەپ  نەدىن تاپتىڭلار بۇ رەسىملەرنى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 16:00:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىھيانى مادرىدقا بىرىشكە بولمايدۇ، لىكىن مانچىستىرغا  بىلنى بىرىشكىمۇ بولمايدۇ
تىمىللىرڭىزنى سىغىندۇق تانكىچاق ياخشى تىمىللىرىڭىزنى بىزدىن ئايمىغايسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 16:13:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلە تورىس ئىسپانغا  رونالدو رىقابەتتە بەك يالغۇز قىلۋاتىدۇ سەن بولسىمۇ رىقابەتچى بۇلاسەن

رونى نىمانچە جىق سېرق يىگەندۇ ، بۇرۇن ياكى بىك ئوينىغان بولغىيمىتى

فىلەينىنى مەن ھازىرمۇ ساختا مال دەپ قارايمەن ، ئۇ ھەرگىزمۇ مانچىستىرغا ماس كىلدىغان ئادەم ئەمەس ، دەرھال كۆزدىن يۇقۇتۇش كىرەك كالامپاينى

نىمە قىلدىغاندۇ دىخيانى دەيمەن ، كاشىلىياس بار ئەگەر ئۇ بولمىسا ناۋاس بار . ناۋاسنى بوش چاغلاپ قالغان چىغى مادىرىت كاتباشلىرى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 16:31:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىھيانى بىلنىڭ سودىسىغا ئارلاشتۇرسا بۇمۇ بولغۇدەك ، بىلنى مانچىستىرغا يولغا سېلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا رىئوسنى ئەكەلسەك ، مۇشۇ پۇرسەتتە خېسسىنى چېنىكتۇرۋالساق خېلى بىر مەزگىلگىچە ئەنسىرگۈدەك ئىش قالمايتتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 16:32:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ بىرلوسكونى دىگەن راستلا يامان قاقۋاشكەن جۇمۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 16:58:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zoklan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 16:32
ماۋۇ بىرلوسكونى دىگەن راستلا يامان قاقۋاشكەن جۇمۇ .

گالىيانى قىلىۋاتقان ئىشلار بۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 16:59:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەمپارد راسلا خىلى ياخشى ئەسقاتىۋاتىدۇ شەھەرگە.....................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 17:10:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېررى يىقىنقى 2مەيدان مۇسابىقىدا ئۇرغان 2توپىغا تايىنىپ 1يىللىق توختامنى قولغا كەلتۇرۇپتىدە..........................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 17:25:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىھيانى ھامان سۇقۇۋالىمىز مانچىستىر ئىككى يىل ئۇزغۇنلىققا قاتنىشالمىسا...........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 17:35:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەمپارد يېشى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ، شاش ئويناۋاتىدۇ، كۇلۇپ ئالمىشىپمۇ شەھەرلىكلەرگە بەك ياراشتى،

مۇشۇ ئىپادىسىدە  2- ئىبرايىموۋىچ بۇلۇپ قالدىغاندەك،

مانچىستىر بۇنداق دەپ تۇرۋالسا  مادىردىنىڭ بۇسۇدىن ۋازكىچىدىغانلىقى ئەمىليەتكە يېقىن ، 100 مىليونلۇق  

توپچىنى ئالدىراپ قولدىن چىقارمايمىز،  مادىردنىڭ بۇيىلىقى پىلانى چوڭ، شۇڭا قىممەت بولسىمۇ ئالىمىز، لىكىن ساتماتمىز،  

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 17:43:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   laqin1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 17:51  

دىھيانىڭ بۇيىل ئەجەپ داڭقى چىكەتتى.
mmexport1419690774824.jpeg
IMG_aAwsokgcqHO_4.jpg
ماۋۇ قىرى پىلانىنى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشرۇپتۇ.
mmexport1419688728400.jpeg

ماۋۇلا بىركىچىدىلا مۇنداق بوپقاپتۇ.
mmexport1419687135246.png
mmexport1419687132552.png
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-28 17:44:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىراس يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 17:25
دىھيانى ھامان سۇقۇۋالىمىز مانچىستىر ئىككى يىل ئۇزغۇنل ...


يې تاز ، ئاغىزىڭغا ئۇرە ، ئىككى يىل ئەمەس كىلەر يىلى قايتىپ كېلىپ ئۇزغۇنلۇقتىن چاڭ چىقىرۋىتىمىز

  مەن دەيمەن دېھىيا مادىرىدقا بارسا مەيلى ، لىكىن بىزگە كاشىلياس بىلەن 30 مىليۇن بەرسەڭلار چاتاق يوق . مېنىڭچە مۇشۇ ئەڭ ئەقىلگە سىغىدىغان سودىمىكىن دەيمەن . بېل بىلەن دېھىيانى ئالماشتۇرۇش دىگەن پەقەت ئاخباراتچىلارنىڭ تاپقان گېپى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 07:05

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش