akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1039|ئىنكاس: 28

نوقتا توپ ۋە نەتىجە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-24 18:29:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   miradil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-24 18:47  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

2014-يىلى12-ئاينىڭ23-كۈنى بيجىڭ ۋاقتى سائەت1:30دە 27-نۆۋەتلىك ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى قاتار پايتەختى دوھاغا جايلاشقان ئەلساد پۇتبول مەيدانىدا بۇ پەسىللىك ئىتالىيە لوڭقىسى چىمپىيونى ناپلېس كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمە چىمپىيونى يوۋېنتوس كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئوينالدى .
120مىنۇتتىن كىيىن نابۇلىس كولۇبىدىكى ئەزالار ۋە نابۇلىس مەستانىللىرى تەسۋىرلىگۈسىز خۇشاللىققا چۈمدى، دەل شۇ دەقىقىدە ئىتالىيە زەردارى تاغىل ئات قوشۇنى يۇۋۋىنتۇس كوماندا ئەزالىرى ۋە مەستانىللىرى بولسا تەسۋىرلىگۈسىز قايغۇغا چۈمدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ5-مىنۇتتا يۇۋۋىنتۇس ماھىرى تىۋىز نابۇلىس قوشۇنىنىڭ قوۋۇقىنى ئاچتى،68-مىنۇتتا نابۇلىس تەرەپتىن ھىيۇگايىن ئارا نۇمۇسنى ئاقلاپ بىر توپ ئۇردى،شۇنداق قىلىپ 90مىنىۇت ۋاقىت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى . قوشۇپ بىرىگەن ۋاقىتتا 106-مىنۇتتا ئاچچىقى كەلگەن تىۋىز يەنە بىر توپ ئۇردى،118مىنۇت بولغاندا ھىيۇگايىن لوڭقىغا يولۋاس كەبى خىرىس قىلىپ بىر 2-توپنى ئۇرۇپ نەتىجىنى2:2قىلىپ قاراپ تۇردى، شۇنىڭ بىلەن نوقتا توپ جىڭى باشلاندى.
ھازىرقى زاماندىكى ۋاراتارلارغا ئاتامان بولۇشقا ئىقتىدارى توشىدىغان بۇففۇن ئەپەندى ياشىنىپ قالغىنىغا باقماي 3توپنى 2قولى بىلەن توسۇپ چىقىرىۋەتتى......بولدىلا نەخ گەپكە كەلسەك 7:8نەتىجە بىلەن يەرشارىدىكى زور كۆپ ساندىكى توپ مەستانىللىرى لوڭقىغا ئىرىشىدۇ دەپ پەرەز قىلغان تاغىل ئات لوڭقىدىن مەھرۇم بولۇپ لوڭقىغا كۆزى بىلەن نەخ مەيداندىن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى، يەرشارىدىكى زور كۆپ ساندىكى توپ مەستانىللىرى لوڭقىغا ئىرىشەلمەيدۇ دەپ پەرەز قىلغان نابۇلىس لوڭقىغا ئىرىشتى، مانا بۇنى توپ دىگەن يۇمىلاق،يەڭگەن بەگ بولۇر دەپ ھىس قىلدىم.
مانا بۇ نوقتا توپنىڭ كارامىتى، نوقتا توپ سەۋەبىدىن نابۇلىس8، يۇۋۋىنتۇس7نەتىجىگە ئىرىشتى.
بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە كەمىنىنىڭ قارىشىچە يۇۋۋىنتۇس ئۈستۈنلىككە ئىگە 1-يۇۋۋىنتۇس ساھىبخان ئۆز مەيدانىدا مەيدان ئەھۋالىغا پىششىق.2-بۇففۇندىن ئىبارەت داڭلىق ۋاراتار بار ئىدى، لىكىن رىئاللىق7:8 نەتىجە.
نوقتا توپنى بولسا كوماندا ئەزالىرى ئىچىدىكى ئەڭ تالانتلىق، قابىل، باشقىلار قايىل بولىدىغان ئەزا تىپىدۇ، ھەرگىزمۇ خالىغانچە كىم ئۇدۇل كەلسە شۇ تىپىدىغان ئىش يوق، بىر كوماندىدىكى نوقتا توپ پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئادەم شۇ كوماندىدىكى ئەڭ ماھىر پۇتبولچىدۇر.
بۇ مۇسابىقە پەقەت ھازىرقى بىرى، كەمىنىنىڭ بىلىمى كەمتۈك بولغاچ تارىخ بىتىدىن ئورۇن ئالغان نوقتا توپ جەڭلىرىنى مىسال كەلتۈرەلمىدىم، بۇ بولسا پەقەت بىر تىپىك مىسال خالاس.
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم بولسا نوقتا توپ سەل قارايدىغان توپ ئەمەس ، ئۇنى تىپىدىغان ماھىر بولسا ئەڭ باھادىر ماھىردۇر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-25 12:11:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەردە ئۇششاق بالىلار نىمىدىگەن كۆپييىپ كەتكەن...ئەگەر كىملىكىنى تىزىملىتىپ كىردىغان ئىش بولسا سىستىما قانچىسىنى سۈزۈۋالار ئىدى ھە...يازغان ئىنكاسلىرى شۇنداق گۆدەكلەرچە...
چىلسىي مەستانسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پەخىرلىنىدىغان بىر رىكورتىمىز بار..يەنى چىلسىي بىلەن بارسىلونا ئوينىغان 8 ياكى 9 مەيدان مۇسدابىقىدە مىسسى تىخى توپ ئۇرۇپ باقمىدى ..قايسى يىلى چىلسى بىلەن بارسىلونا تۇتۇشقاندا بارسىلوناغا بىر نوقتا توپ كىلىپ مىسسى تەپتى..تەپكەن توپى شۇنداق جانسىز ..تۈزۈكرەك بۇلۇڭمۇ تاللىيالمىغان بولۇپ چىخ بۇ توپنى قىينالماي موكلا تۇتقان ئىدى..شۇنىڭ بىلەن بارسىلونا ھەل قىلغۇچ مۇسابقىگە كىرەلمەي چىلسىي كىرىپ نوقتا توپ جىڭىدا كۈچلۈك سانىلدىغان گىرمانلارنى يىڭىپ كولۇپ تارىخىدىكى تۇنجى لوڭقىنى ئالدى...كىچىككىنە ئەقلىڭلار ۋە تەجىربەڭلار بار مەستانە ھىساپلىنىدىغان بولسا نوقتا توپ تىپىپ كىرگۈزۈشنى بۇنداق كۆزگە ئىلماي يۈرمەيتتىڭلا..
پۇتبول تارىخىنى ئاقتۇرۇپ باققان بولساڭلا شۇنى بىلىسىلەركى تالاي دۇنيا چىمپيۇنلىرى ياۋۇرۇپا چىمپيۇنلىرى بىرلەشمە چىمپيۇنلرى نوقتاتوپ جىڭىدىن  تاللىنىپ چىققان...شۇڭا ئاشۇ باشلانغۇچ مەكتەپ باللرىغا دەيدىغان ئاخىرىقى گىپىم:
نوقتا توپ تىپىش بىر ھۆنەر ...تەپكەن يەردىن گۈل ئۈنەر..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-24 21:07:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تىمىنى ئۇقۇپ غەرىپكە ساياھەت فىلىمدىكى سۇنۋۇكۇڭنىڭ مۇنۇ بىر جۈملە سۈزى يادىمغا كەپقالدى.ئۇ بولسىمۇ :گەرچە مەن چىمەن تاغدا بولساممۇ كۆڭلۈم يەنىلا تاڭسىڭدا. تىما ئىگىسى گەرچە ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ گىپىنى قىلغان بىلەن يەنىلا ئاساسى مەۋقەسى خانلىق مارىد. يېقىندىن بۇيان رونالدونىڭ نوقتا توپلىرى باھالىنىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-28 02:10:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتۇش ئوغلى يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 12:11
بۇ مۇنبەردە ئۇششاق بالىلار نىمىدىگەن كۆپييىپ كەتكەن... ...

مېسسى تەپكەن نوقتا توپنى چېخ توسىۋالمىدى،ۋاراتار لىمىغا تىگىپ قايتىپ كەتتى ئىنكاسنى توغرا يازايلى بۇرادەر....بۇ يەردە بىر ئىقدىسادى ئويۇن بارلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.ئاخىرقى مىنوتتا توررىسنىڭ ئۇرغان توپى ئەسلى ئوفسايىت ئىدى ،ھەممە ئادەم چېلسى ۋاراتارى تەرەپتە ئىدى ھەتتا سۈرەتكە ئېلىۋدتقان كامىرامۇ شۇ.تورسىسقا ئۇ توپ قانداق كەپ قالغىنىنىمۇ كامىرالا سۈرەتكە ئالالمىغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-24 20:14:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇسابىقىدە ئارگىنتىنالىق ئىككى ھۇجۇمچى  قالتىس ئوينىۋېتىپتۇ…كاساپەتلەر دۇنيا لوڭقىسىدا شۇنچىلىك ئوينىۋاتقان بولسا………بۇففوننىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغان ئەمما  يۇۋىنتۇسنىڭ توپچىللىرى نۇقتا توپنى تېپەلمەي قالدى……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-24 20:33:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما  ئاستىدىكى  بىر  تىمىغا  مايىللراق  تۇرامدۇ ؟ قانداق؟



ياخشى  تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-24 20:33:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما  ئاستىدىكى  بىر  تىمىغا  مايىللراق  تۇرامدۇ ؟ قانداق؟



ياخشى  تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-24 20:34:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە نوقتا توپنى ئوتتۇرا مەيداننى ئوينايدىغان توپچىلار ئەڭ ياخشى تىپىدۇ ۋە كىرگۈزۈش نىسپىتى يۇقىرى دەپ قارايمەن......................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-25 10:12:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-25 10:14:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇقتا توپ، تەلەي توپ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-25 10:15:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-25 10:38  
بۈرگىچاق يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 21:07
ماۋۇ تىمىنى ئۇقۇپ غەرىپكە ساياھەت فىلىمدىكى سۇنۋۇكۇڭن ...


ماۋۇ گەپ كەلدى. سۈن مايمۇننىڭكىگە قارىغاندا سۇڭ جياڭنىڭ ھېلىقى ئىسيان نەزمىسى بەكرەك چۈشەركەن: ئۆزۈم جياڭجۇدا مەن، قەلبىمدە كېزەر شەندۇڭ.
  لېكىن، مۇنبەرنىڭ يېقىندىن بۇيانقى مۇشۇنداق شاخلاتما تېمىلىرىدىن خۇش بولدۇم. داۋىس "رونالدو مېسسىغا يەتمەيدۇ" دەپ نۇقتا توپنى مىسال قىلىۋىدى، مىرادىل دوستىمىز دەررۇ ئىتالىيەنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى شېپى كەلتۈردى. جاھان مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىدۇ. كىچىك بالىدەك ئىنكاستىلا شالاقشىماي، كېڭەيتىپ، دەلىل - پاكىت بىلەن تېما يازسا نوچى دەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-25 10:27:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈرگىچاق يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 21:07
ماۋۇ تىمىنى ئۇقۇپ غەرىپكە ساياھەت فىلىمدىكى سۇنۋۇكۇڭن ...

راس دەيسىز .مەنمۇ شۇنداق دىمەكچى ئىدىم.بۇلار شۇنداق دىيىش ئارقىلىق چىكىتنى كۆككە كۇتۇرمەكچى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-25 10:32:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوختا توپ ھىساپ ئەمەس ، ئاۋۇ لوڭقىمۇ ھىساپ ئەمەس ، كىيىن ئىككىسىنى سىلىشتۇرغاندا بۇ قىتىمقى لوڭقىنى چىقىرۋىتىپ ھىساپلايمىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-25 10:39:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپ ئىتالىيەدىكى ئىككى كوماندىدا بولغان بىلەن ئەمەلىي ئەھۋال رونالدونى ئاقلاش تىمىسى
ئىكەنلىكىنى كىچىك بالىلارمۇ بىلىپ قالغۇدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 20:04

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش