بۇ يازمىنى ئاخىرىدا باقاۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-27 10:15
ۋاڭيى تەنتەربىيسى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى خەۋىرى
چىلسى-غەربىي ھام
بىيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ، ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمسىنىڭ تۇنج مەيدان مۇسابىقىسىدە ، چىلسى كوماندىسى سىتانفورىد كۆۋرۈكىدە غەربى ھام كوماندىسى كۈتۈۋالدى .
مۇسابىقە ناھايىتتى كەسكىن ئىلىپ بىرلدى ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىنىڭ 31-مىنۇتىدا ، چىلسى كوماندىسىدىن فابرىگاس بۇلۇڭ توپ باشلىدى ، كوستا بۇ توپنى كاللا بىلەن ۋاراتار ئالدىغا تاشلىدى ، تىررىي ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ ، ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئىرىشتى .
كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 62-مىنۇتقا كەلگەندە ، خازارد توپنى ئۈزۈۋىلىپ كوستا پاس بەردى ، كوستا بۇ توپنى ئىلىپ قارش تەرەنىڭ ئۈچ مۇداپىيەچىسىدىن ئۆتۈپ ئۇرۇپ ، غەلبىى مۇقۇملىدى . ئاخرىقى مىنۇتلاردا توپ چۈشمەي ، چىلسى كوماندىسى 2-0 نەتىجە بىلەن بۇ مەيدان مۇسابقىىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى ھەم ، 18 ئايلانما مۇسابىقىدە 45 نۇمۇرغا ئىرىشىپ ، بىرلەشمىنىڭ ئالىدىدا كىتىپ بارماقتا.
http://v.sports.163.com/video/2014/12/1/J/VADHB4S1J.html
مانچىستىر بىرلەشمىسى -نىۋكاستىر
بىيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 23 دە ، مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى ، كونا تىرانفورتتا نىيۋكاستىل كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى . مۇسابىقە باشتىن -ئاخىر ناھايىتتى كەسكىن ئىلىپ بىرىلدى . ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقنىڭ 23-مىنۇتىدا فالكاۋ ۋاراتار كىچىك رايۇنىدا توپنى ۋارتار ئالدىغا تاشلىدى ، رۇنىي ئۇرۇپ كىرگۈزدى .مۇسابىقىنىڭ 35-مىنۇتىدا فالكاۋ توپنى ئۈزىۋالدى ، بۇ توپنى ماتا رونىيغا تاشلىدى ، رۇنىي ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ 2-0 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى .
كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 52-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا ، رۇنىينىڭ پاس بىرىشى بىلەن ۋان پىرىس كاللا توپ كىرگۈزدى ، پەرىق ئۈچ توپقا كۆتۈرۈلدى .
مۇسابىقىنىڭ 86-مىنۇتىدا ، مانچىسىتىر بىرلەشمىسى ئەزاسى قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىسىغا، چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قائىدىگە خىلاپ ھەركەت نىۋكاستىل كوماندىسىغا نۇقتا توپ قويۇپ بىرلدى ، بۇ توپنى كىرگۈزۈپ ، نىيۋكاستىل كوماندىسى بىر توپ قايتۇرۋالغان بولسىمۇ ، مىھمان مەيداندىن مەغلۇبىيەت بىلەن خوشلاشتى .
http://v.sports.163.com/video/2014/12/B/2/VADHAKUB2.html
غەربىي بىرموۋىچ-مانچىستىر شەھرى
بىيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 23 دە ، مانچىستىر شەھرى كوماندىسى ، مىھمان مەيداندا غەربىي بىرموۋىچ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، مۇسابىقە جەريانىدا ، شەھەردىن فىرناندو ، يايا تورى ، سىلۋا قاتارلىقلارنىڭ بىردىن توپ كىرگۈزۈشى، مۇسابىقە ئاخىرىدا قارشى تەرەپنىڭ بىر توپ قايتۇرۋىلىشى بىلەن ، مانچىستىر شەھرى غەلبىلىك ھالدا ئۈچ نۇمۇرنى تولۇق ئىلىپ قايتتى .
مۇسابىقە جەۋھىرى
ئىنبولىي -لىۋىرپول
بىيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 23 دە ، ئىبولىي كوماندىسى ، ئۆز مەيداندا لىۋىرپول بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، مۇسابىقە جەريانىدا ، لىۋىرپول كوماندىسى سىتىرلىڭنىڭ كىرگۈزگەن بىردىن-بىر توپىغا تايىنىپ ، مىھمان مەيداندا غەلبىلىك ھالدا ئۈچ نۇمۇرنى تولۇق ئىلىپ قايتتى .
http://v.sports.163.com/video/2014/12/V/S/VADHBDBVS.html
ئارسىنال -ئايال پادىشاھ باغچا كوماندىسى
بىيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەتىگەن سائەت 1:30 دە ئارسىنال كوماندىسى خەلپە مەيدانىدا ،ئايال پادىشاھ باغچا كوماندىسى كوماندىسىنى كۈتىۋالدى . مۇسابىقە ھاۋا-رايىنىڭ تۇراقسىز بولۇشى تۈپەيلى ، باشتىن ئاخىرى يىقىلىش سۈركىلىش بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلدى .
مۇسابىقىنىڭ 7-مىنۇتىدا قارشى تەرەپ ئەزاسى چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە ، ئارسىنال ھۇجۇمچىسى سانچىسقا قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلەپ ، ئارسىنالغا نۇقتا توپ قويۇپ بىرلىدى ، ئەمما سانچىس بۇ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزەلمىدى . مۇسابىقىنىڭ 37-مىنۇتىغا كەلگەندە ، سانچىس كاللا توپ كىرگۈزۈپ نۇمۇر ئالدى .مۇسابىقىنىڭ 65-مىنۇتىدا ، ئارسىنالنڭ 10-نۇمۇرلۇق ماھىرى توپ ئۇرۇپ ، پەرىقنى ئىككىگە كۆتۈردى . مۇسابىقىنىڭ 79-مىنۇتىدا ، قارشى تەرەپ ئەزاسى بىر توپ قايتۇرۋالدى . مۇسابىقە جەريانىدا ، گىرۇد قارشى تەرەپ ئەزاسىنى ئۈسۈپ يىقىتىپ ، قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چۈشۈرۋىتىلدى .
http://v.sports.163.com/video/2014/12/5/8/VADHD6558.html
خىروستال ئوردا 1-جەنۇبىي ئامپىتون3
ئىۋىرتون 0 -سىتوك شەھرى 1
لىسىت 1-توتىنخام 2
سانىدىرلاند 1-خول شەھرى 3
سىۋانسى 1- ئاستون ۋىللا 0
|