akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2086|ئىنكاس: 37

مەسۇت قانداق تاۋلاندى؟(2-بۆلەك تولۇق يېڭىلاندى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-28 15:31:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باھادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-30 22:49  

     
     ھېچقانداق بىر گېرمانىيەلىك توپچى پۇتبول دۇنياسىدا مەسۇت ئۆزىلگە ئوخشاش شۇنچىلىك ھالدا ھەممىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىغا ئېرىشكەن ئەمەس. ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى بارلىق ھېكايىلەر، ئۇنىڭ كەينىدىكى كىشى ھەمدە توپ مەيدانىدا ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرغان مىليون كۆزلەر...



     19-نويابىر، مەسۇت ئۆزىل دادىسى مۇستافا بىلەن ئىش ھەققى توغرىسىدا سوتخانا سىرتىدا بىرلىككە كەلدى. مۇستافا ئۆزىل، مەسۇتنىڭ ئىلگىرىكى ۋاستىچىسى، ئۇ ئۆزىنى 630مىڭ ياۋرۇ ئىش ھەققى ئېلىشى كېرەك دەپ قارايتتى. 11freunde تورىنىڭ تەھرىرى Heft: #146 توپچىنىڭ ئالدى ۋە ئارقا تەرىپىدىكى بارلىق ئىشلارغا ئاساسەن، ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى بۇزۇلغان مۇناسىۋەتنى تەھلىل قىلىپ چىقتى.


1-بۆلەك: ئۆزىلدىكى سودا پۇرسىتى

image.jpg

     مەسۇت ئۆزىل پادىچىلار كۆينىكى، ماش رەڭ ئىشتان كېيىپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە ئاق رەڭلىك پەلەمپەي ئالدىدا تۇرۇپتۇ.

     ئاددىيلا بىر پارچە رەسىم. ئۆزىل بۇ رەسىم ئارقىلىق مارسېل بىلەن بولغان مۇسابىقىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ رەسىمنى 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى تورغا يوللىغان، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا Facebookدا تۈمەنلىگەن "ياخشى كۆرۈش"(يۈرەك)كە ئېرىشكەن، 700دىن ئارتۇق باھا ئاستىغا تىزىلغان. بۇ كۈنى ئۆزىلنىڭ ۋىكپېدىيە(Wikipedia) ئېنسكلوپېدىيەسى چىكىلىش قىتىم سانى ئىككى ھەسسىلەندى، ئۇنىڭ Twitter دىكى ئەگەشكۈچى سانى بىر سوتكا ئىچىدە نەچچە مىڭ كۆپەيدى.

     ھالبۇكى، بۇ مەسۇت ئۆزىل ئۈچۈن شۇنداق ئادەتتىكى بىر كۈن. ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.

     ئۆزىل ھازىر گېرمانىيەدىكى ئەڭ ياخشى پۇتبولچىنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا، بەلكىم ئۇ ئەڭ ياخشى توپچىنىڭ ئۆزى شۇ. بۇنى ھۆكۈم قىلىش تەس، بىراق بەزى سانلىق مەلۇماتلار بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ: گېرمانىيلىك ھېچقانداق توپچىنىڭ يۆتكىلىش ھەققى 50مىليون ياۋرۇغا يەتكىنى يوق، 2013-يىلى ئارسېنال ئۇنىڭ ئۈچۈن رېئال مادرىدقا شۇنچىلىك چىقىم قىلغان. ھېچقانداق گېرمانىيلىك توپچىنىڭ ئىنتىرنېت ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئۇنچىلىك كۆپ ئەگەشكۈچىسى يوق، Facebookتا 14مىليون، Twitterدا 4.5مىليون. ئۇ شەخسىي سودا كىرىمى ئەڭ كۆپ بولغان گېرمانىيلىك پۇتبولچى، ھەر يىلى تەخمىنەن 4مىليون ياۋرۇ. ئۆزىل چەتئەلدىكى بىرلەشمىدە توپ تېپىدۇ، پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇپلا قالماي، ئېلان ئوبرازى جەھەتتىمۇ كۆپلىگەن سودا قىممىتىگە ئىگە.


     ئىككىنچى كۆپ ئەگەشكۈچىلىرى بار دۆلەت ھېندىنوزىيە

     ئەگەر بىرسى دۇنياۋى چولپان يىتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى ئالتۇن-كۆمۈشكە ئايلاندۇرۇشنىڭ قانۇنىيتىنى ئىگەللەيمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئىنتىرنېت ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىن قول تىقىشى كېرەك. ئۆزىلمۇ دەل مۇشۇ يەردىن سەھنىگە چىقتى. "مەسۇت ئۆزىل بارلىق گېرمانىيلىك توپچىلار ئىچىدە دۇنياۋىيلىشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى توپچى." رولاند ئىيتېل(Roland Eitel) شۇنداق دېدى. ئۇ تۇرۇشلۇق شىركەت داۋاملىق يۇرگېن كلىنسىمان بىلەن يوئاخىم لوف نىڭ ئاممىۋى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، يىقىندا مەسۇت ئۆزىلنىڭ ئىشلىرىغىمۇ مەسئۇل بولىۋاتىدۇ، ئۇلار ھەتتا Facebook ۋە Twitterلارغىمۇ مەسئۇل بولىدۇ. ئىيتېلنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىجتىمائىي قوراللارنى مەسۇت ئۆزىل ئۆزى باشقۇرىدىكەن، قانداقلا بولمىسۇن، بۇلار چولپانلار بىلەن مەستانىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى يىقىنلاشتۇرىدىغان يول.

     بىراق، ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكەن(پەلەمپەي ئالدىكى رەسىم)گە ئوخشاش رەسىملەرگە كۆپ كىشىلەر قول تىقىدۇ، ئىيتېل ئۇلارنى "مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى" دەپ ئاتىدى. ئۇلار "Özil Marketing GmbH"(ئۆزىل تىجارەت چەكلىك شىركىتى) دىن كەلگەن، بۇندىن سىرت يەنە "Result Sports"(تەنتەربىيە نەتىجىسى) ناملىق يەنە بىر شىركەتنىڭ ئىجتىمائىي تارقىتىش ۋە بازار ئىگىلىكى ئىش بىجىرىش ئورنىمۇ بار. ئۇلار ئاۋۋال رەسىمنىڭ ئېلان شىركىتى ۋە كۇلۇبنىڭ ئالاقىدار مەنپەئەتلىرىگە مۇخالىپ كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ، ئاندىن تەرجىمە خىزمىتىنى قىلىدۇ. مەسۇت ئۆزىل Facebook تا ئادەتتە ھەممە مەزمۇننى بەش خىل تىلدا يوللايدۇ: نېمىس تىلى، ئىسپان تىلى، ئېنگىلىز تىلى، تۈرك تىلى ۋە ئەرەب تىلى. چۈنكى ئۇنىڭ Facebook دىكى ئەڭ چوڭ ئەگەشكۈچى توپى تۈركىيەدە، ئۇندىن قالسا ئايرىم ھالدا ھىندىنوزىيە، گېرمانىيە، مىسىر ۋە مىكسىيكا.



ئۆزىل كەسپىي ھاياتىدىكى ئۇنىڭ كەينىدىكى كىشىلەر
مۇستافا ئۆزىل: دادىسى، 2011-يىلى 10-ئايدىن 2013-يىلى 10-ئايغىچە ۋاستىچىسى بولغان.
رىزا فازلى: مەسۇت 17ياشتا كەسپىي پۇتبولچى بولغاندىن باشلاپ 2011-يىلى ئۆكتەبىرغىچە ۋاستىچىسى بولغان. ئۇنىڭ رېئال مادرىدغا يۆتكىلىش ئىشىنى پۈتتۈرگەن.
رولانت ئىيتېل: 2012-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تارقىتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان.
ماتتىئاس تروت: ئاسمان مېدىئاسى ئاستىدىكى Faces4Brands شىركىتىنىڭ خوجايىنى، 2012-يىلىدىن باشلاپ، مەسۇت ئۆزىلنىڭ سودا ئېلان ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان.
مۇتلۇ ئۆزىل: ئاكىسى، 2013-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ ۋاستىچىسى بولغان.
ئېركۇت سۆگۈت: توپچى تونۇشتۇرغۇچى، ھازىر "Özil Marketing" شىركىتىدە.

     رەسىمنى يوللىغاندىن كېيىنلا، ھەممە ئىش ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۆزىل بىلەن ئېلان كىلىشىمى بار بولغان شىركەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇھىم بولغىنى ماش رەك ئىشتان كىيگەن بۇ چولپاننىڭ رەسىمىنى تارقىتىشلا ئەمەس، ھەتتا يىراقتىن ياپونىيەگىچە بولغان ھەر بىر ئەگەشكۈچىنىڭ ھەر بىر قىتىملىق چىكىشى. "ئۇنىڭ ئالاھىدە بولغان كىلىپ چىقىشى ۋە مەستانىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن، مەسۇت ئۆزىل ئادىداس(Adidas)نىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر بىر بازىرىدا چوڭ ئەھىمىيەتكە ئىگە." ئادىداس شىركىتى باياناتچىسى ئولىۋېر برۇگگېن(Oliver Brüggen) شۇنداق دېدى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 14مىليون Facebook ئەگەشكۈچىسى "ئۇ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى توپ مەستانىلىرى توپىدا تەۋرەتكۈسىز چوڭ تەسىرگە ئىگە." ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بۇ يىل ئادىداس شىركىتى ئۆزىل بىلەن 2020-يىلىغىچە توختام ئۇزارتتى، ئىگەللىنىشىچە توختام ئومومىي قىممىتى 25مىليون ياۋرۇغا يىتىدىكەن.

     تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي تور يېڭىلاش، تېخىمۇ كۆپ چىكىلىش قىتىم سانى، تېخىمۇ كۆپ بايلىق.






2-بۆلەك: خەلقئارالىق ماركىنىڭ باش كۆتۈرىشى

     مەسۇت ئۆزىلنىڭ كەينىدە خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىنىق بولغان خىزمەت تەقسىماتى بار، مىليونلاپ قىممەت يارىتىش ئۈچۈن، ئۇلار ھەتتا بەزىدە ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان بۇ سودىسىنىڭ يادرسى ئۇياتچان كەلگەن پوتا كۆز بىر ياش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ گېلسېنكىرشىندىكى بىر تار مەيداندا چوڭ بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشىدۇ.

     ھالبۇكى مەسۇت ئۆزىلنىڭ يىنىدىكى كىشىلەر ھەقىقەتەن بۇلارنى ئۇنتۇپ قالغاندا قىلاتتى. بۇ كۈنكى سودا دۇسسېلدورفدىكى پادىشاھ چوڭ يولىدا ئىلىپ بېرىلىدۇ، بۇ يەردە كۆپ دۇكانلار بىر-بىرىگە ياندىشىپ تىزىلغان، دۇكانلاردىكى ئەينەكلىك جازىغا ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەر ۋە باھاسى چاپلانمىغان ئالىي دەرىجىلىك كىيىملەر تىزىقلىق ئىدى.

     يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە ئالىي دەرىجىلىك مېھمان ساراي Breidenbacher Hof نىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى بىر كىرىسلو ئۈستىدە كاستىيۇم كىيگەن بىر دىقماققىنە ئەر ئولتۇراتتى، ئۇ قولىدىكى چەكنى ئاستا كۆتۈرۈپ قويۇپ مۇنداق دېدى:" يالغۇزلا ياخشى بىر توپچى بولسا پۇل تاپقىلى بولمايدۇ." ، مۇستافا ئۆزىل، مەسۇتنىڭ دادىسى ۋە سابىق ۋاستىچىسى. ئۇ بۇ مېھمانخانىدىكى ھەممە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىسمى ھەتتا فامىلىسىنىمۇ تولۇق بىلىدۇ.


     ئۆزىل ھەممە يەردە بار: شام ھەيكەلدىن تاۋۇزغىچە

     ئوغلىنىڭ شام ھەيكىلى بېرلىن تۇسساد خانىم شام ھەيكەلخانىسىغا تىكلەنگەن ۋاقتىدا، ئۇ 130دىن كۆپ كىشىنى تەكلىپ قىلىپ تەبرىكلىدى. 2012-يىلى ئۇ غەلبىلىك ھالدا كەسپىي تىجارەت ئورگىنى "ئاسمان مىدىئاسى"نىڭ ھەمكارلىقىغا ئېرىشتى، شۇندىن باشلاپ بۇ كەسپىي ئورگان مەخسۇس ئۆزىل ئۈچۈن بىر قاتار ستراتېگىيەلەرنى تۈزۈپ بەردى، ئۇلار مەسۇت ئۆزىل ئۈچۈن يېڭى بولغان كەڭ دائىرىلىك تىجارەت ئۇقۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىلان لاھىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇستافا ئۆزىل ھەتتا ئىسپانىيەدىكى بىر سەي-كۆكتات سېتىش ئورنى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ يېڭى سورتلىق تاۋۇزىغا "مەسۇت ئۆزىل" دەپ نام بەردى، ھەمدە پاتېنت ھوقوقى ئىلتىماس قىلىپ، قانۇنلۇق قوغداشقا ئېرىشتى. مۇستافا ھەقىقەتەن كۆپ تۆھپە قوشتى، ھەمدە نۇرغۇنلىغان يېڭى ئويلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     ئۇ بىر تەرەپتىن قولىدىكى ئىستاكان  بىلەن ھەپىلىشىپ، بىر تەرەپتىن ئوغلىنىڭ كەچۈرمىشىنى سۆزلىدى. قىزىل ئاق ئېسسېندىن باشلاپ، ئۇ يەردىكى بىر ياشلار مەشىق بازىسىنىڭ ترېنېرى ئوغلىنىڭ تالانتىنى بايقاپ قالغان ئىدى. ئۆزىلنىڭ ئېسسېن دەۋرىدىكى بىر سەپدىشىنىڭ ئېيتىشىچە، مەسۇتنىڭ ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە دادىسى ھەمىشە نەخ مەيدانغا باراتتى. ئۇ داۋاملىق ئوغلىغا:" مەسۇت، سەن ھەقىقەتەن بەك تالانتلىق، سەن بۇ تالانتىڭنى يوشۇرۇپ قويساڭ بولمايدۇ." دەيتتى. كېيىن مەسۇت شالكې04 كە باردى، بۇ بىر چوڭ بۆسۈش ھېسابلىناتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرتىدا كەسپىي پۇتبولچى بولدى.

     بىراق ھازىر شالكې04 دىكى ئىشلار ئانچە بەك تىلغا ئېلىنمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىغان مەخپىيەتلىكىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىش پارە بېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك قىلاتتى. شالكېنىڭ ئەينى ۋاقىتتى بىر مەسئۇلىنىڭ ئېيتشىچە، ئەسلى مەسۇت كۇلۇب بىلەن توختام ئۇزارتىش ئىشىدا بىرلىككە كىلىپ بولغان، بىراق راكىتىچنىڭ كوماندىغا قوشۇلىشى ھەممىنى ئۆزگەرتتى. مەسۇت ئۆزىغۇ ھېچقانداق پوزىتسىيەدە بولمىدى، بىراق دادىسى توختام ئۇزارتىش ئىشىنى توختىتىپ قويدى.


     "ئۇلار ئۇنىڭ ئايرىلىشىنى توسماقچى"

     مۇستافا ئۆزىل:" شالكې مەسۇتنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشىنى توسماقچى." ئىككى تەرەپ ئەينى ۋاقىتتا پەقەتلا يۈز ئۆرۈشكەن. 2008-يىلى 1-ئايدىكى يۆتكىلىش كۆزنىكىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندا، مەسىلە ئۆزىلنە قەيەرگە بېرىشىدا بولۇپ قالدى. ئۇ ۋاقىتتا بەش كۇلۇب ئۇنى تالىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار: لېۋېركۇسېن، شتۇتگارت، ھاننوۋېر96، ۋېردېر برېمېن ۋە مانچىستېر بىرلەشمسى ئىدى. بىراق مانچىستېر بىرلەشمىسى ئۇنى پەقەت ئالتە ئايلىقلا ئىجارىگە ئالماقچى بولغان. مەسۇت ئۆزى ئاۋۋال شتۇتگارتنى ئويلاشقان، چۈنكى ئۇ يەرگە بارسا، دوستى يىلدىراي باستۈرك(Yildiray Bastürk) بىلەن بىللە توپ تېپەلەيتتى. بىراق مۇستافا ئوغلىنىڭ ياتاق ئۆيىدە ئۇنىڭ بىلەن قىلغان بىر قىتىملىق مۇھىم پارىڭىنى ئەسكە ئېلىپ مۇنداق دېدى:" مەن ئۇنىڭغا، 'برېمېنغا بارغىن بالام، ئۇلار 4-4-2 سەپ شەكلى ئىشلىتىدۇ، توماس شاف ئىنتايىن ياخشى ترېنېر، كلۇس ئالوفسمۇ ياخشى ئادەم.' دېدىم. ئۇ شۇ ۋاقىتتىلا، 'بولىدۇ دادا، برېمېنغا باراي!' دېدى." شۇ يىلى مۇستافا "Özil Marketing" شىركىتىنى قۇردى، مەسۇتنىڭ ۋاستىچىسى رېزا فازېلى ئۇنىڭ ۋاستىچىلىق ئىشىنى يالغۇز ئۈستىگە ئالدى.

     بامبى مۇكاپاتى، نايك(Nike) ۋە رېئال مادرىد

     فازېلىنىڭ ئىشخانىسى پادىشاھ چوڭ يولىدىن بىر-نەچچە قەدەملا يىراق، ئۇ ناھايىتى جىمغۇر، زىيارەت قىلىنىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، شۇڭا ئانچە تىلغان ئېلىنىپ باقمىغان.

     ئۇنىڭ مۇئامىلىدارلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق. 2010-يىلى مەسۇت مىللەت بىرىكىمىسى خاراكتېرىدىكى بامبى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. برېمىندا ئۆزىل كىشىلەرنىڭ كۆزىنى چاقناتتى، ئۇ كوماندىسىغا ياردەملىشىپ گېرمانىيە لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى، ھەمدە دۆلەت كوماندىسىغا تاللاندى. فازېلى ئۆزىلنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى يەنە بىر يولغا ئۇل سالدى: ئۇنى "خەلقئارالىق" توپچى قىلىپ تونۇتتى، رۇل رايونىدىلا ئەمەس، ئوۋىئېدو ۋە روتتېردامدىمۇ چولپان بولۇپ كۆزگە كۆرۈندى.

     رېئال مادرىدنىڭ جەلپكارلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق كۇلۇب. ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىتتا فازېلىنىڭ قولىدىكى ئۈچ توپچى رېئال مادرىدغا بېرىپ توپ تەپتى: خەمىت ئالتۇنتوپ، بۇرى ساھىن ۋە مەسۇت ئۆزىل. بۇ يۆتكىلىش ناھايىتى ئۇزۇن داۋاملاشتى، ئۆزىلنىڭ ئىسمى 2009-يىلىدىن باشلاپلا رېئال مادرىد ئىچكى قىسمىدا مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىغان. "ۋېسېر دەرياسىدىكى سوغۇق جەڭ"، ئىسپانىيە ۋە گېرمانىيە گېزىتلىرى ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ يۆتكىلىشنى شۇنداق شەرىھلىدى، بۇ ئارىدا برېمېن دىرېتورى كلۇس ئالوفس رېئال مادرىدنىڭ بىرىنچى قىتىملىق قويغان باھاسىنى "بىمەنە" دەپ ئاتىدى.


     ۋېسېر دەرياسىدىكى "سوغۇق جەڭ"

     ئۇ ۋاقىتتا يەنە مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭمۇ بۇ سودىغا قىزىقىشى بار ئىدى. ئالېكس فېرگۇسون ئىنىسىنى بايقىغۇچى سالاھىتى بىلەن ۋېسېر توپ مەيدانىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگەللەپ كېلىشكە بۇيرىدى. بارسېلونا رەئىسى ساندرو روسېلمۇ كېلىپ ئەھۋال ئىگەللاپ كەتكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئارسېنال باش ترېنېرى ئارسېن ۋېنگىرمۇ بار.

     2010-يىلى 5-ئايدا، بېرنابۇدا ياۋرۇپا چېمپيونلۇق بىرلەشمسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىتتىلا، رېئال مادرىد بىلەن مەسۇت ئۆزىلنىڭ توختام تەپسىلاتى بىرلىككە كىلنىپ بولۇنغان ئىدى. ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىغا ئاتلىناتتى، ھەمدە نايكنىڭ گېرمانىيەدىكى تېلېۋىزىيە ۋاكالەتچىسى بولغان ئىدى. ئامېرىكا بىر چوڭ شىركىتىنىڭ "كەلگۈسىگە نەزەر" ناملىق تەشۋىقات پائالىيتى دىدىئېر دروگبا، روجېر فېدىرېر، كوبى براينت ۋە ۋېئىن رۇنېي قاتارلىق چولپانلارنى تونۇشتۇراتتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەسۇت ئۆزىلمۇ بار ئىدى. بۇ شىركەتنىڭ شەخس ئېلانىدا ئۇنىڭ ئىككى يېرىم مىنۇتلۇق كۆرۈنىشى بار بولۇپ، ئۇ بۇ ئارقىلىق ئىقتىساد جەھەتتە كىرىمغا ئېرىشىپلا قالماي، بۇمۇ ئۇنىڭ خەلقئاراۋىي چولپان بولغانلىقىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى.





جەمئىي تۆت بۆلەك. داۋامى بار...

3-بۆلەك: رېئال مادرىد ۋە ئۆزىل شىركىتى



4-بۆلەك: گېرمانىيەلىك ئەڭ قىممەت توپچى


مەنبە: 11freunde

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +250 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 تىللا +3 يىغىش سەۋەبى
تۈمەن + 50 + 1 قالتىس!
داۋىس + 50 قالتىس!
تۇمشۇق + 50 قالتىس!
ئابلەتجان + 50 + 10 + 10 + 10 + 2 ئۆزىلشۇناس!
پارتىزان + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 19:05:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمراھ يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 16:59
داۋامىنى   كۈتىمىز…………

