ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2290 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەردار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-27 10:44

روجىستىۋا بايرىمىدا كولۇمبىيەلىك توپچى جامىس-رودىرىگىز ناھايىتى ياخشى روجىستىۋا سوۋغىتى تاپشۇرىۋالغان. " دۇنيا تەنتەربىيە خەۋىرى "نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رودىرىگىز جەنۇبى ئامرىكا قىتئەسىدىكى 2014-يىللىق " ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچى " مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يىرىم يىل ئىلگىرى تۈزۈك نامى چىقمىغان رودىرىگىز، ھازىر دۇنياۋى دەرىجىلىك چولپان بولۇپ قالغان.
بۇ تۈرلۈك مۇكاپات جەنۇبى ئامرىكا خەلقئارالىق تەنتەربىيە بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تاللاپ چىقىلىدۇ. بۇ يىلقى دۇنيا لوڭقىسىدا رودىرىگىز تۇيۇقسىز چاقناپ، كولۇمبىيە كوماندىسىنى 8 كۈچلۈككە ئىلىپ كىردى، دۇنيا لوڭقىسىدا 6 توپ ئۇرۇپ ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بولۇپ قالدى. دۇنيا لوڭقىسىدىن كىيىن، رودىرىگىز 80 مىليون ياۋرۇ باھا بىلەن خانلىق مادرىدقا قوشۇلدى. مادرىدقا قوشۇلغاندىن كىيىن ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقى بىلەن كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى. ھەمدى مادرىدنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى ئاساسلىق توپچىسى بولۇپ قالدى.
رودىرىگىزغا نىسبەتەن 2014-يىلى قالتىس بىر يىل بولدى. مادرىدقا قوشۇلغاندىن كىيىن تىزلا كوماندىغا ماسلىشىپ ئەنچىلوتتىنىڭ قول ئاستىدىكى ئاساسلىق ماھىرغا ئايلاندى. دۇنيا لوڭقىسىدا ۋە مادرىدتا رودىرىگىز ئۆزىنى ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بولدى.
( كومپىيوتېر سەۋەبىمۇ ياكى مۇنبەر سەۋەبىمۇ رەسىم قوشالمىدىم، توغرا چۈشىنەرسىلەر ). |
|