ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 751 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئىلىم يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 19:46
سەۋەبى نىمەكەن.خاتىرە كوماندىسى دىگەن قايسى كۇلۇپ ...
جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمىئىتىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا قاتنىشالمايدىكەنبىرىنچىدىن، 2015-يىلىدىن باشلاپ ب دەرىجىلىك بىرلەشمىگە كۇلۇب تەشكىللەپ، كوماندا قۇرۇپ ئۇدۇل قاتنىشىشكە خاتىمە بېرىلدى.
ئىككىنچىدىن، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ چىقارغان ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، 2015-يىللىق ب دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى بار كۇلۇبلار تۆۋەندىكىچە:
(1) 2014-يىللىق ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدىن چۈشكەن ئىككى كۇلۇب.
(2) 2014-يىللىق ب دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قاتناشقان كۇلۇبلار.
(3) 2014-يىللىق جۇڭگو ئىشتىن سىرتقى پۇتبول بىرلەشمىسى ئاخىرقى ھەل قىلغۇچىغا قاتناشقان 16 كۇلۇب.
(4) 2014-يىللىق جۇڭگو ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمىسى چوڭ رايون ھەل قىلغۇچ بىرلەشمىسىگە قاتناشقان كۇلۇبلار.شۇڭا شىنجاڭدىن 2015-يىللىق ب دەرىجىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى بار بولغان كۇلۇب پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو ئىشتىن سىرتقى پۇتبول بىرلەشمىسى چوڭ رايون مۇسابىقىسىگە تۇنجى بولۇپ قاتناشقان شىنجاڭ ئىشتىن سىرتقى كۇلۇبى-شىنجاڭ خاتىرە پۇتبول كۇلۇبى.
شۇڭا ھەرەمباغ پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ئۆزىنىڭ ب دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى يوق. لېكىن ئۇلار ب دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قاتنىشىمىز دېسە يەنە بىر خىل ئامال بار، ئۇ بولسىمۇ سالاھىيەت سېتىۋىلىش، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا شىنجاڭ خاتىرە پۇتبول كۇلۇبىنىڭ تېخى ب دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قاتناشقۇدەك ئىقتىسادىي كۈچى يوق، شۇڭا ھەرەمباغ شىنجاڭ خاتىرە كۇلۇبىنىڭ سالاھىيىتىنى سېتىۋىلىپ ب دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ياكى ئىچكىرىدىكى بۇلتۇر ب دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قاتناشقان كۇلۇبلارنىڭ سالاھىيىتىنى بىۋاسىتە سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ.
2015-يىللىق ب دەرىجىلىك بىرلەشمىگە ئالدىن تىزىملىتىش ۋاقتى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، بۇ توغرىسىدىكى جاۋاپقا 31-چېسلا ئېرىشكىلى بولىدۇ. |
|