  ھەمراھ ئۇكام، ئاخىرىنى ساقلىماي، مۇشۇ بۆلىكىدە ھېس قىلغىنىڭىزنى، كېلەركى بۆلەكتە كۈتىدىغىنىڭىزنى ياكى تەكلىپ - پىكرلىرىنى يازسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدۇ...
  مۇنبەردىكى مۇشۇ ئىش تاھازىرغىچە ئىدىيەمدىن ئۆتمىدى: نەچچە بۆلەككە ئايرىپ، چوڭ تېما يازسا، بېشىدىكى بۆلەكلەرگە "داۋامىنى كۈتىمىز، ئاخىرىنى ساقلايمىز" دەپ، ئەڭ ئاخىرىقى بۆلىكىدە "ياخشى چىقىپتۇ" دەپلا يېزىپ قويىدىغان ئىشنى دەيمەن...
  بۇ يەردە چوقۇم ماختايسەن، ياكى چوقۇم ئىنكاس يازىسەن دەيدىغانغا ھېچكىمنىڭ مەجبۇرلاش ھوقۇقى يوق. ئەمما، تېما يېزىپ باققان، بولۇپمۇ چوڭراق، ئىجادىي تېما يازغانلارنىڭ ھاردۇقى دەل مۇنبەرداشلارنىڭ قوللىشى، تېتىتمىلىق ئىنكاسى، ئەستايىدىل پوزىتسىيەسى بىلەن  چىقىدۇ. تېمىغا نىسبەتەن تەكلىپ - پىكىر، ياكى ئۆزگىچە قاراش بولسىمۇ ئوتتۇرىغا قويساق، بولسا قوللاپ ياكى رەددىيە بېرىپ تېما يازساق تېخىمۇ ئېسىل ئىش بولىدۇ. بۇ ھەممىمىزنىڭ ۋە مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولمىسا ھېچنىمە ماڭمايدۇ.
   ئەلۋەتتە، بۇ يالغۇز سىزگىلا دېگەن گېپىم ئەمەس، ئومۇميۈزلۈك پىكىر. سىزنى ھەم ئىنىم ئورنىدا كۆرۈپ، ھەم چوقۇم توغرا چۈشىنىدۇ دەپ قارىدىم.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
باھادىر + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-29 17:02:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bulgun يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 16:40
ئۇنىڭدىكى يوشۇرۇن تالانت ۋە يۈكسەك قابىلىيەتنى ئىسپا ...


ياقەي، مۇنبەردە ناتونۇش ئەمەس بىز... بىر بىرىمىزنى تولۇقلايمىز بۇرادەر...
   بەزىدە كۇلۇپ ئالماشمايمۇ ئامال يوق... مادرىدقا ماسلاشقانتىيۇ ئامالسىز ئايرىلدى. فابرىگاسقا قاراڭ، بارسېلونادىمۇ ياخشى ئوينىغانىدى، چېلسىغا يۆتكىلىپ پاس شاھى دېگەن نامنى ھەممە كىشىدىن تارتىۋالدى... مۇھىت ئالماشتۇرۇشنىڭ پايدىسى كۆپ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 18:53:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 19:31  

  ئۆزىلنىڭ شىنجاڭدىكى باش ئەلچىسى، داڭلىق ئۆزىلشۇناش  دېگەن نامىڭلىنى ئاخىرى ئىسپاتلاپسىلىدە باھادىرجان ئاغىينەم...
ئۆزىل باھا بېرىش تولىمۇ قىيىن توپچى... بىز ئۇيغۇر مەستانىلەر ئۇنىڭغا كۆپىنچە تۈركلىك ۋە مۇسۇلمانلىق ئالاھىدىلىكى بىلەنلا يۇقىرى باھا بېرىۋىتىمىز، يەنى، يۇقىرى باھا بېرىش خاتا ئەمەس، خاتاسى ئۇ ياخشى ئوينىيالمىسا دەرھال كۇلۇبنى ياكى تىرېنېرنى چىشلەپ تارتىپ، ئۇنى ئاقلاشقا ئۇرىنىمىز، ئۇ بەك ياخشى ئوينىۋەتسە دەررۇ ئۇنى پاس شاھى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، شاۋىي، ئېنىستا ۋە پىرلودەك پاس شاھلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سەل ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويىمىز...
   ئۆزىل تۇغما قابىلىيەتكە ئىگە توپچى. ئۇنىڭ بىرېمېردىكى ۋاقتى مېنىڭ ئۇنى تونىغان شۇنداقلا ئەڭ قايىل بولغان ۋاقتىم ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ يان ھۇجۇمچى ھالىتىدە بايرېننى شالاقشىتىۋەتكىنى، بايرېنغا يان تەرەپتىن ئۆلۈك بۇلۇڭغا توپ ئۇرغىنى تا ھازىرغا قەدەر ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. (شۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىرېمېر بايرېننى يۇقىرى نومۇر پەرقى بىلەن يەڭگەن).
   ئۆزىلنىڭ رېئال مادرىدتىكى ئۈچ يىلى رەڭدار ئۈچ يىل، ئۇتۇقلۇق ئۈچ يىل ئىدى. ئەپسۇس، "ھەر گۈلنىڭ پۇراقى ئۆزگىدۇر، گۈلخۇمارلار دىماغى ھەم ئۆزگىدۇر" دېگەندەك، يېڭى تىرېنېر ئۇنىڭدىن كەچتى. ئۇنىڭ ئارسېنالدىكى دەسلەپكى چاغلىرىمۇ خۇشال ئىدى، ئەپسۇس، يارىلىنىش ۋە مەيداندىكى تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۇنىڭ يولىنى تورىۋالدى. مەيدان سىرتىدىكى بەزى ئىشلارمۇ تازا ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىدى.
   ئىشقىلىپ، ئۇنىڭ ناھايىتى مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىرى، گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىدە شەك يوق... لېكىن، ئۆزىل بۇرۇنقى ئىپادىسىنى بۇرۇنراق تاپمىسا، ئارسېنالدىلا ئەمەس، گېرمانىيە كوماندىسىدىمۇ مۇقىم ئورۇن ئېلىشى تەس. گېرمانىيە كوماندىسىكى رىقابەتنى ھەممىمىز بىلىمىز.  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
پەرۋەر + 50 ئورۇنلۇق پىكىر

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 15:47:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبىرمىزدە ئۆزىلنى باھادىردەك چۈشۈندىغان يەنە بىر ئادەمنىڭ چىقمىقى تەسمىكى دەيمەن
داۋامىنى كۈتىمىز !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 15:41:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ھە ………
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 15:55:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ماش رەڭ ئىشتان كىيىپ پەلەمپەيدە تۇرغەن رەسىمى چىقمايۋاتىدۇ يا ، بەكلا كۆرگۈم بارتى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 16:28:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنىڭ قايتا چاقنىشىغا كۆزۈم يەتمەيدۇ ، مېنىڭ ئەڭ ئاددى تەپەككۇرۇم بويىچە ئېتىقاندا ، مادرىد دىمارىيا ئۆزىللەردە مەلۇم بىر نۇقسانلىقنى بىلىپ قالدى ، شۇڭا ئۇلارنى قىزىق ۋاقتىدىلا قولدىن چىقاردى ، مېنىڭچە بۇ نۇقسانلىق ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 16:40:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىدىن بۇيان كۆرۇنمەيدا قاچانلاردا مەيدانغا چىقا بۇ....................؟!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 16:59:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى   كۈتىمىز…………
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 17:42:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋرۇپا پاس شاھىنىڭ ئوبرازىغا سەل نۇقسان يەتتى، تىزاراق ئۆز ئىپادەڭنى تاپقايسەن  تۈرۈك ئوغلانى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 18:11:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىىردتىن    ئايرىلىش   خېلى    بېسىم   بولدىكەن    توپچىلاغا   ،،،،،،،،   ھەي    ئوزىل   تىرىشقىن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 19:34:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ مادرىدتىكى ھالىتى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا، ئۇنىڭ يايسىمان پاسلىرىنى، ئىسكەندەرنىڭ شەمشىرىدەك ئارلىقتىن بەرگەن ئۆتكۈر پاسلىرىنى، ئۇنىڭ قاپقا ئالدىدىكى شەخسىيەتسىزلىكىنى سىغىندىم……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 03:21

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش