ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 84 |
تۆھپىسى: سەر |
|
2014- يىلى مادرىد ئۇزغانلىق لوڭقىسى ، دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى ، شاھلىق لوڭقىسى ، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۇپ ، بۇ بىر يىلنى غەلبىلىك ئاياغلاشتۇردى . كىلەر يىلى يىلنىڭ بىشىدىلا مادرىد مۈشكۈل سەپەرگە يولىقىدۇ . بىرىنجى ئايدا ئەڭ كۆپ بولغاندا سەككىز مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ . رەقىپلىرى بولسا ۋالىنسىيە ۋە كىچىك مادرىد قاتارلىق كۈچلۈك رەقىپلەر ، بەلكىم بارىسلونا بىلەن قوش ئۇچرىشىپ قىلىش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى .
2015-يىلىدىكى تۇنجى مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسى بولسا 1-ئاينىڭ 5- كۈنى مىھمان مەيداندا شەپەرەڭ قوشۇن ۋالىنسىيە كوماندىسى بىلەن تۇتىشىدۇ ، كەينىدىنلا 1-ئاينىڭ 8-كۈنى شاھلىق لوڭقىسىنىڭ 8كۈچلۈكنى تاللاش مۇسابىقىسىدە كىچىك مادرىد كالدېرون مەيدانىدا ئاكىسىنى كۈتىۋالىدۇ . 1-ئاينىڭ10-كۈنى كەچتە بىرلەشمىنىڭ 18-ئايلانمىسىدا خان جەمەتى كاتالونىيىدىن كەلگەن مىھمان ئىسپانىيىلىكلەرگە بېرنابۇدا زىياپەت بىرىدۇ . 1-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ئىككىنجى ئايلانمىسى بېرنابۇدا ئىلىپ بىرىلىدۇ ، بۇ قىتىم چوڭ مادرىد ئۇكىسى كىچىك مادرىتقا ھەشەمەتلىك سورۇن تۈزىدۇ . 1-ئاينىڭ18-كۈنى مادرىد مىھمان مەيداندا گېتاف كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ .1-ئاينىڭ24 كۈنى داۋاملىق مىھمان بولۇپ كوردوبا كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ .
ئەگەردە مادرىد شاھلىق لوڭقىسىدا بەختكە يارىشا ئۇكىسى كىچىك مادرىدنى يىغلىتىپ ،ئۇلارنى شاللىۋەتسە ، ئاندىن بارىسلوناغىمۇ ئېلچى كوماندىسىنى ئەلەمدە قويۇش تەس كەلمەيدۇ ، شۇنداق بولغاندا ئالەم كوماندىسى بىلەن سامانيولى جەڭ كىمىسى يەنە ئىككى قىتىم بىزلەرگە ئىسىل مۇسابىقىلەرنى تەقدىم ئىتەلەيدۇ .
شۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى ، مادرىد ھازىر 22مەيدان ئۇدا يىڭىشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە بۇ تۈردىكى رىكورتنى يىڭىلاش ئۈچۈن چوقۇم بۇ مۈشكۈل سەپەرنى تاماملىشى كىرەك . بۇنىڭغىمۇ زور تىرىشچانلىق ۋە ئىزچىللىق كىرەك . بىزمۇ ئېسىل ،ئۇنتۇلغۇسىز مۇسابىقىلەرگە تەشنا بولۇپ كۈتمەكتىمىز .
مادرىدنىڭ 2015-يىلى 1-ئايدىكى مۇسابىقىلىرى
1-ئاينىڭ5-كۈنى ۋالىنسىيە VS مادرىد
1-ئاينىڭ8-كۈنى مادرىد رىقابەت VS مادرىد
1-ئاينىڭ10-كۈنى مادرىد VS ئىسپانىيىلىكلەر
1-ئاينىڭ15-كۈنى مادرىد VS مادرىد رىقابەت
1-ئاينىڭ18-كۈنى گېتاف VS مادرىد
1-ئاينىڭ24-كۈنى كوردوبا VS مادرىد
|
|