ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 683 |
تۆھپىسى: سەر |
|
12-ئاينىڭ 25-كۈنى گىرمانىيەلىك توپچى توماس-موللىر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، گۇئادىيالا بايرىننى تىخىمۇ كۈچلۈك قىلىۋىتىدۇ دىگەن، شۇنداقلا ئىسپانىيەلىك بۇ تىرىنىرنىڭ ئۆزىگە ھوجۇم سىپىدە تىخىمۇ كەڭ بوشلۇق يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقان.
گۇئادىيالا بايرىنغا تىرىنىر بولغان بىرىنچى پەسىلى گىرمانىيە بىرلەشمىسى بىلەن گىرمانىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى، لىكىن مەستانىلەر ئۇنى ئۇزغۇنلۇقنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشەلمىدى دەپ ئەيىبلىدى، چۈنكى بايرىن ئۇزغۇنلۇقنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن مادرىدقا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
بىراق گىرمانىيەلىك توپچى موللىر ئۇنداق ئويلىمايدىكەن، موللىرنىڭ قارىشىچە گۇئادىيالا موللىرنىڭ كەسپى ھاياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئىكەن، يەنى گۇئادىيالا موللىرنىڭ ھوجۇم قىلىشىغا بوشلۇق يارىتىپ بەرگەن ئىكەن. موللىر « گۇئادىيالا بىر كەسپى تىرىنىر، ئۇ مۇسابىقىدىكى ھەربىر ئىنچىكە نوقتىنى ئىسىدە تۇتالايدۇ، ئۇ شۇنداق قىلغاچقا مۇسابىقىدە پۇتبۇلچىلارنىڭ توپ تىپىشى تىخىمۇ ئاسانلىشىدۇ. ئۇ بىزنىڭ ھوجۇم سىپىمىزگە تىخىمۇ كەڭ بوشلۇق يارىتىپ بەردى، بۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ ئاجىزلىقىنى چىڭ تۇتۇپ ھوجۇم قىلىمىز، مۇشۇنداق بولغاندىلا بىز مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىمىز » دىگەن.
|
|