elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1770|ئىنكاس: 45

يۆتكىلىش مۆجىزىسى ئالدىمىزدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-25 13:23:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-25 14:01  

     قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىغا ئاز قالدى. ھەممە كۇلۇب پورتماللىرىنى تەييارلاپ، يەڭلىرىنى شىمايلاپ، سۆھبەت ئۈستەللىرىگە پاكىستاننىڭ داستىخىنىنى تىزىپ تەييار بولدى.
  مىلان يەنىلا ئۆزگىچە قىزىق نۇقتىدۇر. رېئال مادرىد، ئىككى مانچېستىر كۇلۇبى قاتارلىقلار پۇلنىڭ بىرلىكىنى 10 مىليون دوللار قىلىپ ئىشلىتىۋاتقاندا، مىلان يەنىلا پۇل بىرلىكى ئىشلەتمەي، ۋېلسىپىتكە مىنىۋېلىپ، ئىجارە بېرىش، مائاش تۆۋەنلىتىش، توختام توشقۇزۇش قاتارلىق ھەر خىل ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى دەرىجىدىكى سۆھبەتلىشىش، سودىلىشىش ماھارىتى بىلەن ئادەم ئەكەلمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
  مىلان قانىلىنىڭ بۈگۈن سەھەردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىلان كۇلۇبىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى جالىيانى تۈنۈگۈن مادرىد رىقابەت كۇلۇبى بىلەن بىرلىككە كەلگەن، يەنى توررېس ئانا كۇلۇبى مادرىد رىقابەتكە 18 ئايلىق ئىجارە بىلەن قايتىدىغان، رىقابەت كۇلۇبىغا تېخى بۇ يىل يازدا 19 مىليون ياۋرولۇق باھادا يۆتكىلىپ كەلگەن ئىتالىيەلىك يان ھۇجۇمچى چېرچىمۇ 18 ئايلىق ئىجارە شەكلى بىلەن مىلانغا قوشۇلىدىغان بولغان
.

  مۆجىزە شۇكى: توررېس بۇ يىل يازدا مىلانغا ھەقسىز قوشۇلغان، يەنى ئىجارە شەكلىدە قوشۇلغان. مۇئاشىنى چېلسىدىكى 10 مىليوندىن 3 مىليون 500 مىڭ ياۋروغا چۈشۈرگەن. مىلان يۆتكىلىش ھەققى تۆلىمىگەن. ئەمما مىلان 15 مىليون ياۋروغا چېرچىنى قوشۇۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، مادرىد رىقابەتكە تەڭ كېلەلمەي ئۇنى قوشۇۋالالمىغان. ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتۈپ، ئىشلار تېزلا ئۆزگەرگەن. توررېس مىلاندا 13 مەيدانغا يېقىن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئاران 1 توپ كىرگۈزگەن، مىلان دېربىيىسىدىن كېيىن ئۇ مەيدانغا چىقىپ باقمىغان، ئىنزاگى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن. چېرچىنىڭ مادرىدتىكى ئەھۋالىمۇ بوش بولغان. شۇنىڭ بىلەن قاقۋاش جالىيانى كاللىسىنى ئىشلىتىپ، توررېسنى زاپاس ئەزاغا تولۇقلاشنى ئۈمىد قىلغان مادرىدقا توررېسنى بېرىۋىتىپ، ئۇنىڭ يۇقىرى مۇئاشىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزى 15 مىليونغىمۇ ئېلىپ كېلەلمىگەن چېرچىگە ئاسانلا ئىگە بولۇپ، ئۇنى ئازغىنە مائاش بىلەن جىق ئىشلارغا سالماقچى بولغان. بۇ سودا ئىنگىلاند، ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيە  قاتارلىق ئۈچ بىرلەشمىگە چېتىلىدۇ. چۈنكى، توررېس يەنىلا چېلسىنىڭ ئادىمى.
   ئەگەر، بۇ سودا راستىنلا ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، جالىيانىڭنىڭ ھاياتىدىكى يەنە بىر مۇھىم سودا ھېسابلىنىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-25 16:08:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 14:28
مىلان  مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن توپچى  ئېلىپ  بىر   ئۇزغۇن   بۇلۇ ...

دەپ قاپسىز، دوستۇم...
  مىلان  كەلگۈسى 1 - 2 يىلدا ئۇزغۇنلۇق،  ياۋروپا بىرلەشمىسى، ئىتالىيە بىرلەشمىسى، ئىتالىيە لوڭقىسى، دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقا قاتارلىق مۇسابىقىلەرنىڭ خالىغان بىرىدە چېمپىيون بولۇپ قالسا قالغان باشقا كۇلۇب بىلەن كارىم يوق، ئەمما ۋىروس، نىھال، قاپلانچاق، مىلەن قاتارلىق مىلان ئوتيۈرەكلىرى يىغىلىپ، 40 كېچە - كۈندۈز بەزمە قىلىپ، مۇنبەرنى بېشىمىزغا كىيىپ، مۇنبەرنى ھازىرقىغا ئوخشاش پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويمىساق ھېساب ئەمەس.
   مەن مىلانغا ئاتاپ ئاۋۋال داستان، ئاندىن ئوچېرك، ئەڭ ئاخىرىدا باللادا يازىمەن. نىھالنى بارلىق ئۇيغۇر مەستانىلەرگە ۋاكالىتەن سوۋغا سالام بىلەن مىلانغا يولغا سالىمىز. ۋىروس مىلان ھەققىدىكى ۋە چېمپىيونلۇق توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى مارجان تىزغاندەك تىزىۋېتىدۇ. قاپلانچاق "مىلان بىلەن ئۆتكەن ھايات'، "چېمپىيونلۇققا ھۆ بولدۇق"، "پۇلى بولسىلا ھېساب ئەمەس"، "پۇلسىز ئۆتكەن كۈنلەردە" قاتارلىق نادىر تېمىلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. مىلەن غىلىپىغا پاتماي قالغان پىچاقلىرىنى ئېلىپ، مۇشۇ تېمىلاردا راۋۇرۇس يايلايدۇ....
   "خۇدايىم بىلىپ مۈڭگۈز بەرمىگەن' دەيدۇ ھە كونىلار....

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
پەرۋەر + 50 ساقلايمەن ئەمسە
نېھال11 + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-25 14:25:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايكول يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 14:12
مىلان راستلا مۆجىزە يارىتامدۇ؟
مەن تېخى مۆجىزە دېسىڭى ...

مىلەن مىسسى ئالمايدۇ  .چۇنكى  مىسسىنىڭ  ئىپادىسى  تېخى مىلاندا  توپ ئوينىغىدەك  دەرىجىگە  يەتمىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-27 18:14:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 20:04
لوپېز مىخلانمىدى، قالغان ئىككى ۋاراتارنى ئورۇندۇققا  ...

مىلاننىڭ مۇسابىقىلىرىنى جىق كۆرۈپ بولالمىدىم !  مەيداندا يوقتەك قىلىۋاتقان ، مەن تېخى زاپاس بوپ قالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-25 13:38:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلەننىڭ سودىغا راس ئىپى باركەن جۇمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-25 13:38:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالە شەرىڭنى مىلەن ھەقىقەتەن قالتىسكەن....... ھە راس ئۆزىل ئارسىنالدا تۇرىۋىرەرمۇ ياكى بىرەر زەردار قوشۇۋالارمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-25 13:39:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقسىز ئادەم بولسا  ئامبارغا بىسىپ ياتامدۇ نىمە بۇ  جاليانى دىگەن ئىدەم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-25 13:48:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاللىسى راسلا ئىشلەيدىغاب قىرىكەن بۇ! بۇقاقۋاش مادرىدتىن لوپىزنى قوشۋالدى ئەمدى يەنە شۇنداق ئۇسۇلنى ئىشلىتىدىكەن دە!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-25 13:49:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانزاد1 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 13:38
ئالە شەرىڭنى مىلەن ھەقىقەتەن قالتىسكەن....... ھە راس ئۆزى ...

بار كەنسىلە ھە خانزادىم...
  كونا گەپ: ھەقسىز كەلسە، مۇئاشىنىڭ يېرىمىنى ئارسېنال كۆتەرسە، ئۆزىل 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالسا ئويلىشىمىز...بولمىسا ئۆزىلمۇ بازار چۆرگىلەپ باقار، بىزمۇ ئايلىنىپ باقارمىز...ھا ھا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-25 14:12:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلان راستلا مۆجىزە يارىتامدۇ؟
مەن تېخى مۆجىزە دېسىڭىز چوقۇم مېسسىنىڭ خەۋىرى دەپ ئويلاپتىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-25 14:27:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توررىس ئابلاباي غا  بەك  زىيان  سالدى  تەلۋە  ئېچىلدۇرۋېتەمىكىن  دىسەم   يەنىلا  كالامپايلىق  قىلىپ  يۇردى   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-25 14:28:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلان  مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن توپچى  ئېلىپ  بىر   ئۇزغۇن   بۇلۇپ كەتسە   پۇلبى  سۇدەك   خەچلەۋاتقان  بايۋەتچىلە  نىمە   بوپ  كېتە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-19 01:54

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش