ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4437 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئالدىنقى ھەپتە ئوينالغان گىرمانىيە بىرلەشمىسى 17-ئايلانما مۇسابىقىسىدىن كىيىن گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ يېرىم پەسىللىك مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى. يېرىم پەسىللىك مۇسابىقە جەرياندىكى ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلار ۋە كىشلەر قايسى ؟يېقىندا گىرمانىيە بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا يېرىم مۇسابىقە پەسلى داۋامىدىكى يارقىن نوقتىلارنى تاللاپ چىقتى.مەغلۇپ بولمىغان بايرىن مىيۇنخىن ،چېپىۋاتقان ،ساداقەتمەن سېرىق ھەرە مەستانىلىرى...............ئەلۋەتتە يەنە كىرامېرنىڭ نەس توپ ئۇرشىمۇ بار.
1.ئەڭ تىز كىرگەن توپ
گىرمانىيە بىرلەشمىسى 1-ئايلانمىسى مۇسابىقىسىدە بارلىققا كەلدى.يەنى لىۋىرىكسۇن2-0 نەتىجە بىلەن دورتىموند كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقە. لىۋىرىكسۇن ھۇجۇمچىسى بې لالا مۇسابىقە باشلىنىپ 9سىكنۇت ئىچىدە دورتىموند كوماندىسىغا بىر توپ ئۇرغان.
2.ئەڭ ھاللىق پەيىتتە ئۆز ۋارتاسىغا نەس توپ ئۇرۇش
بۇ ھىكايىمۇ دورتىموند كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يۈز بەرگەن. بىرلەشمىدە ئۇدا بەش مەيدان مەغلۇپ بولغان دورتىموند كوماندىسى،بىرلەشمىنىڭ 11-ئايلانمىسىدا ئىپادىسى ياخشى بۇلۇپ كىلىۋاتقان مىنشىنگىلادباخ كوماندىسى بىلەن كەسكىن تۇتۇشقان. نەتىجىدە دورتىموند كوماندىسى تەلىيگە تاينىپ غەلبە قىلغان.يەنى مىنشىنگىلادباخ كوماندىسى ئەزاسى كىرامېر ئوتتورا مەيداندىن ۋارتارغا پاس بەرمەكچى بۇلۇپ تەپكەن توپ ۋارتارغا كىرىپ كەتكەن.
3.مەغلۇپ بولمىغان بايرىن مىيۇنخىن
17مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە 14مەيدان يىڭىپ 3مەيدان تەڭلىشىش.41توپ كىرگۈزۈپ 4توپ كەتكۈزۈش. راسلا قالتىس نەتىجە.
4. بىر-بىرىنى قوغلاپ توپ ئۇرۇش ،9توپلۇق مۇسابىقە
9-ئايلانمىدا فىرانكفۇرت كوماندىسى بىلەن سىتۇگارت كوماندىسى كەسكىن تۇتۇشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كىرگەن توپ بەك قىزىقارلىق يەنى 1-0, 1-1, 1-2, 1-3, 2-3, 3-3, 4-3, 4-4, 4-5 .گەرچە بۇ مەيدان مۇسابىقىدە فىرانكفۇرت كوماندىسى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ بىراق باش تېرنىر سافۇ توپ مەستانىلىرى بىلەن بىرگە ھاياجانغا چۆكتى.
5. 82مىتىر يىراقلىقتىن ئۇرۇلغان توپ
بىرلەشمىنىڭ 4-ئايلانمىسىدا ھانۋىر كوندىسى بىلەن پادىربورون كوماندىسى تۇتۇشتى.ئالدى بىلەن پادىربورون كوماندىسى بىر توپ ئۇردى.ھانۋىر كوماندىسى نۇمۇرنى تەڭلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرشىۋاتقان جىددىي پەيتلەردە ئويلىمىغان يەردىن پادىربورون كوماندىسى ۋارتارى تەپكەن توپ بىۋاستە قارشى تەپنىڭ ۋارتاسىغا كىرىپ كەتتى.بۇ گىرمانىيە تارىخىدىكى ئەڭ يىراق ئارلىقتىن ئۇرۇلغان توپ دەپ ئەنگە ئېلىندى.
6. ئاگىسبۇرگ نىڭ دەرىجە ئۆرلىشى
بۇ پەسىل ئاگىسبۇرگ كوماندىسنىڭ گىرمانىيە Aبىرلەشمىسىدىكى 4-مۇسابىقە پەسلى ھىساپلىنىدۇ.ئاگىسبۇرگ كوماندىسى گىرمانىيە Aئادەرىجىلىك بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە 2يىل چېنىقىش ئارقىلىق بۇلتۇر 8-لىكنى قولغا كەلتۈردى.بۇ پەسىل تېرشىش ئارقىلىق 6-ئۇرۇندا تۇرماقتا.
7.ئەڭ كەسكىن مۇسابىقە
بىرلەشمىنىڭ 10-ئايلانمىسىدا ھامبۇرگ كوماندىسى بىلەن لىۋىرىكسۇن كوماندىسى تۇتۇشتى .ئاخىردا ھامبۇرگ كوماندىسى 1-0نەتىجە بىلەن لىۋىرىكسۇن كوماندىسنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە باش رىپىر يارقىن نوقتىغا ئايلاندى.يەنى مۇسابىقە داۋامىدا 9كارتا چىقىرىلدى. 50قېتىمدىن كۆپرەك قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت كۈرۈلدى.بۇ گىرمانىيە بىرلەشمىسى نىڭ يېقىنقى ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيانقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئەڭ كۆپ كۈرۈلگەن مۇسابىقە بۇلۇپ قالدى.
8.ئەڭ پاكىزە ئوينالغان مۇسابىقە
بىرلەشمىنىڭ 16-ئايلانمىسىدا بايرىن ساھىبخان مەيداندا فىرىبىرگ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە ئىنتايىن دوستانە ئېلىپ بېرىلدى.ئىككى تەرەپ نىڭ جەمئى قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان قېتىم سانى پەقەت سەككىز قېتىم.بۇ سان 1992-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە قىلىنغان سىتاستىكا ئىچىدىكى ئەڭ تۈۋەن سان بۇلۇپ باھالانغان.
9.ئەڭ ساداقەتمەن توپ مەستانىلىرى
دورتىموند كوماندىسى بىرلەشمىدىكى 17مەيدان مۇسابىقىدە 10مەيدان ئۇتتۇردى.ھازىرقى دەرىجىسى ئارقىدىن سانىغاندا 2-ئۇرۇندا تۇرىدۇ.لېكىن سېرىق ھەرە توپ مەستانىلىرى ھەر قېتىم توپ مەيدانىغا بىرىپ ئۆز كوماندىسى ئۈچۈن مەدەت بىرىشنى توختاتمىدى.كوماندىسنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر ھەر ۋاقىت سېرىق ھەرە قۇشۇنى ئۈچۈن ھۇررا توۋلاپ كەلمەكتە! |
|