ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2159 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ياردەمچى مەشقاۋۇل: بىز تورىسنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە ئەكىلەلەيمىز
تورسنىڭ مادىرىد رىقابەتكە قايتىشى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى. مادىرىد رىقابەتنىڭ ياردەمچى مەشقاۋۇلى بوگۇس(ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ سابىق قاپقىچىسى) ئۆزلىرىنىڭ تورىسنى قوزغىتىپ ئەڭ ياخشى ھالەتكە ئەكىلەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ئاس گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبول قىلغاندا ئۇ: « ئۇ بىزنىڭ كىيىنكى پەسىللىك مۇسابىقىلەردە ئەڭ ياخشى تولۇقلۇغۇچى بولالايدۇ. بىز ئۇنى قوزغىتىپ ئەڭ ياخشى ھالەتكە ئەكىلەلەيمىز، خۇددى كوماندىمىزدىكى باشقا توپچىلارغا ئوخشاش. ئۇ ئۆزىنىڭ قەيەرگە بېرىشىنى ئوبدان بىلىدۇ».
2001-يىلدىن 2004-يىلغىچە كىرلىكلەر قوشۇنىنىڭ ھازىرىقى ئىككى مەشقاۋۇلى باش مەشقاۋۇل سىمونى بىلەن ياردەمچى مەشقاۋۇل بوگۇس ۋە ئالتۇن ئۆسمۈر تورىس بىرلىكتە كىرلىكلىكلەر قوشۇنى ئۈچۈن بىرلىكتە مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ جەڭ قىلغان، بۇ ئىككى مەشقاۋۇلغا نىسپەتەن تورىس ناتونۇش ئەمەس. بەلكىم تورىس بۇ ئىككى مەشقاۋۇلنىڭ قولىدا ئەسلىگە قايتىشى مۇمكىن.
ھازىر پۇتبول ساھەسىدە مۇنداق ئىككى گەپ قاتتىق مودا بوپ كېتىپتۇ. بىرى تورىسنى قانداق ئىچىلدۇرۇش، يەنە بىرى مارىئونى قانداق ئىشلىتىش.
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى: قىزىل ئالۋاستى سانتوس كوماندىسىنىڭ يىڭى يۇلتۇزى باربوسانى كۈزتىۋاتىدۇ
«ئەينەك گېزىتى»نىڭ «يەكشەنبىلىك خەلق گېزىتى»نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، قىزىل ئالۋاستىنىڭ ھازىربىرازىليىنىڭ يىڭى يۇلتۇزى، ياش ھۇجۇمچى گابىرىل باربوسانى كۈزىتىۋاتقانلىقى توغرسىدا خەۋەر بەردى.
باربوسا جەنۇبى ئامىرىكا پۇتبول ساھەسىدە ئەمدىلەتىن كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان يىڭى بىر يۇلتۇز. ئۇ ئەمدى 18 ياش بولۇپ سانتوس كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن بىرى. قىزىل ئالۋاستى بۇ يىڭى يۇلتۇزنىڭ ئىپادىسىنى كۈزىتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بارسىلونانىڭ سانتوس كۇلۇبى بىلەن نىيمارنى سېتىۋالغان چاغدىكى توختامغا ئاساسەن بۇ يىڭى يۇلتۇزنى ئالدىن سېتىۋىلىش ھوقۇقۇغا ئىگە. ئەگەر قىزىل ئالۋاستى بۇنى سىتىۋالىمەن دەيدىكەن، ئۇ چاغدا بارسىلونانىڭ بۇ توپچىدىن ۋاز كىچىش ياكى ۋاز كەچمەسلىكىگە قارشى كېرەك. قىزىل ئالۋاستىدىن سىرىت بۇ توپچىغا يەنە مادىرىد ۋە ئىنتىرمۇ چىشىنى بىلەپ تۇرۋاتىدۇ.
مادىرىد بىل سودىسىغا دىھىيانى قوشۇشنى تەلەپ قىلدى.
«ئەينەك گېزىتى» خەۋىرى
قىزىل ئالۋاستىنىڭ مادىرىنىڭ ئۇچار قانىتى بىلنى 100مىلىيون فونىستىرلىڭ چىقىرىپ سېتىۋىلىشنى خالايدىغانلىقى ھازىر پۇتبول ساھاسىنى بىر ئالدى. مادىرد:« بىلنى سېتىۋىلىش؟ ئۇنداقتا بۇ سودىغا دىھىيانى قوشسۇن.» دەپ جاۋاب بەرگەن.
قىزىل ئالۋاستى 2013-يىلى بىلنى قوشۇۋالالمىغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرىغىچە بۇ ۋېلىشلىقتىن ۋاز كەچمىدى. ئەمما ھازىر ئۇلار مادىرىدتىن بىر جاۋابقا ئېرىشكەن، يەنى مادىرىدنىڭ رىئوسنى قوشۇۋىلىش ئىشى ئوڭۇشلۇق بولسا، ئۇ چاغدا بېلنى سېتىش. بىراق بۇ سودىغا چوقۇم دىھىيانى قوشۇش كېرەك. بۇ ئارقىلىق مادىرىد بۇ 24 ياشلىق ئىسپانىيىلىك چولپاننى كاسىللاسنىڭ ئىزباسارى قىلماقچى.
بۇ ئىككى كوماندا ئوتتۇرسىدىكى توپچى سېتىش ۋە سېتىۋىلىش سودىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار ھازىرغا قەدەر بىلدىن ۋاز كەچكىنى يوق. ئەگەر كىلەر يىلى يازدا رىئوسنىڭ سودىسى ئوڭۇشلۇق بولۇپلا قالسا(رىئوسنىڭ ئۆزۈنىڭمۇ مادىرىدقا قوشۇلغۇسى بار.)، ئۇ چاغدا بىلنىڭ مادىرىدتىن ئايرىلىشى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرىدۇ.
دىھىيانىڭ توختامى 2016-يىلى ئاخىرلىشىدۇ، قىزىل ئالۋاستى ھازىر دىھىيانىڭ توختام ئۇزارتىش ئىشىغا جىددى تۇتۇش قىلىۋاتىدۇ.
|
|